باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 371 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ياشلىقتىكى ناخشىلار
Benim Için Yazilmiş Bir Şarkisin
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 852
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 224
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە224دانە
ئۆسۈش: 4540 %
مۇنبەر پۇلى: 5345 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-04
ئاخىرقى: 2011-10-20
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-06 20:52

ياشلىقتىكى ناخشىلار

ئوت يانىدۇ كۆزۈڭدە
ئوت يانىدۇ كۆزۈڭدە،
قىينىلىمەن كۆيۈپلا.
مەيلى ئىدى جان بەرسەم،
سېنى تاتلىق سۆيۈپلا.
 
قارا-قارا كۆزلىرىڭ،
مېنى ساڭا باغلايدۇ.
لېكىن خائىن سۆزلىرىڭ،
يۈرىكىمنى داغلايدۇ.
 
ئىشق ئوتى يامانكەن،
كۆيدۈم-كۆيدۈم،كۈل بولۇپ.
ئۆزگۈلەرنىڭ باغىدا،
سەن ئېچىلغاچ گۈل بولۇپ.
 
ئۇنتۇلاتتىم بۇرۇنلا،
ئاسان بولسا ئۇنتۇلۇش.
ئاھ چېكىمەن ئۇنتالماي،
بولۇپ يالغۇز ئۇچقان قۇش.
 
يوقتۇر سەنسىز خۇشاللىق،
يالغان كۈلۈپ ياشايمەن.
پىراقىڭدا ھەركۈنى،
مىڭ رەت ئۆلۈپ ياشايمەن.
 
گۈزەللىكتە ئاللاھىم،
تەڭدىشىڭ يوق ياراتقان.
بولساڭمۇ گەر تاش يۈرەك،
مېنى ساڭا قاراتقان.
 
تىز پۈكمەستىم ھاياتتا،
بىر ئاللاھتىن باشقىغا.
تىز پۈكتۈردى مۇھەببەت،
ئورناپ دىلنىڭ قېتىغا.
قاچ مەيلى قاچ
قاچ مەيلى قاچ

مەندىن ئەي دىلبەر

ئۈمۈدىمنى ئۈزمەيمەن سەندىن.

بىر كۈن ياشىسام سۆيىمەن بىر كۈن،

بىر ئاي ياشىسام سۆيىمەن بىرئاي.

بىر يىل ياشىسام سۆيىمەن بىريىل

مىڭ يىل ياشىسام سۆيىمەن ھارماي.

مەيلى بىل

ۋە ياكى بىلمە

ياشالمايمەن دىلبىرىم سەنسىز،

سەن يۈرەككە ئورناپ كەتكەن قىز.

مىنۇتۇم يوق ئويلىمايدىغان

كۈلەلمەيمەن كۈلمەك ئويلىسام،

سۆيەلمەيمەن سۆيمەك ئويلىسام،

ئۆلەلمەيمەن ئۆلمەك ئويلىسام

بولدى مېنى ئەيىپلەپ يۈرمە،

قانداق قىلاي ساڭا تويمىسام...

مەيلى ئۇرغىن ۋەياكى تىللا،

مەيلى قازى،سوتچىنى چىللا.

كېچەلمەيمەن ھاياتتا سەندىن

ۋىجدان بىلەن گەپ قىلسام لىللا.

مەيلى ئېچىل ۋە ياكى تۇتۇل،

سۆيەلمىسەڭ ئۆلتۈرۈپ قۇتۇل.

مىت قىلماستىن كۆزۈمنى ھەتتا،

جەھەننەمگە كېتىمەن ئۇدۇل...







[ بۇ يازمىنىozturkler 2011-09-06 21:34قايتا تەھرىرلى ]
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8878
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە2دانە
ئۆسۈش: 20 %
مۇنبەر پۇلى: 30 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-07
ئاخىرقى: 2011-09-08

ياخشى يېزىپسىز،مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن كۈنلىرىمنى ئەسلىتىپ قويدىڭىز غۇ ئەمدى!رەھمەت سىزگە.