باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1032 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: پەرىشتىلەرنىڭ يارتىلىشى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8946
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 24
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە24دانە
ئۆسۈش: 210 %
مۇنبەر پۇلى: 310 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-12
ئاخىرقى: 2011-11-21
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-13 23:59

پەرىشتىلەرنىڭ يارتىلىشى

پەرىشتىلەرنىڭ يارتىلىشى
  مالائىكە (پەرىشتىلەر) «مەلەك» دېگەن سۆزنىڭ كۆپلىكى بۇلۇپ، ئەسلى «الوكە» دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان. الوكە (ئەلوكەت) ئەلچىلىك مەنىسىدە، پەرىشتە دېمەك ئەلچى دېمەكتۇر. پەرىشتىلەر بولسا چوڭ ھەم سانى كۆپ مەخلۇق بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ سانىنى ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنى نۇردىن ياراتقان. ياخشىلىققا تەبئىي خۇيلاندۇرغان، شۇڭا ئۇلار يامانلىق دېگەن نەرسىنى تۇنۇمايدۇ، يامانلىق قىلمايدۇ، يامانلىق قېشىغا يېقىن كەلمەيدۇ. كىشىنى يامانلىققا بۇيرۇمايدۇ.

  شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ياراتقان ئىگىسىگە دائىم ئىتائەت قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا ئاسىيلىق  قىلمايدۇ، نېمىگە بۇيرۇسا شۇنى قىلىدۇ. كېچە ۋە كۈندۈز بوشاشماي تەسبىھ ئېيتىدۇ. ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشتىن زېرىكىپ قالمايدۇ. ئۆزىنى چوڭ تۇتمايدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ يارتىلىشى تەرەپتىن خەۋەر قىلىپ:« پەرىشتىلەر نۇردىن يارتىلدى. جىنلار ئوت يالقۇنىدىن يارتىلدى. ئادەم بولسا سىلەرگە چۈشۈرۈلگەن نەرسىدىن (تۇپراقتىن يارتىلدى)» دېدى. [ئىمامى مۇسلىم رىۋايىتى]

پەرىشتىلەرنىڭ بىر - بىرىدىن ئەۋزەللىكى
  پەرىشتىلەرنىڭ ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىقىدا بىر - بىرىدىن ئىنسانلاردەك ياكى بەكراق پەرىقلىقتۇر. پەرىشتىلەر ئارىسىدىن مۇقەررەبلەر بار. ئاللاھ تائالا سۈرە نىسا 172 - ئايەتتە:« مەسىھمۇ، (ئاللاھغا) يېقىن پەرىشتىلەرمۇ ئاللاھغا بەندە بۇلۇشتىن ھەرگىز باش تارتمايدۇ، كىملەركى ئاللاھغا بەندىچىلىك قىلىشتىن باش تارتىدىكەن ۋە كۆرەڭلەپ كېتىدىكەن، (بىلسۇنكى) ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى (قىيامەت كۈنى ھېساب ئېلىش ۋە جازالاش ئۈچۈن) ئۆز دەرگاھىغا توپلايدۇ.» دېدى.
  پەرىشتىلەر ئىچىدىن ئاللاھ تائالانىڭ ئەرشىنى كۆتۈرىدىغانلىرىمۇ بار، ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە:«پەرىشتىلەر ئاسماننىڭ ئەتراپىدا تۇرىدۇ، بۇ كۈندە پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەرشىنى سەككىز پەرىشتە (باشلىرى) ئۈستىدە كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.» دېدى.[سۈرە ھاققە 17 - ئايەت]
  پەرىشتىلەر ئىچىدىن پەيغەمبەرلەر بار ۋە باشقىلار بار، پەرىشتىلەرنىڭ ئەۋزىلى جىبرىئىل، مىكائىل، ئىسرافىل، ئەزرائىل ئەلەيھىسسالاملاردۇر. ھەممىدىن شەرەپلىكراقى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامدۇر.
  پەرىشتىلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرى
پەرىشتىلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرى بەك كۆپ ۋە كۆپ خىلدۇر. تۆۋەندىكىلەر قۇرئاندا ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرىدە بايان قىلىنغان، پەرىشتىلەرنىڭ ۋەزىپىلىرى ۋە ئىشلىرىنىڭ يىغىندىسى بۇلۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ئىبادەتتە ۋە ئىتائەتتە بۇلۇش ئۈچۈن تەيىنلىگەن ئىشلاردۇر.
  1.جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام. ئۇنى مۇقەددەس روھ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ پەرىشتىنى كۈچلۈك، ئىشەنچىلىك بەندە دەپ سۈپەتلەپ:« قۇرئان ھەقىقەتەن (ئاللاھنىڭ) ئىززەتلىك بىر ئەلچى (ئارقىلىق نازىل قىلىنغان) سۆزىدۇر. ئۇ (ئەلچى) كۈچلۈكتۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەرتىۋىلىكتۇر. پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغۇچىدۇر. بۇ يەردە (يەنى ئاسماندا) ئۇ ئىشەنچىلىكتۇر.»[سۈرە تەكۋىر 19- ئايەتتىن 21 -ئايەتكىچە) دېدى.
  ئاللاھ تائالا جىبرىئىلنى ئەڭ شەرەپلىك ۋەزىپىگە خاس قىلدى. ئۇ بولسا ئاللاھ تائالا بىلەن پەيغەمبەرلەر ئارىسىدا ئەلچىلىك، ۋاستىلىك قىلىشتىن ئىبارەت. جىبرىئىل پەيغەمبەرلەرگە ئاللاھ تائالادىن ۋەھىي ئىلىپ كېلەتتى. ئاللاھ تائالا بۇ توغرىسىدا:«شۈبھىسىزكى، قۇرئان ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ناھىل قىلىنغاندۇر. ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىن بۇلۇشۇڭ ئۈچۈن، ئىشەنچىلىك جىبرىئىل ئۇنى سېنىڭ قەلبىڭگە ئېلىپ چۈشتى.»دېدى.[سۈرە شۇئەرا 192- ئايەتتىن 194 - ئايەتكىچە]
  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىنغان ئىشەنچىلىك ھەدىستە: جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام بارلىق ئالەمدىكى سەپەرلەرنىڭ ئەڭ چوڭىدا يەنى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر كېچىدە مەككىدىن بەيتۇل مۇقەددەسكە، ئۇ يەردىن ئاسمانلارغا ئىلىپ چىقىلغان مىئراج سەپىرىدە رەسۇلۇللاھغا ھەمراھ بۇلۇپ ماڭغان. (مۇتتەفەقۇن ئەلەيھ)
  2. مىكائىل. ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالا تاپشۇرغان ۋەزىپە يامغۇر بىلەن ئۆسۈملۈككە مەسئۇل بۇلۇشتۇر

  3. ئىسرافىل. ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالا تاپشۇرغان ۋەزىپە قىيامەت كۈنىدە سۈرە تارتىشتۇر.

  4. ئۆلۈم پەرىشتىسى ئەزرائىل. ئۇ بولسا جانلارنى تاپشۇرۇۋېلىشقا مەسئۇلدۇر. ئۇنىڭغا ياردەمچى باشقا پەرىشتىلەرمۇ بار. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا:« ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئۈستىدە قاھىردۇر (يەنى ئاللاھ بەندىلىرىنى تىزگىنلەپ تۇرغۇچىدۇر)، ئۇ سىلەرگە ساقلىغۇچى پەرىشتىلەرنى (يەنى قىلغان - ئەتكەننى خاتىرلەپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەرنى) ئەۋەتىدۇ، بىرىڭلارغا ئۆلۈم كەلسە، ئۇنى بىزنىڭ پەرىشتىلىرىمىز قەبزى روھ قىلىدۇ. ئۇلار (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ئۇرۇنلاشتا) بىپەرۋالىق قىلمايدۇ.» دېدى.[سۈرە ئەنئام 61- ئايەت]

  5. ئۆلۈم پەرىشتىسىنىڭ ياردەمچىلىرى. ئۇلار ئىككى تۈرلۈك. بىر بۆلۈكى رەھمەت پەرىشتىسى، يەنە بىر بۆلۈكى ئازاب پەرىشتىسى. بۇلار ئۆلۈم پەرىشتىسى بىلەن بىللە بۇلىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ (ئەلچىلىرىمىز تاپشۇرۇۋالىدۇ) دېگەن سۆزىدىكى ئەلچىلەر بۇلاردۇر.

  6. ئەرىشنى كۆتۈرۈپ تۇرغۇچىلاردۇر. بۇلار تۆت پەرىشتىدۇر. قىيامەت كۈنى بولغاندا بۇلارغا  يەنە تۆت قۇشۇلۇپ سەككىز بۇلىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ:« ئەرشنى كۆتۈرۈپ تۇرغان ۋە ئەرشنىڭ چۆرىسىدىكى پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارىغا تەسبىھ ئېيتىدۇ»[سۈرە غافىر 7- ئايەتنىڭ بىر قىسمى] دېگەن سۆزى دەلىلدۇر. يەنە ئاللاھ تائالانىڭ:« پەرىشتىلەر ئاسماننىڭ ئەتراپىدا تۇرىدۇ، بۇ كۈندە پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەرشىنى سەككىز پەرىشتە (باشلىرى) ئۈستىدە كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.» [سۈرە ھاققە 17- ئايەت]. دېگەن سۆزى دەلىلدۇر.

  7. رىزۋان. ئۇ بولسا جەننەتنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل ھەم جەننەت خادىملىرىنىڭ باشلىقىدۇر.

  8. جەننەتنىڭ رىزۋاندىن باشقا خادىملىرى. ئۇلارنىڭ سانىنى ئاللاھ تائالادىن باشقىسى بىلمەيدىغان خادىم پەرىشتىلەر. ئاللاھ تائالا بۇلار ھەققىدە:« ئۇلار مەڭگۈ تۇرىدىغان جەننەتكە كىرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاتىلىرى خۇتۇنلىرى ۋە ئەۋلادىنىڭ ئىچىدىكى ياخشىلارمۇ جەننەتكە كىرىدۇ. پەرىشتىلەر ئۇلارنى (مۇبارەكلەش ئۈچۈن جەننەتنىڭ) ھەر بىر دەرۋازىسىدىن كىرىدۇ. (پەرىشتىلەر ئۇ دۇنيادا)<سەۋرنى دوست تۇتقانلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن! ئاخىرەتلىكنىڭ ياخشى بۇلۇشى نېمىدىگەن ئوبدان!> دەيدۇ.»[سۈرە رەئىدە 23-، 24- ئايەتلەر)

  ھەدىستە كەلدى، جەننەتكە كىرگەن ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن خادىملار بار، سانى سەكسەن مىڭدىن ئاز ئەمەس» تىرمىزى رىۋايىتى. بۇ خادىملارنىڭ ۋەزىپىسى جەننەتتىكىلەرگە خىزمەت قىلىشتۇر.

  9. زەبانىيە. بۇلار 19 پەرىشتە بۇلۇپ، ئۇلارنى ئاللاھ تائالا دوزاخقا مەسئۇل قىلغان، دوزاخقا مەھكۇم بولغانلارنى ئازابلايدۇ.

  ئاللاھ تائالا:« ئۇنى مەن سەقەرگە (يەنى دوزاخقا) سالىمەن. سەقەرنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟ ئۇ ھېچ نەرسىنى قالدۇرمايدۇ. قويمايدۇ (بەلكى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ). ئۇ (چوڭلۇقىدىن) ئىنسانلارنىڭ (كۆزلىرىگە يىراق مۇساپىلەردىن) كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭغا ئون توققۇز پەرىشتە مۇئەككەلدۇر. بىز دوزاخ مۇئەككەللىرىنى پەقەت پەرىشتىلەردىن قىلدۇق، بىز ئۇلارنىڭ سانىنى كاپىرلارغا سىناق قىلدۇق.»[سۈرە مۇدەسسىر 26- ئايەتتىن 34- ئايەتكىچە) دېدى. بۇ پەرىشتىلەرنىڭ باشلىقى «مالىك» دەپ ئاتىلىدۇ. ئاللاھ تائالا دوزىخىلار توغرىسىدا سۆزلەپ:« ئۇلار (يەنى كۇففارلار) (دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىگە):< ئى مالىك! پەرۋەردىگارىڭ بىزگە ئۆلۈم ھۆكۈم قىلسۇن> دەپ توۋلايدۇ. مالىك:<سىلەر ئازاپتا چۇقۇم قالىسىلەر> دەيدۇ. بىز سىلەرگە ھەقىقەتەن ھەق (دىن)نى كەلتۈردۇق ۋە لېكىن سىلەرنىڭ كۆپچىلىكىڭلار ھەق (دىن)نى يامان كۆرگۈچىلەردۇر.»دېدى.[سۈرە زۇخرۇف 77-، 78- ئايەتلەر]

  10. يازغۇچى ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەر، بۇلارنىڭ ئىشى ئىنسانلارنىڭ سۆز ۋە ئىش - پائالىيەتلىرىنى يېزىپ خاتىرىگە بېكىتىشتۇر. دىن ئىشلىرىغا تەكلىپ قىلىنغان ھەر بىر ئادەمنىڭ ئوڭ تەرەپتە بىر پەرىشتە بۇلۇپ، ياخشى ئىشلىرىنى يازىدۇ، سول تەرەپتە بىر پەرىشتە بۇلۇپ، يامان ئىشلىرىنى يازىدۇ، ئاللاھ تائالا بۇ توغرىدا« ھالبۇكى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرغۇچى پەرىشتىلەر بار. ئۇلار (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەر بۇلۇپ (سىلەرنىڭ سۆزلىرىڭلارنى ۋە ئەمەللىرىڭلار)نى يېزىپ تۇرىدۇ. ئۇلار قىلمىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ.» دېدى[سۈرە ئىنفتار 10- ئايەتتىن 12- ئايەتكىچە]

  ئىشەنچىلىك ھەدىستە:« رەسۇلۇللاھ: قايسى بىرىڭلار نامازغا تۇرغاندا ئۇدۇلۇڭلارغا تۈكۈرمەڭلار، چۈنكى ناماز ئۇقۇغۇچى ناماز ئورنىدا تۇرغان داۋامدا ئاللاھ تائالا بىلەن سۆزلىشىدۇ. نامازدا ئوڭ تەرىپىڭلارغىمۇ تۈكۈرمەڭلار، ئوڭ تەرەپتە پەرىشتە بار، چەپ تەرەپكە ياكى تاپىنى ئاستىغا تۈكۈرۈشى كېرەك» دېگەن[مۇتتەفەقۇن ئەلەيھ، ئەللۇئلۇئۇۋەلمەرجان].

  11. ساقلىغۇچىلار. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئىنسانلارنى جىن - شەيتانلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ۋە بالايى - ئاپەتلەردىن ساقلاشتۇر.

  ئاللاھ تائالا سۈرە رەئىد 11- ئايەتتە:« ھەر بىر ئادەمنىڭ ئالدى، كەينىدە ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇنى قۇغدايدىغان نۆۋەتچى پەرىشتىلەر بار»دېدى. ئابباس ئوغلى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ئايەتكە تەپسىر قىلىپ،« ئۇلار ئىنساننى ئالدى - ئارقىسىدىن مۇھاپىزەت قىلىدىغان پەرىشتىلەر بۇلۇپ، ئىنسانغا ئاللاھ تائالا قەدەردە بېكىتكەن بىر ھادىسە كەلگەندە ئۇلار ئىنساندىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ.»دېدى. مۇجاھىد ئېيتتى: پەرىشتىلەر ئىنساننى ئۇيقۇدا ۋە ئويغاقلىقىدا جىندىن، ئىنسانلاردىن زەھەرلىك ھاشارەتتىن ساقلايدۇ.

  12. ئاياللارنىڭ رەھىمى (بالا ياتقۇسى)غا مەسئۇل قىلىنغان پەرىشتىلەر، ئىمامى بۇخارى بىلەن ئىمامى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇۋەسسالام:«ئاللاھ تائالا ئايال كىشىنىڭ رەھمىگە بىر پەرىشتىنى مەسئۇل قىلىدۇ، پەرىشتە ئاللاھ تائالاغا: ئى رەببىم! بۇ بالا مەنىلىق ھالەتتە، دەيدۇ، مەنى قانغا ئايلانغاندا، ئى رەببىم! بۇ بالا قۇيۇق قان، دەيدۇ. ئاندىن ئى رەببىم! بۇ بالا رىزە گۆش، دەيدۇ (ئۆز ۋەزىپىسىدىن دوكلات بېرىپ تۇرىدۇ). ئاللاھ تائالا ئۇ مەنى سۇنى رەسمى ئادەم سۈرتىگە كەلتۈرمەكچى بولغاندا، پەرىشتە، ئى پەرۋەردىگارىم! بۇ بالا ئۇغۇل بۇلامدۇ ياكى قىز بۇلامدۇ؟ بۇ بالا شەقى (كاپىر) بۇلامدۇ ياكى سەئىد (مۆمىن، سالىھ) بۇلامدۇ؟ بۇنىڭ رىزقى قانداق بۇلىدۇ؟ ئۆلۈم قارارى قانچە يىل؟ دەپ سورايدۇ. پەرىشتە ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان بويىچە ئاللاھ تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن ھەممىنى يازىدۇ» دېدى.[مۇتتەفەقۇن ئەلەيھ، ئەللۇئلۇئۇۋەل مەرجان].

  13. تاغلارغا مەسئۇل پەرىشتىلەر. ئىمامى بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتىدە، رەسۇلۇللاھ ئېيتتى:« مەن تائىپتىن مەئيۇسگە قايتىپ كەلگەندە، تاغلارغا مەسئۇل قىلىنغان پەرىشتە مېنى قىچقىرىپ: ئى مۇھەممەد! بۇ تاغ سەن خالىغان ئىشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئەگەر سەن ئىختىيار قىلساڭ مۇشۇ ئىككى تاغنى مەككىدىكى مۇشرىكلار ئۈستىگە باستۇرىمەن» دېدى.

  14. يەر يۈزىدە ساياھەت قىلىپ يۈرىيدىغان پەرىشتىلەر بار. بۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۈممەتلىرىنىڭ رەسۇلۇللاھغا ئېيتقان سالام ۋە رەھمەتلىرىنى رەسۇلۇللاھغا يەتكۈزىدۇ. بۇ ھەقتە ئىمامى ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېيتتى:« ئاللاھ تائالانىڭ يەر يۈزىدە مېڭىپ يۈرىيدىغان بىر بۆلۈك پەرىشتىلىرى بار، ئۇلار مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ سالامىنى ماڭا يەتكۈزىدۇ. (بۇ ھەدىسنى ئىمامى ئەھمەد ۋە نەسەئى رىۋايەت قىلدى)

  15. مۆمىنلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىدىغان پەرىشتىلەر بۇلۇپ، بۇلارنىڭ ئاللاھ تائالا تەرەپتىن تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىسى، بىر مۆمىن ئادەم يەنە بىر مۆمىن بۇرادىرىگە يوق يېرىدە دۇئا قىلسا، پەرىشتە ئېيتىدۇ:« ئى ئاللاھ! بۇ بەندەڭنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغىن، ئى مۆمىن! ساڭىمۇ ئاشۇ تىلىكىڭنىڭ ئوخشىشى بولسۇن» دەپ، يەنە ئىمامى مۇسلىمنىڭ ھەدىسىدە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئېيتتى:« بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆز بۇرادىرى ئۈچۈن يوق يېرىدە قىلغان دۇئاسى ئىجابەت قىلىنىدۇ. ھەر مۇسۇلمان قېشىدا دۇئاغا مۇئەككەل پەرىشتە بار. مۇسۇلمان ئادەم مۇسۇلمان بۇرادىرىگە ياخشىلىققا دۇئا قىلسا، مەسئۇل پەرىشتە، ئى ئاللاھ! ئىجابەت قىلغىن، ئى مۇسۇلمان ساڭىمۇ سەن ئۇنىڭغا تىلىگەندەك ياخشىلىق بۇلسۇن! دەيدۇ» دېدى.

  16. ئىنسانلار ئۆلگەندىن كېيىن جانلىرىنى يۇقرىغا كۆتۈرۈپ چىقىدىغان پەرىشتىلەر، ئىمامى مۇسلىم ھەدىستە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئېيتتى:« مۆمىن بەندىنىڭ روھىي بەدىنىدىن چىققاندا ئىككى پەرىشتە جېنىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ يۇقىرىغا ئېلىپ چىقىدۇ» دېدى ۋە رەسۇلۇللاھ مەزكۇر روھنى خۇش پۇراق ۋە ئىپار پۇراپ تۇرىدۇ، دېگەن ئىدى. ئاسمان پەرىشتىلىرى ئالقىشلاپ: زېمىندىن چىققان بۇ جان بەك ياخشى خۇش پۇراق ئىكەن. ئاللاھ تائالا ساڭا ۋە سەن ياشاتقان بەدەنگە رەھمەت قىلسۇن! دەيدۇ. ئاندىن مەزكۇر پەرىشتە جاننى پەرۋەردىگارى تائالا تەرەپكە ئېلىپ ماڭىدۇ. ئاللاھ تائالا:«بۇ جاننى ئۆز ئورنىغىچە ئېلىپ بېرىڭلار!» دەيدۇ. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام كاپىر ئىنساننىڭ روھى توغرىسىدا بۇنىڭ ئەكسىنى سۆزلىدى. [ئىمامى مۇسلىم رىۋايىتى]

  17. مۇنكەر، نەكىر ئىسىملىك پەرىشتىلەر. بۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ۋاپات بولغان ئادەملەردىن قەبرىدە سۇئال سوراپ:« سېنى ياراتقان ئىگەڭ كىم؟ قايسى دىندا سەن؟ پەيغەمبىرىڭ كىم؟» دەپ سوراق قىلىشتۇر. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: مىيىت قەبرىگە قۇيۇلغاندا، ئۇنىڭغا قاپقارا، كۆك كۆز ئىككى پەرىشتە كېلىدۇ، بىرىنى مۇنكەر، بىرىنى نەكىر دىيىلىدۇ. بۇ مۇنكەر - نەكىر ئىككى پەرىشتە مۇنداق دەيدۇ: سەن بۇ كىشى توغرىسىدا نېمە دەيسەن! ئۇ بەندە ئادىتى بۇيىچە ئۇ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى. ئاللاھدىن باشقا ھەق ئىلاھ يوق، ھەقىقەتەن مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە بەندىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن دەيدۇ، پەرىشتىلەر: بىز سېنىڭ شۇنداق دېيىشىڭنى بۇرۇنلا بىلەتتۇق، دەيدۇ. ئاندىن ئۇنىڭ قەبرىسى 70 گەزدە 70 گەز كەڭرى قىلىنىپ نۇرلىنىدۇ. ئاندىن ئۇخلا! دېيىلىدۇ. ئۇ مەن قايتىپ ئەھلى باللىرىمغا خەۋەر قىلىمەن دەيدۇ. ئۇلار ئۇخلا دېگەندىكىن، يېڭىدىن توي قىلغان، بەخىتلىك كىشى ئوخلىغاندەك ئۇخلا!، ئۇنى پەقەت ئەھلىدىن ئەڭ ياخشى كۆرۈدىغان كىشى ئۇيغۇتىدۇ، ئاللاھ سېنى بۇ جايىڭدىن تىرىلدۈرۈپ قۇپۇرغانغا قەدەر شۇنداق، بەختلىك ھالەتتە ئۇخلا! دېيىلىدۇ. ئەگەر ئۇ كىشى مۇناپىق بولسا، مەن كىشىلەرنىڭ بىر سۆزنى دەۋاتقىنىنى ئاڭلاپ شۇنداق دەپ قۇيغان، مەن بىلمەيمەن دەيدۇ. ئۇ ئىككى پەرىشتە: بىز سېنىڭ شۇنداق دېيىشىڭنى بىلەتتۇق، دەيدۇ. ئاندىن زېمىنغا تارايغىن، گىرەلەشكىن دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ قەبرىسىدىن ئىبارەت زېمىن شۇنداق تارىيىدۇكى، قۇۋۇرغىلىرى بىر - بىرىگە كىرىشىپ كېتىدۇ. ئاللاھ ئۇنى شۇ جايدىن تېرىلدۈرگەنگە، يەنى قىيامەت كۈنىگە قەدەر ئۇ شۇنداق ئازابلىنىدۇ.[تىرمىزى توپلىغان]

  پەرىشتىلەرنىڭ ئىشلىرى ھەققىدىكى ھەدىسلەرنى تەكشۈرسەك ۋە پەرىشتىلەرنىڭ بارلىقىنى ۋە ئىشلىرىنى كۆرسىتىدىغان ئايەتلەرنى ئويلاپ كۆرسەك، چۇقۇم ئېيتالايمىزكى، پۈتۈن ئالەم، ئاسمان جىسىملىرى ۋە يەر شارى مەخلۇقلىرىنىڭ ئىشلىرىنى داۋاملىق باشقۇرۇش ئاللاھ تائالانىڭ رۇخسىتى ۋە ئىختىيارى بىلەن پەرىشتىلەرگە تاپشۇرۇلغان.

  رەسۇلۇللاھ ئېيتتى:« ئاسمان ئىنجىقلاپ كەتتى ۋە شۇنداق قىلىشقا تېگىشلىك، چۈنكى ئاسماندا ھەر تۆت بارماق ئورنى مىقتاردا يەردە بىر پەرىشتە بېشىنى قۇيۇپ ئاللاھ تائالاغا سەجدە قىلىدۇ.»

  پەرىشتىلەرنىڭ بەزى سۈپەتلىرى
  پەرىشتىلەر تەن قۇرۇلىشى تەرەپتىنمۇ، سۈپەت، خۇسۇسىيەت تەرەپتىنمۇ خاس غايىب (سىزىم ئەزالىرى بىلگىلى بولمايدىغان مەخلۇق) جۈملىسىدىن بۇلۇپ، ئەقلىي دەلىل ۋە شەيئى دەلىللەر ئۇلارنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ ۋە ئۇلارغا ئىشىنىش، ئۇلارنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرى ۋە ئەھۋالىغا راست دەپ ئىشىنىش لازىملىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەقلىي دەلىل، شەرئىي دەلىل دېگىنىمىز، باشتا ئېيتقان راست خەۋەرلەر ۋە ئەسەرلەردىن ئىبارەت. شەرئىي دەلىلدىن ئىبارەت راست خەۋەرلەر ئارقىلىق پەرىشتىلەرنىڭ كۆپ سۈپەتلىرى ۋە ئەھۋالىنى بىلىۋالدۇق، ئۇنى بۇ يەردە مۇقەررەرلەشتۈرۈپ ئېيتىمىزكى:

  1. پەرىشتىلەر ئىنتايىن ھايالىق مەخلۇقلاردۇر. دېمەك پەرىشتىلەر ئۆز ئەھۋالىغا لايىق ھايا قىلىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«پەرىشتىلەر ھايا قىلغان ئادەمدىن مەن ھايا قىلمايمەنمۇ؟» دېدى، ھەزرىتى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى دېمەكچى ئىدى. بۇ راست خەۋەر پەرىشتىلەردە ھايا قىلىش سۈپىتى بارلىقىغا دەلىلدۇر.

  2. پەرىشتىلەرنىڭ رەنجىشى. پەرىشتىلەرمۇ ئىنسانلاردەك يامان سۆز، يامان ئىشتىن رەنجىيدۇ. ئىمامى مۇسلىمنىڭ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام:« ھەركىم سامساق، پىياز، كۈدە قاتارلىق ناچار پۇراقلىق كۆكتاتنى يېسە، بىزنىڭ مەسجىدىمىزگە ھەرگىز يېقىن كەلمىسۇن! چۈنكى پەرىشتىلەر ئادەم بالىلىرى سەسكەنگەن نەرسىدىن سەسكىنىدۇ» دېدى. يەنە سەھىھۇل بۇخارى ۋە سەھىھۇل مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام:«ئىت بار ئۆيگە، سۈرەت بار ئۆيگە پەرىشتە كىرمەيدۇ» دېدى. پەرىشتىلەرنىڭ ئىت بار، سۈرەت بار ئۆيگە يامان كۆرۈپ كىرمەسلىكى ئۇلارنىڭ مۇشۇ يامان كۆرۈلىدىغان نەرسىلەردىن ئازار يەيدىغان، سەسكىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

  3. ئادەمگە پەيدا بولىدىغان ئىشلارنىڭ پەرىشتىلەردە، يۇقلىقى، ئادەمگە پەيدا بۇلىدىغان ئاچلىق، كېسەل، تاماق يېيىش، ئۇخلاش، چارچاپ قىلىشتەك ئىشلار پەرىشتىلەردە يوق. قۇرئان كەرىمدە بۇنىڭغا لازىم كېلىش يولى بىلەن دالالەت قىلىدىغان دەلىللەر بار. ئۇ بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ « ئۇلار كېچە - كۈندۈز تەسبىھ ئېيتىدۇ، بوشاشمايدۇ.»[سۈرە ئەنبىيا 20- ئايەت]

  كېچە - كۈندۈز بوشاشماي تەسبىھ ئېيتىش ئۈچۈن ئۇخلىماسلىق، يېمەسلىك، ھېرىپ قالماسلىق لازىم.

  4. پەرىشتىلەرنىڭ ئاللاھ تائالادىن قۇرقۇشى، پەرىشتىلەر ئاللاھ تائالادىن قۇرقىدۇ. بۇنى قۇرئان كەرىم:«ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھايۋاناتلار، پەرىشتىلەر ئاللاھغا سەجىدە قىلىدۇ، ئۇلار (ئاللاھغا سەجىدە قىلىشتىن) چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتمايدۇ. ئۇلار ئۆز ئۈستىدىكى پەرۋەردىگارىدىن قۇرقىدۇ، ئۆزلىرىگە بۇيرۇلغاننى قىلىدۇ.»[سۈرە نەھل 49-، 50- ئايەتلەر] دېگەن ئايەتتە ئىسپاتلايدۇ. يەنە ئاللاھ تائالانىڭ:« ئاللاھ ئۇلار (پەرىشتىلەر)نىڭ قىلغانلىرىنى ۋە قىلماقچى بولغانلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئاللاھ رازى بولغانلارغىلا شاپائەت قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ھەيۋىسىدىن تىترەپ تۇرىدۇ.»[سۈرە ئەنبىيا 28- ئايەت] دېگەن سۆزى ئىسپاتلايدۇ.

  5. پەرىشتىلەرنىڭ ئاللاھ تائالاغا بۇيسۇنۇشى. پەرىشتىلەر ئاللاھ تائالاغا دائىم بۇيسۇنىدۇ، ھېچ ھالەتتە ئاسىيلىق قىلمايدۇ. ئاللاھ تائالاغا ئاسىي بولمايدۇ. بۇيرۇلغاننى قىلىدۇ. يەنە ئاللاھ تائالا:« ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار):< ئاللاھنىڭ (پەرىشتىلەردىن) بالىسى بار> دېيىشتى ئۇنداق ئەمەس. ئاللاھ (بۇنىڭدىن)پاكتۇر، (پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ) ھۆرمەتلىك بەندىلىرىدۇر. ئۇلار ئاللاھغا ئالدى بىلەن سۆز قىلىشقا پېتىنالمايدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە ئىش قىلىدۇ.»[سۈرە ئەنبىيا 26-، 27- ئايەتلەر] دېدى.

  6. پەرىشتىلەرنىڭ ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرگەن بەندىلەرنى ياخشى كۆرۈشى. پەرىشتىلەر ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرگەن بەندىلەرنى ۋە ئىشلارنى ئۆز ھالىغا لايىق ۋە ئۆز ۋۇجۇدىغا لايىق ياخشى كۆرىدۇ. ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرگەن كىشىلەرنى پەرىشتىلەرنىڭمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقى سەھىھۇل بۇخارى ۋە مۇسلىمدا نەقىل قىلىنغان ئىشەنچىلىك ھەدىستە بايان قىلىنغان. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:« ئاللاھ تائالا بىر بەندىسىنى ياخشى كۆرسە، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنى چاقىرىپ، ئاللاھ تائالا پالانى بەندىنى دوست تۇتتى. سەنمۇ ئۇنى دوست تۇتقىن، دەيدۇ. قىبرىئىلمۇ دوست تۇتىدۇ. ئاندىن جىبرىئىل پۈتۈن ئاسماندىكى پەرىشتىلەرنى ئاسماندىكى پەرىشتىلەرنى چاقىرىپ ئاللاھ تائالا پالانى بەندىسىنى دوست تۇتتى، سىلەرمۇ دوست تۇتۇڭلار! دەيدۇ. پۈتۈن ئاسماندىكىلەر ئۇ بەندىنى دوست تۇتىدۇ. ئۇ كىشىگە يەر يۈزىدىنمۇ مەقبۇللۇق بېرىلىدۇ. (يەنى ئۇ بەندىنى دۇنيادىكى مۆمىن سالىھلار ياخشى كۆردىغان بۇلىدۇ) [مۇتتەفەقۇن ئەلەيھ، ئەللۇئلۇئو ۋەلمەرجان]

  7. پەرىشتىلەرنىڭ دۇئا قىلىشى ۋە لەنەت ئۇقۇشى. پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارى ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىدۇ ۋە تىلەيدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا:«ئەرشنى كۆتۈرۈپ تۇرغان ۋە ئەرشنىڭ چۆرىسىدىكى پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارىغا تەسبىھ ئېيتىدۇ، ھەمدى ئېيتىدۇ، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ، مۆئمىنلەرگە مەغفىرەت تىلەيدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ) < پەرۋەردىگارىمىز! سېنىڭ رەھمىتىڭ ۋە ئىلمىڭ ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تەۋبە قىلغانلارغا ۋە سېنىڭ يۇلۇڭغا ئەگەشكەنلەرگە مەغفىرەت قىلغىن، ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن>.»[سۈرە غافىر 7- ئايەت] دېدى.

  پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ تائالا لەنەت قىلغانلارغا پەرىشتىلەرمۇ لەنەت قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى:« شۈبھىسىزكى، كافىر بۇلۇپ كافىر پېتى ئۆلگەنلەر بار، ئەنە شۇلار چۇقۇم ئاللاھنىڭ پەرىشتىلەرنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ. ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ، ئۇلارغا بېرىلىدىغان ئازاب كېچىكتۈرۈلمەيدۇ.»[سۈرە بەقەرە 161-. 162- ئايەتلەر]

  8. پەرىشتىلەرنىڭ تەن قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭلىقى ۋە پەرىقلىقلىقى، پەرىشتىلەرنىڭ يارتىلىشى چوڭ مەخلۇق. ئۇلار بىر - بىرىدىن بەك چوڭ پەرىقلىق يارتىلغان. ئىشەنچىلىك ھەدىستە كەلدىكى:« جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالتە يۈز قانىتى بار. پەرىشتىلەردىن ئىككى قاناتلىقلارمۇ بار.» ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى:« جىمى ھەمدۇسانا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى، پەرىشتىلەرنى ئىككى قاناتلىق، ئۈچ قاناتلىق، تۆت قاناتلىق ئەلچىلەر قىلغۇچى ئاللاھغا خاستۇر! ئاللاھ يارىتىشتا خالىغىنىنى زىيادە قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر»[سۈرە فاتىر 1- ئايەت]. ئەبۇ داۋۇت رىۋايەت قىلدىكى: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئېيتتى:« ماڭا ئەرىشنى كۆتۈرىدىغان پەرىشتىلەردىن بىر پەرىشتە توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىشىمگە رۇخسەت بېرىلدى. ئۇ پەرىشتىنىڭ ئىككى پۇتى زېمىندا، ئۇنىڭ چۇقۇسىدا ئەرىش بار، ئۇنىڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقى بىلەن ئىككى مۆرىسىنىڭ ئارىسىنى تىز ئۇچار جانىۋار يەتتە يۈز يىلدىمۇ ئۇچۇپ بۇلالمايدۇ. شۇ پەرىشتە، ئى ئاللاھ! قەيەردە  بولساڭ سېنى پاك مۇقەددەس دەپ تۇنۇيمەن» دەيدۇ.

  ھاكىم ۋە زەھەبىي ئىسىملىك ئالىملار نەقىل قىلغان راست ھەدىستە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئېيتتى:« ئاللاھ تائالا ماڭا بىر خورازنىڭ ئەھۋالىدىن سۆزلەشكە رۇخسەت قىلدىكى: ئۇ خوراز (خوراز سۈرەتلىك پەرىشتە)نىڭ ئىككى پۇتى يەرنى تىشىپ كىرىپ كەتكەن، ئۇنىڭ بوينى ئەرش ئاستىدا ئىگىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇ پەرىشتە:« پاك - مۇنەززەھ دەپ تۇنۇيمەن سېنى ئى ئاللاھ! ھەممىدىن ئۇلۇغ سەن ئى ئاللاھ!» دەپ ھەمدۇ - سانا ئېيتىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇ:«پەرىشتىگە مېنىڭ ئىسمىم بىلەن يالغان قەسەم قىلغان ئادەم مېنىڭ ئۇلۇغلىقىمنى بىلمەيدۇ دەپ جاۋاپ قايتۇرىدۇ.

مەنبە:مۆئمىنلەرنىڭ ئەقىدىسى

  مېنىڭچە بۇ تىما -بىر ئەھمىيەتلىك تىما بولدى دەپ ئويلايمەن ، كەڭسايدا ئىزدەپ باقتىم ، مىنىڭچە تىخى يوقكەن بۇ تىما ،شۇڭا كەڭ ئۇقۇرمەنلەر كەڭساي مۇنبىرىدىكى ئەزىز قىرىنداشلارنىڭ بىر كۆرۈپ چىقىشى ئۈچۈن سۇندۇم . كۆچۈرۈلمە تىما ، لىكىن كۆچۈرۈپ چاپلىمىغان ،ئۆز قۇلۇم بىلەن كۆچۈرۈپ يازغان..ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەن... ياقتۇرۇپ ئۇقۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن ، ئاللاھ ئەجرىڭلارنى زىيادە ئىشلىرىڭلارنى ئاسانلىتىپ بەرسۇن.. ئاللاھ رىزقىڭلارنى زىيادە قىلسۇن...

 كېيىنكى تىمام جىن ۋە شەيتانلار توغرىسىدىكى تىما . كەڭ مۇنبەرداشلارنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ ئۇقۇپ چىقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.. بەلكىم ئۇقۇغانلارمۇ باردۇ ئۇقۇمىغانلارمۇ باردۇ..
[ بۇ يازمىنىsamanyoli 2011-09-14 08:47قايتا تەھرىرلى ]
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 2354
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2354دانە
ئۆسۈش: 5240 %
مۇنبەر پۇلى: 29026 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-03-30

ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم بۇرادەر ، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن . ئەھمىيەتلىك تېمىلارنى يوللاپ تۇرغايسىز .
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8959
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 3
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە3دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 30 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-14
ئاخىرقى: 2011-11-29
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-14 12:32

بۇ تېمىڭىزدىن نۇرغۇن نەرسىنى بىلىۋالدۇق. ئاللاھ ئېسىمىزدە ساقلىۋىلىشىمىزغا ئاسانلىق بەرگەي....

كېيىنكى تېمىڭىزنىمۇ تەقەززالىق بىلەن كۈتىمىز. ئاللاھ يوللاشقا نېسىپ قىلسۇن...
ئاللاھ دىللارغا غىل-پال كەشكەن خىيالنىمۇ بىلىپ ت ..
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1760
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1147
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1147دانە
ئۆسۈش: 1340 %
مۇنبەر پۇلى: 13274 سوم
تۆھپىسى: 9 كىشى
ياخشى باھا: 19 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-10
ئاخىرقى: 2012-03-19
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-14 12:51

ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم \
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.  جىق نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم.   كىيىنكى تېمىڭىزنى ساقلايمىز ئەمسە.
ئەتە ئۈلۈم!
دوستلىشىش
uyokuguqi
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇ ياكى ئىتىپاقلىشىمىز يا ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 726
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 245
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە245دانە
ئۆسۈش: 580 %
مۇنبەر پۇلى: 2915 سوم
تۆھپىسى: 3 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-27
ئاخىرقى: 2012-03-28
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-14 15:57

تولىمۇ ياخشى تېما ئاللا ئەجىرىڭىز ئۈچۈن ئىمانىڭىزنى زىيادە قىلسۇن
ئوخشاش تېلدا سۆزلەشكەنلەر ئەمەس ، ئوخشاش ئوي- پىكىردە بولغانلار ئېتتىپاقلىشالايدۇ.
كۆزۆڭنىڭ بارىدا شە كۆ
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8183
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 932
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە932دانە
ئۆسۈش: 190 %
مۇنبەر پۇلى: 9792 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-17
ئاخىرقى: 2012-03-19
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-14 16:23

ئاللا  يوللىرىمىزنى  مۇشۇ نۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق نۇرلار  بىلەن يورۇتسۇن.
ئادىيات
بۇ زادى نېمىدۇ؟
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1913
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1368
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1368دانە
ئۆسۈش: 910 %
مۇنبەر پۇلى: 15203 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-14
ئاخىرقى: 2012-03-28
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-14 16:37

ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم .پايدىلىق تېمىلىرىڭىزنى كۈتىمىز.مانا مۇشۇنداق تېمىلارنى ئوقۇغانچە ئادەمنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىشى تېخىمۇ ئەتراپلىق بولىدۇ
سىلەر بىزگە نېمىنى تىلىسەڭلار ئاللاھ سىلەرگە ئۇنى ھەسسىلەپ بەرسۇن!ئامىن!!!