ئىزلەپ كىتىۋاتىمەن،ئۇزۇن ۋاقىت بولدى،تاپتىم ئەمما مىنى تونىدىيۇ -لىكىن مەندىن قاچتى،گىپمگە كىرمىدى،ئۆيدىن چىققان چاغدا داداممۇ بىللە چىققان ،ئەمما يىرىم يولدا ئۇ ئۆلۈپ كەتتى،ئۆلۈش ئالدىدا ئۇ ماڭا ،،قانچىلىك بەدەل تۆلىسەڭمۇ مەيلى،ئۇنى قايتۇرۇپ ئەسلىگە ئەكەل،بولمىسا مەن سەندىن رازى ئەمەس دىگەن ئىدى،دادامنىڭ دىگىننى قىلمىسام ماڭا گۇناھ يىزىلاتتى،باشتا ئىزلەشنى سەھرادىن باشلىدىم،يوق بولۇپ چىقتى،شەھەرلەرگە كىرىپ كىتىپتۇ،ئىزلەپ شەھەرگە كىردىم، باركەن،ئاران تەستە تونۇدۇم، ياغلقىنى ئارتقىلى ئۇنىمىدى،ئىشتان بىلەن ئۇزۇن كۆينەكنى بىشمغا ئاتتى،مىنى باشقىلار ئىتتىرىپ چىقىرىۋەتتى،يەنە ئىزلەپ باردىم، يوقكەن چوڭ شەھەرگە قىچىپ كىتىپتۇ،يولدا مىڭ جاپالار بىلەن تۇرۇشلۇق يىرىگە باردىم،-ئەسسالام دىسەم (سا)دەيدۇ،نىخاۋنى ئۆگىنىپتۇ،بۇنىڭغۇ يامىنى يوق،چىچى تىخىمۇ قىسقىراپ بىنەپشە رەڭدە بويىلىپ كىتىپتۇ،ئىشتنى تىزغىمۇ ئۇلاشماپتۇ،ئوچۇق يەرلىرى يىپىق يەرلىرىدىن كۆپكەن،مىھمان كۈتىدىكەن،ئىچىدىكەن،چىكىدىكەن،ئۆزگىرىپ كىتىپتۇ،بەكلا ئۆزگىرىپ كىتىپتۇ،شاپاق دوپپام كۆزىگە سىغماپتۇ،چىرايى خۇنۇكلىشىپ كىتىپتۇ،شۇندىمۇ تونۇدۇم،جىق-جىق گەپ قىلدىم، ھەدىستىن سۆزلىدىم،ھىكىمەتلەردىن نەقىل كەلتۈردۈم،يىغلىدىم،ئۇردۇم،تىللىدىم،پۇل بەردىم،پايىدىسى بولمىدى،ئامالسىز كەتتىم،يەنە گەپ ئاڭلايدىغان بىرىنى تىپىش ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلاندىم،بۇ قىتىم باشقىدىن غەيرەتكە كەلدىم،ھىيتنىڭ تۈنجى كۈنى تاپتىم،يۇرت-مەھەللە ئەھلى جامائەتنىڭ سالىمنى ،ئاتا-ئانىسىنىڭ سىغىنىشىنى ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ ينىپ كىلىشنى ئۆتۈنگەنلكىنى قايتا-قايتا دىدىم،يەنىلا شۇ ھاڭۋىقىش-گاڭگىراش بىلەن ئۈن-تىنىسىز تۇرىۋەردى،ئاڭغىچە تىلىنى مەن ئۇخمايدىغان خوجايىنى چاقىرىۋىدى كىرىپ كەتتى،يەنە قۇرۇق قول ياندىم، غەزەپلەندىم،ئەمما سەۋىرى قىلىپ يەنە ئامال تاپتىم،يىنىپ كىلىپ ئانىسىنى بىللە ئىلىپ باردىم،ئانىسى تونۇيالمىدى،مەن تونۇتقۇزدۇم، يىغلىشىپ كۆرۈشتى،تاماق قىلدى،بىر مۇنچە پاراڭلارنى سىلىشتۇق،ئانىسى بىللە كىتىشكە زورلىدى، ئۇ يەنىلا ئۇنىمىدى،قەرزى بارلقىنى دىدى،ئانا يىغقانلىرىنى بىرىپ قەرزنى تۆلىدى،كىرانى مەن تۆلەپ ياندۇرۇپ كەلدۇق،ئەپسۇس!!! بىر ئاي بولا-بولمايلا يەنە يوقاپ كەتتى،يەنە ئىزلەپ باردىم،شۇ كونا ئۇۋىسىغا كىرىۋاپتۇ،بۇ قىتىم مەس ئىكەن،ئوڭشالغىچە ساقلىدىم، ئوڭشالغان ئىدى بىز گە ئوخشىمايدىغان ئەمما ئادەم ئاتىلىدىغان بىرى بىلەن ياتاققا ماڭدى،ئالدىنى توسۇپ يالۋۇردۇم،يىغلىدىم،بولمىدى،ئۇ مىنىڭ خوتۇنۇم ياكى سۆيگىنم،ئاپام -ئاچام-سىڭلىممۇ ئەمەس ئىدى،بىراق ئۇيغۇر قىزى ئىدى،ئىمانى -ئىنساۋى،غۇرۇرى-نۇمۇس تۇيغۇسى نەگە كەتكەندۇ ،تاپالسام ئەكىلىپ ئۆز ئورنىغا سىلىپ قوياي دەپ ئىزلەپ ماڭدىم،ئىزلەپ كىتىۋاتىمەن،بولسا كىچىككىنە ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ بىللە ئىزلىشىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن،مەندىن يانمىسا خۇدادىن يانار،ساۋابى بولار،دۇكاندىغۇ ساتمايدىغاندۇ،مەن ئىزلىگەن ئۇ نەرسىلەر ھەممىزدە بار،سىزمۇ ياردەم قىلىڭ ،بۇنى قەرز-ھەم پەرز بىلىڭ،يەنە شۇنىڭبىلەن بىرگە ئۆيدىكىلەرنىڭمۇ ئىش-ئىزىغا كۆڭۈل بۆلۈپ قويۇڭ،بولىسا ئۇلارمۇ يۈتتۈرۈپ قويۇپ سىزنى يەنە غەمگە سالمىسۇن،مەن ئىزلىگەن نەرسىلەرنى كۆپەيتسىڭىز كۆپەيتىڭكى ھەرگىزمۇ كاملىتىپ قويماڭ،يەنە ئىزلەپ ماڭدىم، بۇقىتىم ئۇ قىزنى ئەمەس بەلكى ئۇ قىز يۈتتۈرۈپ قويغان نەرسىلەرنى،مانا كەمەك ھەييارنىڭ خورجۇننمۇ بىللە ئىلىۋالدىم، بۇ خورجۇنغا دوپپىدىن تارتىپ ياغلققىچە ئىشقىلىپ ئاتا-بوۋىمىز ئۇلۇغ مومىمىز كىيگەن ھەممە كىيىملەرنى سىلىۋالدىم،چۆلگە چىقتىم،پادىچى بۇزۇلماپتۇ،ئۇنىڭدىن ئازراق ئالدىم،ئاندىن بىر دىھقاننىڭ ئۆيىگە كىردىم ئۇنىڭدىمۇ باكەن،ئۇمۇ بەردى،بىر يەرلىك تۇخۇم ساتىدىغان مومايدىمۇ باركەن،ئۇمۇ بەردى،يەنە بىر بوۋاي باكەن ئۇنىڭدا جىق باكەن،ئۆمۈر بويى يۇغلاپتىكەن،ھەممىنى بىرىپ ئۇ ئالەمگە كىتىپ قالدى،ھەممىنى ئىلىپ ماڭدىم ،ئەمدى بايلاردا-سودىگەرلەردە ئىشچى-خىزمەتچىلەردە ھەرخىل كەسىپتىكلەردە قالدى،مەن يالغۇز يىغىپ بولالمايمەن،سىلەرمۇ ياردەملىشىپ يىغىپ بىرىڭلار،مەن تارقىتىپ بولالمايمەن،سىلەرمۇ تارقىتىپ بىرىڭلار،بۇ نەرسە دەل بايا دىگەن نەرسە ،ئىمانى -ئىنساۋى،غۇرۇرى-نۇمۇس تۇيغۇسى ئىدى،قانداق ئەھلى -جامائەت قىلغىلى بولارمۇ،ياردەم قىلىڭلار،ئەمىسە مەن يەنە ئىزلەپ كىتىۋاتىمەن..مەنبە:قۇرۇق خيالىم،بوران114 يەكەن،