باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1457 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئون چوڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە ئايال
دوستلىشىش
مۇئەتتەر
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8889
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 29
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە29دانە
ئۆسۈش: 340 %
مۇنبەر پۇلى: 550 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-07
ئاخىرقى: 2011-12-20
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-07 21:22

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئون چوڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە ئايال

بەزىلەر ئوتتۇرا ئاسىيا ھۆكۈمەتلىرىنى ئۇلارنىڭ خىيانەتچىلىك قىلمىشلىرىدىن تارتىپ  تەستە ھەل قىلىنىۋاتقان دىمكۇراتىيە مەسلىلىرىگىچە بولغان نۇرغۇن ئىشلىرى ئۈچۈن ئەيىپلىشى مۇمكىن .ئەمما سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ قالدۇق تەسىرلىرىدىن بولسا كېرەك ،مۇسۇلمانلار كۆپ ساننى ئىگەللىگەن بۇ رايوندا ئاياللار سىياسەت،سودا-ئالاقە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئاممىۋى تۇرمۇشنىڭ بارچە ساھەلىرىگە كۆپلەپ قاتناشماقتا.   تۆۋەندە تىلغا ئېلىنغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئون چوڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە ئايالنىڭ بەزىلىرى ئۆزىنىڭ جەمىيەتكە بولغان زور تۆھپىسى بىلەن غەلبە  قازانغان بولسا ،يەنە بەزىلىرىنىڭ ئائىلە ئارقا كۆرۈنىشى ئۇلارغا غالبىيەت يولى ياساپ بەرگەن.   

قىرغىزىستان پىرىزدىنتى:روزا ئوتۇنبايىۋا روزا ئوتۇنبايىۋا 2010-يىلى ئاپرىلدا قۇرمانبىك باقىيوفنىڭ قېچىپ كىتىشى بىلەن ۋاقىتلىق پىرىزدىنتلىق ئورنىغا چىقىپ ،سۈركىلىش ئۈستىگە قەدەم قويدى.ئۇ خەلىققە رەھبەرلىك قىلىپ قاچقۇن پىرىزدىنتنىڭ جەنۇپتىكى باش شىتابىدا يۈز بەرگەن قانلىق مىللى تۇقۇنۇش بولغان قالايمىقان ئۈچ ئاينى بېشىدىن ئۆتكۈزدى.ئۇ يەنە قەسەم بىرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى قىرغىزىستان خەلقى ئۈچۈن مۇھىم بولغان ئومۇمى خەلق ئاۋاز بىرىش سايلىمى ئۆتكۈزدى ۋە ئاساسى قانۇندىكى پىرىزدىنتلىق ۋاقتىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى.موسكىۋادا تەربىيلەنگەن سابىق دىپلوماتىيە ئەمەلدارى روزا ئوتۇنبايىۋا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىرىنچى ۋە بىردىنبىر ئايال پىرىزدىنت بولۇپ قالدى.ئۇ 2005-يىلى قىرغىزىستاندا ئۈمىد ئۇچقۇنلىرىنى چىقارغان  كۈركۈم گۈلى ئىنقىلابىدا  ئاساسلىق رول ئوينىغان ئىككى بالىنىڭ ئانىسى ئىدى.ئۇ ئىلگىرى قىرغىزىستاننىڭ ئامرىكا ۋە ئەنگىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋە ۋە دىپلوماتىيەمىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

قازاق پىرىزدىنتىنىڭ ئىككىنچى قىزى :دىنارە كۇلىبائىۋا   
  قازاق پىرىزدىنتى نۇر سۇلتان نازاربايىفنىڭ ئىككىنچى قىزى دىنارە كۇلىبائىۋا تەخمىنەن 1.3مىليارد ئامرىكا دوللىرى بايلىقى بىلەن "فوبۇس "ژۇرنىلدىكى دۇنيا مىليادىرلىرى تىزىملىكىگە چىقىرىلغان بىردىنبىر ئوتتۇرار ئاسىيالىق ئايال.ئۇ قازاقىستاندىكى تۆتىنچى باي شەخىس ھىساپلىنىدۇ."فوبۇس "ژۇرنىلى ئۇنىڭ بايلىق كىلىش مەنبەسىنى بانكا مۇلازىمىتى دەپ تىزىملاپ،خايلىك بانكىسىنىڭ ئۇنىڭغا قاراشلىق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.ئەمما ئۇنىڭ سودا ئىشلىرى بىر ئاز مەخپى.دىنارە كۇلىبائىۋا قازاق ئىقدىسادىنىڭ ئېنىرگىيە،ئالتۇن ۋە ئۇران بايلىقى قاتارلىق  ئاساسلىق ساھالىرىنى باشقۇرىدىغان "سۇمرۇغ خەزىنە"نىڭ باش مۇدىرى تىمۇر كۇلىبائىۋغا ياتلىق بولغان.ئۇ موسكىۋادىكى تىياتىر سەنئىتى ئىنىستىتوتىنى پۈتتۈرگەن بۇلۇپ ،ھازىر نامرات ئۇقۇغۇچىلارنى ئىقدىسادى ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىغان ،پىرىزدىنتىنىڭ مائارىپ فوندىنىڭ باش مۇدىرى.  


تۈركمەنىستان پارلامىنتىنىڭ باشلىقى :ئاكجا نۇربەردىۋا    
2007-يىلى فېۋرالدا پارلامىنىت رەھبەرلىگىنى قولغا ئالغان ئاكجا نۇربەردىۋا ئۆزىنىڭ يەككىچىلىك ئىچىدە قالغان تەبئىي بايلىقى مول دۆلىتىنى دۇنياغا ئېچىش ئۈچۈن بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.ئۇ يەنە تۈركمەن قانۇن تۈزگىچىلىرىنى تەشكىللەپ ،ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئىكۇسكۇرسىيە ئۆمىكى ئەۋەتتى.نۇربەردىۋا باشتا كوموسمول( كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتى) ۋە بىر قاتار ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا  خىزمەت قىلىپ يۇقىرىغا ئۆستى.نۇربەردىۋانى بىلىدىغانلارنىڭ  ھەممىسى ئۇنىڭ تۈركمەنىستاندىكى  ئۆزگىرىشكە موھتاجلىقنى بىلىپ يەتكەن  ئەمما ھازىرقى سىياسى رىجىمغا سادىقلىقى تۈپەيلىدىن ھەركەت قىلشتىن تۇسۇلۇپ قالغان ئاز بىر قىسىم ئەمەلى ھوقۇقدار كىشلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكنى ئېيتىشىدۇ.

پىرىزدىنت قىزى ،ب د ت پەن مائارىپ مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئۆزبېك ئەلچىسى : لالە كەرىموۋا   
ئۆزبېك پىرىزدىنتىنىڭ كىچىك قىزى لالە كەرىموۋا تىللائىۋا ئۆزبېكىستاندىكى بىر قانچە ئاساسلىق  ئىستىمال ماللىرى تاللا بازىرىنى  ئۆز ئىچىگە ئالغان سودا ئىمپىراتورلىقىنى كونتىرول قىلىدۇ،بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەبۇ سەھيى نۇر تاللا بازىرنىڭ كۈندىلىك  سودا ئوبورتى كەم دىگەندە 250مىڭ ئامرىكا دوللىرى ئىكەن.ئۇ ھازىر تاشكەنىتنىڭ ب د ت پەن مائارىپ تەشكىلاتىدىكى ئەلچىسى.ئۆسەك سۆزلەرگە قارىغاندا كەرىموۋا تىىلائىۋا چوڭ ئاچىسى گۈلنارەگە قارىغاندا دادىسىغا تېخىمۇ يېقىن ئىكەن.بۇ ساداقەتمەن قىز بىر فىرانسىيە نەشىرياتىنىڭ ئۇنىڭ دادىسىنى "دىكتاتور"دەپ ئاتىغانلىقى ئۈستىدىن ئەرىز قىلىپ مەغلۇپ بولغان.

لوندوندىكى دۆكار سىياسەتچى :گۆھەر گوگا ئەشكىنازى   
 icKئوكسىفورد ئۇنۋىرسىتىدا بىلىم ئالغان ،ئۆزى لوندوندا تۇرۇشلۇق گوگا ئەشكىنازى ئۇنىڭ غەلبە قازىنىشىدىكى سەۋەپنى تىرىشىپ خىزمەت قىلغانلىقىدا ۋە ئەڭ مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئەڭ مۇۋاپىق جايدا بولغانلىقى دەپ قارايدۇ.ئۇ شەخىس ئىگىلىكىدىكى قازاق گاز ۋە نېفىت شىركىتى مۇنايگاز قۇرۇلۇش گوروھىنىڭ  قۇرغۇچىسى ۋە باش لىدىرى،شۇنداقلا قازاقىستانغا مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان م م گ مەسلىھەت مەركىزىنىڭ دىرىكتورى.ئالدىنقى يىلدىكى زىيارەتتە كۆرسىتىلىشىچە ئەشكىنازى قازاقىستاندا ئالتۇن كان قېزىشنىڭ ئەڭ يېقىنقى تەۋەككۇلچىلىقى ئىكەنلىكىنى ئېيتىقان.ئۇ تۇنجى سودىسىنى ئائىلىسدىكىلەرنڭ "ھوقۇقدار كىشلەر"بىلەن ئالاقىلىشىشى نەتىجىسىدە 2003-يىلى قازاقىستاندا باشلىغانلىقىنى ئېيتقان.ئەشكىنازى ھازىرغىچە ئوچۇق ھالدا ئۆزىنىڭ قانچىلىك مەبلىغى بارلىقىنى ئاشكارىلمىغان.ئۇنىڭ قازاقىستاندىكى داڭلىق سودىگەر ۋە پىرىزدىنت كۈيئوغلى  تىمۇر كۇلىبائىۋ  بولغان ئىشلىرى نەتىجىسىدە بىر ئوغۇل تۇغۇلغان.ئۇ بىرىتانىيە شاھزادىسى ئەندىرۇ بىلەن بولغان دوسلۇقى تۈپەيلى ،ئەنگىلىيە جەمىيەت كۆزنىكىدىكى مۇقىم ئوبرازلارنىڭ بىرى.

ئۆزبېك دېپلۇماتچىسى ،سودىگەر ۋە پىرىزدىنت قىزى :گۈلنارە كەرىموۋا   
  
ئۆزبېك پىرىزدىنتى ئىسلام كەرىموفنىڭ چوڭ قىزى گۈلنارە كەرىموۋا ئۇنىڭ  ئىگىلىك تىكلەش ،ئۈنچە مەرۋايىت ،يېڭى پاسون ۋە مۇزىكىغا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقى بىلەن تۇنۇلغان.ئۇ ھازىر ئۆزبىكىستاننىڭ ئىسپانىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شۇنداقلا يەنە ب د ت ۋە جەنۋەدىكى بىر قانچە خەلىقئارالىق تەشكىلارتلارنىڭ مۇقىم ۋەكىلى.كەرىموۋا ئىلگىرى دادىسىنىڭ ئىز باسارى بۇلۇش مۇمكىنچىلكى ھەم كەلگەن.ئۇ 2010-يىلغا قەدەر ئۆزبىكىستاندىكى ئېنىرگىيە،دېھقانچىلىق ۋە قۇرۇلۇش ساھەلىرىدىكى ئەڭ چوڭ خۇسۇسى ياللىغۇچى بولغانلىقى تۈپەيلى ،باشقىلار ئۇنى شىۋىتسارىيەدە قۇرۇلغان زىرومەكىس شىركىتى بىلەن باغلىنىشى بار دەپ قارىغان،ئەمما ئۇ ئوچۇق ئاشكارە ھالدا ئۇ شىركەت بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئېتراپ قىلمىغان.

تاجىك كارخانىچى ۋە پىرىزدىنت قىزى :تەخمىنە رەخمانوۋا
ئۇچۇرلارغا قارىغاندا تاجىك پىرىزدىنتىنىڭ قىزى تەخمىنە رەخمانوۋانىڭ(رەسىمدە سول تەرەپتىكىسى) سودا ئىمپىراتورلىقى بىر قارتار سودا مەركەزلىرى،رېستۇران ۋە ھەقىقى ئۆي مۈلۈك مەبلەغلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.ئەمما ئۇ قوشنا دۆلەت ئۆزبىكىستاندىكى بىرىنچى قىزغا ئوخشىمايدىغان بۇلۇپ ،تەخمىنە ئانچە كۆزگە چېلىقمايدىكەن ،ئاممىۋى سورۇنلاردىمۇ ئانچە كۆپ كۆرۈنمەيدىكەن.ئۇنىڭ كەرىموۋانىڭ قىزلىرىغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى ئۇنىڭ شەخسى تور بېتى يوقكەن، ساخاۋەت ئىشلىرىغا ۋە زىيارەتلەرگە قاتناشمايدىكەن .راخمانوۋانىڭ باس.ت ج تور بېكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەنقىتچىلىرى ئۇنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك سودىنى ۋە ياخشى يەرلەرنى ئېلىۋېلىشىنىڭ تاجىك سودىگەرلىرى ئۈچۈن قاقشاتقۇچ ۋەھىمە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان. 
  
ئۆزبېك كىشلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى :مۇتەبەر  تاجىبائىۋا   
  
تاشكەنىت ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بېرى ھازىرقى سىياسى تۈزۈم تەنقىدچىسى مۇتەبەر  تاجىبائىۋاغا(رەسىمدە ئوڭ تەرەپتىكىسى) ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن قارايدۇ.ئۇ "ھۆكۈمەتكە تۆھمەت چاپلاش جىنايىتى "بىلەن  تۈرمىدە ياتتى ،ئەمما بۇ ئۇنى جىم قىلشتا مەغلۇپ بولدى.ئۇ ئىناۋىتى چوڭ بولغان جەنۋەدىكى كىشلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ئۈچۈن تارقىتىلىدىغان مارتىن ئەنولىس مۇكاپاتى ۋە ۋاشىنگىتوندىن تارقىتىلدىغان خەلىقئارالىق غەيرەتلىك ئاياللار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.ۋىكى لىكىس تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئۆزبېكىستان پىرىزدىنتى ئىسلام كەرىموف ئامرىكا دېپلوماتىيە ئەمەلدارىغا ئامرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاجىبائىۋاغا ھۆرمەت مۇكاپاتى بەرگەنلىكىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن."تاجىبائىۋا بىر سىياسى ئوبراز سۈپىتىدە ئۇنىڭغا جەڭ ئېلان قىلىپ تەربىيلەنگەنلىكىگە قاتتىق خاپا بولغان".
  
تاجىك دېپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى ،پىرىزدىنت قىزى :ئازادە رەخمانوۋا   
پىرىزدىنىت رەخمان 2009-يىلى جورجتاۋىندا ئوقۇغان قىزىنى دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ياردەمچىسى قىلىپ كۆرسەتكەن.سۆز چۆچەكلەرگە قارىغاندا ئۇ ئائىلە مۇناسىۋىتى تۈپەيلى ھەتتا دېپلوماتىيە مىنىستىرىدىنمۇ چوڭ بولغان ھوقۇق ئىشلىتەلەيدىكەن.ئوخشاش 9 مىنىستىرلىكنىڭ ئىچىدە پەقەت راخمانوۋالا ھۆكۈمەت ئىشخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان  بىردىنبىر پىرىزدىنىت پەرزەنتى ئىكەن.ئۇ مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ياردەمچىسى جامالىدىن نۇرئەلىۋغا ياتلىق بولغان بۇلۇپ ،نۇرئەلىئىۋ تاجىكىستاندىكى بىردىنبىر ھەقلىق يولنى باشقۇرىدىغان خۇسۇسى كارخانا بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىنكار قىلغان. 


ئۆزبېك كېڭەش پالاتاسىنىڭ قانۇن تۈزۈش ۋە سوت ئشلىرى كومىتىتىنىڭ ئايال پىرىزدىنتى : سىۋەتلانا ئورتىكوۋا   
 
كەسپى ئادوۋكات ، ئۆزبېك كېڭەش پالاتاسىنىڭ قانۇن تۈزۈش ۋە سوت ئشلىرى كومىتىتىنىڭ ئايال پىرىزدىنتى سىۋەتلانا ئورتىكوۋائىلگىرى ئۆزبېكىستان ئەيىپلىگۈچى-گېنرال ئىشخانىسىنىڭ  ئۇچۇر ئالاقە بۆلىمىنى باشقۇرغان ۋە ئالى ئەيىپلىگۈچى بولغان.ئۇ تاشكەنىتتىكى چەتئەل ئاخباراتلىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىدىغان ئاز ساندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ بىرى.ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇنىڭغا "سىلوۋىكى"دىگەن لەقەم قۇيۇلغان بۇلۇپ ،قانۇن تۈزۈش ۋە بىخەتەرلىك ،تاموژنا ۋە باج ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئالى ئەمەلدارلارنى يىغىشتا ئالاھىدە تەسىرگە ئىگە ئىكەن.
                         

   مەنبە: مۇئەتتەر تەرجىمىسى perfume                                                               
http://www.womensviewsonnews.org/2011/08/central-asias-10-most-influential-and-connected-women/   

[ بۇ يازمىنىsamanyoli 2011-09-08 09:33قايتا تەھرىرلى ]
AYATLIK,BIR KURAX
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4058
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1425
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1425دانە
ئۆسۈش: 4730 %
مۇنبەر پۇلى: 17756 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2012-01-03

كەڭ ساي مۇنبىرىگە قابىل بىر تەرجىمان قەدەم تەشرىپ قىلىپتۇ،،،،،،،،بۇ كەڭ ساي ئۇچۇن خۇشاللىق ئىشى،،،،،!!!!!!!!!!!!!
دوستلىشىش
مۇئەتتەر
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8889
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 29
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە29دانە
ئۆسۈش: 340 %
مۇنبەر پۇلى: 550 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-07
ئاخىرقى: 2011-12-20
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-08 09:22

رەھمەت سىلەرگىمۇ ،ئاللاھ خالىسا ئەڭ ياخشى خەۋەرلەر سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكۈسى
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6413
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 162
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە162دانە
ئۆسۈش: 80 %
مۇنبەر پۇلى: 1735 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-07
ئاخىرقى: 2011-09-29
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-08 13:43

wang luquan nig tukkan liridaklam kan gu 
ھايات -كۆرەش،پۇرسەت،نەتىجە دىمەكتۇر.
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 191
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 832
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە832دانە
ئۆسۈش: 2402 %
مۇنبەر پۇلى: 8371 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-01-05
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-08 14:08

ۋاھ ، مۇبارەك بولسۇن، تېما ئىگىسىگە رەھمەت، ئوتتۇرا ئاسيادىكى مۆتىۋەر خانىملار بىلەن تونۇشۋالدۇق.
پۇرسەت سىزنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ، لىكىن پۇرسەت سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا پەرۋانىدەك چۆرگۈلەپ تۇرىدۇ، گەپ سىزنىڭ بايقشىڭىزدا. تىرىشچانلىق، سەمىمىيلىك، ئىشەنچ سىزگە بايلىق ئاتا قىلىدۇ. كۈنىڭىز مەنىلىك، ئەھمىەتلىك،خوشال ئۆتىدۇ.