ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
«سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەرگە (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا) ۋە سىلەرگە اﷲ غا تەقۋادارلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلدۇق» ئايىتىنى نازىل قىلغان جانابى ئاللاھقا ھەمدۇ ئېيتىمەن. «سىلەرگە ئاللاھدىن قورقۇشقا، بۇيرىقىنى ئاڭلاشقا ۋە ئىتائەت قىلىشقا نەسىھەت قىلىمەن» ھەدىسى ئارقىلىق نەسىھەت قىلغان ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۇئا ۋە سالام يوللايمەن.
تەقۋالىق ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ۋە بۇيرىغانلىرىنى بىجانىدىل ئۇرۇنداش، توسقانلىرىدىن يىراق تۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ ئىنساننى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەختلىك قىلىدۇ.
ئىبادەت، مۇئامىلە، ئەدەب- ئەخلاق ۋە ھاياتنىڭ باشقا ساھەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئوخشاش بولمىغان تېمىلاردىكى بۇ قىممەتلىك ئىسلامىي نەسىھەتلەرنى ئۆزىگە پايدىلىق نەرسىلەرنى ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن مۇسۇلمان ياشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىمىز. جانابى ئاللاھنىڭ بۇ نەسىھەتلەرنى ئاڭلىغان ۋە ئۇقۇغانلارغا مەنپەئەتلىك قىلىپ بېرىشىنى، بۇنى يازغان، تارقاتقان ۋە بۇلارغا ئەمەل قىلغان كىشىلەرنىڭ ئەجىر ۋە ساۋابلىرىنى قاتمۇقات زىيادە قىلىپ بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. «بىزگە ئاللاھ كۇپايە، ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى ھامىي!»
نەسىھەتلەر تۆۋەندىكىچە:
1 - نىيىتىڭنى ئاللاھقا خالىس قىلغىن، سۆز ۋە ھەرىكەتلىرىڭدە رىيادىن ساقلانغىن.
2 - ئەدەب- ئەخلاق، گەپ-سۆز ۋە يۈرۈش- تۇرۇشلىرىڭنىڭ ھەممىسىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگەشكىن.
3 - ئاللاھتىن قورققىن، بۇيرىغان بارلىق ئىشلىرىنى ئادا قىلىشقا، توسقان ھەممە ئىشنى تاشلاشقا بەل باغلىغىن.
4 - ئاللاھقا سەمىمىي رەۋىشتە تەۋبە قىلغىن، كۆپلەپ ئىستىغپار ئېيتقىن.
5 - ئاللاھ تائالا پۈتۈن ھەرىكەت ۋە سۈكۈناتلىرىنڭنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر، بىلگىنكى، ئاللاھ سېنىڭ سۆزلىرىڭنى ئاڭلاپ، قەلبىڭدە يۇشۇرغانلىرىڭنى بىلىپ تۇرىدۇ.
6 - ئاللاھقا، پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا، پەيغەمبەرلىرىگە، ئاخىرەت كۈنىگە ۋە ياخشىلىق- يامانلىقنىڭ تەقدىر بويىچە بولىدىغانلىقىغا ئىمان ئېيتقىن.
7 - باشقىلارنى قارىغۇلارچە دورىمىغىن، ماقۇلجان بولمىغىن.
8 - ياخشى ئىشلارنى بىرىنچى بولۇپ قىلىۋېلىشقا تىرىشقىن، ساۋابقا ئېرىشىسەن ۋە سەندىن ئۆگىنىپ ئۇ ئىشنى قىلغانلارنىڭ ساۋابىغىمۇ نائىل بولىسەن.
9 - «ياخشىلارنىڭ باغچىسى» ۋە «زادۇل مەئاد» قاتارلىق كىتابلارنى ئۆزەڭمۇ ئوقۇغىن ۋە ئائىلەڭدىكىلەرگە ئوقۇپ بېرىشكە ئادەتلەنگىن.
10 - تاھارەت بىلەن يۈرۈشكە ۋە ئۇنى يېڭىلاپ تۇرغىن، ھەمىشە نىجاسەت ۋە ناپاك نەرسىلەردىن يىراق تۇرغىن.
11 - نامازلىرىڭنى - خۇسۇسەن بامدات ۋە خۇپتەننى- دەسلەپكى ۋاقىتىدا جامائەت بىلەن مەسچىتتە ئادا قىلىشقا ھېرىسمەن بول.
12 - ئۆزەڭگە ۋە مۇسۇلمانلارغا ئەزىيەت بەرمەسلىك ئۈچۈن سامساق ۋە پىيازغا ئوخشىغان پۇرىقى ناچار نەرسىلەرنى يىمىگىن، تاماكۇ چەكمىگىن.
13 - تېگىشلىك ئەجىرگە ئېرىشىش ئۈچۈن جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇشنى چىڭ تۇتقىن.
14 - پەرز زاكاتنى ئادا قىلغىن، ئۇنى زاكات ئېلىشقا ھەقلىق كىشىلەرگە بىرىشتە بېخىللىق قىلمىغىن.
15 - جۈمە نامىزىغا بۇرۇن بارغىن، ئىككىنچى ئەزان چىقىپ بولغاندىن كېيىن بېرىشتىن ھەزەر ئەيلىگىنكى، گۇناھكار بولۇپ قالمىغىن.
16 - ئاللاھنىڭ ئىلگىرى- كېيىنكى گۇناھلىرىڭنى مەغپىرەت قىلىشى ئۈچۈن، رامىزان روزىسىنى ئاللاھتىن ساۋاب ئۈمىد قىلغان ھالدا تۇتقىن.
17 - رامىزان كۈنلىرى شەرئىي سەۋەبىڭ بولماستىن روزىنى بۇزۇشتىن ھەزەر ئەيلىگىن، چۈنكى ئۇنداق قىلساڭ گۇناھكار بولۇپ قالىسەن.
18 - ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىڭنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشى ئۈچۈن رامىزان كېچىلىرى، بولۇپمۇ شەبى قەدىر كېچىسى ئاللاھتىن ساۋاب ئۈمىد قىلغان ھالدا ئىبادەتكە تۇرغىن.
19 - تاقىتىڭ يېتىدىغانلا بولسا ھەج ۋە ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بەيتىگە بېرىشقا ئالدىرىغىن، كېچىكتۈرۈشتىن ساقلانغىن.
20 - قۇرئان كەرىمنى مەنىلىرىنى ھەققىدە ئويلانغان ھالدا ئوقۇغىن، قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھۇزۇرىدا سەن ئۈچۈن ھۆججەت ۋە شاپائەتچى بولۇشى ئۈچۈن بۇيرىغانلىرىنى ئادا قىلغىن، توسقانلىرىدىن يىراقلاشقىن.
21 - مەيلى ئۆرە تۇرغان بول مەيلى يانپاشلىغان بول ئاشكارا ياكى يۇشۇرۇن ھالدا بولسۇن ئاللاھنى داۋاملىق زىكىر قىلىشنى داۋاملاشتۇرغىن، غەپلەتتە قېلىشتىن ساقلانغىن.
22 - ئاللاھنىڭ دىنى ھەققىدە سۆز بولىدىغان سورۇنلارغا قاتناشقىن؛ چۈنكى ئۇ جەننەتنىڭ باغچىلىرىنىڭ بىرىدۇر.
23 - كۆزۈڭنى ئەۋرەتلەردىن، ھارام نەرسىلەردىن ساقلىغىن، ھارام نەرسىلەرگە كۆز تاشلاپ تۇرۇشتىن ھەزەر ئەيلىگىن، ھارامغا تاشلانغان كۆز ئىبلىسنىڭ ئوقيالىرىنىڭ بىرىدۇر.
24 - كىيىملىرىڭنى ئوشۇقۇڭنىڭ ئاستىغا چۈشۈرمىگىن، ھاكاۋۇرلارچە مېڭىشتىن ساقلانغىن.
25 - ئەرلەرگە ھارام قىلىنغان يىپەك ۋە ئالتۇن نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلمىغىن.
26 - ئاياللارغا ئوخشىۋالمىغىن، ئاياللىرىڭنىمۇ ئەرلەرگە ئوخشىۋېلىشقا چاقىرمىغىن.
داۋامى بار .