باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 669 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئوقۇتقۇچىلار بولسا ياردەم قىلىڭلار
سەھرانى سۆيىمەن!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5001
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1018
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1018دانە
ئۆسۈش: 2360 %
مۇنبەر پۇلى: 7298 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2012-03-28
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-12 14:32

ئوقۇتقۇچىلار بولسا ياردەم قىلىڭلار

ئوقۇتقۇچىلار بولسا ياردەم قىلىڭلار
ئەسسالامۇئەلەيكۇم.تەتىلنى تاماملاپ مۇنبەرگە قايتىپ كەلدىم.ئەمما،بىرنەرسە يوللاي دېسەم تۈزۈك ۋاقىت چىقمىدى.بۈگۈن ۋاقتىم چىقىپتۇ.شۇڭا ئويلىغانلىرىمنى دەۋىرەي،ئويلىغانلىرىم خاتا بولسا ئىتىراپ قىلىمەن.ئەگەر مەن ئوتتۇرغا قويغان مەسىلە ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا ئەرزىسە تەڭ ئويلانساق دېگەن ئۈمدتىمەن.
تەتىلدە كىتاب-ماتىرىياللىرىمنى قايتا كۆرۈۋېتىپ تۆۋەندىكى مەسىلىنى كاللامدىن ئۆتكۈزەلمىدىم:
يەنى،بىزنىڭ تىلىمىزدىكى <<ئا،ئە>>بىلەن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق پېئىللارغا <<ئى>>بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا بۇ پېئىلنىڭ تەركىبىدىكى<<ئا،ئە>>ئوخشاشلا<<ئې>>غا ئاجىزلاشقان.مەسىلەن:
1.مەن بۈگۈن دۆڭكۆۋرۈككە بېرىپ كەلدىم.
2.سەن ماڭا500يۈەن بېرىپ تۇرالامسەن؟
3.مۇساجان دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى.(يات)
4.خاتىرجەم بولۇڭ،بالىڭىز ساق-سالامەت يېتىپ كەلدى.(يەت)
5.ئۇ قولىدىكى   ئاچقۇچنى ماڭا ئېتىپ بەردى.(ئات)
6.ئانام بىزگە پولو ئېتىپ بەردى.(ئەت)
ئاۋۋال مۇشۇنچىلىك مىسال ئالاي.بۇ جۈملىلەردىكى قىزىل رەڭلىك سۆزلەر رەۋىشداشقا تەۋە   بولۇپ،بىرىنجى جۈملىدىكى رەۋىشداشنىڭ سۆز تومۇرى<<بار>>دېگەن پېئىلدۇر.ئىككىنجى جۈملىدىكى رەۋىشداشنىڭ سۆز تومۇرى<<بەر>>دېگەن پېئىلدۇر.قالغان جۈملىلەردىكى رەۋىشداشلارنىڭ سۆز تومۇرىنى شۇ جۈملە ئاخىرىغا ئەسكەرتتىم.
ئەمدى مەقسەدكە كەلسەم،بۇ سۆزلەردىكى <<ئا،ئە>>نى مۇشۇنداق ئاجىزلاشتۇرۇش توغرىمۇ؟تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان ئۇيغۇرتىلى كىتابتا بۇنداق ئاجىزلاشتۇرۇشنى توغرا دەپتۇ.لېكىن كاللامدىن ئۆتمىگەن يېرى 1.ئوخشاش بولمىغان ئىككى پېئىلغا ئوخشاش بىر رەۋىشداشنىڭ قوشۇمچىسىنى قېتىپ ئوخشاش بىر رەۋىشداش ياسىغىلى بولامدۇ؟2.ئۇيغۇرتىلىدا يەنە شەكىلداش سۆز دەيدىغان يېزىلىشى ئوپمۇئوخشاش ئەمما،جۈملىدە ئىپادىلىگەن مەنىسى ئوخشىمايدىغان بىر سۆز تۈركۈمى بار.ئۇنداقتا،يۇقۇرىقى رەۋىشداشلارمۇ شەكىلداش سۆزلەرگە تەۋە بولامدۇ؟.3.ئەگەر بۇ رەۋىشداشلارنى شەكىلداش سۆزلەرگە تەۋە دېسەك،مۇستەقىل تۇرغاندا بەلگىلىك (مۇستەقىل)مەنا بىلدۈرمەيدىغان سۆزلەرمۇ شەكىلداش سۆز بولالامدۇ؟ياكى<<ئا>>بىلەن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق پېئىللارغا<<ئى>>بىلەن باشلانغان قوشۇمچە قوشقاندا<<ئا>>نى<<ئې>>غا ئاجىزلاشتۇرۇپ،<<ئە>>بىلەن تۈزۈلگەنلىرىگە<<ئى>>بىلەن باشلانغان قوشۇمچە قوشقاندا <<ئى>>ئاجىزلاشتۇرامدۇق؟
ئاخىرىدا كەڭ مۇنبەرداشلاردىن سەمىمىي پىكىر قىلىشىنى سورايمەن ۋە مەن خاتا ئويلىغان بولسام ئەپۇ قىلىشىنى سورايمەن.چۈنكى مېنىڭ ئويلىغىنىممۇ بىرتەرەپلىمە قاراش.
1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور
2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن
دوستلىشىش
dulbarqin310
توۋا دەيمەن، دۇنيادىكى ئىشلارغا.........
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1139
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1139دانە
ئۆسۈش: 580 %
مۇنبەر پۇلى: 12193 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-03-29

مەنغۇ ئۇقۇتقۇچى ئەمەس شۇنداقتىمۇ سىزگە ئاز تۇلا چۈشەنچە بەرگۈم كىلۋاتىدۇ، مەنمۇ ئەدىبىياتقا بەك ئامراقتىم، ھازىرقى يىڭى ئىسلاھاتتا ئۇقۇغان بالىلارنىڭ كىتابلىرىنى مەن كۆرگەن مەن تۇلۇق ئۇتتۇردا ئۇقۇۋاتقاندىمۇ مەندىن تۆۋەن يىللىقتىكى بالىلار شۇلارنى سورايتتى، سىزگە بىر تەكلىپىم بولسا سىز مۇشۇ قۇلىڭىزىدىكى ئىسلاھات كىتابىنى كۆرۈش بىلەن بىرگە ئازغىنە ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ 2007-يىلدىن كىيىنكى 2010-يىلدىن بۇرۇنقى ئۇيغۇر تىلى دەيدىغان مەخسۇس ئۇيغۇر گىراماتىكا كىتابىنى كۆرۈپ بېقىڭ، بۇنىڭدا سىزگە ئۇقۇتقۇچىلار بېرىشكە تىگىشلىك جاۋاپ چىقىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى جاۋاپ چىقىشى مۇمكىن. بولسا شۇ كونا ئىسلاھاتتىكى ياكى مۇنداقچە ئىيتقاندا ئەنئەنىدىكى ئۇيغۇر تىلى كىتابىنىڭ 2-قىسمىنى كۆرۈپ شۇ ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ سۇئالىڭىزغا جاۋاپ تېپىڭ. مەنمۇ بۇرۇن مۇشۇنداق قىلاتتىم، شۇڭا ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدىمۇ كۆرۈنەرلىك نەتىجە ئالغان. ئىشلىرىڭىز ئۇتۇغلۇق بولسۇن.
[ بۇ يازمىنىdulbarqin310 2011-09-12 17:57قايتا تەھرى ]
دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.
HALDIN
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1529
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 294
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە294دانە
ئۆسۈش: -10 %
مۇنبەر پۇلى: 3037 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-05
ئاخىرقى: 2012-03-28
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-13 16:57

ئازاتلىقتىن بۇرۇن بارلىق شىۋىلىرىدە << ئا،ئە>> تاۋۇشلىرى <<ئې، ئى>> غا ئاجىشلاشتۇرماي تلەپۇز قىلىناتتى ھەم يېزىقتىمۇ شۇنداق ئىپادىلىناتتى، بۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ قانۇنيىتىگە تۇغرىسى تۈركى تىللارنىڭ قانۇنيىتىگە ئۇيغۇر ئىدى، ئەمما بىز مەجبۇرى ئاجىزلاشتۇرۇپ بۇ خاتالىققا يۇل قۇيۇپ ھازىرغىچە مۇشۇ خاتالىقنى داۋاملاشتۇرۋاتىمىز. مەسىلەن :ئاتا+سى=ئاتىسى، قارا+قات=قارىقات بۇيەردە ھىچكىم ئاتى  سى دەپ تەلەپۇز قىلمايدۇ بۇيەردە ئاجىز <<ئا>> قىلىپ تەلەپپۇز قىلىمىز<<ئى>> قىلىپ تەلەپۇز قىلمايمىز. دىمەك بىز خازىر مۇشۇ خاتالىققا يۇل قۇيغاچقا يەنە تاۋۇشلارنى چۈشۈرۈپ قۇيدىغان خاتالىققىمۇ يۇل قۇيۇپ  نۇقرغۇن سۈزلەرنى تۇلۇق تەلەپپۇز قىلمايۋاتىمىز. مەسىلەن : قارماقنى قاماق، دۇتتارنى دۇتتا، دارۋازنى داۋاز، ئۈدەكنى ئۈدەك. قارلىغاچنى قالىغاچ ،ئانارنى ئانا... بۇنۇڭدەك خاتالىقلار بارغانچە كۈرىلىۋاتىدۇ.