ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرىشىگە قانداق ئېرىشىمىز؟
.... بۇ يەردىن باشلاپ دېمەكچى بولغىنىمىز، ھەقىقەتەنمۇ ئىنساننىڭ رەببىنى ياخشى كۆرۈشنىڭ تەقەززالىرىدىن بىرى ئۇنىڭ دائىم رەببى بىلەن مەشغۇل بۇلۇشى ۋە ئۇنىڭغا ئېسىلىشىدىن ئىبارەتتۇر. قەلىبلەرنى ئىبادەتتىكى ئىخلاستىن باشقا ھېچ بىر نەرسە پاكلىيالمايدۇ. بۇلۇپمۇ كېچىدە ناماز ئۇقۇش، شۇڭا بىز ھېچ بولمىغاندا تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن ئىككى رەكئەت بولسىمۇ ناماز ئۇقۇشىمىز، شۇ ئارقىلىق رەببىمىزگە شۈكرىمىزنى بىلدۈرىشىمىز، بىزنىڭ خارلىق، كەمچىللىك تەرەپلىرىمىزدىن شىكايەت قىلىشىمىز ۋە ئۇنىڭدىن ياردەم تەلەپ قىلىشىمىز لازىم.
قۇرئاننى داۋاملىق تىلاۋەت قىلىپ تۇرۇشنى ۋە ئاز دېگەندە ئايدا بىر قېتىم بولسىمۇ خەتمە قىلىشنى ئۇنۇتماسلىقىمىز لازىم. بۇلۇپمۇ تاڭ ئېتىش ۋاقىتلىرىدا ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى تەپەككۇر قىلىشىمىز لازىم. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:<(كۈندۈزنىڭ ۋە كېچىنىڭ پەرىشتىلىرى) چۇقۇم بامدات نامىزىدا ھازىر بۇلىدۇ.>(ئىسرا سۈرىسى، 78 -ئايەت)
ھەمدە نامازدا تۇرغان چاغلىرىمىزدا كۆپرەك دۇئا قىلىپ ئاللاھغا يېغلىشىمىز، داۋاملىق ئۆلۈم توغرىسىدا تەپەككۇر قىلىش كېسەللەرنى يوقلاش، قەبرىستانلىقلارنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلىشىمىز لازىم.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە ساھابە كىراملار، سەلەپ - سالىھلارنىڭ ۋە ئۇلاردىن كېيىنكلەرنىڭ تەرجىمىھاللىرىنى ئۇقۇشىمىز لازىم. بۇنىڭدا بىلەن ئۇلارغا يېتىشىپ قالساق ئەجەپ ئەمەس.
بۇنىڭدىن باشقا بىز بارلىق ھەرىكەت، سۈكۈنات، سۆز ۋە پىئىللىرىمىزدا ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ئاساس قىلىشىمىز ۋە قەلبىمىز ھازىر بولمىغان تەقدىردىمۇ تىلىمىزنى ئاللاھنى زىكىر قىلىش بىلەن مەشغۇل قىلىشىمىز لازىم.
ئىبنى ئاتا مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھنى زىكرى قىلىشنى سەن ئۇنى زىكرى قىلغاندا بىرگە بولالمىغانلىق سەۋەبى بىلەن تەرك ئەتمە! چۈنكى زىكرىدە غەپلەتتە قېلىشتىن ئۇنى زىكرى قىلىشتىن غەپلەتتە قېلىش يامانراقتۇر. ئاللاھ سېنى غەپلەت ئىچىدە زىكرى قىلغۇچىلار سېپىدىن ھەقىقىي روھلۇق، قەلبى ئويغاق ھالدا زىكرى قىلغۇچىلار قاتارىغا چىقىرىپ قويسا ئەجەپ ئەمەس... بۇ ئاللاھ ئۈچۈن تەس ئەمەس.
روزا تۇتۇشنىمۇ ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك. ئاچلىقتىن ئىنساننىڭ بەدىنى پاكلىنىدۇ، قەلبى يۇمشايدۇ، ياشلىرى تۆكۈلىدۇ ۋە بارلىق ئەزالىرى ئىبادەتكە ئالدىرايدىغان بۇلۇپ، دۇنيادا كەرەملىك ھالدا ياشايدۇ.
مەنبە:ياشلارنىڭ مەجبۇرىيتى دىگەن كىتاب..