باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 763 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: دۇنياغا نەزەر
دوستلىشىش
samanyoli
ھەربىر قىيىنچىلىقنىڭ  كەينىدە بىر ئاسانچىل ..
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1230
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1230دانە
ئۆسۈش: 5590 %
مۇنبەر پۇلى: 16284 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2011-10-19
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-08 23:26

دۇنياغا نەزەر

لىۋىيەدە كوچىلار قوراللار بىلەن توشۇپ كەتتى. قەززافى قىسىملىرىنىڭ چېكىنىشى بىلەن بىرلىكتە مۇداپىئەسىز ھالغا چۈشۈپ قالغان قورال ئىسكىلاتلىرى خەلقنىڭ بولاڭ – تالاڭ قىلىشىغا ئۇچرىدى. نۆۋەتتە لىۋىيەدە كىچىك بالىلارمۇ ناھايىتى ئاسانلا قورالغا ئىگە بولالايدۇ. بۇ ئەھۋالمۇ ئەندىشىلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولماقتا.
قورال – ياراغلارنىڭ بۇ قەدەر ئوچۇق – ئاشكارا كېڭىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ۋاقىتلىق مىللىي كېڭەش ئىجازەت كىنىشكىسى بېجىرىشكە باشلىدى.
قوراللار تىزىمغا ئېلىنىپ، ئېلىپ كەلگۈچىلەرنىڭ يېنىدا ساقلىشىغا رۇخسەت بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، كىچىك بالىلارنىڭمۇ قورال ساقلاش رۇخسىتىنى ئالالىشى دىققەتنى تارتماقتا.
تىرابلۇس كوچىلىرى قوللىرىدا قورال كوتۈرۈۋالغان كىشىلەر بىلەن تولۇپ تاشقان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر، پۇقرالارنىڭ بۇنچىلىك ئاسان قوراللارغا ئىگە بولۇشىنىڭ ئېغىر خەۋپلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ۋە كەلگۈسىدە بۇ قوراللارنى يىغىۋېلىشنىڭ ئېغىر مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرماقتا.




پەلەستىن دائىرىلىرى، مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) غا ئىلتىماس سۇنۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بولسا، ئىسرائىلىيە تەرىپى گويا بىر ئۇرۇشقا ھازىرلىق قىلماقتا.
پەلەستىن تېلېۋىزىيەسى ۋە پەلەستىن ئاۋازى رادىيوسى، پەلەستىن دۆلىتىنى ئېلان قىلىش تەشەببۇسىنى قوللاش ئۈچۈن سەپەرۋەرلىككە كەلدى.
سەپەرۋەرلىك پائالىيتىىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ئۆتكەن يىلى ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە پەلەستىن دۆلىتىنى قوللاپ قىلغان سۆزلىرىدىن پايدىلىنىلدى.
پەلەستىن تەرەپ بۇ خىل تەييارلىقلارنى قىلىۋاتقان بولسا، ئىسرائىلىيە گويا بىر ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلغاندەك تەييارلانماقتا.
ئۈچىنچى قېتىملىق قوزغىلاڭ ۋە ئەرەب باھارىنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا رايوندا ئومۇمىيۈزلۈك بىر ئۇرۇشنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
ئىنتايىن تەپسىلىي پىلانلار بىلەن ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىسرائىلىيە، ئەڭ ئىلغار قوراللىرىنى ئۇردۇن (ئىئوردانىيە) دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە باشقا پەلەستىن رايونلىرىدا ئىشلىتىشكە ھازىرلىق كۆرمەكتە.
ئىسرائىلىيە، رايون قالايمىقانلىشىپ كەتكەن تەقدىردە، نۆۋەتتە تەلىم – تەربىيە كۆرۈۋاتقان 7 مىڭ 500 زاپاس ئەسكەرنىمۇ ھەرىكەتلەندۈرۈشنى پىلانلىماقتا.





سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقنى باستۇرۇش ۋە بېسىم قىلىش سىياسىتى داۋاملاشماقتا.
تانكىلارنىڭ ھېمايىسى ئاستىدا ھۇمۇس شەھىرىگە كىرگەن بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ئۆيلەرگە قارىتىپ قالايمىقان ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە، 14 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئەسكەرلەر ھۇمۇس شەھىرىدىن باشقا نۇرغۇنلىغان شەھەرلەدىمۇ ئۆي ئاختۇرۇپ، تۇتقۇن قىلىش ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا.
خەۋەرلەردە، بەششار ئەسەدنىڭ خەلققە قارىتىلغان باستۇرۇش سىياسىتى ئارمىيە ئىچىدە بىزارلىق كەيپىياتىنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
سۈرىيەدىكى چەت ئەل دىپلوماتىيە مەنبەلىرى، ھازىرچە ئەسكەرلىكتىن قاچقانلار سانىنىڭ ئارمىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكەت كۈچىگە تەسىر قىلىشتىن يىراق بولسىمۇ، ئەمما كۈنسېرى يۇقىرى ئۆرلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى نامايىشلار باشلانغان مارت ئېيىدىن بۇيان ئارمىيەدىن قاچقان ئەسكەرلەر سانىنىڭ 700 گە يەتكەنلىكىنى ۋە بۇ ئەسكەرلەرنىڭ قوشنا دۆلەتلەرگە قاچقانلىقىنى قەيت قىلماقتا.
خەلقئارا جەمئىيەتلەرنىڭ بەششار ئەسەدنى بالدۇرراق ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى چاقىرىقلىرىمۇ داۋام قىلماقتا.
ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باش كاتىپى نەبىل ئەل ئەرەبىنىڭ دەمەشىققە قىلىدىغان زىيارىتى ئەھۋالنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى سەۋەبى بىلەن شەنبە كۈنىگە كېچىكتۈرۈلدى.
ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسى باشلىقى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئانتاليا پارلامېنت ئەزاسى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، سۈرىيەدە يۈز بېرىۋاتقان كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان ۋەزىيەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەنچىلىكلىرىنىڭ دېموكراتىك ئىسلاھاتلارغا تايانغان سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جۇپپې، سۈرىيەدە خەلققە قارىتىلغان زوراۋانلىقلارغا ئىنسانىيەتكە قارشى قىلىنغان جىنايەت دەپ باھا بەردى ۋە رۇسىيەنى ب د ت دا دەمەشىق ھاكىمىيىتىگە قارشى يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارنى قوللاشقا چاقىردى.




تۇركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئىسىرائىلىيە بىلەن تۈزۈلگەن ھەربىي كېلىشىملەر مەسىلىسىدە ئىسىرائىلىيەنىڭ دۇرۇستىلىقىنى كۆرەلمىگەنلىكلىرىنى ئېيتتى.
باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «خەلقئارالىق كېلىشىملەردە شەرىپىمىز ۋە غۇرۇرىمىزنى ھېچكىمنىڭ دەپسەندە قىلىشىغا يول قويمايمىز» دېدى.
ئىسىرائىلىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ رېمونتىنى قىلىپ تۈركىيەگە ئەۋەتىپ بەرمىگەنلىكىنى قەيت قىلغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇنداق دېدى: «بۇ ئەخلاققا ئۇيغۇنمۇ؟ بىرى بىلەن ئوتتۇرىڭىزدا زىددىيەت بولۇشى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمەسلىكىڭىز مۇمكىن. ئەمما، خەلقئارا كېلىشىمنامىلەردە سودا ئەخلاقى بار. پىرىنسىپلارغا بويسۇنۇشىڭىز كېرەك. شۇنى ئېيتاي، بۇنىڭ بەدىلى قانچىلىك ئېغىر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئانچە ئېتىبار قىلىپ كەتمەيمىز. مۇھىم بولغىنى، شەرىپىمىز ۋە غۇرۇرىمىزنى ھېچكىمنىڭ دەپسەندە قىلىشىغا يول قويمايمىز. بۇنىڭ بەدىلى ناھايىتى ئېغىر بولىدۇ.»





ئىران سۈرىيە پىرېزىدېنتى بەششار ئەسەدنى ئاگاھلاندۇردى.
ئىران پىرېزىدېنتى مەھمۇت ئەھمەدى نىجات، بەششار ئەسەدنىڭ نامايىشچىلارنى باستۇرۇشنىڭ ئورنىغا ئۆكتىچىلەر بىلەن مۇرەسسەلىششى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
ئەھمەدى نىجات پورتۇگالىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «مەسىلىلەر دىيالوگ يولى بىلەن ھەل قىلىنىشى لازىم» دېدى.
ئۇ سۆزىدە، سۈرىيەنىڭ دىيالوگ، يارىشىش ۋە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ئېھتىياجىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، رايوندىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ياردەم قولىنى سوزۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە، ناتونىڭ لىۋىيەگە قىلغان ھەربىي مۇداخىلىسىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دەمەشىققە قارىتىلغان ھەر قانداق بىر ھەربىي ھەرىكەتكە قارشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئىران ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا ۋە ئىسىرائىلىيەنى سۈرىيەدە بىر قانچە ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلارنى كۈشكۈرتۈش بىلەن ئەيىبلىسە، غەرب دۆلەتلىرى ئىران ھۆكۈمىتىنى نامايىشچىلارغا زوراۋانلىق قوللانغان بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوللاش بىلەن ئەيىبلىمەكتە.



نېگىر ھۆكۈمىتى 7-سېنتەبىر پايتەخت نىئامېيدا ئۆتكۈزۈلگەن كابىنېت مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، كازافى نېگىر تەۋەسىدە ئەمەس، نېگىر تەۋەسىگە كەلگەن لىۋىيە پۇقرالىرىنى بىز ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن قارشى ئالىمىز، دېدى.
ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلدى: نېگىر ھۆكۈمىتى لىۋىيە ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلدى، نېگىرنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەدبىرلەرنى قوللاندى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا لىۋىيە ئۆكتىچىلىرى-«مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتى» بىلەن يېقىندىن ھەمكارلاشتى.
ئاخباراتتا شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بەزى تاراتقۇلاردا ئېيتىلغان تەخمىنەن 200 ئاپتوموبىلدىن تەركىب تاپقان كالون نېگىر تەۋەسىگە كىردى دېگەن خەۋەرلەر ئىنكار قىلىندى، بۇندىن ئىلگىرى تۆت ئاپتوموبىلدا 18 كىشى نېگىر تەۋەسىگە كىردى، بۇنىڭ ئىچىدە بەش كىشى نېگىر پۇقراسى دېدى.



كازافى 8-سېنتەبىر باش ئورگىنى سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقتە تەسىس قىلىنغان «جامائەتچىلىك» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئۈنئالغۇلىق سۆز قىلىپ، «مېنى قوشنا دۆلەت نېگىرغا قېچىپ چىقىپ كەتتى دېگەن خەۋەرلەر پىسخىكا ئۇرۇشى ۋە يالغان گەپ» دېدى. يېقىندا خەلقئارا قۇتقۇزۇش يۈك پاراخوتلىرى كەينى-كەينىدىن لىۋىيەنىڭ پايتەختى تىرىپولى پورتىغا يېتىپ باردى. ئەمما تىرىپولىدا ئاساسلىق ئاشلىق، بالىلار سۈتى ۋە تىببى دورا بۇيۇملىرى يەنىلا كەمچىل بولماقتا.
پورتنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى مۇنداق دېدى: پورتتا  ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى يەنىلا تۆۋەن، ئەمما تەدرىجىي ئەسلىگە كەلمەكتە. نۆۋەتتە پاراخوت شىركىتى لىۋىيەنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ۋە پاراخوتلارنىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتى ۋە باھانىڭ ئۆرلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا، شۇڭا تىرىپولى پورتىدىكى پالىئەتلەرنىڭ ئەسلىگە كېلىشى بىر قەدەر ئاستا بولماقتا.



مىسىرنىڭ قاھىرە سوتىنىڭ باش سوتچىسى ئەخمەت رىفات تۈنۈگۈن، مىسىر قوراللىق قىسىملىرى ئالىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى تانتاۋى قاتارلىق كۆپلىگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ كېيىنكى ھەپتە مىسىرنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى مۇبارەك دېلوسى توغرىسىدىكى سوتىدا ئىسپات بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
بۇ يىل 83 ياشقا كىرگەن مۇبارەك 2-ئاينىڭ 11-كۈنى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ھەرىكىتىدە پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن. 8-ئاينىڭ 3-كۈنى تۇنجى قېتىم قاھىرە سوتىدا سوراق قىلىنغان، ئۇ نامايىشچىلارنى قوراللىق باستۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈش ۋە چىرىكلىشىش قاتارلىق ئەيىبلەشلەرگە ئۇچرىدى.


جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى لى باۋدوڭ تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: تىنچلىقنى قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا سۆزلىشىش ۋە سۆھبەتلىشىشنى ئېلىپ بېرىش ئىران مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك، ئۇزۇن مۇددەتلىك، مۇۋاپىق ھەل قىلىشتىكى بىردىنبىر يول بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن.
لى باۋدۇڭ شۇ كۈنى خەپسىزلىك كېڭىشى ئىراننى جازالاش كومىتېتىنىڭ خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئىران «يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسى»نى تۈزگەن دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، يادرو ئېنېرگىيەسىدىن تىنچ پايدىلىنىش ئەركىنلىكى بار، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئالاقىدار خەلقئارا مەجبۇرىيەتكە ئەمەل قىلىش كېرەك. ئىران بىلەن خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇپ ۋە كۈچەيتىپ، ھەل بولمىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىران يادرو پىلانىنىڭ تىنچلىق ئۈچۈن ئىكەنلىكىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ھەر بىر قىيىنچىلىقنىڭ كەينىدە بىر ئاسانچىلىق  بار
AYATLIK,BIR KURAX
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4058
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1276
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1276دانە
ئۆسۈش: 4410 %
مۇنبەر پۇلى: 16016 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2011-10-08


دوستلىشىش
ohho~duqu
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5343
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 278
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە278دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 2936 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-30
ئاخىرقى: 2011-10-18
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-09 14:25

رەسىم:
man kangsay azasian