باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 434 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تېما:ئىللەتمۇ ياكى ئادەتمۇ؟
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1874
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 4
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە4دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 90 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-13
ئاخىرقى: 2011-09-14
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-12 11:58

تېما:ئىللەتمۇ ياكى ئادەتمۇ؟

ئەسكەرتىش: بۇ يازما general تەرىپىدىن ناخشا مۇزىكا كىنو فىلىم بۇ رايونغا يۆتكەلدى(2011-09-12)
ئاپتۇرى: ئىزچى
- ئىللەت تۈزەلمىگىچە مىللەت تۈزەلمەس (ئۇيغۇر ئىدىئوملىرىدىن).
بىزدە تارىخىمىزنىڭ ئۇزۇنلىقى، ئەجدادلىرىمىزنىڭ قۇدرەتلىك ئۆتكەن زامانلىرى، مىللىي مەدەنىيتىمىزنىڭ گۈللەنگەن دەۋرى، شارائىتلىرى، ئۇلۇغ كىشىلىرىمىزنىڭ تارىختا قالدۇرۇپ كەتكەن قىممەتلىك ۋە مول مىراسلىرى …. ھەققىدە ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەيدىغانلار بەك جىق. بۇ بىزدىكى « مىللىي غۇرۇرچىلىق». ئەمما بىزنىڭ قان – قېنىمىزغا سىڭىپ كەتكەن – يارالغاندا يېپىشقان مەۋجۇد ئىللەتلىرىمىزنى ئەسلەيدىغان، سۆزلەيدىغانلار بەك ئاز ھەتتا يوق دېيەرلىك. سەۋەبى: كىشىلىرىمىز «نومۇسچان»، «قەدر -قىممەت ئېڭى» بەك « كۈچلۈك». تۈنۈگۈن بۈگۈننىڭ ئۆلچىمى ئەمەس. قۇرۇق كاللىنى غاجاۋەرسەڭ ئاچ قالغىنىڭ قالغان. مەن يەتتە ياش چېغىمدا دادام ماڭا « بىز خەقنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى سىلەرگە مەنسۇب» دەيتتى. كېيىن مەن ئوغلۇمغا « بىز خەقنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى سىلەرگە مەنسۇب» دېدىم. ھازىر ئوغلۇممۇ ئوغلىغا « بىز خەقنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى سىلەرگە مەنسۇب» دەۋاتىدۇ. ئەۋلادتتىن ئەۋلادقا مۇشۇنداق كېتىۋەرسەك قايسى ئەۋلادقا يەتكەندە بىز خەقنىڭ ئىستىقبالى ياخشىلىنار؟ دەۋرىمىز يېڭىلىققا قاراپ ئۆزگىرىۋاتىدۇ، بىزمۇ يېڭىلىققا قاراپ ئۆزگىرىۋاتىمىزمۇ؟ مۇشۇ ئەۋلاد كىشىلەر ئۆزىمىزگە باھا بەرگەندە، تەلەپ قويغاندا ئۆتمۈش دەستەكلىرىمىزنىڭ قىممىتى، ئۇلۇغلۇقى بىلەن ئەمەس بەلكى ھازىرقى ئىنسانىيەت ئالىمىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىدە شاللىنىپ تۇرۇش تەقدىرىگە دۇچ كېلىۋاتقان مەۋجۇد تۇرق – ھالىتىمىزنىڭ ئۇمۇمىي خاراكتېرىنى كۆزدە تۇتۇپ ئوبيېكتىپ باھا بېرىشىمىز لازىم. بىزنىڭ روھىي ھالىتىمىز زادى قانداق؟ مېنىڭچە بىزنىڭ روھىي ھالىتىمىز تازا ساغلام ئەمەس (قان – يىلىكلىرىمىزگە سىڭىپ كەتكەن قالاقلىق – نادانلىقنىڭ تەسىرى ئىنتايىن ئېغىر). بۇ روھىي ھالەت شەخسلەرنىڭلا روھىي ھالىتى ئەمەس، سىياسىي روھىي ھالىتى، بۇنى بىز ئېتراپ قىلىشىمىز لازىم. ئەگەر ئېتراپ قىلمىساق، چۈشەنمىسەك (قالاقلىق، جاھىللىق، نادانلىق، چىرمىۋالغان روھىي ھالىتىمىز توغرىسىدا ئېنىق ۋە تەكتۆكۈس ئېتراپ قىلىش بولمىسا) بىزنىڭ زەبۇن (ئاجىز) چاغلىرىمىز داۋاملىشىۋېرىپ، تارىخنىڭ ئەنئەنىسىگە قايتىشىمىز، دۇنياغا يۈزلىنىشىمىز، مىللىي ئىستىقبالىمىزنىڭ پارلاق بۇلۇشى ئەبەدىي مۇمكىن بولمايدۇ. بىزدىكى بۇ خىل روھىي ھالەتنىڭ بەزىبىر ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىدەك بولماقتا:
بىزدىكى پېتىشماسلىق
  باشقىلار بىزنى « پېتىشمايدىغان خەق» دېيىشىدۇ، دەرۋەقە شۇنداق. جىسمىمىزدا ئىتتىپاقلىق تىنىقى، ئۇيۇشۇش تىنىقى يوق. ئۈچ – تۆتىمىز بار يەردە پېتىشماسلىقنىڭ بولغىنى بولغان. پېتىشماسلىق بولمىغان ئۇيغۇرنىڭ تۇرالغۇلىرى يوق. ئۇيغۇر جەئىيتىدە يۈز بېرىدىغان ئەڭ ئېغىر ئىجتىمائىي پاجئەلەر، ئەرز – شىكايەتلەر، دەۋا – دەستۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يەنىلا شۇ پېتىشماسلىققا باغلىنىدۇ. بۇ خىل قىسمەت سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ئەڭ قەبىھ ھادىسلەر، پاجىئەلەر – مىللىي بارلىقىمىزنىڭ ئەڭ ئېغىر داغلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇنى سۆزلەڭ دېسە بۇنىڭ چوڭ ئىللەت ئىكەنلىكىنى ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەيدىغانلار جىق. ھەتتا يوغان – يوغان كىتاب يېزىپ چىقالايدىغانلارمۇ بار. ئەمما نېمىلا دېمەيلى بۇ ھالەتنى زادىلا ئۆزگەرتەلمىدۇق. سەۋەبى نەدە؟ سەۋەبى: بىزنىڭ ئارىمىزدا ئاز دېگەندە 365 «مەزھەپ» بار. ئۇنىڭ بىر بۆلۈمى – بىزدىكى ئىچكى چىقىشماسلىق، پارچىلىنىش، يەكلىشىش، ئۆزىنى سورىماسلىق، ئىتتىپاقسىزلىق ….قا مەنبە بۇلۇپ تۇرىدىغان «لىق»، «لىك» چىلىك.
  «لىق»، «لىك»چىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز رەقىبلىرىنى – «يات يۇرتلۇق»لارنى يەكلەيدۇ. ئۆي – ئۆيدە، مەھەللە – مەھەللىدە، يۇرت – يۇرتتا ھەتتا دۇنيانىڭ ئۇيغۇر بارلىكى يېرىدە بۇ «مەزھەب»لەر تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. مەھەللەبازلىق، كەنتبازلىق، يېزابازلىق، نەھىيەبازلىق، شەھەربازلىق، ۋىلايەتبازلىق، تۇغقاندارچىلىق، ئۇرۇق – قوۋمبازلىق … لار ئاشۇ خىل تەسىرلەرنىڭ شاخ – يۇپۇرماقلىرى. بۇنداق شاخ – پۇتاقلار ئالدىدا بىزدىكى « مىللىي روھ»، « مىللەت»، «ۋەتەن»، «خەلق»، «بىرلىك»، «ئىستىقبال»، «تەرەققىيات». … دېگەنلەر ئاقمايدۇ. يەنى بۇنداق شاخ – پۇتاقلار يۇقىرىقى ئۇقۇملارنىڭ ھەرقاندىقىنى بېسىۋالىدۇ.
  مەن 1940 – يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قارغىلىقتىن ياركەنت دارىلمۇئەللىمىندە بىر مەزگىل ئۇقۇغانىدىم. ياركەنت، قارغىلىق، ئەكىت، پوسكام ناھىيلىرىدىن يىغىلغان 200دەك ئۇيغۇر ساۋاقداش بىللە ئۇقۇيتتۇق. مەكتەپنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش مۇناسىۋەت ئېقىمى شۇ «لىق»، «لىك»تىن مۇستەسنا ئەمەس ئىدى، ئۇقۇتقۇچىلاردىن تارتىپ ئۇقۇغۇچىلارغىچە ھەممىمىز « ياركەنىتلىك»، «قارغىلىقلىق»، « مەكىتلىك»، « پوسكاملىق» لار بويىچە سەپكە بۆلۈكلۈك ئىدۇق. ياركەنىتلىك ياركەنىتلىكلەرنىڭ، قارغىلىقلىق قارغىلىقلارنىڭ كەتمىنىنى چاپىدىغان، مەكىتلىك مەكىتلىكلەرگە، پوسكاملىق پوسكاملىقلارغا يان باسىدىغان بۇنداق بۆلۈنمە سەپلەر – بىر – بىرىگە زىت، زادىلا مۇرەسسە- مادارا بولمايدىغان، بىر – بىرى بىلەن ئەستايىدىل، جان تىكىپ ئېلىشىدىغان، بىرى ئوت، بىرى سۇ بۇلۇپ تىركىشىدىغان «شەكىلسىز تەبئىي سەپ»لەر ئىدۇق. بىزنىڭ سىنىپتا بەش قاتار پارتا بۇلۇپ، 20 بالا تۆتتىنلا ئولتۇراتتۇق. سىنىپىمىزنىڭ مەسئۇلى، قارغىلىقلىق تاشكەنتچىلەردىن بىرى بولغان x ئەپەندى بالىلارنىڭ سىنىپتا ئولتۇرۇش رېتىنى بېكىتكەندە ئالدىنقى بىرىنچى رەتنى بىز قارغىلىقلىق تۆت بالىغا بېكىتىپ بەرگەن. ئەڭ ئارقىدىكى رەتتىكى پارتىنى بولسا ياركەنىتلىك تۆت بالىغا قالدۇرغان. باشقا سىنىپلارنىڭ پارتىلىرىمۇ مۇئەللىمگە قاراپ ئەنە شۇنداق «قاغىلىق» ، «ياركەنت»، «مەكىت» لەر بويىچە بۆلۈكلۈك ئىدى. دېمەك بىزنىڭ تاشكەنتچى ئەپەندىمىز بىز قارغىلىقلىق بالىلارنى «ئۆز» بىلىپ «ۋاپا قىلىپ» سىنىپنىڭ ئالدىنقى قاتارىنى ئېلىپ بەرگەن. ئۆزى «ياركەنىتلىك» دەپ قارىغان بالىلارنى «يات» بىلىپ، سالقىن مۇئامىلە قىلىپ، سىنىپنىڭ ئارقا رېتىدىن ئۇرۇن بەرگەن. مەكتىپىمىزنىڭ باشقا يەرلىك ئۇقۇتقۇچىلىرىمۇ بۇنداق ئىشتا بىزنىڭ تاشكەنتچى ئەپەندىمىزدىن ھەرگىز كېيىن قالمايتتى. شۇنداق قىلىپ ھەركىم «ئۆز» يۇرتلۇقلىرىنى «ئۆز كۆرۈش»، «غەيرىي يۇرۇتلۇقلار»نى «غەيرىي كۆرۈش» – « قول ئىچىگە ئېگىلىش» – مەكتەپنىڭ ئۇقۇش – ئۇقۇتۇش، تۇرمۇش، ئىمتىھان، مۇئامىلە، خىزمەت …. تارىخنىڭ جەريانى ئىدى. دېمەك بىز بۇ ئۇتتۇرا دەرىجىلىك بىلىم يۇرتىدىن «ئۆز يۇرتلۇق ياخشى»، «باشقا يۇرتلۇق ئەسكى»نى، ياركەنىتلىكنى «قانجۇق»، قارغىلىقلىقنى «غالچا»، پوسكاملىقنى «پوقاق»، مەكىتلىكنى « دولان» دېيىشنى ئۆگىنىپ – بىلىپ چىققان ئىدۇق. مەن 1947 – يىلىنىڭ ياز ئايلىرىدا بۇ مەكتەبتىن ئىمتىھان بېرىپ «شىنجاڭ دارىلفۇنۇنى» (ھازىرقى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇرۇنقى نامى)غا ئۇقۇشقا كەلدىم. 1950 – يىلىنىڭ باشلىرىغىچە ئۇقۇدۇم. بۇ ئالىي بىلىم يۇرتىدىمۇ يەنىلا شۇ «كاشغەرلىك»، «ياركەنىتلىك»، « خوتەنلىك»، «ئاقسۇلۇق»، «ئىلىلىق»نىڭ گېپى. «ئۆز يۇرت»، «باشقا يۇرت»دېگەن تېخى شۇ يەردىكەن. مەكتەبتە بىر كۈنى « كاشىغەرلىك نوچىلار» بىلەن « ياركەنتلىك نوچىلار»نىڭ جېدىلى چىقىپ سەپ – سەپ بولۇپ مۇشتلاشتۇق. ئاقىۋەتتە «32 مىڭ ياركەنىتلىك» «16 مىڭ كاشىغەرلىك»نى ئۇرۇپ ياتقۇزۇۋەتتى (تارىختا ياركەنت سەئىدىيە دۆلىتىنىڭ ئاستانىسى بولغاچقا 32 مىڭ ياركەنىت، دەپ ئۆزىنى چوڭ ھېسابلاپ، كاشىغەرنى ئۆزىنىڭ يېرىمى ھېسابلاپ ئېيتىلغان گەپ). تۆت ياركەنتلىك بالا بۇ ئىشتا جازالاندى. ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتكەندە «كاشىغەرلىك نوچىلار» شۇ چاغلاردىكى «روس كۇلۇبى» ئەتراپىدا بىر قىسىم ئارغۇنلار ( خەنزۇ – رۇس چېتىلىشىدىن تۆرەلگەن پروتكىلار)نى «مېھمان» قىلىپ، ئۇلارغا « ياركەنتلىك نوچىلار»نى قاتتىق ئۇرغۇزۇۋەتتى. ياركەنتلىكلەرنى (ئۇ چاغدا ياركەنت، قارغىلىق، مەكىت، پوسكام ناھىيلىرى بىر ۋىلايەت – ياركەنت ۋىلايىتى ئىدى) ھازىرقى ئۈچتاش (كونا ياڭخاڭ)تەرەپلەردە يالغۇز يۈرەلمەيدىغان قىلىۋەتتى. كېيىن «ياركەنىتلىك نوچىلار» مۇ گومىنداڭ پىرقىسىنىڭ ساقچى ئۇرۇنلىرىنىڭ نەنلياڭ تارمىقىدىكى ساقچىلىرىغا «چاي» بېرىپ « كاشىغەرلىك قىزىل پاچاق»، «نوچى» لاردىن ئۈچنى قولغا ئالغۇزۇۋېتىپ ئۆچىنى ئېلىشتى.
  قىسقىسى، يەكەن دارىلمۇئەللىمىنىدە بولسۇن ياكى شىنجاڭ دارىلفۇنۇنىدا بولسۇن بىز «ئۇيغۇر» دېگەن بۇ نامنىڭ ئورنىغا «ئۆز يۇرتلۇق»، «باشقا يۇرتلۇق»، «قەشقەرلىق»، «خوتەنلىك»… دېگەن تەپرىقىچىلىكنى ئوبدان ئۆزلەشتۈرۈپ، يۇرت – يۇرتلار بويىچە ئۆزئارا بىر – بىرىمىزنى ئەدەبلەشنى، بىرىمىز يەنە بىمىزنى يوقىتىشنى كۆڭۈللىرىمىزگە پۈكۈپ «زامانىمىزنىڭ زىيالىيلىرى» بۇلۇپ جەمئىيەتكە نىسبەتەن ئالغاندا كىشىلىك قارىشىمىز، مۇناسىۋەت قارىشىمىز ۋە ئەخلاق قارىشىمىز بۇلۇپ قېلىۋەردى. ئەپسۇس، مېنىڭ گۆدەك چېغىمدىلا ئۆيۈمدە ئاتا – ئانامنىڭ تىلى بىلەن ۋۇجۇدۇمغا كىرگەن بۇ ئاڭ مېنىڭ كېيىنكى 60 نەچچە يىللىق ئۆمۈر مەنزىلىمدە مەن بىلەن تەڭ ساقلىنىپ (بەزىدە كۈچۈيىپ، بەزىدە سۇسىيىپ، يوقالماي) بالا – چاقا، جەددى – پۇشتۇمغىچە تەسىر ئۆتكۈزۈپ تۈگەش ئورنىغا يېڭىلىنىپ «شېرىن زەھەر»لىك كۈچىدىن قالماي كېلىۋەردى. مېنىڭچە بۇنداق ئاڭ ئىلكىگە چۈشمىگەن ئۇيغۇر پۇشتى بەلكى بولمىسا كېرەك. مەن 1992 – يىلى كۈزدە ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر ئالىي مەكتەبتە بىر قىسىم قەشقەرلىك ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچىلار بىلەن غۇلجىلىق ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىككى قاش بۇلۇپ سۇقۇشۇپ كەتكىنىنى كۆردۈم. بۇ سوقۇشقا بىر ياتاقتا بىللە ياتىدىغان قەشقەرلىك x بىلەن غولجىلىق xنىڭ گەپ تالىشىپ سۇقۇشۇپ قالغانلىقى سەۋەب بولغان. سۇقۇشتا غۇلجىلىق x كە تەڭ كېلەلمىگەن قەشقەرلىق» x ئۆز يۇرتلۇقى» دىن تۆت – بەشنى چاقىرىپ غۇلجىلىق x نىڭ ئەدىبىنى بەرمەكچى بولغان. لېكىن غۇلجىلىق x مۇ بوش كەلمەي « ئۆز يۇرتلۇقى» دىن بىر نەچچىنى ياردەمگە چاقىرغان. بىردەمدىن كېيىن مەكتەب بويىچە « قەشقەرلىك» بىلەن « غۇلجىلىق»نىڭ جېڭى باشلىنىپ « ئۇرە قەشقەرلىكنى … سالە غۇلجىلىقنى» بۇلۇپ كەتكەن. ئاقىۋەت تۆت بالا پىچاق يېگەن، يەنە بىرنەچچىسى مۇشت – پەشۋا زەخمىسىدە يېتىپ قالغان. مەكتەب جېدەلنى ئاران بېسىقتۇرۇپ ئون نەچچە بالىغا  جازا بەرگەن. مانا بۇ «لىق»، «لىك» جېدىلى. تالاپەت كۆرگەنلەرنىڭ گۇناھلىرى پەقەت بىر تەرەپنىڭ غۇلجىدا تۇغۇلۇپ قالغانلىقى، يەنە بىر تەرەپنىڭ بولسا قەشقەردە تۇغۇلۇپ قالغانلىقىدىنلا ئىبارەت. 1991 -، 1992 – يىللىرى بىزدىن ھەرەمگە بارغان ئۇيغۇر ھاجىلارنى سەئۇدى ئەرەبىستاندا يەرلىشىپ قالغان بىر قىسىم باي ئۇيغۇرلار « خۇدايى ساۋاب»لىق ئۈچۈن خېرىدارلىق قىلىپ كۈتۈۋالغاندا، « خۇتەنلىك» بايلار « خوتەنلىك»لەرنى «غۇلجىلىق» بايلار «غۇلجىلىق»لارنى، «قەشقەرلىك»بايلار «قەشقەرلىك»لەرنى، «ئاقسۇلۇق»بايلار «ئاقسۇلۇق»لارنىلا كۈتۈۋېلىپ، خەۋەر ئېلىپ ئۇزاتقان. ئۇ مەملىكەتتە «ئۆز يۇرتلۇقى» يوق تۇرپان، قۇمۇل، كورلا ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى بەزى ناھىيلەردىن بارغان ئۇيغۇر ھاجىلار بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمىغان. ۋەھالەنكى، شىنجاڭدىن ۋە قىرغىزىستاندىن بارغان قىرغىز ھاجىلارنى شۇ مەملىكەتتە ۋە ئىئوردانىيەدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان قىرغىز بايلار يۇرت – مەملىكەت ئايرىماي خېرىدارلىقنى قىلىپ كۈتۈۋېلىپ ئۇزاتقان؛ يەنە شۇ مەملىكەتتە يەرلىشىپ قالغان قازاق بايلار قازاقىستاندىن بارغان ھاجىلارنى قازاق، ئۇيغۇر دېمەي كۈتۈۋالغاننىڭ ئۈستىگە يەنە شىنجاڭدىن بارغان قازاق ھاجىلارنى ئالتاي، ئىلى، سانجى، قۇمۇل، مورى، گۇچۇڭ، ئۈرۈمچى قاتارلىق يۇرت ئايرىماي كۈتۈۋالغاندىن سىرت يەنە ئۆز يۇرتلۇقى يوق بەزى ئۇيغۇر ھاجىلارنى قۇشۇپ كۈتۈۋالغان. دېمەك، بۈگۈنكى دۇنياغا يۈزلەنگەن، ئۆزلىرىنى «راۋۇرۇس مۇسۇلمان» دەپ يۈرۈشىدىغان ھەرەملىك ئۇيغۇر بايلارنىڭمۇ يۈرەك قېتىدا يەنىلا «لىق»، «لىك» ئېڭى يوقالمىغان. شۇڭا باشقا مىللەتلەر ئۇلارنىڭ مىللەت نامىنى «چىن مۇسۇلمان» (جۇڭگۇلۇق مۇسۇلمان) دەپ بىلىشكەن. دېمەك، بىزنىڭ ھەرقانداق يېتەكچىمىز، ئالىم – ئۆلىما، زىيالىي، پېشقەدەم ئۇستازلىرىمىز، داڭدار جامائەت ئەربابلىرىمىزدىن تارتىپ تۆۋىنى مالچى – پادىچىلارغىچە ھەتتا چەت ئەللەردە يۈرگەن بىز خەقلەرنىڭ ھەممىسىلا بۇ خىل «لىق»، «لىك»نىڭ ئاسارەت – ئىسكەنجىسىدە ئۆتۈشۈۋاتىمىز. بۇ ئىللەت سۇسايماستىن ئەكسىچە تېخىمۇ كۈچىيىۋاتىدۇ.
  بىزدىكى ئۆزئارا پېتىشماسلىق – ئىچكى ئىتتىپاقسىزلىقنىڭ يەنەبىر ئالاھىدە شەكلى – نادانلىقنى مەنبە قىلغان ئىچى تارلىق، قىزغانچۇقلۇق، ھەسەت – ئاداۋەتخۇرلۇقتىن ئىبارەت.
  مەن بۇلتۇر قەشقەردىكى ئىككى ساۋاقدىشىمنى يوقلاپ ئۆتمەكچى بۇلۇپ بىرسىنىڭ ئۆيىگە باردىم ھەم بۇ ئۆيدە بىر كېچە قۇندۇم. ئەتىسى بۇ بۇ ساۋاقدىشىمغا يەنە بىر ساۋاقدىشىمنىڭ ئۆيىگە باشلاپ بېرىشنى ئېيتتىم. ئۇ :« ئۇنداق قىزىلكۆزنىڭمۇ ئۆيىگە بارامدىغان؟ ئۆتكەندە بالىسى ئۆلۈپ تاشلىشىپ كېتىمىز…» دېدى. بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىلا ئالىي مەكتەپنىڭ مۇئەللىملىرى، تېخى بار يۇرتلۇق تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن بىر – بىرىنى شۇنچىۋالا ئۆچ كۆرۈدۇ؟
  ئەپسۇس، بىزدە بىز خەقنىڭ يامان گېپىنى قىلىدىغانلار يەنىلا بىز خەق، يەنى ئۇيغۇرلاردا ئۇيغۇرنىڭ يامان گېپىنى قىلىدىغانلار يەنىلا ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇرغا زىيانكەشلىك قىلىدىغانلار يەنىلا ئۇيغۇر. ئۇيغۇرنى پالاكەتكە ئۇچرىتىدىغان، چېقىپ قۇيۇدىغان، تۇتۇپ بېرىدىغان…. لار يەنىلا ئۇيغۇرلاردۇر. سېنىڭ باشلىقىڭ ئۇيغۇر بولسا ناھايىتى ئېھتىياتچان بۇلۇشۇڭ كېرەككى، ئۇ سېنى ئۆستۈرمەيلا قالماستىن بەلكى ئادەم قىسقارتقاندا ئالدى بىلەن باشقىلارنى قىسقارتماي پەقەت سېنىلا قىسقارتىۋېتىدۇ. ئۈچ رۇس سودا قىلسا بىر – بىرىگە « بۇ نۆۋەت سودا سېنىڭ بولسۇن، كېلەر قېتىم مېنىڭ بولسۇن…» دەپ سودىنى بىر – بىرىگە ئۆتۈنىدۇ. ئۇيغۇر سودىگەردە بۇ روھ يوق. سەن 50 سومغا ساتساڭ مەن 40 سومغا ساتىمەن، سەن 30 سومغا ساتساڭ مەن 20 سومغا ساتىمەن… دەپ باھادا يول قويماي بىر – بىرىگە بازار بەرمەيدۇ.
  ئۆز ئارا پېتىشماسلىق – ئىچكى ئىتتىپاقسىزلىق بىزنىڭ تارىخىمىزنىڭ، ئىستىلىمىزنىڭ ناچارلىقىدىن ئەمەس بەلكى كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى جاھالەت تەپرىقچىلىكىنىڭ تەسىرىدىن شەكىللىنىپ، قېنى، تارىخى، تەقدىرى، ئەنئەنىسى، تىلى، دىنى، مەقسىتى، تەلىپى بىر شۇ زامان بوۋىلىرىمىز كېلەچەك ئەۋلادلىرىغا جۈملىدىن بىزگە بىرلىكنى، ئىتتىپاقلىشىشنى، ئۇيۇشۇشنى ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ تەتۈرسىنى يەنى بىر – بىرىنى ئۇرۇشنى، بىر – بىرىنى پۇتلاشنى، بىر – بىرىنى يىقىتىشنى، بىر – بىرىگە ئورا قېزىشنى مەرەز مىراس ياكى زامانىمىزنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا پاجىئەلىك سەلبىي مىراس قىلىپ قالدۇرۇپ ئۆتۈشكەنىدى.
  دېمەك، «17-، 18-، ئەسىردىكى تارىخىمىزدا بىر مەزگىل يۇرتىمىزغا دىنىي، سىياسىي ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن خوجا – ئىشانلار زامانىدا بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ قەدىمدىن بۇيانقى ئەنئەنىۋى خىسلەت، پەزىلەت ۋە خۇسۇسىيەتلىرىنى يوقىتىشقا، مىللىي روھسىزلىنىشقا يۈزلەنگەن. يەنى سوپى – ئىشانغا ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ رايى – قىلىقلىرىنى ئۆرنەك ھەم تىرىكچىلىك يولى قىلىپ، يۇرت بىلەن يۇرت، مەھەللە بىلەن مەھەللە، ئۆي بىلەن ئۆي، ئادەم بىلەن ئادەم مەزھەبلەرگە بۆلۈنۈپ جاھالەت بۆلگۈنچىلىكى، جاھالەت تەپرىقچىلىكى ئىچىدە قۇۋلاشماي، پېتىشماي بىرى ئوت، بىرى سۇ بۇلۇپ ئۆتۈشىدىغان بۇلۇپ كېتىشكەن…» (مامۇت ئىسلامنىڭ « بەلەن گەپلەر»دىن). نەتىجە – ئاقىۋەتتە بىز ھەتتا21 – ئەسىرنىڭ بۇسۇغۇسىغا كېلىپ قالغاندىمۇ (جەننەت ماكان ئاپتۇر ئىزچى 20 – ئەسىرنىڭ ئاخىرقى 10 يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بۇ ئەسىرنى يازغاچقا شۇنداق دەۋاتىدۇ – دادخاھ) ئىچكى جېدەل – ماجرالىرىمىز بېسىقماي، بەزىدە تېخىمۇ ئاۋۇپ پېتىشمايۋاتىمىز. ئەرزىمەس ئىشقا ئۆچەكىشىپ قالساق توخۇلىرىمىزنىڭ چىللاشقىنى، ئىتلىرىمىزنىڭ قاۋاشقىنى، ئېشەكلىرىمىزنىڭ ھاڭراشقىنى… ئاڭلىنىپ تۇرسىمۇ ئاي ئۆتۈپ، يىل ئۆتۈپ بىر – بىرلىرىمىز بىلەن يوقلاشماي، سالام – سەھەت قىلىشماي ھومىيشىپ، « ئۇ ئەسكى»، «بۇ ئوغرى»، « ئۇ مايماق»، «بۇ قەلەندەر»… دېيىشىپ ئۆتكىنىمىز ئۆتكەن. «مەندىن ئۆتۈپتۇ» دەيدىغانلار يوق. «بولدى قىل»، « ئۇنداق قىلما»، «توغرا ئەمەس» دېگەندەك گەپلەر ئاقمايدۇ. دېمەككى، بىز ئۆز ئەيىبلىرىمىزنى تۇنۇشقا، تەن ئېلىشقا ئادەتلەنمىدۇق، خىلمۇ – خىل «سەۋەبلەر» بىلەن ئۇنى ياپتۇق، يوشۇردۇق. ئەيىبتىن ئەيىب توغۇلۇۋېرىپ يۇرت – يۇرت، ئۆي – ئۆيدە « يوغان گەپ»، «قۇرۇق گەپ»، « شەيۋەت گەپ»، « پىتنە ئىغۋا گەپ»، « پو گەپ»… «ئۆز گەپ» بۇلۇۋېرىپ تۈگىمەي ئۆتۈۋەردى – دە، بالىدىن – بالىغا « ئاتا مىجەزى»، «ئانا قىلىقى» مىراسنامىسى بۇلۇپ داۋاملىشىۋەردى.
  چىقىشىش، بىرلىشىش، بىر ياقىدىن باش چىقىرىش بولمىغان خەلقتە ئىستىقبال – ئامەت، راۋاجلىنىش نېمە قىلسۇن؟
  ياش شائىر ئۆمەر مۇھەممەد ئىمىن يازغاندەك:

سەن مېنى پاكار دەپ،
مەن سېنى ناكار دەپ،
بۇلۇپ كېتەرمىز قايسىمىز قاۋۇل؟
مەن ساڭا چىشىمنى بىلەپ،
سەم ماڭا دوراخنى تىلەپ،
قايسىمىز كېتەرمىز جەننەتكە ئۇدۇل؟

بىزدىكى نەسلىگە ۋاپاسىزلىق
  ئاتا – ئانىلار مېھرى – شەپقىتىدىن، مەكتەبلەر مېھر – شەپقىتىدىن، جامائەت ۋە جەمئىيەت مېھر – شەپقىتىدىن مەھرۇم قېلىپ، مەرىپەتسىز – نادان يۈرۈۋاتقان، ۋەيران بۇلۇپ كېتىۋاتقان، بۇزۇلۇپ تۈگىشىۋاتقان، ھالاكەتلىك تۇرمۇش قىسمەتلىرىدە بېرىۋاتىدۇ. بىز پۈتۈن شىنجاڭ تەۋەلىرىگە، پۈتۈن مەملىكەتكە شەھەرلىرىگە ھەتتا چەت ئەللەرگىچە سەرگەردان بالىلارنى توپ تارقىتىدىغان خەق بۇلۇپ قالامدۇق – قانداق؟
  مېنىڭچە بۇنى تارىخىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ئىنتايىن يامان مىللىي پاجىئەلەرنىڭ ناماياندىسى، دېمەي مۇمكىن بولماس، ئەلۋەتتە.
  ئاقىۋىتى مىللىي خۇرلۇق، مىللىي نۇمۇس ۋە قاتتىق مىللىي نادامەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان، چىقىرىۋاتقان ۋە ئۇنى تىزلىتىدىغان بۇنداق قاباھەتلىك پاجىئە بىزگە نەدىن ۋە كىملەردىن كېلىۋاتىدۇ؟
  بىرلا جاۋاب: ئاساسەن ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز كەلتۈرۈۋاتىمىز، ئۆز كىشىلىرىمىشدىن كېلىۋاتىدۇ.
  بىر قىسىم ئائىلىلەردە ئەرلەر مۇستەبىتلىكنىڭ ئېغىرلىقى، ئاتىلار خورلىقىنىڭ داۋاملىشىشى، تولا ئاجرىششى، كۆپ نىكاھلىنىش، خوتۇن ئۈستىگە خوتۇن ئېلىشنىڭ ئاۋۇپ بېرىشى، چېكىدىن ئاشقان شەخسىيەتچىلىك، بالىلارنىڭ مائارىپسىز قالدۇرۇلىشى – ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ بۇزۇلۇشىنى، يېتىم – ييىسىرلارنىڭ كۆپىيىپ بېرىشنى، بالىلار ۋەيرانچىلىقلىرىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىنى ۋە ئاقىۋەت ياش – ئۆسمۈرلەر تەقدىرىنىڭ نابۇت بۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە چىقىرىۋاتىدۇ.
  1994 – يىلى يازدا مەن سەپەرداشلىرىم بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ناھىيدە تۆت كەنت، ئىككى كىچىك كوچىنى نىشانلىق زىيارەت قىلىپ (جەمئىيەت كۆزىتىپ)، بۇ جايلاردا شەھەر – بازار تۇرمۇشىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ يۈز بېرىۋاتقان ئائىلە، مۇھەببەت، نىكاھ مەسىلىلىرىنى، ئانا – بالىلار ھادىسلىرىنى ئىگىلەپ كۆردۈم. بۇ تۆت كەنت، ئىككى كىچىك كوچىدىكى 1300دىن كۆپرەك ئۇيغۇر ئائىلىلىرى ئارىسىدا 1989 – يىلىدىن بېرى ئەرلەرنىڭ سەۋەبى بىلەن گۇمران بولغان (ئاجراشقان) ئەر – خۇتۇنلار شۇ جايلار بويىچە ئاجراشقان ئەر – خۇتۇنلارنىڭ 87%نى، ئەرلىرى تاشلاپ كەتكەن خۇتۇنلار شۇ جايلاردىكى ئەرلىك خۇتۇنلارنىڭ 7%نى، ئەرلەرنىڭ سەۋەبى بىلەن تىرىك يېتىم قالغان، ياشلىنىپ قالغان، يوقاپ كەتكەن، كىشىلەر بېقىۋىلىپ تۇرغان بالىلار شۇ جايلاردىكى ئۇمۇمىي يېتىم بالىلارنىڭ 45%نى، ئەرلىرىنىڭ خورلىشىغا ئۇچراپ كېسەلمەن بۇلۇپ كەتكەن خۇتۇنلار شۇ جايلاردىكى خۇتۇنلارنىڭ 4%نى، ئەرلىرى ۋە بالىلىرى دەردىدە يۇرتتىن قاڭقىپ سەرسان بۇلۇپ چىقىپ كەتكەن جۇۋان، چوكانلار شۇ جايلاردىكى تۇل قالغان، ئەرلىرى تاشلاپ كەتكەن خۇتۇنلارنىڭ 2%نى تەشكىل قىلغان.
  (بىرمۇنچە ئەرلەرنىڭ رەسۋەچىلىقلىرى بىلەن گۇمران بولغان ئائىلىلەر ئەھۋالى بايان قىلىنغان ھەق مىساللار پېقىر دادخان تەرىپىدىن قىسقارتېۋېتىلدى)
  مىللىتىمىزنىڭ ئالدىنقى جامائىتى ھېسابلىنىدىغان ئەرلىرىمىز سېپىدە ئەنە شۇنداق ئەرلەر مۇستەبىتلىكى، ئانىلارنى خورلاش ئادىتى، بالىلارنى تاشلېۋىتىپ نەسلىگە ۋاپاسىزلىق قىلىش، بۇزۇقچىلىققا بېرىلىش… قىلمىشلىرى ئەۋجىگە چىققانسىرى جەمئىيەتتە ئانا – بالىلار خورلۇقىنىڭ،ئانا – بالىلار ۋەيرانچىلىقىنىڭ، ئانا – بالىلار سەرسانچىلىقىنىڭ ۋە باشقا ئىجتىمائىي پاجىئەلەرنىڭ كېلىپ چىقماسلىقى مۇمكىنمۇ؟
  ئەپسۇس! مىڭ ئەپسۇس! بىزدە مۇشۇنداق قىلمىشلارنى ئەيىبلەيدىغان، چەكلەيدىغان جامائەت پىكرى ناھايىتى ئاجىز بۇلۇۋاتىدۇ. مۇناسىۋەتلىك جامائەت ئورگانلىرىنىڭ بۇ ساھەدىكى خىزمەت قۇدرىتى ئەنئەنىۋى ئادەت كۈچىنىڭ، مۇتەئەسسىپ « ئەنئەنە»نىڭ تەسىرىنى بېسىپ چۈشەلمەيدۇ. «ئادەت ھەممىگە قادىر»نىڭ قۇۋۋىتىگە تىز پۈكىدۇ.

http://anana05.blogbus.com
http://anana05.blogbus.com
دوستلىشىش
天山的野花
بىلمەسلىكتىن قورقىما،تىرىشماسلىقتىن قورق!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6963
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 262
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە262دانە
ئۆسۈش: 980 %
مۇنبەر پۇلى: 3455 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-08
ئاخىرقى: 2011-10-17

نەق گەپنى دەپسىز. ئىللەت تۈزەلمىگىچە مىللەت تۈزەلمەس         
سەھرانى سۆيىمەن!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5001
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 537
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە537دانە
ئۆسۈش: 2300 %
مۇنبەر پۇلى: 6988 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2011-10-19
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-12 13:34

قارىغاندا خېلى ئۇقۇمۇشلۇق كىشىدەك قىلىسىز.بۇ مۇنبەرگە يېڭى كىرىپسىز.مۇنبىرىمىز سىزدەك ھەقنى دەيدىغانلارغا زار.ئەمما،ئەپەندىم ،ئالدىڭىزدا بالا بولساممۇ شۇنى ئەسكەرتكۈم كېلىۋاتىدۇ:ئۇيغۇريېزىقى بەكمۇ مۇكەممەل،چىرايلىق يېزىق.ئانا يېزىقىمىزنىڭ مۇكەممەللىكىنى،چىرايلىقلىقىنى ساقلىساق!
1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور
2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5723
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 249
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە249دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 2555 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2011-10-20
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-12 15:55

نەق گەپلەركەن،،،ئاپتورغا ۋە تېمىنى يوللىغان ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر!!!
سىز بۇرۇنقى دىلكەش 613 بىلۇگنىڭ قۇرغۇچىسىمۇ...؟ئۇ بىلۇگىڭىز ھازىرمۇ بارمۇ..؟
مەن پەقەت ئۆزۈم ۋە پەرزەنتلىرىمگىلا مەسئۇل!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 403
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە403دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 430 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-23
ئاخىرقى: 2011-10-19
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-12 16:36

ئىملادا ھېچ خاتالىق بايقىمىدىم ، يازغۇچىلىقى باركەن .
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1874
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 4
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە4دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 90 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-13
ئاخىرقى: 2011-09-14
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-12 16:45

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى kelem نىڭ 2011-09-12 15:55 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
نەق گەپلەركەن،،،ئاپتورغا ۋە تېمىنى يوللىغان ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر!!!
سىز بۇرۇنقى دىلكەش 613 بىلۇگنىڭ قۇرغۇچىسىمۇ...؟ئۇ بىلۇگىڭىز ھازىرمۇ بارمۇ..؟


ئۇ بلوگىم تېخى ئىسىڭىزدە باركەن ھە دوستۇم!  مەن ئاشۇ دىلكەش63 بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى شۇ!  ھېلىقى ۋەقەدە ئۇبلوگمۇ تاقالغان ئىدى.  كىيىن شۇ ئىسىم بىلەن يەنە قۇرسام يەنە تاقالدى......
شۇنىڭ بىلەن مۇنۇ ئەنئەنە نامىدىكى زاپاس بلوگۇمنى ئىشقا سالدىم....
http://anana05.blogbus.com