چۈشەنمەپسىز
ئاپتۇرى: چىندىل
ساقىيە چۈش تەبىر تورىدىن تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۇچۇن كۆچۈرۈپ ئېلىندى
چۈشەنمەستىن مۇسۇلمان بەك تومپاي دەپ داتلاپسىز
گەپ قىلسىڭىز قىزارساق مازاق قىلىپ كۈلگەن قىز
ئوخشىمايمىز كۆپ يەردە ئوخشىماسقا تۇرغان بىز
ھەر زامانغا ماسلىشىپ مودا قوغلاپ يۇرگەن قىز
چىڭ توتىمىز خوتۇننى شەرىئەتكە سادىق بىز
ئىرىم ماز دەپ دات ئىيتىپ كوچىىلاردا يۈرگەن قىز
ئىپپەت كۆزلەپ ئالدۇق بىز ئاندىن سۆيگۈ بەردۇق بىز
قونۇپ كۈندە بىر گۈلگە سۆيگۈ ئىزلەپ يۈرگەن قىز
خوتۇن ئالساق نەچچە تۈر يىڭى كىيم سەپلەيمىز
كونا كۆينەك ئىجارە ئىلىپ تويدا كەيگەن قىز
پىۋا پىجۇ ئىچمەيمىز تاماكىغا ئۆچمەن بىز
ئىرىم بەكمۇ ئۇيقۇچان دەپ تولغانغان يىلان قىز
سەت بولسىمۇ خوتۇن ئۇ خەق مارىسا كۈنلەيمىز
تانسىلاردا شاپاقتىن ئەرزان لەيلەپ يۈرگەن قىز
قاپىغىنى كەسمەيمىز كىرپىك چەك دەپ كەتمەيمىز
ساختا مالدەك پەدازلىق تۇرغان تۇرقى يالغان قىز
«تەرلىمەمدۇ روپاش قىز؟» چۈشەنمەپسىز ھەيران بىز
پەقەتلا بار تەر بىزى، ئىپپەت بىزى ئۆلگەن قىز
مەيلى ئاددى بولسىمۇ باشتىن ئاياق چۈمكەيمىز
كۇسار بىلەن كوچىدا سازايى بوپ يۈرگەن قىز
سۆزلىرىمىز زاغرىدەك نا مەھرەمگە كۈلمەيمىز
ئۈچرىغانغا ئەركىلەپ نۆۋىتىدە كۆيگەن قىز
بەك ئامراق بىز خوتۇنغا شۇڭا قاتتىق كۈنلەيمىز
ئىرى بىلەن كۆنلەشسىز خىزمەتداشتەك ئۆتكەن قىز
كاپىرغا قىز بەرمەيمىز،مەنسەپنى چوڭ بىلمەيمىز
مۇسۇلماننى ياراتماي دىنسىز بىلەن يۈرگەن قىز
«ساراڭمىدۇ ئىپارخان؟ مەختۇمسۇلا نۈزۇك قىز؟»
چۈشەنمەيسىز ئەجەپ ھە، ئۇچتە ھەمراھ بولغان قىز
ئەخلاقىنى ئاڭلاپلا بىر كۆرۈشۈپ ئالغان بىز
سىناپ بىقىپ ئاندىن ئال دەپ بازارغا كىرگەن قىز
سىناشمايمۇ ئۆي تۇتۇپ نەۋرە كۆرگەن ئاشىق بىز
چۈشەنمەيسىز ھەرگىزمۇ سىناپ دامغا چۈشكەن قىز
ئەلچى يوللاپ يالۋۇرۇپ ئاران خوتۇن ئالغان بىز
زەھەر ئىچىپ ئۆلىمەن ئالمىساڭ دەپ يۈرگەن قىز
ئالتۇن زەنجىر ئەپ بىرىپ ئاندىن كىين سۆيگەن بىز
كۈتۈپ تۇرماي ئەلچىنى ئەر ئالدىغا بارغان قىز
قول ئۇچىنى توتمايمىز نىكاھسىز گۈل قۇچمايمىز
پوپوتاڭغا گول بولۇپ بارلىقىنى تۇتقان قىز
خوتۇن ئەۋلاد ئانىسى پاكىز خوتۇن بەختىمىز
ئۈنۈپ قالسا قىردۇرۇپ ئوستا بولۇپ كەتكەن قىز
گۈۋا قىلىپ ئاللاھنى خوتۇن ئالغان ئەركەك بىز
ئىگە بولۇپ ياشايمىز نازۇك بىزلەر سۆيگەن قىز
نەسلى ھالال بۇغراخان چىن تۆمۈرگە قانداش بىز
چىكىشلىرى پاپىروس ،ئەجنەبىگە مىھمان قىز
يۈرگەن يامان تەككەندىن دەپقۇ تولا ئاڭلايمىز
نەچچە ئەرگە مۇھەببەت باغلاپ يەنە سالتاڭ قىز.
مەنبە : ساقىيە چۈش تەبىر تورى