باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 799 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: غەيرەتلىك بول ياخشىلار
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2481
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 82
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە82دانە
ئۆسۈش: 330 %
مۇنبەر پۇلى: 1052 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-29
ئاخىرقى: 2012-01-12
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-07 18:19

غەيرەتلىك بول ياخشىلار

       ئەتراپىمىزغا نەزەر سالغىنىمىزدا دۇنيانىڭ تولىمۇ تېز ئۆزگۇرىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىمىز،مۇشۇنداق تېز ئۆزگۇرۇش  دەۋرىدە قانداق كىشىلەرنىڭ ھالقىلىق رول ئوينىشى شۇ توپنىڭ زامانغا قانداق شەكىلدە ماسلىشىشىنى بەلگىلەيدۇ ئەلۋەتتە.يېققىنقى 5-10 يىلنىڭ ياقى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا زور ئۆزگۇرۇشلەر بولدى.80 -يىللاردىكى تېزەك تېرىپ ئوت قالايدىغان(كىشىلەردە كومۇر ئالغۇدەك پۇل يوق)،ئاق ناننى زاغرا نانغا قوشۇپ يەيدىغان(يىمىكلىك يەتمەيتتى،تويلاردا قوناق پولوسى قىلاتتى)،ئىشلار يوق بولدى،بالىلارغا سۆزلىسىمۇ ئىشەنمەيدۇ.لېكىن شۇ چاغنىڭ كىشىلىرى ئەدەپ-ئەخلاقلىق،ئىشچان،كويۇمچان،بولۇپ تولىمۇ ئىناق-ئىجىل ئۆتەتتى.90-يىللاردىن باشلاپ كىشىلەرنىڭ كەمبەغەللىكتىن قۇتۇلىشى ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىدىن مەمنۇن بولۇش،ئۆزىنى كۆرسۇتۇش پىسخىكىسىنى يىتىلدۇردى،مانا ھازىرقى كىشىلەرگە قارىساق گەرچە تۇرمۇشى باياشات بولسىمۇ لېكىن كوڭلى قارىداپ قالدى،زىيانلىق(ھارام  ) يىمەكلىكلەر تۇرمۇشىمىزدىن ئورۇن ئالدى،ئەخلاقىمىز مەلۇم دەرىجىدە بۇزۇلدى.بىراق بىز شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇشىمىز كېرەككى بىز ئۆزىمىزنى ياخشىلاردىن قىلىپ،بەڭگىلەر ئىشرەتغورلار،دىننى دەسمايى قىلىپ پۇل تاپىدىغان يالغانچىلار ۋە باشقا بارلىق ئەخلەت كىشىلەر توپىدىن ئۆز تىرىشچانلىقىمىز ئارقىلىق پەرىقلىنىشىمىز،ئۇلاردىن باي بولۇشىمىز،ئۇلارغا گۇزەل ئەقلاقىمىز ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىشىمىز .كەلگۇسى ئەۋلاتلار ئۇچۇن بولسىمۇ تىرىشىششىمىز زورور.

    ناۋادا بىز تىرىشماي بەڭگىلەر،چايچى ئىشرەتغورلار......دىن كېيىن قالساق ،ئەۋلاتلىرىمىز شۇ بەڭگىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كېتىدۇ.

بۇ يەردە ئەسكەرتىپ ئۆتۇشكە تېگىشلىكى شۇكى بەڭگىلەر ۋە ئىشرەتخورلار ئەسلى ياخشىلاردىن ئىدى،شۇڭا ئۇلارنى چىرايلىقچە ئۆز ئەمگىگىمىز ئارقىلىق تەسىرلەندۇرۇپ ئىشرەت ئازگاللىرىدىن تارتىۋېلىشىمىز لازىم.

ناۋادا ئۆزىمىز باي بولساق ھاجەتمەنلەرگە مەلۇم دەرىجىدە ئىقتىسادى ياردەم بەرسەك،ھەقىقەتنى تونۇتساق،دۇنيادا يامان ئادەم قالمايدۇ.ھىچ كىمنىڭ "ئەخلەت"ئادەم بولغۇسى يوق. 
   غەيرەتلىك بول ياخشىلار!! سېنىڭ تىرىشىپ باي بولۇشىڭ (ماددى  ۋە مەنىۋى جەھەتتىن) ئۆزەڭ ئۈچۈنلا ئەمەس،ئەۋلاتلارغا ئۈلگە بولۇش ئۇچۇن.

     "ئەخلەت"ئادەملەر (بەڭگىلەر،بۇزۇقلار،يالغانچىلار) بالىلىرىمىزنى شەيتان سەنىمىگە دەسسىتىۋالمىسۇن!! بىز ئۇلارغا ئۆز ئەمىلىيىتىمىز ئارقىلىق ئۈلگە بولايلى! ئەلۋەتتە باي بولۇش يولۇڭ ياخشىلارغا خاس بولسۇن،نەپسىڭگە بېرىلمە ئۇنداق قىلساڭ ئاخىر رەسۋا بولۇپ ئەخلەت ئادەمگە ئايلىنىسەن.
بىلگىنكى"ماددى گادايلىق ھەقىقى گادايلىق ئەمەس،مەنىۋى گادايلىق ھەقىقى گادايلىقتۇر"

مەنبە: كانۋاي
[ بۇ يازمىنىkanway 2011-09-07 18:24قايتا تەھرىرلىدى ]