باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 520 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: << تۇغۇتتا ئۆلگەن >> قازانلار
دوستلىشىش
erpan.0998
ئىبراھىمجان ئىرپانى   qq;1806537111
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7630
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 83
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە83دانە
ئۆسۈش: 890 %
مۇنبەر پۇلى: 1473 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-28
ئاخىرقى: 2011-10-21
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-12 19:02

<< تۇغۇتتا ئۆلگەن >> قازانلار

                                                       (   فىليەتۇن   )

21-ئەسىر ئىنسانلار ئۈچۈن تولىمۇ كۆپ يىڭىلىق ئىلىپ كەلدى . بولۇپمۇ 2008 -يىلى بىزدەك جاھاننىڭ ئەڭ چەت بۇلۇڭىدا بىكىنمە ھالەتتە ياشاۋاتقان < قۇدۇق پاقىلىرى>غا نىسبەتەن بۇ خىل مۆجىزىلەر خۇددى يىڭلىقتەك تۇيۇلۇپ ،ھەممىمىزنى ئۆزىگە رام قىلىۋالدى .
مانا قاراڭ ! جۇڭگونىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى ، ئىقتىساتنىڭ يەر شارىلىششى ، پۇل-مۇئامىلە تاللا بازارلىرىنىڭ قۇرۇلىشى ،پۇقرالارنىڭ پاي چىكى ئوينىشى ، فوند سىتىۋىلىپ باي بولۇشى ،ئىنتىر تورىدا مۇھەببەتلىشىش ، مال سىتىۋىلىش.....
قاتارلىقلار 10 يىلنىڭ ئالدىدا ئۇخلىساق چۈشىمىزگىمۇ كىرمەيدىغان ئىشلار ئىدى .
مانا ھازىر بۇلار كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالدى .تۆت ئادەم بىر يەرگە كەلسەك ؛<< ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم ،ئائىلەڭلار تىنىچ-ئامانمۇ ؟>> دىگەننىڭ ئورنىغا ؛<< فونىد سىتىۋالدىڭلارمۇ ؟؟قايسى تۈردىن ئالغان ؟ قانچىلىك ئالدىڭلار ؟؟>>  دىگەندەك غەيرى رەسمى ئادەت شەكىللەندى .
ئۇ چاغلاردا فوند سىتىۋالغانلار ،سىتىۋالغاندىمۇ كۆپ سىتىۋلغانلار ئۆزىمىزنى قالتس چاغلايتۇق .فونىد سىتىۋىلىشقا قۇربى يەتمىگەنلەر ،ھەمدە پۇلى بولسىمۇ فونىد سىتىۋىلىشقا جۇرئەت قىلالماي پۇلنى ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا بانكىدا قويغانلار ياكى زايۇم سىتىۋالغانلار بىچارە ، نامرات ، زاماننىڭ كەينىدە قالغانلار سانىلاتتى .
شۇ ۋەجىدىن بەزىلەر پايدا قوغلاشسا ، يەنە بەزىلەر مودا قوغلۇشۇپ ئىشىنچا پۇللىرىنى بانكىدا قەرەللىك ئامانەت قويغانلار ئامانىتىنىڭ قەرەلىنى بۇزۇپ ئىلىپ ، بەزىلەر ئالتۇن جابدۇق ئۆي -زىمىنلىرىنى سىتىپ بولسىمۇ فوند سىتىۋالىدىغان دولقۇن كۆتۈرۈلدى.دىمىسىمۇ ئۇ چاغدا بۈگۈن سىتىۋالغان فوندنىڭ باھاسى ئەتىسىلا ئۆسۇپ تۇراتتى .
< ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتماپتۇ > دەپ ھەممىنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلغان بۇ جىلۋىگەر سەتەڭگە بىراقلا كۆز تەگدى .فوند نىڭ باھاسى كۈنسىرى چۈشىۋەردى .ياق داۋاملىق چۈشىۋەرمىدى ئەكسىچە ئارىلاپ ئۆسۈپمۇ قويدى .لىكىن ئۆسكىنى چۈشكىنىگە دال بولالمىدى .خۇددى ئون قىتىم ئالغان تاھارەت بىر قىتىملىق ئوسۇرۇقتا سۇنغاندەك .
مانا ھازىر تۆت ئادەم بىر يەرگە كەلسەك ؛قانچە پۇللۇق سىتىۋالغان؟ قانچە پۇل زىيان تارىتتىڭلار ؟؟دەپ سۆزلىشىدىغان بولدۇق .
مۇشۇ يىقىندا فوند نىڭ غەيۋىتى تازا قىزىغان بىر سورۇنغا داخىل بولۇپ قالدىم .سورۇندىكلەر 30 يىل بانكىدا ئىشلەپ يىقىندا ئارامغا چىققىنىمنى ئۇقۇپ ،سۇئاللارنى ماڭا ياغدۇرۋەتتى .
--مۇشۇ فوند دىگەن پۇقرالارنىڭ قولىدىكى پۇلنى يىغۋىلىش ئۈچۈن قۇرغان قىلتاقمىكى دەيمەنغۇ ؟؟
--بەزى فوند شىركەتلىرى پۇلىمىزغا ئامرىكىنىڭ پاي چىكىنى سىتىۋاپتىكەن دەپ ئاڭلايمىز راسىتمىدۇ ؟؟
--بەزى فوند شىركەتلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى مەبلەغنى يۆتكەپ قىچىپ كەتكەن ئىشلارمۇ بارمىشقۇ ؟؟
........................؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
مەن بىر نىمە دەپ بۇ ئادەملەرنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىمسام ، ئۇلاردىن تىخىمۇ يامان گەپلەر چىقىپ كىتىدىغاندەك قىلاتتى .فوند شىركەتلىرىنى ئاقلاپ گەپ قىلاي دىسەم مىنىڭ دەردىممۇ ئۇلاردىن قىلىشمايتى .
شۇڭا ئۇلارنىڭ غۇلغۇلىسىنى كۈلكىگە يۆلەپ ئاخىرلاشتۇرماقچى بولدۇم ..
--ئاغىنلەر ، مەن فوند بازىرى ۋە بىز زىيان تارتقان فوند شىركەتلىرى ھەققىدە سىلەر قانائەتلەنگۈدەك بىر نىمە  دەپ بىرەلمەيمەن .بىراق سىلەر مەندىن سوراپ قالدىڭلار ،شۇڭا مەن سىلەرگە ئەپەندىمنىڭ كىچىك ۋاختىمدا دادامدىن ئاڭلىغان مۇنداق بىر لەتىپىسىنى دەپ بىرەي ---دىدىم .
---بىر كۇنى ،دەپ باشلىدىم مەن لەتىپەمنى ---ئەپەندىمنىڭ ئۆيىگە مىھمان كىلىپ قاپتۇ .ئەپەندىمنىڭ قازىنى كىچىك بولغاچقا قوشنىسىنىڭ قازىنىنى سوراپ ئاچىقىپ ئاش ئىتىپ مىھماننى ئۇزىتىپتۇ .كىيىن ئەپەندىم قوشنىسىنىڭ قازىنىنى پاكىز يۇيۇپ ئۇنىڭ ئىچىگە ئۆزىنىڭ كىچىك قازىنىنى سىلىپ ئاچىقىپ بىرىپتۇ .
قوشنىسى تاماق ئىتەي دەپ تۇۋاقنى ئاچسا قازىنىنىڭ ئىچىدە يەنە بىر قازان تۇرغىدەك . بۇنى كۆرۈپ قوشنىسى ئەپەندىمنىڭ ئۆيىگەكىچىك قازاننى كۆتۈرۈپ كىرىپ ؛---ئەپەندىم سىلگە بىر بىر قازان بەرسەم ، سىلى ماڭا ئىككى قازان بىرىپتىلغۇ ؟؟؟دەپتۇ.
ئەپەندىم ؛---تەقسىر  قازانلىرى ئىككى قاتكەن  . بىزنىڭ ئۆيدە يەڭگىدى ،شۇڭا ھەر ئىككى قازان سىلنىڭ ، خاتىرجەم ئىشلىتىۋەرسە ...دەپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئەپەندىم قازان تۇغدۇرالايدىكەن دىگەن گەپ پۈتكۈل يۇرىتقا پۈر كىتىپتۇ .شۇنىڭ بىلەن پۇقرالار ئۆيدىكى چوڭ قازانلىرىنى ئەپەندىمگە ئەكىلىپ ئۆزلىرىنىڭ قازانلىرىنىمۇ تۇغدۇرۇپ بىرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ .ھەتتا ئۆيىدىكى قازانلىرىنى كىچىك كۆرگەنلەر قوتاندىكى قوي--ئۆچكىلەرنى سىتىپ بازاردىن چوڭ داش قازانلارنى سىتىۋىلىپ ئەكىلىپ بىرىپتۇ .
ئەپەندىممۇ كەلگەن قازانلارنى قايتۇرماي ئىلىۋىرىپتۇ .
قازانلار ھويلىغا دۆۋلىنىپ بولغاندىن كىيىن ئەپەندىم كونا قازاندىن ئىككى -ئۈچنى ئۇرۇپ چىقىپ چۆيۈنلىرىنى ھويلىنىڭ بىر بۇلۇڭىغا دۆۋىلەپ قۇيۇپ  ، قالغان قازانلارنى ھارۋىغا بىسىپ بازارغا ئەكىرىپ سىتىپ خەجلەپتۇ .
ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن قوشنىلار يىغىلىپ ؛--- قازىنىمىز تۇغدىمىكىن ئەپەندىم ؟ دەپ سوراشقان ئىكەن ،،ئەپەندىم قازان ئىگلىرىنى ھويلىغا باشلاپ كىرىپ قايغۇلۇق ھالدا ؛---ھەر قايسىلىرىنىڭ قازىنى ھەقىقەتەنمۇ ئىككى قاتكەن ،بىراق تۇغۇتى ئوڭۇشلۇق بولماي ، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇنچە كۆپ قازاننىڭ تۇغۇتى تەڭلا تۇتقاچقا ئۆزەم يالغۇز يىتىشىپ بولالماي قازانلىرىڭلار تۇغۇتتا ئۆلۈپ كەتتى .جەستىنى ئىلىپ كىتىپ دەپنە قىلۋىتەرسىلەر ....دەپتۇ  دە ھويلىنىڭ بۇلۇڭىدىكى ئەسكى قازانلارنىڭ پارچىلىرىنى كۆرسىتىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن لەتىپەم تۈگىدى دىدىم .
---ۋوي ، بىز زىيان تارىتقان فوند شىركەتلىرىمۇ بۇ لەتىپىنى ئاڭلاپ قالغانمۇ--نىمە دىدى بىرەيلەن .
---فونىد شىركەتلىرىنى قويمىچى كۆرۇۋاتامسىلەر ؟؟دىدىم دەرھاللا .
---ئۇنداق ئەمەس ،ئەمدى دەيمىزا .....
---يولنىڭمۇ ئوڭغۇل--دوڭغۇلى بولىدۇ .<< ساڭزا --قۇيماق يىگىلى كۈندە ھىيىت ئەمەس >> <<خۇدايىمنىڭ بەزى كۈنلىرىدىن ئۆرگىلىپ كىتەي ، بەزى كۈنلىرىنىڭ كۆتىگە تىپەي >> <<ئامەت بىلەن  ئاپەت قوشكىزەك >>دىگىندەك ، ئوشۇقۇڭلىمۇ ھە دىسلا ئالچۇ چۈشۈۋەرمەيدۇ --دە .
فوند سىتىۋالغان زالنىڭ تىمىغا يىزىلغان << خەتىرى بار كەسىپ ،ئىھتىيات بىلەن ئىش كۆرۈڭ>>دىگەن خەتنى كۆرمىگەنمۇ؟؟؟

بۇنىڭ ئاڭلاپ بەزىلەر كۈلدى ، بەزىلەرنىڭ بىشى چۈشۈپ كەتتى .........................................

شىنجاڭ مەدەنيىتى 2008 يىللىق 6-سانىدىن ؛ ئاپتۇرى ؛ ئابدۇرىھىم ھەكىمى
ئىبراھىمجان ئىرپانى