باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 593 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: سۈبھىدىكى قوياشقا سالام
ياخشى ئادەم كۆپ
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 900
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 461
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە461دانە
ئۆسۈش: 7160 %
مۇنبەر پۇلى: 8753 سوم
تۆھپىسى: 17 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
گۇرۇپپا: kangsay
تىزىملاش: 2010-08-08
ئاخىرقى: 2012-01-08
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-10 11:19

سۈبھىدىكى قوياشقا سالام

 
ئابدۇشۈكۈر راشىدىن
(نەرسىي شىئېر)
قەلبىم قەسرىدە نۇرلۇق بىر سىماھ،  ئۇ بولسىمۇ مۇئەللىم -  –ئېلاھ.
بەكمۇ ئۇزۇن ئۇزۇندىن بۇيان، كۆڭلۈمدە بىر سىماھ ئورنى بىپايان، ھەر كۈي مىسرا-تېنىقلىرىمدا ، بىر خىسلەتنى قىلىپ نامايان، بىر ھېكمەتنى قىلىدۇ بايان.
 شۇندىن بۇيان قەلبىم كۆكىدە، مۇئەللىم ئىسمىڭنى قىلغاندا زىكرى، يىلىنجاپ يانىدۇ قوياشتەك بىر ئوت، كۈۋەجەپ ئاقىدۇ بىر ئەزىم دەريا، يېقىشلىق سۆيىدۇ بىر ئىللىق شامال، ۋىلىقلاپ كۈلىدۇ  كۆكتە يۇلتۇزلار ، بۈ قانداق كۈي  ئېيتقىنا ئانا؟  ئېيتقىنا سۆيۈملىك كۈلگۈنچەك دۇنيا؟
سۈبھىدەمدىن رەڭدار لەگلەكتەك، قانات قېقىپ چىققان قايسى قۇش؟ قاچان ساڭا تىل چىقتى تاغلار، قاچان ساڭا تىل چىقتى جىرا، قاچان ساڭا تىل چىقتى باغلار،قاچان نېسىپ بولدىكىن ساڭا،  بۇنداق ئېسىل ناخشىنى ئوقۇش؟ شۇ ناخشىنىڭ ھەر بىر كۈيىدە، ئۇستاز ئۈچۈن ھەدىيە توقۇش! بۈ قانداق كۈي  ئېيتقىنا ئانا؟  ئېيتقىنا سۆيۈملىك كۈلگۈنچەك دۇنيا؟
مۇئەللىم ، تەرىپىڭنى قىلغانچە قانچە،  ئۇلغايماقتا مۇھەببەت شۇنچە، گۈل رەڭگىدە نازلىنىپ دۇنيا، كۆرۈنمەكتە بېلى مۈكچەيگەن، ئاپئاق چاچلىق چاللارمۇ بەرنا. ئايلانماقتا كۆز ئالدىمىزدا، ئالمىچىلىك ئالەمگە دۇنيا. بۈ قانداق كۈي  ئېيتقىنا ئانا؟  ئېيتقىنا سۆيۈملىك كۈلگۈنچەك دۇنيا؟
مۇئەللىم، زىكرى قىلسام نامىڭنى قانچە، سۆيۈنىدۇ يۈرىكىم شۇنچە. چۈنكى سەن بار قوياشلىق ئالەم، چۈنكى سەن بار ئادەمدەك ئادەم. چۈنكى سەن بار ئالەمدەك ئالەم.چۈنكى سەن بار بېخىللار ھاتەم.  بۈ قانداق كۈي  ئېيتقىنا ئانا؟  ئېيتقىنا سۆيۈملىك كۈلگۈنچەك دۇنيا؟
مۇئەللىم، سۈبھىدىكى ئوتلۇق قوياشقا ، ئوخشاپ كېتەر سېنىڭ يۈرىكىڭ، ئوخشاپ كېتەر قوياش نۇرىغا، بىزدىن كۈتكەن ئۈمىد-تېلىكىڭ. بۈ قانداق كۈي  ئېيتقىنا ئانا؟ ئېيتقىنا سۆيۈملىك كۈلگۈنچەك دۇنيا؟

ئەسكەرتىش:ئاپتۇرنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بۇ تېما يوللاندى.

تور بەت ئادرىسىنى بىۋاستە بىسىپ كىرىڭ !
مەن پەقەت ئۆزۈم ۋە پەرزەنتلىرىمگىلا مەسئۇل!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 423
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە423دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 640 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-23
ئاخىرقى: 2012-01-08

بۇ تېما شۇنچە كۆپ كۆرۈلگەن بولسىمۇ بىر ئىنكاس چۈشمەپتۇ ، سەۋەبى : 1 - جۈملە چوڭ گۇناھقا مايىل .
مەن ئېيتۇرمەن : يالغۇز بىر ئاللاھ تىن باشقا ھېچ مەبۈد بەرھەق يوقتۇر ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ نىڭ ئەلچىسى ۋە بەندىسىدۇر ؛ جېمى ھەمدۇ سانا ئالاملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ قا خاستۇر !
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
ئۇستازلارنى ھۆرمەت قىلىمەن ، ماختىشىڭلارغىمۇ قارشى تۇرمايمەن ، بىراق پەرۋەردىگارغا شېرىك كەلتۈرۈشۈڭلارنى قوبۇل قىلالمايمەن .