باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 523 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ھەدىسلەردىكى پاساھەت مۆجىزىسى
arslantikin
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8805
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 90
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە90دانە
ئۆسۈش: 570 %
مۇنبەر پۇلى: 1296 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-30
ئاخىرقى: 2011-10-06
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-11 10:02

ھەدىسلەردىكى پاساھەت مۆجىزىسى

ھەدىسلەر اللھ نىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قىلغان ۋەھىيسى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ۋەھىيلەرنى اللھ ئۇنىڭغا خاس قىلغان پەيغەمبەرلىك سۆزىگە ئايلاندۇرۇپ ئىپادىلىگەن. رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن ئىدى:“ماڭا پاساھەتلىك سۆزلەر بېرىلگەن“ يەنە بىر سۆزدە ئۇ مۇنداق دېگەن ئىدى:“بىلىڭلاركى ماڭا قۇرئان كەرىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا تەڭ نەرسە بېرىلدى“، اللھ ئۆز پەيغەمبىرىگە خاس ئاتا قىلغان پەيغەمبەرلىك سۆزلىرى باشقا ئىنسانلارنىڭ سۆزلىرىگە ئوخشىمايدۇ.
ئەرەبلەر ئۆز تەبىئيتىدە يارتىلغان بالاغەت - پاساھەت خۇسۇسىيەتلىرىگە كۆرە، ئەرەب تىلىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىپادىلەيدىغان مىللەت بولۇپ، ئۇلاردىن سۆزدە كامالەتكە يەتكەن شائىر ئەدىبلەر چىققان. بىراق ئۇلارنىڭ يۇقىرى تىل ماھارىتى بەزىدە ئەيىب نوقسانلاردىن خالى بولمايتى ياكى ئايرىم ۋاقىتلاردا تىل خاتالىقلىرى كۆرۈلۈپ تۇراتتى، كۆپلىگەن ئەرەبلەرنىڭ سۆزلىرىدە تۈرلۈك نۇقسانلار ياكى سۆزنى تېخىمۇ كۆركەم، گۈزەل بايان قىلىشقا ئۇرۇنۇشتىن كېلىپ چىقىدىغان بىھۇدە مۇبالىغىلەر ئۇچرايتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ باشقا خەلىقلەرگە نىسبەتەن تىل ماھارىتى ناھايىتى ئۈستۈن ئىدى.
ئىنسانلاردىكى تىل ماھارىتى ۋە سۆز ھۇنىرى قانچە يۇقىرى دەرجىگە يەتكەن تەقدىردىمۇ ئەيىب - نۇقسانلاردىن خالى بولمايدىغانلىقى ئېنىق. ئەرەبلەر تىل ۋە سۆز ماھارىتى جەھەتتە باشقا خەلىقلەردىن كۆپ تەرەققى قىلغان مىللەت ئىدى.
اللھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى پۈتۈن ئالەمگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتى، ئۇ تىل ماھارىتى ناھايىتى يۇقىرى سانىلىدىغان ئەرەبلەردىن ئىدى. اللھ تائالا بۇ ئەلچىسىگە ھەر قانداق خاتالىقلاردىن خالى ۋە ئەيىب - نۇقسانسىز، الاغەت - پاساھىتىنىڭ يۇقىرى چېكىگە يەتكەن سۆزلەرنى ئىلھام قىلدى. بۇنداق سۆزلەرنى ئەرەبلەرنىڭ ئەڭ ناتىقلىرىمۇ ئەپلەشتۈرەلمەيتتى.
پەيغەمبەر ھەدىسلىرىدە قىسقا توختىلىش ئەۋزەل بولىدىغان چاغلاردا سۆزنى سوزۇۋىتېش ياكى تەپسىلى توختالسا بەدېئى ئىپادىلىنىدىغان ئورۇنلاردا سۆزنى قىسقارتىش ئەھۋاللىرى قەتئى كۆرۈلمەيدۇ. شۇنداقلا ھەدىسلەردە مەقسەتنى تەسۋىرلەشتىكى مۇناسىب مىقداردىن كەم - ئارتۇق كېتىپ سۆزنىڭ ئىپادىلەش گۈزەللىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەھۋاللارنىمۇ ئۇچراتمايمىز.
دېمەك، ھەدىسلەر باشقا ھەرقانداق سۆزلەرنى بېسىپ چۈشىدىغان مۇكەممەللىكە ئىگە.
پەيغەمبەر ھەدىسلىرىنى تەتقىق قىلغۇچىلار ھەدىسلەرنىڭ مۇنداق ئۈچ ئاساسقا قۇرۇلغانلىقىنى بايقايدۇ:
مۇكەممەللىك: پەيغەمبەر ئەلەھىسسالامنىڭ سۆزلىرى بارلىق ئەرەب ناتىقلىرىغا نىسبەتەن پاساھەت - بالاغەتنىڭ نادىر ئۆلگىسىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تىل قۇرۇلمىلىرى ۋە ئىستىمالىنى بارلىق كشىلەردىن تولۇق بىلگەن، ئەرەب تىلىنىڭ دېئالېكت - شىۋىلىرىنىمۇ ئەڭ ياخشى بىلگەن، يات سۆزلەر ۋە ئارخائىزىملارنىمۇ تولۇق ئاجرىتىپ تونۇيالايتتى. ئۇنىڭ سۆزلىرىگە كەمچىللىك دارىمىغان ۋە ئىپادىلەش ئۇسلۇبىدا خاتالىق مەۋجۇد بولمىغان ئىدى. بەلكى ئۇنىڭ سۆزلىرى پاساھەت - بالاغەتنىڭ يۇقىرى چىكىگە يەتكەن ۋە بۇنداق دەرجىگە باشقا ھىچقانداق سۆز ئۇستىسى نائىل بولمىغان ئىدى.
يىغىنچاقلىق: مەنىنى ئىپادىلەشتىكى كەمچىلىكسىز ئىخچاملىققا قارتىلغان.
راۋانلىق: بۇ سۆزلەرنىڭ ئۆز جايىدا مەنىنى راۋان ئىپادىلەپ تۇرۇش، چەكلىك ساندىكى سۆزلۈكلەرنى كەم - زىيادىسىز ھالدا مەزمۇن تەقەززاسىغا ئۇيغۇن رەۋىشتە تەبئى قۇراشتۇرۇشقا قارتىلغان.
پەيغەمبەر ھەدىسلىرىدە مەزكۇر ئاساسلار تولۇق بولغاچقا، چۈشىنىكسىزلىكتىن ۋە خاتالىقلاردىن تامامەن خالى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەدىسلەرنىڭ ناھايىتى پاساھەتلىك ئىكەنلىكىنى ۋە ئىپادىلەش قۇرۇلمىسىنىڭ مۆجىزۋىيلىكىنى كۆرىمىز.
ھەدىسلەردىكى تىل ئۇسلۇبىمۇ مۆجىزلىك شەكىلدە بولغانلىقتىن، ھەر بىر دەۋرىدىكى كىشىلەر ھەدىسلەرنىڭ مەلۇم تەرىپىدىن ئۆزلىرىگە لايىق بىلىملەرگە ئىگە بولالايدۇ، ئىنسانىيەت ئىلىملىرى تەرەققى قىلغانسېرى ھەدىسلەرنىڭ يەنە باشقا سىرلىرى كشىلەر ئالدىدا نامايەن بولۇپ، بۇرۇنقىلار بىلمىگەن تەرەپلەرنى بايقىشىدۇ. ھالبۇكى، ھەدىسلەرنىڭ سۆزلۈكلىرى ئۆز پىتى ساقلانغان، ئەمما ئۇلارنىڭ مەنىلىرى ئاخىرقى چېكىگە يەتمەستىن، يېڭى - يېڭى مەقسەت - مەزمۇنلىرىنى نامايان قىلغان ھالدا بىپايان دېڭىزدەك مول سېخىيلىقلىرىدىن بەھرىمەن قىلىپ تۇرىدۇ، چۈنكى ھەدىسلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇنياغا ئەۋەتىلگەندىن تارتىپ، يەرشارىنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىگىچە ئىنسانلار ئۈچۈن ئۆز بۇرىچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پاساھەتلىك سۆزلىرى اللھ تائالانىڭ ئىنايىتىدىن كەلگەنلىكىدە شەك يوق. ھەممىگە مەلۇمكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېچقاچان ئەرەبلەر ئارىسىدا بىلىم ئۆگنىش پۇرسىتىگە ياكى ئەرەب قەبىلىلىرىدىن تىل ماھارىتىنى سستېملىق ئۆگىنىش ۋە ئۇلارنىڭ دىئالېكت - شىۋىلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىش پۇرسىتىگە ئېرشەلمىگەن. ئۇ ئوقۇش ۋە يېزىشتىن خەۋرى يوق ئىدى.
مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ، ئۇ كشىلەر ئارسىدىكى ئەڭ پاساھەت - بالاغەتلىك تىلغا، مول ئىلىمگە، ئەرەب يېرىم ئارلىنىڭ ھەر قايسى رايۇنلىرىدىكى ئەرەبلەرنىڭ دىېئالىكت - شىۋىلىرىدىن تولۇق مەلۇمەتفا ئىگە ئىدى. بۇلار شۇنى تەكىتلەيدۇكى، پەيغەمبەر ھەدىسلىرى اللھ نىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ۋەھىيلىرى ياكى اللھ پەقەت ئۇنىڭغىلا خاس ئاتا قىلغان ئىلھاملىرىدىن ئىبارەت.
ھەر بىر ئىنساننىڭ سۆز ئۇسلۇبى ئۇنىڭ روھىي ۋە پىسخىك ساغلاملىق ھالىتىگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. بىر كىشىنىڭ كۆڭلى خاتىرجەم ھالىتىدە قىلغان سۆزى بىلەن، تەسىرلەنگەن ۋە غەزەبلەنگەن چاغدىكى سۆزى ئوخشاش چىقمايدۇ. قايغۇ ھالىتىدىكى سۆز ئۇسلۇبى بىلەن خۇشاللىق ھالىتىدىكى ئۇسلۇبى، كېسەللىك ۋاقتىدىكى سۆز ئۇسلۇبى بىلەن ساغلام ھالىتىدىكى سۆز ئۇسلۇبىمۇ ئوخشاشمايدۇ. دېمەك ساغلاملىق ۋە پىسخىكىلىق ئەھۋالنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا قاراپ ھەر ئىنساننىڭ سۆز ئۇسلۇبى باشقىچە بولىدۇ.
بىراق، رەسۇل ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنىڭ بەدېئى سەۋيە ئۈستۈنلۈكى ئۇنىڭ سالامەتلىك ھالىتىدىمۇ، كېسەللىك ھالىتىدىمۇ، نورمال ياكى غەزەبلىك چاغلىرىدىمۇ بىر خىللىقنى ساقلاپ تۇرغان. رەسۇلۇللاھمۇ بىر ئىنسان بولغاچقا، ئۇنىڭ بەدىنىدە سالامەتلىك - كېسەللىك ئەھۋاللىرى يۈز بېرەتتى، روھي دۇنياسىدا نورماللىق - ئاچچىقلىنىش، خۇشاللىق ۋە قايغۇ يۈز بېرەتتى. بۇنداق ئەھۋالارنىڭ ھەممىسىدە ئۇ يەنىلا بۈيۈك پاساھەت بالاغەتلىك سۆز سەۋىيسىنى ساقلاپ، ھەدىسلەر ئۇنىڭ مۇبارەك ئاغزىدىن راۋان ھەم تەرتىپلىك گۈزەل ئىبارىلەر بىلەن، بەدېئى ھەم كۆركەم خاس ئۇسلۇبى بىلەن گۆھەرلەرنى چاچاتتى…
ئەگەر بىز پەيغەمبەر ھەدىسلىرىنىڭ پاساھىتى بىلەن قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ پاساھىتىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولساق، ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى روشەن پەرقنى بايقايمىز. پەيغەمبەر ھەدىسلىرى ئەرەب تىل ماھىرلىرىنىڭ ئۇسلۇبىدا چىققان ئىنسان سۆز پاساھىتىگە تەئەللۇق، لېكىن پۇتۇن ئەرەبلەردىكى تىل ماھىرلىرىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پاساھىتىگە يېقىنلىشالمىغان، شۇنداقتىمۇ ھەدىسلەرنىڭ ئىنسان سۆزى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايىمىز.
قۇرئان كەرىمنىڭ بەدېئى ئۇسلۇبىغا كېلىدىغان بولساق، بىز ئۇنىڭ ئىنسان قولىدىن كەلمەيدىغان ئىلاھى مۆجىزە ئىكەنلىكىنى چۇڭقۇر ھېس قىلىمىز.
بىز باشتا دەپ ئۆتكەنلىرىمىزگە كۆرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرىدىن ئازراق مىسال كەلتۈرەيلى.
رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن:“ئەمەللەر نىيەتلەرگە باغلىق، ھەر بىر ئىنسان نىيىتىگە يارىشا نەتىجە كۆرىدۇ“ . ”ھالال ئېنىق، ھاراممۇ ئېنىق، ئۇ ئىككىسىنىڭ ئۆتتۇرسىدا شۈبھىلىك نەرسىلەر بار“ . ”ھەر قانداق مەس قىلغۇچى نەرسە ھاراقتۇر، ھەر قانداق ھاراق ھارامدۇر“.
ئىمام ئەھمەد ئۆزىنىڭ ”مۇسنەد“ توپلىمىدا ئەبۇ زەردىن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:“يولدا پۇتلاشقان نەرسىنى ئېلىۋەتسەڭ سەدىقە ھېسابلىنىدۇ، كىشىلەرگە سالام بەرسەڭمۇ سەدىقە ھېىسابلىنىدۇ، ياخشىلىققا بۇيرىغىنىڭ سەدىقە، يامانلىقتىن توسقۇنىڭمۇ سەدىقە ھېسابلىنىدۇ، ئايالىڭ بىلەن جۈبلەشكىنىڭمۇ سەدىقە ھېسابلىنىدۇ“ ئەبۇ زەر مۇنداق دەيدۇ، بىز: ئى رەسۇلۇللاھ! بىرسى ئايالى بىلەن كۆڭۈل ئاچسىمۇ بۇ ئۇنىڭغا سەدىقە ھېسابلىنامدۇ؟ دەپ سورىدۇق، رەسۇلۇللاھ جاۋابەن:“شۇنداق دەپ باققىنچۇ، ھارام بىلەن كۆڭۈل ئاچسا ئۇنىڭغا گۇناھ بولمامدۇ؟“دېدى، بىز:شۇنداق گۇناھ بولىدۇ، دەپ جاۋاب بەرگەندۇق، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى:“شۇڭا ئەگەر بىرسى ھالال جۇپتى بىلەن كۆڭۈل ئاچسا بۇ ئۇنىڭغا سەدىقە ھېسابلىنىدۇ“.
ئەئرابيلاردىن بىرى رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ:ئى رەسۇلۇللاھ، ھاياتىمغا كېرەكلىك بىر نەچچە سۆز ئۆگىتىپ قويغىن، كۆپ سۆز قىلما، ئۇنتۇپ قالىمەن، دېگەندە، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا:“غەزەبلەنمىگىن “ دېگەن ، ئۇ كىشى بىر سائەت ئويلانغاندىن كېيىن، بارلىق يامانلىقلار غەزەبلىنىشتىن كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى چۈشەنگەن .
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى ئۆز قېرىنداشلىرىغا سالام بىرىشكە ۋە سالام بەرگەنلەرگە ”ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام“ دەپ جاۋاب قايتۇرۇشقا بۇيرىغان. يەھۇدىلار مۇسۇلمانلارنىڭ قېشىدىن ئۆتۈپ، ئۇلارغا:“ئەسسامۇ ئەلەيكۇم “ (سام - نەپرەت ۋە ئازاب تىلەش مەنىسىدە) دېيشەتتى. ساھابىلەر بۇنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا يەتكۈزۈپ، يەھۇديلارغا نېمە دەپ جاۋاب قايتۇرسا بولىدىغانلىقىنى ئۇنىڭدىن سورىغاندا، ئۇ مۇنداق دېگەن: ئۇلار“ئەسسامۇ ئەلەيكۇم“دېگەن چاغدا، ئۇلارغا ”ۋە ئەلەيكۇم ”دەڭلار“.
ئىمام ئەھمەد ئەبۇ بۇردەدىن ئۇ دادسىدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ:“يەھۇديلار رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇلارغا“يەرھەمۇ كەللاھ(1) ”دىيىشنى ئۈمىد قىلىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا يالغاندىن چۈشكۈرەتتى، رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا:“يەھدىيكۇمۇللاھۇ ۋە يۇسلىھۇ بالەكۇم(2)“دەيىتتى.
رەسۇل ئەلەيھىسسالام سۆزنى مەقسەت مىقدارىدىن ئارتۇق ئۇزارتىۋېتىشنى ياقتۇرمايتتى. بىر ئادەم ئۇنىڭ ئالدىدا سۆزلەپ ناھايىتى ئۇزارتىۋەتكەندە، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا :“تىلىڭنى نەچچە قات نەرسە توسۇپ تۇرىدۇ؟“دېگەن، ئۇ كىشى :ئىككى كالپۇكۇم بىلەن چىشلىرىم، دېگەندە، رەسۇلۇللاھ:“اللھ سۆزنى ئۇزۇن قىلىشنى ياقتۇرمايدۇ، سۆزنى ئىخچام قىلىپ، مەقسىدىنى ئۇقتۇرغان ئادەمنىڭ يۈزىنى اللھ نۇرلاندۇرسۇن!“ دېگەن.
رەسۇلۇللاھدىن باشقا ھېچقانداق بىر ئىنسان زاتىنىڭ ئاز سۆزلۈكلەر ئارقىلىق كەڭ مەنانى مۇكەممەل ئۇسلۇبتا مۇرەككەبلەشتۈرۈۋەتمەستىن ۋە كۈچىمەستىن تولۇق ئىپادىلەپ بېرىشى كۆرۈلمىگەن ئىش.
رەسۇلۇللاھ ھېچبىر ناتىق - سۆز ماھىرىدا كۆرۈلمىگەن مۇشۇنداق ئالاھىدىلىكلەرنىڭ يىگانە ئىگىسى بولۇپ، پۇتۇن ئەرەبلەر ئىچىدىكى نادىر ئۆلگىنى تىكلىگەن ئىدى، ئۇ گوياكى تىل مەملىكىتىنىڭ پادىشاھى ئىدى، سۆز دۇردانىلىرى ئۇنىڭغا سىرلىرىنى ئاشكارىلاشقا مەجبۇر ۋە بالاغەت - پاساھەت تىزگىنلىرىنى تاپشۇرۇشقا مەھكۇم بولغان ئىدى.
رەسۇل ئەلەيھىسالام ئۇزۇن ۋاقىتلار سۈكۈتتە بولاتتى ۋە ھاجەت بولمىغان ئەھۋاللاردا گەپ قىلمايتتى، قاچانىكى گەپ قىلىدىغان بولسا، باشقا كىشىلەرگە ئوخشاش ئاغزىغا ئۇدۇل كەلگىنىچە سۆزلىمەيتتى، بەلكى پۇختا، تەپسىلى ۋە ئېنىق مەزمۇنلۇق سۆزلەرنى قىلاتتى، ئۇنىڭ سۆزلىرى تەرتىپلىك، پۇختا ۋە كۆركەم خۇسۇسىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرۈپ ئېيتىلغاچقا، بىرەر ئادەم ئۇنىڭ دانە - دانە سۆزلىرىنى دېيىلۋاتقان چاغدا سانايمەن دېسە قىينالماي سانىيالايتتى.
رەسۇل ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:“سىلەرنىڭ بىرىڭلار مېنى ئۆزى، مال - مۈلۈكى ۋە بارلىق يېقىن تۇققانلىرىغا قارىغاندىمۇ ئارتۇقراق ياخشى كۆرمىگىچە، ئۇنىڭ ئىمانى مۇكەممەل بولمايدۇ“. بۇ چاغدا ئەبۇ بەكرى:“ئى رەسۇلۇللاھ، گۇۋاھلىق بېرىمەنكى مەن سىزنى ئۆزۈمدىن، مال - مۈلكۈمدىن ۋە بارلىق يېقىن تۇغقانلىرىمدىنمۇ ئارتۇق ياخشى كۆرىمەن“دېگەندە ، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا:“ئى ئەبۇ بەكرى سېنىڭ ئىمانىڭ مۇكەممەل بولدى“دېگەن. ئۆمەر كېلپ:“ئى رەسۇلۇللاھ، اللھ بىلەن قەسەمكى، مەن سىزنى  مال - مۈلكۈمدىن ۋە بارلىق يېقىن تۇغقانلىرىمدىنمۇ ئارتۇقراق ياخشى كۆرىمەن ”بىراق ئۆزەمدىن ئارتۇقراق ياخشى كۆرۈش مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدىغان ئىش“دېگەندە رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە دېمىدى، ئىككىنچى كۈنى ئۆمەر قايتا كېلىپ رەسۇلۇللاھ بار سورۇندا:“ئى رەسۇلۇللاھ، گۇۋاھلىق بېرىمەنكى مەن سىزنى ئۆزۈمدىن، مال - مۈلكۈمدىن ۋە بارلىق يېقىن تۇغقانلىرىمدىنمۇ ئارتۇق ياخشى كۆرىمەن“دېگەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا:“ئەمدى بولدى، ئۆمەر!“دېگەن. رەسۇل ئەلەيھىسسالام بۇ بىر ئېغىز سۆزلا ئارقىلىق باشقىلا ئونلىغان سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەيدىغان مەنىنى ئۇقتۇرغان.
پەيغەمبەر ھەدىسلىرىنىڭ سۆزلىرى پۇختا ۋە تەپسىلى بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن بىرلا ھەدىسنى مىسالغا ئالايلى!:“مۆمىنلەر ئۆز ئارا سۆيگۈ، ئۆز ئارا مېھرىبانلىق ۋە ئۆز ئارا كۆيۈنۈشلىرىدە بىرەر ئەزاسى ئاغرىپ قالسا، قالغان ئەزالىرى ئۇيقۇسىز بىئارام بولۇپ قىزىپ چىقىدىغان پۈتۈن بىر بەدەنگە ئوخشايدۇ“.
بۇنداق پۇختۇلۇق ۋە تەپسىلىيەتنى بىز قۇرئان كەرىمدىكى بۇ ئايەتتىنمۇ كۆرەلەيمىز:“ئاياللار بىلەن ئۈنسى - ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن، (اللھ نىڭ) ئۇلارنى ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا ( يەنى ئەر - خوتۇن ئارىسدا) مېھرى - مۇھەببەت ئورناتنقانلىقى اللھ نىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان ) ئالامەتلەردىندۇر، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن شەك - شۇبھىسىزكى بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار“، (رۇم سۈرىسى، 21- ئايەت).
ئايەتتىكى ئەسلى مېھرى - مۇھەببەت سۆزىنىڭ تەرتىبى يوقىرىدا ئۆتكەن ھەدىستىكى تەرتىپ بىلەن ئوپمۇ - ئوخشاش كەلگەن. دېمەك، كۆيۈنۈش بولغاندا ئاندىن رەھمىدىللىق بولىدۇ.
رەسۇلۇللاھدىن، ئى رەسۇلۇللاھ، جەننەتتىكىلەرمۇ ئۇخلامدۇ؟ دەپ سورالغان چاغدا، ئۇ جەننەتتىكىلەر ئۇخلىمايدۇ، دەپ جاۋاب بەرمەستىن، ئاڭلىغۇچلار دەرھال  قانائەت تاپىدىغان مۇستەھكەم دەلىلگە ئاساسلانغان ھەقىقەتنى مۇنداق بايان قلىغان:“ئۇيقۇ ئۆلۈم بىلەن بىر تۇققان، جەننەتتە ئۆلۈم يوق“.
بىز رەسۇلۇللاھنىڭ سۆز گۈزەللىكى ھەققىدە ھەر قانچە توختالساقمۇ، پەقەت دېڭىزنىڭ بىر تامچىسىدەكلا ئىنتايىن ئاز بىر تەرپىنى يورۇتۇپ بىرەلىشىمز مۈمكىن. رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزلىرىدىكى گۈزەللىكنىڭ چېكى يوق بولغاچقا، بىز ئۇنى تولۇق بىلىپ يېتىشتىن ئاجىزلىق ھېس قىلىمىز ۋە بۇ مىقداردا توختايمىز. رەسۇل ئەلەيھىسسالامغا مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدىغان دۇئايى - سالاملىرمىز بولغاي!
——
(1) – بۇ چۈشكۈرگىچىلەرگە قارىتا ئېيتىلىدىغان“ئاللاھ سىزلەرگە رەھمەت قىلسۇن“ مەنىسىدىكى دۇئادىن ئىبارەت.
(2) – بۇ سۆزنىڭ مەنىسى:“ئاللاھ سىلەرنى ھىدايەت قىلسۇن، ئەھۋالىڭلارنى ئىسلاھ قىلسۇن“..
مەنبە ئىسلام ئاۋازى تور بېتى
arslantikin
مەن پەقەت ئۆزۈم ۋە پەرزەنتلىرىمگىلا مەسئۇل!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 403
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە403دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 430 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-23
ئاخىرقى: 2011-10-19

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !