ئانا يۇرت رۇمانىدا ،ئۆزنىڭ باتۇرلىقى بىلەن كۆپلىگەن ئۇرۇشلاردا زور خىزمەت كۆرسەتكەن زىخرۇللام نادىروف ئىسىملىق بىر باتۇر يىگىت تىلغا ئېلىنىدۇ .
يىقىندا خەنزۇچە تور بەتتە، بۇ قەھرىمان يىگىتنىڭ ئەسلى سۈرتىنى ئۇچىرتىپ قالدىم ،
تورداشلارنىمۇ بۇ قەھرىمان يىگىتنىڭ ئەسلى سىماسىنى كۆرسۇن دەپ بىر تىما قىلىپ يوللاپ قويدۇم .
زىخرۇللامىنىڭ تۇلۇق تەرجىمھالى زاھىر ساۋدانوفنىڭ << دىھقان ئوغلى >> ناملىق ئەسلىمىسىدە بار .
خەنزۇچە توردا بىرىلگەن زىخرۇللامنىڭ تەرجىمھالى .
ئاۋۇ ئاستىدىكى زىخرۇللامنىڭ سىزما سۈرىتى .
那得诺夫·孜赫柔拉1924_1962
那得诺夫·孜赫柔拉 那得诺夫·孜赫柔拉,维吾尔族。战斗英雄。新疆伊宁人。1944年参加新疆伊犁民族军。1945年在解放精河战斗中,用手榴弹炸毁国民党政府军据守的碉堡。身身重伤,仍坚持战斗,为部队进攻扫清道路。获民族军特等战斗英雄称号。1950年出席全国战斗英雄代表会议。后在军教导营学习。1956年后,任新疆军区生产建设兵团农场干事、保管员。1962年去世
ئۇيغۇرچە بەتتىكى زىخرۇللامنىڭ تەرجىمھالى .
1945- يىل 9- ئاينىڭ 8-كۈنى جىڭغا ئومۇمىيۈزلۈك ھۇجۇم باشلاش
پىلانلاندى، جىڭنى ئېلىش ئۈچۈن باجىياخۇنى ئېلىش زۈرۈر
ئىدى.7-كۈنى باجىياخۇئۇرۇشى باشلاندى. دۈشمەن پوتەيگە تايىنىپ
غالجىرلارچە قارشىلىق قىلىۋاتاتتى. شىددەتلىك ئوق
پارتىزانلىرىمىزنى ئېغىر چىقىمغا ئۇچراتماقتائىدى، دۈشمەن
پوتەيلىرىدىن ئېتىلىۋاتقان پىلىمۇتلار ھۈجۇمغا ئۆتكەن يىگىتلەرنى
كەينى-كەينىدىن يىقىتماقتائىدى، جىغان-تىكەنلەر يەربېغىرلاپ
ماڭغان جەڭچىلەرنىڭ يۈز-كۆزلىرىنى تىلغاپ قانغا بويىۋىتەتتى،
قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇ ئاچقۇچلۇق پەيىتتە تۆتىنجى پولك بىرىنجى
باتالىئۇندىن كوماندىر زىخىرىللا نادىروف،ئابدىكىرىم، تاھىر
ھامۇت، ئابدۇللا مامۇت قاتارلىق تۆت جەڭچى:«پوتەيلەرنى بىز
پارتىلىتايلى» دەپ قاتتىق تەلەپ قىلىدۇ ۋە ئابدىكىرىم، سىيتوپ
قاتارلىقلار زىخىرۇللا نىڭ يىتەكلىشىدە پوتەي پارتىلىتىشقا
تەستىقلىنىدۇ. يىگىتلەر بەللىرىگە گىراناتلارنى تۈگۈپ دۈشمەن
پوتىيى تەرەپكە سىلجىدى، پوتەيىگە ئاز قالغان زىخرۇللا تەپسىلى
كۈزۈتۈپ دۈشمەن پوتەي ۋە پوتەيدىكى ئوت كۈچى ئەھۋالىدىن ئاددى
بىر خېرىتە سىزىپ ،سىيتوپقا بىرىپ كۇماندىرغا دوكلات قىلىشقا
بۇيىرىدى، سىيتوپ خېرىتىنى ئېلىپ ئەمدىلا ئۆمۈلەپ مېڭىشىغا
دۈشمەن پوتىيىدىن چىققان ئوقتىن يارلىنىپ شۇيەردىلا يتىپ
قالدى.دۈشمەن يىگىتلىرىمىزنى بايقاپ قالغاندى، دۈشمەن ئوقلىرى
شىددەت بىلەن ئېتىلىشقا باشلىدى، يەنەبىر يىگىت- موزدوز ئوغلى
غۇپۇرجان گىراناتنىڭ يىپىنى تارتىپ دۈشمەنگە ئاتاي دېگەن
شۇسىكونىتتا ئۇنىڭ پىشانىسىغىلا ئوق تەگدى، گىرانات پىژىلداپ
پىرقىراپ ئۇنىڭ يېنىغا چۈشتى-دە پارتىلاپ كەتتى، يىگىت قۇربان
بولدى. زىخىرىللانىڭ قۇلىقىغا يەنە بىر يىگىتنىڭمۇ «ۋاي...»
دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. زىخىرىللا ئۈزى يالغۇزلا قالغانىدى،
ئۇنىڭ غەزىپى قەسەمگە ئايلاندى،ئۇ ئۈزىلا پوتەينى پارتىلاتماقچى
بولدى-دە، دەرھال ئالغا ئىلگىرلەپ ماڭدى، ئۇنىڭ قۇلاق تۈيىدە
دۈشمەن ئوقلىرى ۋىژىلداپ ئۈتەتتى. بىرىنجى پوتەينىڭ كۈلىنى
كۆككە سورىۋەتتى، پوتەيدىن كۈتۈرۈلگەن چاڭ-تۇزاننىڭ دالدىسىدا ئۇ
ئىتتىك ئىلگىرلىدى، ئەمما باشقا پوتەيلەردىن ئېتىلىۋاتقان ئوق
ئۇنىڭ يېنىدىلا ۋىژىلداپ تۇپا تۇزۇتۇپ تۇراتتى. ئۇنىڭ بېشىنى
كۈتۈرگىدەكمۇ پۇرسەت بولمايۋاتاتتى. پوتەينى پارتىلاتماي
قىسىمنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
ئۇ:«يائۈلۈم، ياكۈرۈم، ئانا، مەندىن رازى بول!» دەپ يەربېغىرلاپ
ئىككىنجى پوتەيگە تېز-تېز ئىلگىرلىدى. ئىككىنجى پوتەيمۇ
پارتىلىدى. شۇچاغدا ئۇ ئۈچۈنجى پوتەيدىكى دۈشمەننىڭ پوتەيدىن
چىقىپ قاچماقچى بۇلىۋاتقىنىنى كۈرۈپ قالدى-دە، گىرانات بىلەن
ئىككى دۈشمەننى يەرچىشلىتىپ، قالغىنىنى پوتەيگە قوغلىۋەتتى ۋە
دەرھال پوتەي ئىچىگە ئاخىرقى گىراناتنى تاشلىدى، ئۈزىمۇ يارلىنىپ
يېتىپ قالدى، دۈشمەن ئۇنىڭ يارلانغىنىنى كۈرۈپ ئۇنى تىرىك قولغا
چشۈرمەكچى بۇلۇپ پوتەيلىدىن يۈگۈرۈپ چىقتى، سەزگۈر زىخىرۇللا
قۇللىرى بىلەن ئاپتۇماتنى قاماللاپ ئۇلارنى ئوققا تۇتتى، ئىككى
دۈشمەن يەرچىشلىدى، يەنە ئىككى دۈشمەن پوتەيگە قېچىپ كىرىۋالدى.
ئەمما زىخىرۇللادىن قان كۆپ چىقىپ كەتكەچكە كۆزلىرى
قاراڭغۇلاشماقتائىدى. ئۇنىڭ بىرپۇتىغا ئوق تەگكەن بۇلۇپ، قۇم
ئۇنىڭ قېنى بىلەن بۇيالماقتا ئىدى. پوتەيدىكى دۈشمەنلەر قىسىمنى
قاتتىق ئوققا تۇتماقتائىدى، زىخىرۇللا چىشىنى چىشلەپ بىرپۇتىنى
سۆرەپ پوتەي ئىچىگە كىردى، ئىككى دۈشمەن ئۇنىڭ كىرگىنىنىمۇ
سەزمەي پىلىمۇت ئاتماقتائىدى، زىخىرۇللا مىلتىقنىڭ پاينىكى بىلەن
بىرىنىڭ قۇلاق تۈۋىگىلا قاتتىق بىرنى قويدى، دۈشمەن ئوڭدىسىغا
چۈشتى، يەنە بىرسى زىخىرۇللانى كۈرۈپ ئۇنىڭغا ئېتىلدى، زىخرۇللا
بىرپۇتى بىلەن ئۈرە تۇرۇپ، دۈشمەننىڭ كانىيىدىن قاماللاپ
تۇتىۋالدى. پىلىمۇتنىڭ توختىغىنىنى كۆرگەن جەڭچىلەر يىتىپ كىلىپ
پوتەيگەكىرگەندە ، زىخىرۇللا قانسىزلىنىپ ھۇشسىز ياتقىننى كۆردى،
سەبداشلار ئۇنىڭ قۇلىنى ئۈلۈك دۈشمەننىڭ كانىيىدىن تەستە
ئاجراتتى. پوتەيلەرنىڭ ئارقا-ئارقىدىن بىتچىت قىلىنىشى بىلەن
قىسىم تىزدىن ھۇجۇمغا ئۆتتى. زىخىرۇللا دوختۇرخانىدا داۋالىنىپلا
يەنە ئالدىنقى سەپكە بېرىلۋالدى.
زىخىرۇللانادىروفنىڭ قەھرىمانلىق ئىش-ئىزلىرى بىراقلا پۈتۈن
پولىككە تارقالدى، قىسىمدىكىلەر ئۇنىڭ ھۇجۇمغا ئۈتۈشكە يول
ئاچقانلىقى ئۈچۈن ئالاھىدە كىلىپ رەھمەت بىلدۈردى. ئۇنىڭ
ئۇرۇشتىكى جان پىدالىق رۇھى، چىچەن سەزگۈرلىكى، غەيرەت- غۇرۇرى
پۈتۈن قىسىمغا تارقالدى. زىخىرۇللا نادىرف كۈرەش قەھرىمانى دېگەن
شەرەپلىك نامغا نائىل بولدى.
ئازاتلىقتىن كىيىن، 1951-يىلى زىخىرۇللا نادىروف كۈرەش قەھرىمان
بۇلۇپ، مەملىكەتلىك قەھرىمانلار ئۇچرۇشۇش يىغىنىغا باردى.
شۇنداق، 44-45-يىلدىكى ئۇرۇشتا يەنە نۇرغۇن قەھرىمانلار ئۈزىنىڭ
غۇرۇرى ۋە باتۇرلىقى بىلەن تىللاردا داستان بولدى، ئۇلارنىڭ
ئىچىدە يەنە نۇرغۇن قىز-يىگىتلىرىمىز باتۇرلارچە قۇربان بولدى.
ئۇلار پەقەت ۋە پەقەت بىرلاقېتىم كىىلىدىغان ھاياتىنى كۈرەشكە
بېغىشلىدى، كۈزىگە ئەجەل كۈرۈنۈپ تۇرسىمۇ يەنە يامغۇردەك
ئېتىلىۋاتقان دۈشمەن ئوقلىرىغا دادىل يۈزلىنەلىدى، بۇخىل
باتۇرلىق رۇھى ۋە ئاشۇ باتۇرلار بىزنىڭ غۇرۇرىمىز، بىز
شۇلاربىلەن پەخىرلىنىمىز، ئۇلارنى سېغىنىش ئىچىدە كىيىنكىلەرگە
يەتكۈزۈش قەرزىمىز بار. ئاشۇ قەھرىمانلارئىچدە بەزىلەرنىڭ ھەتتا
بىرەرپارچە سۈرىتىمۇ قالمىدى. قۇربان بولغانلارنىڭ بەزىللىرىنىڭ
ئاتا-ئانىسى، باللىرى تېخى خەۋەرسىز ئۇلارنى قايتىپ كېلىدۇ دەپ
تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتەتتى، خۇددى ۋاقىتسىز توزۇپكەتكەن غۇنچە،
قەھرىمان قىز رىزۋانگۈل قۇربان بولغاندا ئۇنىڭ ئۇچۇق قالغان
چولپان كۆزلىرى ئارمان بىلەن قېتىپ قالغانغا ئوخشاش، ئاشۇ
مىڭلىغان قۇربانلارنىڭ ئوچۇق قالغان كۆزلىرىدە ئۇلارنىڭ يەنە
نۇرغۇن ئارزۇ-ئارمانلىرى باربولغىيتتى؟ گەرچە ئۇلارنىڭ
ئارزۇ-ئارمانلىرى قانغا بۇيالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنى تارىخ
ئۇنۇتمايدۇ ، كىيىنكى ئەۋلاتلار سېغىنىش ئىچىدە ئەسلەيدۇ.
كىيىنكى ئەۋلاتلار ئاتا-بوۋىللىرىنىڭ قەيسەرلىكىدىن ماختىنىدۇ ۋە
يەنە ئەۋلاتلىرىغا ھېكايە قىلىپ بىرىشىدۇ. مانابۇتارىخ.
ئاخىرقى پاجىئە:
داڭلىق يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلىدا
ئېلان قىلىنغان «كەچكۈز» نامىلىق نادىر پوۋېستىدا، كۈرەش
قەھرىمانى زىخىرىللا نادىروۋنىڭ كىيىنىكى تەقدىرى بىلەن
تۇنۇشقىلى بۇلىدۇ. بۇ پوۋېستتا، قەھرىمان زىخىرۇللانىڭ ئاتالمىش
«مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى» مەزگىلىدە سىياسى زىيانكەشلىككە
ئۇچراپ، مەلۇم دېھقانچىلىق مەيدانىغا چۈشۈرۋىتىلگەنلىكى، گەرچە
ئېغىر ئەمگەك ۋە قىيىن تۇرمۇشتا قاتتىق قىينالغان بولسىمۇ ،ئەمما
ئۇنىڭ شۇيەردىمۇ قىلچە ئۆكۈنمەي، تىرىشىپ ئىشلىگەنلىكى، ئەمما
ئېغىر كېسەلگە موپتىلا بۇلۇپ، كېسىلىنى داۋالىتىشقا رۇخسەت
قىلىنمىغاچقا، كۈڭۈلسىز كەچكۈزنىڭ يامغۇر شارقىراپ يېغىۋاتقان
بىر كۈنى، ئېغىر كېسەل بىلەن داۋالىنىشتىن مەھرۇم قالغان بۇ
باتۇر قەھىرىماننىڭ شال كۈچۈرگەن ئېتىزدىكى پېتىققا مىلىنپ
يېتىپ، ئۈزى ئازات قىلىش ئۈچۈن قان كىچىپ جەڭ قىلغان ئاشۇ
زىمىندا1962-يىلى ئۈن- تىنسىزلا ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى تەسۋىرلىنىدۇ ۋە
ئۇقۇرمەننى قاتتىق ئازاپقا قۇيۇدۇ. (زوردۇن سابىرنىڭ «كەچكۈز»
نامىلىق بۇ داڭلىق پوۋېستى «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلىنىڭ
90-يىللارنىڭ باشلىرىدىكى سانلىرىدا ئېلان قىلىنغان بۇلۇپ، بۇ
ئەسەر ھەقىقەتەنمۇ كىشنىڭ قەلبىنى زىلزىلىگە سالغىدەك نادىر
ئەسەر).
مىللى ئارمىيىدىكى قەيسەر-باتۇر قىز-ئۇغۇللارغابولغان يۈكسەك
سېغىنىش ۋە لىرىك كۈيلەر مەڭگۈ داۋاملاشقۇسى.
[ بۇ يازمىنىقاراخان0998 2011-09-09 16:32قايتا تەھرىر ]