ئەسلى مەن بۇ تىمىغا قارىتا سۈكۈت قىلاي دىگەن ئىدىم .لىكىن ئازراق سوزلەپ قوياي. (ياخشىلار باغچىسى)ناملىق كىتاپنىڭ ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق دىگەن بابىدامۇنداق بىر ھەدىس كەلتۈرۈلگەن. موئمىنلەرنىڭ ئانىسى بولغان ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا دىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق دىيىلگەن .(پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەبىگە ئۈرۇش قىلغىلى كەلگەن بىر توپ ئەسكەر كەڭرى زىمىنغا كەلگەن چاغدا ئۇيەردە تۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ھالاك بۇلۇپ كىتىدۇ دىگەندە.ئائىە ئانىمىز ئى رەسۇلۇللا قانداقسىگە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھالاك بۇلىدۇ ،ئۇيەردە بازارغا سودا سېتىق ئۈچۈن چىققان ،ئۇرۇش قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن ئەمەس ،بىگۇناھ كىشىلەرمۇ بار تۇرسا ؟دەپ سورىغان ئىكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلار ھالاك بولغاندىن كىيىن ئەمەللىرىگە ئاساسەن قوپۇرلىدۇ .يەنى مۇسۇلمان بۇلۇپ ھەق يولىنى تۇتقان بولسا جەننەت ئەھلى قاتارىدا قوپىدۇ .ئەگەردە ئۆز خاھىشى بويىچە ياشىغان بولسا دوۋزاخ ئەھلى قاتارىدا قوپىدۇ )دىگەن ئىكەن قېرىنداشلار. بىزنىڭ بۇ يەردە بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۈلۈمى ئۈچۈن ھەيران بولىشىمىز ئەخمەقلىق ھىساپلىنىدۇ.كىم بىلىدۇ ،كۇندە جاي-جايلاردىكى ئۇيغۇرلاردىن قانچىسى ئۈلدى ۋە قانچىسى ئۈلۈش ئالدىدا تۇرۋاتىدۇ.بىزمۇ بارىمىز بىر كۈنلەردە ئەپسۇسلىنارلىق يىرى بىزدىن سەللا بۇرۇن كىتىپ قاپتۇ شۇ. شۇڭا ئەڭ توغرىسى ئىننە لىللاھى ۋە ئىننە ئىلەيھى راجىئۇن.