باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1310 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مورىس بوكاي كىم؟
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5446
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 160
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە160دانە
ئۆسۈش: 2060 %
مۇنبەر پۇلى: 3338 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-03
ئاخىرقى: 2012-09-02
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-06 20:57

مورىس بوكاي كىم؟

 مورىس بوكاي كىم؟
مورىس بوكاينىڭ نىمە ئىش قىلغانلىقنى بىلەمسىز؟!

ئۇ فىرانسىيەنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن بۈيۈك ئەربابى ۋە چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزى...

ئۇ فىرانسۇس ئاتا-ئانىدىن تۇغۇلغان،خىرىستىيان دىنىدا ئۆسۈپ يىتىلگەن،
ئۇ تولۇق ئوتتۇردىكى ئوقۇشىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، فىرانسىيە ئۇنۋىرستىتىدىكى
مىدىتسىنا فاكولتىتغىغا ئوقۇشقا كىرىدۇ.

مورىس ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ مىدىتسىنا دىپلۇمىغا ئېرىشىدۇ،
تەدرىجى ئۆرلەپ يېڭى فىرانسىيە تونۇپ يەتكەن داڭلىق دوختۇرغا ئايلىنىدۇ...

ئۇنىڭ ئاپراستىيە ھەققىدىكى ماھىرلىقىدىن ئاجايىب بىر ۋەقە يۈز بېرىپ،ئۇنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتىۋئتىدۇ...!

فىرانسىيە ئاسار-ئەتىقە ۋە ئارخىئولوگ تەكشۈرىشىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى بىلەن مەشھۇر بىر دۆلەت.
فىرانسىيەنىڭ سوتسىيالىست سابىق رەئىسى " فىرانسۇ مىتران " 1981- يىلى ھوقۇقنى تاپشۇرۋالغاندا،
80- يىللارنىڭ ئاخىرى مىسىر دۆلىتىدىن ( مىسىرنىڭ پىرئەۋن) مومياسىنى فىرانسىيەدە تەتقىق قىلىش
ئۈچۈن ئارىيەت ئېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

مىسىرنىڭ قوشۇلىشى بىلەن مىسىر تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ زالىم مىسىر فىرئەۋنىنىڭ مومىياسى يۆتكىلىدۇ،
فىرانسىيە ئايدۇرۇم زىمىنىدا مىتران ۋە دۆلەت ئەربابلىرى مىسىرنىڭ فىرئەۋن مومىياسىنى-خۇددى ئۇ
ھاياتتىىكىدەك- پادىشاھلارنى كۈتىۋالغاندەك كۈتىۋىلىش ئۈچۈن ئايرۇپىلان پايىسى ئالدىدا باش ئىگىپ
سەپ تۈزۈپ تۇرىدۇ!.

فىرانسىيە زىمىنىدا مىسىرنىڭ فىرئەۋنىنى كۈتىۋىلىش پادىشاھ مۇراسىمى ئاياغلاشقاندا،
زالىم فىرئەۋننىڭ مومىياسى زور جامائەتچىلىكنىڭ ئالقىشلىشى ئاستىدا-كاتتا ئارخىئولوگىيە
ۋە ئاپراتسىيە ئالىملىرىنىڭ تەتقىق قىلىشى ئۈچۈن-فىرانسىيە ئارخىئولوگىيە مەركىزىدىكى
مەخسۇس بىر زالغا يۆتكىلىدۇ.فىرئەۋىننىڭ مومىياسىنى تەتقىق قىلىشتا دوكتۇر مورىس بوكاي
مەسئۇللۇققا تاللىنىدۇ.

ئارخىئولوگلار بۇزۇلۇپ كەتكەن قىسمىنى رىمۇنىت قىلىشقا كۆڭۈل بۆلسە،دوكتۇر مورىس فىرئەۋىن
پادىشاھىنىڭ قانداق ئۆلگەنلىكىنى بىلىشكە ئۇرۇناتتى... كىچىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا تەتقىق قىلىش
ۋە ئانالىز قىلىش نەتجىسى ئاشكارا بولىدۇ...

ئۇنىڭ بەدىنىدە قېپقالغان تۇزنىڭ قالدۇقىلىرى ئۇنىڭ غەرق بولۇپ ئۆلگەنلىكىنىڭ چوڭ پاكىتى ئىدى...

لېكىن بۇ فىرئەۋن مومىياسىنىڭ -گەرچە دېڭىزدىن چىقىرىلغان بولسىمۇ- باشقا مومىيالانغان موميىالارغا
قارىغاندا ياخشى تۇرغانلىقى ئۇنى ھەيرانغا سېلىۋاتاتتى!... دوكتۇر مورىس بوكاي فىرئەۋننىڭ جەسىدىنىڭ
دېڭىزدىن تارتىلىپ چىققانلىقى ۋە غەرق بولغاندىن كېيىنلا بىۋاستە مومىيالانغانلىقى توغرسىدىكى يېڭى
كەشپىياتى ھەققىدە ئاخىرقى دوكلات تەييارلاۋاتقاندا، بىرسى ئۇنىڭ قۇلقىغا: " ئالدىراپ كەتمە، چۈنكى
مۇسۇلمانلار بۇ مومىيانى غەرق بولۇپ كەتكەن دەپ سۆزلىشىۋاتىدۇ " دەپ پىچىرلايدۇ.

لىكىن دوكتۇر مورىس بوكاي بۇ خەۋەرنى ئىنكار قىلىدۇ ۋە ئەجەبلىنىدۇ.مۇنداق يېڭى كەشپىياتنى
يېڭى ئىلىم -پەن تەرەققى قىلغاندىلا ئىنچىكە يېڭى ئىلىكتىرۇنلۇق مىڭە ئارقىلىق ئاندىن بىلگىلى بولىدۇ،
دەپ قارايدۇ.ئۇنىڭ قېشىدا تۇرغانلارنىڭ بىرىسى ئۇنىڭغا: مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئانى فىرئەۋىننىڭ غەرق بولۇپ
كەتكەنلىكى ۋە غەرق بولۇپ كەتكەندىن كېيىنمۇ جەسىتىنىڭ سالامەت قالغانلىقى توغرىسىدا قىسسە بايان
قىلىدۇ، دەيدۇ.

دوكتۇر مورىس تېىخىمۇ ھەيران بولۇپ سورايدۇ: بۇ مومىيا 1898 يىلى يەنى 200 يىل ئىلگىرى كەشىپ قىلىنغان،
ئۇلارنىڭ قۇرئانى بولسا 1400 يىلدىن ئىلگىرى كەلگەن تۇرسا، بۇ قانداق گەپ؟!

ئەقىل قانداقمۇ بۇنى قوبۇل قىلسۇن! ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئىلگىرىكى مىسىرلىقلارنىڭ فىرئەۋنىلەرنىڭ
جەسەتلىرىنى مومىيالايدىغانلىقلىرىنى (قاتۇرىدىغانلىقىنى) بىلمەيتتى، بۇ يېقىنقى بىر قانچە يىلدا كەشىپ
قىلىنغان بىر ئىش تۇرسا...؟؟؟

مورىس بوكاي شۇ كىچە فىرئەۋن مومىياغا تىكىلىپ ئولتۇردى، ئۇ دوستىنىڭ " مۇسۇلمالارنىڭ قۇرئانى
بۇ جەسەتنىڭ غەرق بولۇپ كەتكەندىن كىيىن قۇتۇلۇپ قالغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەيدۇ " دەپ پىچىرلىغان
سۆزلىرىنى چوڭقۇر ئويلىنىشقا باشلىدى...

لىكىن ئۇلارنىڭ مۇقەددەس كىتاۋى ( مەتتا ۋە لوقا ئىنجىلى) فىرئەۋننىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامنى قوغلاش
جەريانىدا غەرق بولغانلىقى ۋە ئۇنىڭ جەسىتىنىڭ تېپىلمىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەيدۇ... ئۇ: " مېنىڭ
ئالدىمدىكى بۇ مومىيالانغان مومىيا مۇسانى قوغلىغان فىرئەۋن بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ مەن ئەمدى تەتقىق قىلىش
نەتجىسىدە بىلىۋاتسام، مۇسۇلمانلارنىڭ مۇھەممىدى( رەسۇلۇللاھ) 1400 يىل ئىلگىرى بۇنى بىلىشى مۇمكىنمۇ؟! "
دەپ ئۆز- ئۆزىگە سوئال قويۇشقا باشلىدى...

مورىس بوكاي ئۇخلىيالمىدى، تەۋراتنى ئەكەلدۈرۈپ، تەۋراتنىڭ (سەپەر خۇرۇج) دىكى : " سۇ ئارقىىسغا يېنىپ،
مۇسانىڭ ئارقىسىدىن دېڭىزغا كىرگەن فىرئەۋننىڭ بارلىق ئەسكەرلىرىنى ئورىدى ،بىرسىمۇ ساق قالمىدى " دىگەن
سۆزلەرنى ئوقۇپ چىقىپ، ھەيران قالدى...

ئىنجىلمۇ بۇ فىرئەۋن جەسىتىنىڭ قۇتۇلۇپ، مومىيالانغاندىن كېيىن سالامەت قالغانلىقى توغرىسىدا سۆزلىمىگەن
ئىدى.فىرانسىيە مومىيانى مسىرغا فىرئەۋننىڭ ماقامىغا لايىق ئالاھىدە ئەينەك جازىسىدا قايتۇرۇپ بېرىدۇ! لىكىن
مورىس بوكاي مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ جەسەتنىڭ سالامەتلىكى ھەققىدە سۆزلەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر ئۇنى
ئىرغىتقاندىن كېيىن مۇقىم بىر قارارغا كىلەلمەيدۇ ۋە كۆڭلى ئارام تاپمايدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن سەپەر جابدۇقىلىرىنى تېڭىپ، سەئۇدىيەدە ئېچىلىدىغان مىدىتسنا قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ،
ئاناتومىيە ئالىملىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن سەپەر قىلىشنى قارار قىلىدۇ.

ئۇ تۇنجى قېتىم قۇرۇلتايدىكىلەر بىلەن سۆزلەشكەن سۆزى فىرئەۋن جەسىتىنىڭ غەرق بولغاندىن كېيىن
نىجات قالغانلىقى توغرىسىىدا بولىدۇ.ئاناتومىيە ئالىملارنىڭ بىرسى قۇرئاننى ئېچىپ ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزىنى
ئوقۇشقا باشلايدۇ: " سەندىن كىيىنكىلەرگە ئىبرەت بولۇشۇڭ ئۈچۈن،بۈگۈن سىنىڭ جەسىتىڭنى قۇتقۇزىمىز
(يەنى سىنىڭ جەسىتىڭنى دېڭىزدىن چىقىرىپ قويىمىز)». نۇرغۇن كىشىلەر,شەك -شۈبھىسىزكى،بىزنىڭ
ئايەتلىرىمىزدىن غاپىلدۇر " يۇنۇس سۈرىسى، 92- ئايەت.

ئايەت ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلىدۇ، كۆڭلى يايراپ قۇرۇلتايغا قاتناشقان جامائەت ئالدىدا،
يوقۇرى ئاۋازى بىلەن: " ئىسلام دىنىغا كىردىم ۋە بۇ قۇرئانغا ئىشەندىم " دەپ توۋلايدۇ.

مورىس بوكاي قۇرۇلتايدىن كىيىن فىرانسىيەگە مۇسۇلمان بولۇپ قايتىدۇ... ئۇ فىرانسىيەدە 10 يىل
جەريانىدا مەخسۇس يېڭىدىن كەشىپ قىلىنغان ئىلمى ھەقىقەتلەرنىڭ قۇرئان كەرىم بىلەن ماسلىشىش
ياكى بىر ئىلمى ھەقىقەتنىڭ قۇرئان بايانىغا زىت كىلىش ياكى زىت كەلمەسلىك دائىرىسنى تەتقىق قىلىدۇ.
ئاخىرىدا ئاللاھنىڭ بۇ سۆزىنى نەتىجە قىلىدۇ: " ئۇنىڭغا ئالدىدىنمۇ، ئارقىسىدىنمۇ (يەنى ھىچقايسى تەرىپىدىن)
باتىل يۈزلەنمەيدۇ، ئۇ ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، مەدھىيىگە لايىق اللە تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر"
فۇسسىلەت سۈرىسى، 43- ئايەت.

مورىس بوكاي 10 يىللىق ئىزدىنىش نەتىجىسىدىن قۇرئان كەرىم ھەققىدە بىر كىتاب يېزىپ چىقىپ،
غەرب دۆلەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەۋرىۋىتىدۇ.كىتابنىڭ ماۋزۇسى : " قۇرئان، تەۋرات، ئىنجىل ۋە ئىلىم - پەن".
بۇ كىتاب يېڭى ئىلىم-پەن چۈشەنچىسى ئاستىدا مۇقەددەس كىتابلارنى تەتقىق قىلىدۇ.بۇ كىتاب قانداق تەسىر
كۆرسەتتى، بىلەمسىز؟؟

بىرىنچى قېتىم بېسىلىپ بولغۇچە تىز سۈرئەتتە تۈگەپ كىىتىدۇ، ئاندىن يەنە ئەسلى فىرانسۇس تىلىدىن
ئەرەب، ئىنگىلىز، ھىندونوزىيە، ئىران، كۇرۋات، تۈرۈك، ئوردۇ ۋە گىرمان تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ
نەچچە يۈز مىڭ پارچە بېسىلىدۇ...

بۇ كىتاب شەرق ۋە غەرب كىتابخانلىرىنىڭ ھەممىسىدە تارقىلىپ، ياشلارنىڭ قولىدا دىگىدەك تېپىلىدۇ...
بۇ ئىسلام دىنىغا چاقىرىدىغان ئەڭ ياخشى كىتابتۇر....

يەھۇدى ۋە خىرىستىيان پوپلىرى بۇ كىتابقا رەددىيە يېزىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، قۇرۇق گۇمان
ۋە پاكىتسىز جىدەلدىن باشقا ئىلمى بىر نەرسە يازالمىدى.

دوكتۇر ۋىليام كامبىل :" قۇرئان، مۇقەددەس كىتاب تارىخ ۋە ئىلىم-پەن نۇرى ئاستىدا " نامىلىق كىتاۋى
ئارقىلىق مورسى بوكايغا رەت قايتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ باققان بولسىمۇ، ئاخىردا نەتجىلىك بىر نەرسىنى قولغا
كەلتۈرەلمىدى...

بەزى غەرب ئالىملىرى بۇ كىتابقا رەددىيە يېزىش ئۈچۈن تەييارلىنىپ، چوڭقۇر ئىزدەنگىنىدە ...
خەلق ئالدىدا مۇسۇلمان بولۇپ شاھادەت كەلىمىسىنى ئيېتىشقان!.

دوكتۇر مورىس بوكاي كىتاۋىنىڭ مۇقەددىمىسىدە مۇنداق دەيدۇ: " قۇرئانغا ئالاقىدار ئىلمى بىلىملەر
دەسلەپتە مېنىڭ چوڭقۇر دىققىتىمنى تارتتى، مەن ئىنچىكە كەشىپ قىلىنغان تۈرلۈك تېمىلاردىكى
كەشپىياتلارنىڭ 13 ئەسىر ئىلگىرى يېزىلغان ئايەتكە تامامەن ئۇيغۇن كىلىپ قالار دەپ ئويلاپ باقمىغان ئىدىم! ".

ئاللاھنىڭ بۇ سۆزىگە نەزەر تاشلاڭ: " ئۇلار قۇرئان ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئەگەر قۇرئان
(مۇشرىكلار بىلەن مۇناپىقلار گۇمان قىلغاندەك) اللە دىن غەيرىنىڭ تەرىپىدىن بولغان بولسا،
ئەلۋەتتە، ئۇنىڭدىن نۇرغۇن زىددىيەتلەرنى تاپقان بولاتتى" نىسا سۈرىسى، 82- ئايەت.

ئەگەر قۇرئان ئاللاھنىڭ غەيرىدىن بولۇپ قالغان بولسا، ئاللاھنىڭ : " سەندىن كىيىنكىلەرگە ئىبرەت
بولۇشۇڭ ئۈچۈن، بۈگۈن سىنىڭ جەسىتىڭنى قۇتقۇزىمىز(يەنى سىنىڭ جەسىتىڭنى دېڭىزدىن چىقىرىپ قويىمىز) "
دىگەن سۆزى ئەمەلىلەشمىگەن بولاتتى.فىرئەۋننىڭ جەسىتىدە ھەقىقەتەن ئىلاھى مۆجىزە بار ئىدى، مۇشۇ مۆجىزە
دوكتۇر مورىس بوكاينىڭ قەلبىدە ئىسلامنى تىرىلدۇردى...

****

غەرب ئالىملىرى قۇرئاننىڭ ھەقلىقىغا ئىشىنىپ مۇسۇلمان بولۇۋاتىدۇ،
ئۇيغۇر زىيالىرى قۇرۇق خىيالغا ئەگىشىپ خىرىستىيانلىشىۋاتىدۇ! قىززىق ئىش دە...
دوكتۇر مورىس بوكاينىڭ كىتاپلىرى:

.قۇرئان، تەۋرات، ئىنجىل ۋە يېڭى ئىلىم -پەن ( The Bible, the Quran and Science ) 



2. قۇرئان كەرىم ۋە يېڭى ئىلىم.


ئىسلام ئاۋازى تور بىتىدىن ئېلىندى
[ بۇ يازمىنىsamanyoli 2011-09-06 21:13قايتا تەھرىرلى ]
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6506
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 65
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە65دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 685 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-14
ئاخىرقى: 2011-09-16

ئاللا ھ بۇيۇكتۇر.
ئى ئاللا بىر سلگە ئىبادەت قىلمىز ۋە بىر سلدىن ياد ..
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3898
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1220
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1220دانە
ئۆسۈش: 240 %
مۇنبەر پۇلى: 7230 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2012-08-23
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-06 22:07

ئەقىل ئارقىلىق ئۆز ياراتقۇچىسنى تۇنۇپتۇ  خۇددى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدەك
adasdsadas
arslantikin
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8805
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 161
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە161دانە
ئۆسۈش: 850 %
مۇنبەر پۇلى: 2078 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-30
ئاخىرقى: 2012-02-26
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-07 00:23

ئاللاھ ئەقىلنى ئشلىتىش ئۇچۇن ،ھەق بىلەن باتلنى ،توغرا بىلەن خاتانى ئايرىش ئۇچۇن، ئۇزنىڭ ياراتقۇچسىنى تۇنۇش
ئۇچۇن ئاتا قىلغان
arslantikin
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5811
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1736
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1736دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 18357 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-22
ئاخىرقى: 2012-07-30
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-28 22:20

ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم، مورىس بوكاي---اللەنىڭ ھىدايىتىگەئىرىشكەن كىشى.
اللا
دوستلىشىش
قارگۇلى
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8196
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 629
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە629دانە
ئۆسۈش: 210 %
مۇنبەر پۇلى: 6704 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-18
ئاخىرقى: 2012-09-01
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-29 11:54

بىر سائەت ئاللاھنىڭ قۇدرەت ئالامەتلىرى توغرىسىدا تەپەككۇر يۇرگۇزۇش بىركىچە-كۇندۇز ناماز ئوقۇغاننىڭ ساۋابى بولىدۇ!!!!!! ئاللاھ بەرگەن ئەقىل نىئمىتىدىن قانداقمۇ ھىساپ بېرىپ بولارمىز--ھە!!   
ئۇنۇتمايلىكى :  <<بۇ دۇنيا بىر قونالغۇ...........بىز بولساق مىھماندۇرمىز!!!!!>>