باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1481 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: پىروگرامما ئىشلىرىغا بېغىشلانغان ھايات، ئۇيغۇر پىروگراممېر
دوستلىشىش
yawakapta
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5173
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 14
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە14دانە
ئۆسۈش: 200 %
مۇنبەر پۇلى: 260 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-25
ئاخىرقى: 2012-03-28
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-06 02:37

پىروگرامما ئىشلىرىغا بېغىشلانغان ھايات، ئۇيغۇر پىروگراممېر

[font=][font=]ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم، ئابلەتجان!    ۋە ئەلەيكۈم ئەسسالام![font=]
[font=]

             ئۇيغۇر پىروگراممېر ئابلەتجان ئىسمايىل

سىزنىڭ دەسلەپكى بارخان، ھازىرقى يېڭى ئېرا نامىدىكى يۇمشاق دېتال تەتقىقات مەركىزىنى قۇرۇپ، رايونىمىزنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشۇپ كېلىۋاتقانلىقىڭىزدىن خۇرسەنمىز.
شۇڭا «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 3-سانىدا سىزنى ۋە تەتقىقات مەركىزىڭىزنى تونۇشتۇرۇشنى نىيەت قىلدۇق.
تۆۋەندە بىر نەچچە سوئال تەييارلاندى، سوئاللارغا ئامال بار كەڭ دائىرىلىك قىلىپ، ئۆزىڭىز جاۋاب بېرىشىڭىزنى ئۇمۇد قىلىمىز. 

1-سوئال:  تەرجىمىھالىڭىز ۋە نۆۋەتتىكى خىزمەتلىرىڭىز ھەققىدە قىسقىچە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز.
جاۋاب: ئىسىم–فامىلەم ئابلەتجان ئىسمايىل، 1983-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى كورلىنىڭ بۈگۈر ناھىيىسىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلدۇم، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۆز يۇرتۇمدا ئوقۇدۇم، 2002– يىلى 7– ئايدا بايىنغولىن پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن كومپيۇتېر ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا باشلىغان، ھازىر يېڭى ئېرا يۇمشاق دېتال تەتقىقات مەركىزىدە بىر تۈركۈم  پروگىرامما لاھىيلەشتە ئىقتىدارى بار  ياشلارنى تەشكىللەپ،قىزىقىشى بار ياشلارنى تەربىيلەپ يۇمشاق دېتال ئېچىش ۋە تور بېكەت قۇرۇلۇشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن. 

2-سوئال: بىلىشىمىزچە سىز ئىلگىرى بارخان يۇمشاق دېتال شىركىتىنى قۇرغان ئىكەنسىز، بۇ شىركەت ۋە شۇ چاغدىكى ئىشلەپ چىققان يۇمشاق دېتاللار ھەققىدە تونۇشتۇرۇش بەرگەن بولسىڭىز.
جاۋاب: بارخان شىركىتى 2005- يىلى 5- ئايدا ئىككى دوستۇم بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا قۇرغان بولۇپ ھەقلىق يۇمشاق دېتاللىرىمىزدىن تۇنجى بولۇپ بازارغا سېلىنغىنى UUS دەرس ئورۇنلاشتۇرۇش سىستېمىسى بولدى. دەسلەپكى مەزگىلدە «بارخان سودا باشقۇرۇش سىستېمىسى»، «بارخان ھېسابات باشقۇرۇش سىستېمىسى»،«يەلتاپان يېمەك-ئىچمەك تىجارىتىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى» قاتارلىق يۇمشاق دېتاللارنى بازارغا سالدۇق.
كېيىنكى مەزگىلدە ئۇيغۇرچە تور ئالاقە قورالىنىڭ كەمچىللىكىنى كۆزدە تۇرۇپ «بارخان مۇڭداشقۇ» نىڭ تۇنجى نەشىرنى ئىشلەپ سىناق تەرىقىسىدە تارقىتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى ئىشلەپ چىققان پاراڭلىشىش قورالى يوق بولۇشتەك ئەھۋالغا خاتىمە بەرمەكچى بولدۇق، لېكىن ئەپسۇس،ئۇ چاغلاردا يۇنىكود ئەمدىلا بارلىققا كېلىپ ئومۇملىشىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقاچقا بىز بۇ دېتالنى يۇنىكودسىز ئۆلچەمنى ئاساس قىلىپ تۈزگەن ئىدۇق، مەزكۇر مۇڭداشقۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قارشى تۇرۇشىغا دۇچ كەلدۇق. ئاساسلىق سەۋەپ مەزكۇر مۇڭداشقۇنىڭ يۇنىكودسىز بولغانلىقىدىن بولىدى،بىز بۇمەسىلنى كۆزدە تۇتۇپ ئانچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمەيلا ئۆزگەرتىپ تارقاتقان بولساقمۇ يەنىلا قوللاشقا ئېرىشەلمىدى.

3-سوئال: ھازىر يېڭى ئېرا يۇمشاق دېتال تەتقىقات مەركىزىنى قۇرۇپ، بىر قىسىم ياشلارنى تەشكىللەپ يۇمشاق دېتال تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللىنىۋېتىپسىز. بۇ  تەتقىقات مەركىزى ۋە يېڭى ئىشلەپ چىققان دېتاللىرىڭلار بىلەن تونۇشۇپ چىقساق.
جاۋاب: ھازىرقى يېڭى ئېرا يۇمشاق دېتال تەتقىقات مەركىزى 2008- يىلى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان بولۇپ، ئاللاھقا چەكسىز شۇكرلەر بولسۇن يۇمشاق دېتال تەتقىقات مەركىزىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان «يەلتاپان يېمەك-ئىچمەك تىجارىتىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى» نىڭ تۇنجى قېتىملىق كۆرۈنمە يۈزىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا بارا-بارا يېڭى ئىقتىدارلارنى قوشۇپ ئەسلىدىكى 45 خىل ئىقتىداردىن تۈزۈلگەن ئاددىي ھەم ئىپتىدائىي سىستېمىدىن ھازىرقى 127 خىل ئىقتىدارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن مۇكەممەل ۋە مۇنتىزىم سىستېمىغا ئۆزگەرتىش بىلەن بىللە «خەزىنە ھېسابات باشقۇرۇش سىستېمىسى»، «ئىللىق ئۆتەڭ مېھمانخانا باشقۇرۇش سىستېمىسى»، «ھەميان كارتا باشقۇرۇش سىستېمىسى»، «دىكتورلار ياردەمچىسى»، «قانۇن قامۇسى»، «UUS دەرس ئورۇنلاشتۇرۇش سىستېمىسى»، «ئۇچار گىلەم ئايروپىلان بېلىتى سېتىشنى باشقۇرۇش سىستېمىسى»، «كاتىپىم كىتاب، دىسكا ئىجارە بېرىشنى باشقۇرۇش سىستېمىسى›»... قاتارلىق ھەقلىق يۇمشاق دېتاللارنى بازارغا سىلىش بىلەن بىرگە «ئۇيغۇرچە، لاتىنچە، سىلاۋىيانچە ئۈچ خىل يېزىقتا توربېكەت يېزىق ئايلاندۇرۇش تېخنىكىسى (تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى، شىنجاڭ پەلسەپە– ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتى، شىنجاڭ يارىپ تورى، شىنجاڭ ئاياللىرى ژۇرنىلى تورى، شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتى تورى ئىشلىتىۋاتىدۇ) »، «توربېكەتتىن ئۇيغۇرچە ئىزدەش ماتورى تېخنىكىسى»، «لۇغەت سۆزلۈكىنى ئىندېكسلاش تېخنىكىسى»، «ئۇيغۇرچە يېزىق پەرقلەندۈرۈش (OCR) تېخنىكىسى»، «ئۇيغۇرچە قوليازما پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى» قاتارلىقلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاندىن يەنە «يېڭى ئېرا ئۇنىۋېرسال لۇغىتى (ئۆزگىچە ئىزدەش تېخنىكىسى قوللىنىلغان) بار بولۇپ، لۇغەت ھەقسىز تارقىتىلىدۇ، ھەمدە داۋاملىق يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلىدۇ ...
مەركىزىمىز ھەقلىق دېتاللارنى ئىشلەش بىلەن بىرگە  يەنە 20نەچچە خىل ھەقسىز قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللارنى ياساپ توربېتىمىزدە تارقاتتۇق ياكى تورداشلارغا تەمىنلىدۇق، بۇ جەرياندا «ئۇيغۇرچە دامكا ئويۇنى (خادىمىمىز ياسىغان)»، «ئۇيغۇرچە رەسىم قۇراشتۇرۇش ئويۇنى»، «ئۇيغۇرچە سۆز تېپىش ئويۇنى» قاتارلىق ئانا تىلىمىزدىكى ئويۇنلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردۇق ھەم داۋاملىق خەلىقىمىزنىڭ ئەنئەنېۋى ئويۇنلىرنىڭ كومپىيوتېرلىق نۇسخىسىنى ئىشلەپ تارقىتىشقا تېرىشىمىز، ھازىر شۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرى بولغان «ئۇيغۇرچە 9 قاتار ئويۇنى» تارقىتىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ. 
ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى، كارخانا ۋە شەخسلەرنىڭ بولۇپ 10 نەچچە تور بېكەت قۇرۇلۇشىنى تاماملىدۇق.
ھەرخىل ئەمەلىي قوللىنىشچان يۇمشاق دېتال ۋە ئويۇنلاردىن 20 دىن ئارتۇقنى ھەقسىز تارقاتتۇق.
ھازىر يەنە يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ تارقىتىش ئالدىدا تۇرغان نەچچە خىل يۇمشاق دېتال ۋە يۇمشاق دېتال تېخنىكىلىرى ئاللاھ خالىسا يېقىن كەلگۈسىدە خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشكىسى. 

4-سوئال: ھازىر كۆپلىگەن چوڭ تىپتىكى ئاشخانىلاردا سىلەر ئىشلىگەن تاماق بۇيرۇش سىستېمىسى ئىشلىتىلىۋاتىدۇ، مۇشۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ئىشلىنىش ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە نۆۋەتتىكى ئومۇملىشىش، قىممەت يارىتىش ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولساق.
جاۋاب:
كومپيۇتېر ۋە ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ، يېمەك – ئىچمەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىچىلىرىمىز تاماقخانىلىرىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشقا يۈزلەندى. مەركىزىمىز كارخانىچىلىرىمىزنىڭ بۇ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ «يەلتاپان يېمەك–ئىچمەك باشقۇرۇش سىستېمىسى» نى ئىشلەپ ، ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇق.
يەلتاپان يۇمشاق دېتالىنى ئىشلەتكەندە ئېرىشكىلى بولىدىغان قۇلايلىقلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ ئەڭ ئاساسلىقلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. تاماق تۈرىنى بېكىتىش جەھەتتە:
تاماقلارنى خالىغانچە تۈرگە ئايرىپ، شۇ تۈرنىڭ ئىچىدە يەنە قانداق كىچىك تۈرلەرنىڭ بارلىقىنى خالىغانچە بېكىتىۋېلىشقا، تاماقنىڭ ئادەتتىكى رايوندىكى ۋە ئايرىمخانىدىكى باھاسىنى خالىغانچە بېكىتىۋېلىشقا بولىدۇ، يەنە ئۇنىڭدىن باشقا يۈرۈشلۈك تاماق ۋە ئالاھىدە تاماقلارنىمۇ خالىغانچە تاللاپ تۈرلىۋېلىشقا ۋە باھا تەڭشەشكە بولىدۇ.
2-تاماق تىزىملاش جەھەتتە:
مەيلى سىمسىز تاماق تىزىملىغۇچ ئارقىلىق بولسۇن مەيلى كومپيۇتېرنىڭ ئۆزىدە بولسۇن تاماقنىڭ بىۋاسىتە ئىسمىنى چېكىپ تاللاشقا ۋە ياكى تېز كۇنۇپكا ئارقىلىق تاماق تاللاپ تىزىملاشقىمۇ بولىدۇ، قەلەم بىلەن قەغەزگە يازغانغا قارىغاندا ناھايىتى تىز ھەم قۇلاي بولىدۇ.
3-بېسىپ چىقىرىش ۋە قوشۇمچە تەلەپ:
تاماق تىزىملىغۇچى مەيلى قايسى تاماقنى تىزىملىشىدىن قەتئىي نەزەر ئۈستەل نومۇرى، تاماق نامى، تاماق سانى  ۋە قوشۇمچە تەلەپ(ئىسسىق، سوغۇق، ئاچچىق، تاتلىق قاتارلىق تەلەپلەر....) بويىچە ئارقا سەپ پرىنتېرى تالون بېسىپ چىقىرىدۇ، تالون شەكلىنى خالىغانچە تاللاپ ئۆزگەرتىۋېلىشقا بولىدۇ، ھېسابات ئۈستىلىدىكى كومپيۇتېردا قايسى پرىنتېرغا قانداق تالوننىڭ يوللانغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرغىلى بولغاچقا نازارەت قىلىشقىمۇ ئوڭاي، ناۋادا بىرەر پرىنتېردىن تالون چىقماي قالسا سىستېما شۇ ھامان ئەسكەرتمە ئۇچۇرى چىقىرىدىغان بولۇپ چىقمىغان تاماق تالونىنى قايتا بېسىپ چىقىرىۋېلىشنى ئەسكەرتىدۇ،  ھەرگىزمۇ تاماق تالونى ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىدىغان ئىش بولمايدۇ.
4-تاماق سېتىپ چىقىرىش شەكلى جەھەتتە:
تاماق سېتىپ چىقىرىش شەكلى جەھەتتە ئادەتتىكى نورمال تىجارەت شەكلى، ئېتىبار كارتىسى ئارقىلىق ھېسابات قىلىش شەكلى، نېسى ھېسابات قىلىش شەكلى قاتارلىق ئۈچ خىل شەكىلدە تاماق سېتىپ ھېسابات قىلغىلى بولىدۇ.
5-ستاتىستىكا ۋە خۇلاسە جەھەتتە:
بۇنىڭدا خالىغان كۈنى خالىغان ۋاقىتتا كىمنىڭ قانچىلىك قانچە پۇللۇق تاماق تىزىملىغانلىقى؟ قايسى تاماقنىڭ قانچىلىك قانچە پۇللۇق سېتىلغانلىقىدىن تارتىپ تاكى كىرىم-چىقىم ۋە نەق-نېسى سودا، ئامبار ھېساباتى، كارتا ھېساباتى، خىزمەتچىلەر مائاشى قاتارلىقلارنى بىراقلا ھەم ئايرىم-ئايرىم ستاتىستىكىلاپ چىقىشقا بولىدىغان بولۇپ ھەرخىل ستاتىستىكا نەتىجىلىرى باشقۇرغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا يېتىپ ئاشىدۇ.
6-سىستېما بىخەتەرلىكى جەھەتتە:
سىستېمىنى ئىشلەتكۈچىلەرگە تىزىملىتىش نامى ۋە مەخپىي شىفىر بەلگىلەپ بېرىلىدىغان بولۇپ ھەركىم ئۆزنىڭ مەخپىي شىفىرى ۋە تىزىملىتىش نامىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىۋالسا بولىدۇ، ئۇنىڭدىن بۆلەك ھەربىر ئىشلەتكۈچىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى بەلگىلەپ ئۇنىڭ مەشغۇلات رايونىغا چەك قويۇشقا بولىدۇ، ھەم شۇنىڭدەك كىمنىڭ قايسى كۆزنەكتە نېمە مەشغۇلات قىلغانلىقى سىستېما مەشغۇلات خاتىرىسىدە ساقلىنىپ ماڭىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا سىستېما ئۇچۇرلىرىنىڭ ۋە ئاشخانا ھېساباتىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ يوقاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن سىستېمىدا ‹‹زاپاسلاش›› ۋە ‹‹ئەسلىگە كەلتۈرۈش›› ئىقتىدارى بار بولۇپ خالىغان چاغدا خالىغان ئورۇنغا زاپاسلاپ ئالغىلى بولىدۇ، ئاپتوماتىك زاپاسلاش ئىقتىدارى تېخىمۇ قۇلاي بولۇپ، زاپاسلانغان ھۆججەت ۋىرۇسنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ.
بۇ سىستېمىنى ئۆزىمىز 0دىن باشلاپ  يېزىپ چىققان بولۇپ كۆرۈنمە يۈزى ۋە تىزىملىكلىرى ئۇيغۇرچە خەنزۇچە ئىككى خىل تىلدا بولۇپ تاللاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سىستېمىنىڭ ياردەم ھۆججىتى ناھايىتى تەپسىلىي تەمىنلەنگەن بولۇپ ئىشلەتكۈچى مەلۇم بىر كۆزنەكتە مەشغۇلات قىلىشنى بىلەلمەي قالغان بولسا شۇ كۆزنەكنىڭ ئۆزىدىكى ‹‹ياردەم›› كۇنۇپكىسىنى باسقان ھامان قانائەتلىنەرلىك ياردەمگە ئېرىشەلەيدۇ. سىستېما ۋە ياردەم ھۆججىتى ئىنتايىن چۈشىنىشلىك بولغاچقا سىستېمىنى ئۆگىنىش ھېچقانچە قىيىنغا توختىمايدۇ...
قىسقىسى بۇ سىستېما  تېز تاماقخانا ، ئاشخانا ۋە ساماۋەر شورپىخانىسى قاتارلىق يېمەك – ئىچمەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ تىجارىتىگە كۆپ قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى ،ھەمدە رايونمىز يېمەك – ئىچمەك ساھەسىدىكى بايراقدارلاردىن بولغان باغۋەن تائام سارىيى،قورغان تائاملىرى ، زەمزەم تائاملىرى، جەۋھەر تېز تاماقخانىسى قاتارلىق 80دىن ئارتۇق تېز تاماقخانىلار ئىشلىتىپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى. قەشقەر، خوتەن، تۇرپان، كورلا قاتارلىق ئورۇنلاردا ۋاكالەتچى ئورۇنلىرىمىز ئەلا مۇلازىمەت قىلىۋاتىدۇ، ئاللاھ خالىسا بۇندىن كىيىن تېخىمۇ شۇنداق بولغۇسى...
5-سوئال: سىزنىڭ يۇمشاق دېتال ئىشلەش جەھەتتە ھازىرقى كۆپلىگەن ياشلىرىمىز قىزىقىۋاتقان ھەم كۆپلەپ ئۆگىنىۋاتقان رايونىمىزنىڭ بۇ يۇمشاق دېتال ساھەسى ھەققىدىكى كۆز قارىشىڭىزنى ۋە ياشلارغا دەيدىغان ۋە ئۇلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باقساق.
جاۋاب:كومپيۇتېرنىڭ يۇمشاق دېتال ساھەسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، رايونمىزدىكى كومپىيوتېرچىلىق ئىشلىرى بۇرۇنقى كىرگۈزگۈچ ، خەت نۇسخىسى ياساش ۋە ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇشتىن تەربىيلەشتىن تەرەققى قىلىپ توربەتچىلىك ، لۇغەتچىلىك ۋە ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى ھەمدە كۆپ مېدىئا تەربىيلەش ۋە قاتتىق دېتال قاتارلىق ساھەلەردە تەرەققىي قىلماقتا! شۇڭلاشقا نۇرغۇنلىغان ياشلىرىمىز ھەرقايسى جەھەتلەردە مەلۇم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ ھازىرقى خەلقارالىق يۇمشاق دېتال ئېچىش ساھەسىدىكى تەرەققىياتقا نىسبەتەن ئېيىتقاندا دىيارىمىزدا كۆلەملەشكەن،كۈچلۈك تېخنىكا ئاساسى ۋە زىچ ھەمكارلىشىپ تۈر ئېچىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە پىروگرامىرلار قوشۇنى بولغان يۇمشاق دېتال ئېچىش ئورۇنلىرى يوق دىيەرلىك,رايونىمىزنىڭ يۇمشاق دېتالچىلىق تەرەققىياتى خەلىقارالىق سەۋىيىدىن خېلىلا تۆۋەن،شۇنداق بولغاچقا بىزنىڭ يۇمشاق دېتالچىلىقىمىز  ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىلىرى ۋە مىللىي يېزىقنى بىر تەرەپ قىلىش دېتاللىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماقتا،شۇڭا بىز ھەممىمىز داۋاملىق تەربىيلەش ۋە تەربىيلىنىشكە،بىلىمگە مەبلەغ سېلىشقا ئۆز–ئارا قوللاشقا مۇھتاج.
ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىلىرىغا كەلسەك ، رايونمىزنىڭ قوش تىل ئىشلىتىشتەك ئەۋزەللىكى تۈپەيلىدىن نۇرغۇنلىغان ئىدارە – ئورگان، شىركەت –كارخانىلار يەنىلا خەنزۇچە يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىپ كەلمەكتە.بىرقىسىم شەخسى شىركەتلەر ۋە تىجارەتچىلىرىمىز ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىپ كەلمەكتە ھەم بىزنىڭ ئاساسلىق خېرىدارلىرىمىز بولۇپ تۇرماقتا.
   كومپيۇتېر كەسىپلىرىدە ئوقۇۋاتقان ياكى كومپيۇتېرغا قىزىقىپ كومپيۇتېر ئۆگىنىۋاتقان ياشلارغا كەلسەك: يۇمشاق دېتال خىزمىتى شۇغۇللانغۇچىدىن ئاۋۋال شۇغۇللىنىدىغان ساھەسىنى ئېنىق بېكىتىپ ، ئاندىن شۇ ساھەدە توختىماي ئۆگىنىشنى ، ئىزدىنىشنى ،چىدامچانلىقنى ۋە ئىزچىللىقنى تەلەپ قىلىدىغان خىزمەت. شۇڭا سىز قىلماقچى بولغان ئىشىڭىزغا ئاساسەن مەلۇم بىر تىلىنى تاللاپ پىششىق ئۆگەنسىڭىز بولىدۇ. تىلدىن-تىلغا ئاتلاپ ۋاقىت ئىسراپ قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن .
يۇمشاق دېتال ئېچىش كەسپىگە يېڭى قەدەم قويغانلارغا دەيدىغىنىم توغرا بولغان رىقابەت قارىشىنى تىكلەپ بازارنى كۆزىتىشكە ماھىر بولۇپ،مەلۇم بىر ساھەنى پىششىق تۇتۇپ شۇ ساھەدە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ۋە كۆرىنەرلىك نەتىجە يارىتىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك.
6-سوئال: مەركىزىڭلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى نىشانى ۋە پىلانلىرىڭلار ھەققىدە ئورتاقلاشساق بولارمۇ؟
جاۋاب:مەركىزىمىز ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە تور بېكەت قۇرۇلۇشى بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئاساس قىلغان بولۇپ ، مەركىزىمىزنىڭ يۇمشاق دېتاللىرى يىلدىن يىلغا كۆپىيىۋاتىدۇ، سېتىپ چىقىرىش ۋە كېيىنكى مۇلازىمەتنى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرماي بولمايدۇ، شۇڭا بىز يۇمشاق دېتاللىرىمىزنىڭ مۇلازىمىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ ئاللاھ خالىسا مۇلازىمەت سۈپىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرىشىمىز.
مەركىزىمىز ھازىرغىچە ‹‹ئۇيغۇرسوفت››، ‹‹ئىقبال مائارىپ پەن-تېخنىكا شىركىتى›› قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن تېخنىكا ھەمكارلىقى ئورناتتۇق، ھەمكارلىقىمىز ناھايىتى ياخشى كېتىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئاللاھ خالىسا رايونمىزدىكى شىركەت ۋە  شەخسلەر بىلەن  ئۆز –ئارا ھەمكارلىشىپ ،  رايونمىزنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە داۋاملىق تىرىشىمىز!
بىزنىڭ يېقىن كەلگۈسىدىكى پىلانىمىز ئاللاھ خالىسا بازار رىقابىتىدە ئۆز–ئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ پەقەت قوللىشىچان پروگىرامما ئېچىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي،تور بەتكە كېڭىيىش،كۆلىمىمىزنى كېڭەيتىپ پەقەت پروگىرامما يېزىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي،خادىم تەربىيلەش،يۇمشاق دېتال سېتىش بىلەنلا شۇغۇللىنىپ قالماي تېخنىكا سېتىش،يۇمشاق دېتال مۇلازىمىتى ۋە تور بېتىمىزدىكى سۇئال جاۋاب خارەكتېرلىك مۇلازىمەتتىن تېخىمۇ كەڭ ساھەدىكى مۇلازىمەت تۈرىگە يۈرۈش قىلىش.
7-سوئال: رايونىمىزدىكى ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار ۋە ئىنتېرنېتنىڭ ھازىرقى ھالىتى ۋە تەرەققىياتى ھەققىدە قانداق قاراشلىرىڭىز بار؟
جاۋاب: رايونىمىزدىكى ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال ساھەسى يېزىق كىرگۈزگۈچ ياساشتىن باشلىنىپ تىل يېزىققا مۇناسىۋەتلىك يۇمشاق دېتاللارغا تەرەققىي قىلىپ لۇغەت ، يېزىق پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسى، كوررېكتور قاتارلىقلاردىن باشلاش ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئەمىلى قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللار مەشغۇلات سىستېمىلىرىغىچە تەرەققىي قىلدى. ئاللاھ خالىسا بۇندىن كېيىنكى يۆنىلىش ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا تېخىمۇ سىڭىپ كىرىشىگە كۆزۈم يېتىدۇ.
ئەمىلى قوللىنىلىدىغان يۇمشاق دېتاللارغا قارىغاندا توربېكەتلەرنىڭ تەرەققىياتى تىز بولدى،بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبى توردا تەييار تور بەت كودى بار ھەم تور بەت قۇرۇشقا كېتىدىغان كۈچ ۋە مەبلەغ يۇمشاق دېتال ئېچىشقا قارىغان دا ئاز،بازا تاپقۇزۇشمۇ ئاسان.
دەسلەپتە تور بەتچىلىكىمىز تەييار ئۇچۇق كودلۇق تور بەتلەرنى تەرجىمە قىلىشنى ئاساس قىلغان ئىدى،ھازىرمۇ ئۇنىۋېرسال توربېكەتلەر ۋە مۇنبەرنى ئاساس قىلغان توربېكەتلەر شۇ ئاساستا داۋاملىشىۋاتىدۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاز ساندىكى ئۆزگىچە ئۇسلۇپقا ئىگە،ئۆزى بىر قوللۇق ياسىغان ياخشى تور بەتلەرمۇ بارلىققا كەلدى ھەم كۆپلەپ قۇرۇلۇۋاتىدۇ، مەزمۇنىمۇ سەرخىل. 
8-سوئال: ‹‹تور بەتتىن ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىزدەش ماتورى تېخنىكىسى›› توغرىسىدا چۈشەنچە بەرسىڭىز؟
جاۋاب: ‹‹تور بەتتىن ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىزدەش ماتورى تېخنىكىسى›› مەركىزىمىز ئۆز ئالدىغا پىلان لايىھىسى تۈزۈپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئارقىلىق تۈزۈپ چىققان ئىزدەش ماتورى.
ئۇ ئاساسلىق 3 بۆلەك قىسىمدىن تەركىب تاپقان:
1)        Internet دۇنياسىدىن ئۇچۇر توپلاش.
2)        توپلانغان ئۇچۇرلارنى رەتلەش ۋە ئىندېكسلاش
3)        ئىندېكسلانغان مەزمۇنى ئىزدىگۈچىگە تىز سۈرەتتە تېپىپ بېرىش.
بۇ ئىزدەش ماتورىنىڭ بارلىق تېخنىكىلىق مەسىلىلىرىنى ئۆزىمىز 0 دىن باشلاپ ھەل قىلدۇق دەپ ئېيتالايمىز.
بۇرۇنمۇ بىر قىسىم ئىزدە تور بەتلىرى قۇرۇلغان بولسىمۇ،ئۇلار گوگۇلنىڭ ئىزدەش ماتۇرىغا ئارقىلىق ئىزدەپ ،ئېرىشكەن نەتىجىنى ئابونىتقا كۆرسىتىپ بېرەتتى،ئۆزىنىڭ مۇستەققىل ئىزدەش ماتورى يوق ئىدى،شۇڭا گوگۇل بولمىسا ھېچقايسىسى نورمال ئىشلىمەيتتى،مانا بۇ بىزنىڭ تور بەتچىلىكىمىزدىكى بىر تېخنىكا جەھەتتىكى بوشلۇق ئىدى،بىزدىكى يېڭىلىق يارىتىش روھى بىرنى مۇشۇ تېخنىكىنى ھەل قىلىپ بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا ئۈندىدى،شۇڭا ئىگە يېڭى ئېرا يۇمشاق دېتال تەتقىقات مەركىزىمىز ‹‹تور بەتتىن ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىزدەش ماتورى تېخنىكىسى›› نى ئۆز ئالدىغا پىلان لايىھىسى تۈزۈپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئارقىلىق بۇ تېخنىكىنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق،بۇ بىزنىڭ ئۆز ئالدىمىزغا لاھىيلەپ چىققان «ئىزدەش ماتورى»بولۇپ، بىر ئاددىي كومپىيوتېرنى مۇلازىمېتىر قىلىپ «تور بەتتىن ئۇيغۇرچە ئىزدەش» مۇلازىمەتنى يولغا قويغاندا ئىزدەش سۈرئىتى ناھايىتى تېز،ئۈنىمى خېلى ياخشى بولغان بولۇپ،خەلىقئارالىق سەۋىيەگە خېلىلا يېقىنلاشقان دېيشكە بولىدۇ.

9-سوئال: ‹‹لۇغەت سۆزلۈكى ئىندېكسلاش تېخنىكىسى››، ‹‹OCR››، ‹‹ئۇيغۇرچە قوليازما پەرقلەشتۈرۈش تېخنىكىسى›› توغرىسىدا چۈشەنچە بەرسىڭىز؟
جاۋاب: 1) لۇغەت سۆزلۈكى ئىندېكسلاش تېخنىكىسى:بىزنىڭ بۇرۇنقى لۇغەتچىلىكىمىز نوقۇل ھالدا سۆزلۈكنى تەييارلاپ Accessۋە باشقا ئۆلچەملەشكەن ساندان ھۆججىتىگە قوشۇپ، بىخەتەرلىك ئۈچۈن بۇ ھۆججەتلەرنى مەلۇم دەرىجىدە شىفىرلاپ،SQL جۈملىسىدىن پايدىلىنىپ ئىزدەش ئىدى، بۇ خىل ئۇسۇل ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئاسان، ئىزدەش قۇلايلىق بولۇش قاتارلىق ئارتۇقچىلىققا ئىگە بولسىمۇ، بىز «تور بەتتىن ئۇيغۇرچە ئىزدەش تېخنىكىسى» نى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش جەريانىدا شۇنى ئەگەر ساندان ياخشى لايىھىلەنمىسە،سانداندا ئۇچۇرلار بەك كۆپ بولسا ئىزدەش سۈرئىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى، ئەڭ مۇھىمى كومپيۇتېرنى بەك ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى بايقىدۇق، كومپيۇتېر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يۇمشاق دېتاللارمۇ سەرخىللاشتى، ھەرخىل يۆتكەلمە ئۈسكۈنىلەر(يانفون ،IPad )قاتارلىقلارغا يۇمشاق دېتال ئېچىش ئىشلىرىمۇ بىزنىڭ ئالدىمىزغا كەلدى. شۇڭا بىخەتەر، يەڭگىل، ئۆزىمىزگە خاس بىرخىل ئىزدەش تېخنىكىسىنى يارىتىش ئويىغا كېلىپ بۇ ئىزدەش تېخنىكىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق.
بۇ ئىزدەش تېخنىكىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، ئىزدەش سۈرئىتى پەۋقۇلئاددە تېز، ئىندېكسلانغان ھۆججەتنىڭ سىغىمى كىچىك، ئىندېكسلاش قۇلاي ھەم ئاسان، بىخەتەرلىكى يۇقىرى، ئىگىلەيدىغان ئىچكى ساقلىغۇچ كىچىك ھەم مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ھېسابلاش يۈكىنى خالىغانچە تەڭشىگىلى بولىدۇ، لايىھىلەنگەندە كۆپ خىل مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئاساس قىلىش تەلىپى بويىچە لايىھىلەنگەچكە بۇ تېخنىكىنى بارلىق Windows سىستېمىسىدىن باشقا Linux, ۋە ئالما مەشغۇلات سىستېمىسىغا ھەم Windows Mobile  غا كۆچۈرۈشكە بولىدۇ.
2)OCR: بۇ تېخنىكا بىخ ھالەتتە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ، دەسلەپكى قەدەمدە ئاق-قارا، ساپ يېزىق ھالەتتىكى رەسىمدىن بىر خىل خەت شەكلى UKIJ Tuz Tom غا تونۇتۇش ئېلىپ بېرىلىپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق، بارلىق خەت شەكلىنى تونۇش ئۈچۈن ئۇنىۋېرساللاشتۇرۇش ، كۆزنەكلەرنى كۆركەملەشتۈرۈش ۋە باشقا قوشۇمچە ئىقتىدار ۋە مەھسۇلاتلاشتۇرۇش باسقۇچلىرى بىزنى كۈتۈپ تۇرغان خىزمەتلەردۇر.
3)ئۇيغۇرچە قوليازما پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى:
بۇ تېخنىكىدا ھازىر ئېكرانغا مائۇس بىلەن يازغان ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى تونۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، تېخىمۇ كۆپ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ پۇچۇركىسىنى توغرا تونۇش ئۈچۈن، پۇچۇركا يىغىپ ئالاھىدىلىكىنى ئېلىش، ھەرپ تونۇشتىن تەرەققىي قىلىپ سۆز تونۇش ۋە ئاۋاز تونۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىزنىڭ نىشانىمىز.

تور بەت ئادرىسىمىز:    http://newera.cc/
مۇۋەپپەقىيەتلىرىمىز:   http://php.newera.cc/list.asp?id=3

10-سوئال: مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بىرقىسىم ئورۇنلاردىن خەۋەردار بولساق؟
جاۋاب: 
سىستېمىلىرىمىزنى ئىشلىتىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئورۇنلار

1.        يەلتاپان يۇمشاق دېتالىنى ئىشلىتىۋاتقان ئورۇنلار
ئامان تېز تاماقخانىسى(2يەردە)
زەمزەم تېز تاماقخانىسى
قورغان تېز تاماقخانىسى
يۇرتۇم تېز تاماقخانىسى
باغۋەن تائام سارىيى(غالىبىيەت يولى)
ئاتا باغۋەن تېز تاماقخانىسى (2يەردە)
جەۋھەر تېز تاماقخانىسى(2يەردە)
ئەتھەر تائاملىرى
شاھ ئوردا تائاملىرى
ئانار كۆل تېز تاماقخانىسى
مىزاج تائاملىرى(2يەردە)
تىللا تائاملىرى
خانتەڭرى تائاملىرى
ئۈزۈمزار تېز تاماقخانىسى
جەۋھەر(2يەردە)        

خەزىنە ھېسابات باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە ئىللىق ئۆتەڭ مېھمانخانا باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئىشلىتىۋاتقان ئورۇنلار
خوتەن خورمىزار ئىمپورت مەھسۇلاتلىرى
تەشنا تەشنا تاللا بازىرى
دۇبەي مال سېتىش ئورنى
سادىق خەۋەرلىشىشى
مەدىنە مۇنەۋۋەر خورمىلىرى
تالغار مال سېتىش ئورنى
ئەل تۈرۈك ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىكى
ئۆزتۈرك ياغلىقلىرى
قاغىلىق خان ساراي ئاياغ تاللا بازىرى
خوتەن ئوغۇزخان يېمەك – ئىچمەك كارخانىسى
يەكەن ئالتۇن ئارال
سابا مېھمانخانىسى
نازىنا ئالىي مېھمان سارىيى

مەركىزىمىز لايىھىلىگەن ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كارخانا ۋە شەخسىي تور بېكەتلەر 
تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى
شىنجاڭ پەلسەپە– ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېتى
يارىپ ئامبۇلاتورىيىسى
شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتى
ھۆرىيەت تورى
قانۇن تورى
ئۆتكۈر پىچاقچىلىقى
ئۇيغۇر ئۈمىد ساغلاملىق تورى
زۇلپىقار پىچاقچىلىقى.

زىيارەت قىلغۇچى:  شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسى.

كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش  2011-يىللىق 3-سانىدىن ئىلىندى:
[font=]
[font=]

[font=]

دوستلىشىش
بىناۋا
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7808
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 210
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە210دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 2314 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-10
ئاخىرقى: 2012-03-27

يارايسىلەر،ئۇيغۇر يىگىتلىرى.ئاستىڭلاردا ئات،قولۇڭلاردا قامچا بولمىغىنى بىلەن 21-ئەسىرگە لايىق ساپا،سالاھىيەت سىلەردە بار.
ئامانشاھ
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1939
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1424
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1424دانە
ئۆسۈش: 1770 %
مۇنبەر پۇلى: 16184 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-15
ئاخىرقى: 2012-03-31
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-06 12:35

ئىشلىرىڭلارغا ئۇلۇغ ئاللادىن   ئاسانلىق تىلەيمەن.
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم  مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىغىمدىن.
دوستلىشىش
guzal~atux
گۈزەل يۇرتۇم : ئاتۇش
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 704
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 105
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە105دانە
ئۆسۈش: 220 %
مۇنبەر پۇلى: 1193 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-25
ئاخىرقى: 2012-03-31
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-06 17:56

بۇگۇن بىر تىمىدەك تىمىدىن بىرنى كۆردۇم جۇمۇ بەك خۇرسەن بولدۇم .
دوستلىشىش
samanyoli
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،،،،،،،،،،،،،،
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1662
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1662دانە
ئۆسۈش: 7940 %
مۇنبەر پۇلى: 22747 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-03-31
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-06 20:26

غەيرەت قىلىڭلار قېرىنداشلىرىم،،ئاللاھتىن ئىشلىرىڭلارغا ئاسانچلىق ،مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن،،،،،،،،،،،،،،
arslantikin
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8805
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 162
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە162دانە
ئۆسۈش: 850 %
مۇنبەر پۇلى: 2078 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-30
ئاخىرقى: 2012-02-26
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-07 00:39

تېخىمۇ تېرشىڭلار بۇيۇك ئاللاھ ئشلىرنڭلارنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرسۇن ئامىين
arslantikin