باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1446 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قىرغىزىستاندىكى ئۆزبېك مەكتەپلىرى يېڭى دەرس قوشتى
دوستلىشىش
مۇئەتتەر
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8889
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 29
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە29دانە
ئۆسۈش: 340 %
مۇنبەر پۇلى: 550 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-07
ئاخىرقى: 2011-12-20
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-07 21:40

قىرغىزىستاندىكى ئۆزبېك مەكتەپلىرى يېڭى دەرس قوشتى

1-سېنتەبىردىكى يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ باشلىنىشى بىلەن ،قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان قاراسۇ شەھىرىدىكى 35ئۆزبېك ئوقۇغۇچى چولپان مەكتىپىگە بېرىپ پۈتۈنلەي يېڭى بولغان قىرغىز تىلىدا دەرس ئاڭلاشقا باشلىدى. چولپان مەكتىۋى سانى كۈنسايىن ئېشىۋاتقان ئۆزبىك مەكتىۋى بۇلۇپ ،ئوش ئوبلاستىدىكى ئۆزبېك خەلق ۋەكىللىرى ۋە بەزىبىر ئاتا ئانىلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن بىرىنچى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا تىل تاللاش ئىختىيارلىقى بېرىلىدۇ.   
"مېنىڭ قىزىم چولپان مەكتىۋىدە قىرغىز تىلىدا ئوقۇيدۇ"دېدى قاراسۇ شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئۆزبېك ئايال مەۋلىدە ھاكىموۋا." قىزىمىز  دۆلەت تىلىدا بىلىم ئالغاندا ئالى مەكتەپنى تاللاش ئىختىيارلىقمۇ كەڭراق بولىدىكەن ،ئۇنىڭدىن سىىرت ئۇقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن خىزمەت تاپمىغىمۇ ئاسان بولىدىكەن" ھاكىموۋا  بۇنىڭ ئارقىسىدا يۇشۇرۇن قول يوقلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دىدى:"بۇ پەقەت بىز ئاتا ئانىلارنىڭ پىكىرى خالاس،ھەممىسى بالىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن."
بۇنى تەشەببۇس قىلغان ئۇيۇشما رەھبەرلىرى بۇ خىل شەكىلنىڭ 2010-يىلى ئىيۇندا يۈز بەرگەن مىللى توقۇنۇشنىڭ مۇزلىرىنى ئىرىتىپ ،رايوندىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
"ئاخىرىدا ،قىرغىز تىلىدىكى دەرىسلىكلەر بارلىق ئۆزبېك مەكتەپلىرىگە تۇنۇشتۇرلىشى كېرەك "دېدى ئوش شەھەرلىك كونسول ئەزاسى ئامانۇللا ئىمىنوف(ئۆزبېك).ئۇ يەنە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە قىرغىز تىلىدىكى دەرس ۋاقتىنى كۆپەيتىش تەكلىپىنى بەردى.  
ئوش ئوبلاستنىڭ قاراسۇ رايونىدا بۇ پىلان  ئاساسەن ئەمەلگە ئاشتى.رايوندىكى 27 ئۆزبېك مەكتەپلىرىنىڭ 20سى قىرغىز تىلى دەرسلىكنى قوشتى.چولپان مەكتىۋىنىڭ  مۇدىرى ماھىرە ئابدۇكېرىموۋانىڭ ئېتىشىچە بۇ پېرىگۇرامما دەسلەپكى نەتىجىسىنى كۆرسەتكەن."تېخىمۇ كۆپلىگەن ئاتا ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى قىرغىزچە سىنىپقا بېرىشىدىن قارىغاندا ،بىز كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ مۇشۇنداق سىنىپ ئېچىشقا ئېھتىياجلىق.ھازىر قىرغىزچە سىنىپىمىزغا پەقەت 35 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلدۇق"دېدى ئابدۇكېرىموۋا. تەنقىتچىلەر قىرغىز تىلىدا ئۇقۇتۇشنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتمەي ،ئۆزبېكلەر ئارىسىدا تېخىمۇ كۆپ نارازىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.دەسلەپكى ئۇقۇتۇشنىڭ ئۆزبېكچىدىن قىرغىزچىغا ئۆتىشنىڭ ئۆزبېكلەرگە بولغان پەرىقلىق مۇئامىلە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى يەرلىك ئەركىن ئانالىزچى ئابدۇمۆئمىن مامارېيىموف.  
يازغۇچى ۋە ئاخباراتچى ئەركىن باي نەزەروف 50نەچچە خىزمەتداش تۇنۇشلىرى بىلەن بىرلىكتە خەلق بىلەن مەسلىھەتلىشىپ تىل ئەدەبىيات دەرىسىنى ئۆزبېكچە باشقا بارلىق دەرىسلەرنى دۆلەت تىلى قىرغىزچىدا ئۆتۈش تەكلىپىنى بەردى.  
بۇ ئۇقۇشىنىڭ ئاخىرلىشىغا ئەگىشىپ تاللاش ئىختىيارلىقى ئازلاپ كەتكەن ئۆزبېك ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن كۆپ پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.مەسلەن،جەنۇپتىكى شەھەر جالالئاباتتىكى ئۆزبېكلەر قۇرغان ئالى مەكتەپ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۆزبېك ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قىزغىن تاللىشى بۇلۇپ ،بۇلتۇرقى مالىمانچىلىقتا بۇ مەكتەپ ۋەيران قىلىندى.شۇ يەردىكى بىر قانچە ئۆزبېكچە دەرس ئۆتىدىغان ئالى مەكتەپلەردىن باشقا مەكتەپلەردە ئۆزبېك ئوقۇغۇچىلار ئانا تىلىدا يۇقىرلاپ ئوقۇش ئۈچۈن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە.
باينەزەروف ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچلىرى ئۈچۈن قىرغىزچە دەرس ئۆتۈش مىللەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن زور ئەھمىيتى بار ئىكەن. ئۆزبېك مەكتەپ مۇدىرى ئابدۇكېرىموۋا ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن تىلنىڭ بىر توسالغۇغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈردى." ئويلايمەنكى بەزى چاغلاردا تىل مەسلىسى بۇلتۇرقىدەك تۇقۇنۇش كېلىپ چىقىشنىڭ سەۋەبى.بارلىق بالىلار دۆلەت تىلىدا سۆزلىيەلەيدىغان بۇلىشى كېرەك،بۇنداق بولغاندا ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئارىسىدىكى تىل توسالغۇسى يوقىلىدۇ ۋە باشقىلار بىلەن تېخىمۇ ياخشى مۇناسىۋەت قىلغىلى بۇلىدۇ.""بۇندىن كېيىن بىز پۈتۈنلەي قىرغىزچە سىنىپ تەسس قىلىمىز.كۈندە ئىككى ئۈچ سائەت قىرغىزچە دەرس ئۆتۈشنىڭ ئۆزى يىتەرلىك ئەمەس.ئۇنىڭدىن سىرت قىرغىز ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئۆزبېك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىرغىزچە دەرس ئۆتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.چۈنكى چوڭلارمۇ ھەم قىرغىزچە سۆزلىيەلىشى كېرەك."   
قاراسۇ مائارىپ بۆلىمىنىڭ مۇدىرى دۆلەت تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ تار مىللەت دائىرسىدىن  چىقىشىغا ياردەم بىرىپ ،ھەقىقى"ۋەتەنپەرۋەر"لەردىن بۇلىشىنى ئۈمىد قىلدى."ئەگەر بىز ھازىردىن باشلاپ بارلىق ئۇقۇغۇچىلارنى دۆلەت تىلى ،دۆلەت تارىخى ۋە مەدەنيتى بىلەن تەربىيلىسەك ،10يىلدىن كېيىن بىز ھەقىقى ۋەتەنپەرۋەر ئەۋلادلارنى يىتىشتۈرۈپ چىقالايمىز،بىز ئەنە شۇ يۆنىلىشتە مېڭىۋاتىمىز" دېدى ئۇ.  


مەنبە:ياۋروئاسىيا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى    مۇئەتتەر تەرجىمىسى    
http://www.eurasianet.org/node/64122
AYATLIK,BIR KURAX
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4058
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1425
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1425دانە
ئۆسۈش: 4730 %
مۇنبەر پۇلى: 17756 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2012-01-03

ئىشىقىلىپ مىللەتلەر ئىتپاقلىقىغا پايدىلىق بۇلسىلا مەيلىتىغۇ؟؟؟؟
--رەھمەت جاپا چىكىپسىز مۇئەتتەر......
ياردەم مەزمۇنى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1766
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 855
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە855دانە
ئۆسۈش: 370 %
مۇنبەر پۇلى: 9005 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-10
ئاخىرقى: 2012-01-06
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-08 22:36

پۈتۈن دۇنيادا ھىچكىم تالاشمايدىغان .پۈتۈن ئادەم شۇ تىلدا سۆزلەيدىغان تىلدىن بىرنى .ئۈگنسەك سىنىڭ مىنىڭ دىمسەك بۇ جىدەلمۇ يوق ئەسلى    
HALDIN
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1529
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 272
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە272دانە
ئۆسۈش: -10 %
مۇنبەر پۇلى: 2807 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-05
ئاخىرقى: 2012-01-05
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-11 22:04

قاراسۇ شەھرىدە 1880- يىللار ئەتراپىدىلا قەشقەردىن چىققان ئۇيغۇر كۈچمەنلەر ئەڭ كۈپ ئۇلتۇراقلاشقان جاي ئىدى، قىرىغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئۈزبىكلىشىپ كەتكەن.