باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 559 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قايغۇرماڭ     بۈگۈن تولۇق سىزگە تەۋە
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2684
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 15
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە15دانە
ئۆسۈش: 210 %
مۇنبەر پۇلى: 293 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-05
ئاخىرقى: 2011-12-19
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-07 12:54

قايغۇرماڭ     بۈگۈن تولۇق سىزگە تەۋە

‹‹بۈگۈن››تولۇق سىزگە تەۋە
          سەھەرنى كۈتۈۋالغانسىزىكەن،تۈن قاراڭغۇسىنىڭ يېتىپ كېلىشنى ساقلىماڭ.چۈنكى سىز پەقەت بۈگۈننىڭ ئىچىدىلا ياشايسىز، تۈنۈگۈن ياخشى،يامان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۆتۈپ كەتتى،ئەتە تېخى يېتىپ كەلمىدى.سىزنىڭ ئىگە بولغىنىڭىز بولسا قۇياش ئەمدىلا چىققان بۈگۈن.شۇڭلاشقا،ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلاڭ:ھايات بولسا بۈگۈن،خۇددى سىز بۈگۈن تۇغۇلغانغا ئوخشاش،ھەم بۈگۈندە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك.ھاياتنى ئۆتمۈشنىڭ سايىسى ۋە ئازابىىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرۇپ،كەلگۈسى ئەرۋاھى ۋە غەم قايغۇ ئاسارىتىنى چۆرۈپ تاشلاپ،تۇرمۇشتىكى بۈگۈننى بەكرەك قەدىرلەپ،بۈگۈن ئۈچۈن تىرشىپ خىزمەت قىلىش،جان تىكىپ ئېلشىش كېرەك. بۈگۈن ئۈچۈن ،سىز ئىخلاسمەنلىك بىلەن ناماز ئوقۇپ،كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇپ،تىرشىپ تەپەككۇر قىلىپ ،ئەستايدىلق بىلەن ئاللاھنى ياد ئېتىڭ؛يەنە ياخشى مىجەز يېتۈلدۈرۈپ،شۈكرى قانائەت قىلىىپ،سوغۇققانلىق بىلەن ئىش بېجىرىڭ؛ھەمدە قىياپەتكە دىققەت قىلىڭ،سالامەتلىكنى ئاسراڭ،باشقىلارغا ياردەم بېرىڭ.
بۈگۈن ئۈچۈن ،سىز ۋاقىتنى تېجەڭ،مىنۇت سېكۇنتنى قولدىن بەرمەڭ؛ھەققانىي بولۇڭ،ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق بىلىڭ،ھەر ۋاقىت ئاللاھنى ئەسلەپ،ئۆزىڭىزنىڭ سەۋەنلىكىگە توۋا قىلپ،دۇنيادىن ئايرىلىش سەپىرىگە تەييارلىق قىلىڭ.سىز بۈگۈننى خۇشاللىق بىلەن ئۆتكۈزگەندە ،بارىغا شۈكۈر قىلىڭ،ھازىرقى ھالەتتىن رازى بولۇڭ،خوتۇن بالىڭىزغا كۆيۈنۈڭ،خاتىرجەم كەسپىڭىزنى ئۈگۈنۈڭ.
{ساڭا مەن ئاتا قىلغان پەيغەمبەرلىكنى قوبۇل قىلغىن ۋە شۈكرى قىلغۇچىلاردىن بولغىن }.ئاچچىقلانماڭ ،ئاداۋەت ساقلىماڭ.
سىز بۇ بىر ئېغىز گەپنى قەلبىڭىزدە چىڭ ساقلاڭ،ھەم ئۇنى ئىشخانىڭزغا يېزىپ قويۇڭ؛‹‹بۈگۈن  تولۇق سىزگە تەۋە ›› .سىز بۈگۈن مەززىلىك يېڭى بولكا يەۋاتقان ۋاقتىڭىزدا ئەجەبا يەنە تۈنۈگۈنكى كۆكۈرۈپ بۇزۇلغان بولكىغا ئازابلىنامسىز ۋە ياكى تېخى كۆرۈنمىگەن ئەتىكى بولكا كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلامدۇ؟بۈگۈن شېرىن ئىچىملىك ئىچكەن ۋاقتىڭىزدا ،ئەجەبا تۈنۈگۈنكى زەرداب سۇ ۋە چىقمىغان ئەتىكى قايناقسۇغا ئازابلىنپ ئاھ ئۇرامسىز؟
    ئەگەر ئىرادىڭىز كۈچلۈك مۇستەھكەم بولسا ،ئۆزۈڭۈزگە مۇنداق بىر قائىدىنى قوبۇل قىلغۇسسىز :مەن پەقەت بۈگۈننىڭ ئىچىدە ياشايمەن.تۇرمۇشىڭىزدىكى ھەر بىر ۋاقىتتا تۇرمۇشۇڭىزنى قۇرۇشقا ماھىر بولۇپ ،تەبئى تالانتىڭىزنى جارى قىلدۇرغان ،خىزمىتىڭىزنى مۇكەممەلشتۈرگەن ۋاقىتىڭىزدا سىز مۇنداق ئويلايسىز:
مەن پەقەت بۈگۈن ئۈچۈن تىلىمنى گۈزەللەشتۈرۈمەن،شۇڭلاشقا مەن ئادەم تىللىمايمەن ،باشقىلارنىڭ ئارقىسىدىن غەيۋەت قىلمايمەن،سېسىق سەت گەپ قىلمايمەن؛
مەن پەقەت بۈگۈن ئۈچۈن ياتىقىم ۋە ئىشخانامنى تازلايمەن،ئەتراپنى گۈزەللەشتۈرۈمەن،قالايمىقانچىلىقنى كەلتۈرمەيمەن.
مەن پەقەت بۈگۈن ئۈچۈن ياشايمەن ،شۇڭلاشقا مەن شەخسى تازلىقنى تەكىتلەيمەن،قىياپىتىمنى تۈزەشتۈرۈمەن ،مەيلى يول ماڭاي سۆزلەي ،مەيلى ھەرقانداق ئىش قىلاي،ھەممىسىدە مۇناسىپ لايىقىدا بولىمەن.
مەن پەقەت بۈگۈن ئۈچۈن ھايات ،شۇڭلاشقا مەن تىرشىپ مېنىڭ ياراتقۇچۇمغا بويسۇنىمەن،ئەمەللىرىمنى مۇكەممەلشتۈرۈمەن،نەفلە ئەمەلنى يول خىراجىتىغا ئالىمەن،قۇرئاننى دائىم ئوقۇيمەن،كۆپ كىتاپ كۆرۈمەن،پايدىلىق ئىلىم ئىگەللەيمەن.
مەن پەقەت بۈگۈن ئۈچۈن ھايات ،شۇڭلاشقا مەن قەلبىمدە گۈزەل ئەخلاق تېرىپ ،رەزىللىك بىخلىرىنى يىلتىزدىن قومۇرۇپ تاشلاپ،مەغرۇرلۇقتىن يىراق ،مەنمەنچىلىكتىن ،شۆھرەت پەرەسلىكتىن ھەسەت ۋە ئۆچمەنلىكتىن ئىپلاسلىقتىن يىراق تۇرۇمەن.
مەن پەقەت بۈگۈن ئۈچۈن ھايات ،شۇڭلاشقا مەن باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ،ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق بىلىمەن،كېسەللەرنى يوقلاپ ،مېيىتنى ئۇزۇتىمەن.ئېزىقىپ قالغانلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىىپ،ھەققانىيەت يولىدا پىداكارلىق ،غېرىب غۇرۋالارنىڭ بېشىنى سلاپ،ئىلىمدارلارنى زىيارەت قىلىپ،ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەپ كىچىكلەرنى ئىززەتلەيمەن.
مەن پەقەت بۈگۈن ئۈچۈن ھايات شۇڭلاشقا مەن دەيمەن:ئاھ!ئۆتۈپ كەتكەن ،سەن كېتىپ كەلمەيسەن،خۇددى قۇياش غەرىبكە پاتقىنغا ئوخشاش .شۇڭلاشقا مەن سەن ئۈچۈن يىغلاپ ياش تۆكمەيمەن،ھەم ئازراقمۇ ۋاقىتنى ئالمايمەن،پەقەت سېنى قەلىب ھۇجرامدا قويۇپ قويۇمەن.ئاھ كەلگۈسى !  سەن تېخى نامەلۇم دۇنيا ،شۇڭلاشقا مەن سېنڭ قانداقلىقىڭنى پەرەز قىلمايمەن،مەن ھەرگىزمۇ ئۆزۈمنى خىيال تەسەۋۋۇرغا سېتىۋەتمەيمەن،ھەم مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرمەيمەن،چۈنكى ئەتە تېخى كەلمىدى،ئەتە تېخى مەۋجۇد ئەمەس ،ئەتىنى ئەسلىمە قىلغىلى بولمايدۇ.
ئاشۇ تۇرمۇشنىڭ رەڭدارىنى تاللىغان كىشلەرگە ئېلىپ ئېيىتقاندا ،بەخىتنىڭ لۇغۇتىدىكى ئەڭ گۈزەل سۆز بولسا دەل: ‹‹بۈگۈن››تولۇق سىزگە تەۋە.خەنزۇتىلى نەشىردىكى قايغۇرماڭ ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلنىپ ئېلىندى،داۋامى بار.
hudayim bar himim yuk
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5863
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 745
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە745دانە
ئۆسۈش: 300 %
مۇنبەر پۇلى: 7797 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-24
ئاخىرقى: 2012-01-05