ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىندىشىم نىدا 0998 توغرا ئىيتىپسىز ، ھەرقانداق بىر ياخشىلىققا دەئۋەت قىلغۇچىنىڭ دەئۋىتىنىڭ ئۇمۇمى خەلقگە تەسىر قىلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭدا چۇقۇم ئىمان ، ئىخلاس ، ئەمەل بۇلىشى كىرەك . ئىسلام دىنىمىزنىڭ پۈتۈن دۇنياغا جۈملىدىن دىيارىمىزغا يىتىپ كىلىشى دەئۋەت بىلەن بولغان . دىمەك دەئۋەت بىر جەمىيەتنى ، ئەقىدىسىنى ، ئەخلاق كۆز قارىشىنى ، مەدىنىيتىنى ، دۇنيا قارىشىنى ئۇمۇمەن قىلىپ ئىيىتقاندا پۈتۈن ھاياتىنى تۈپ يىلتىزىدىن ئۆزگەرتىدىغان ئاساسلىق ئامىل لىكىن ئىمان ، ئىخلاس ، ئەمەل بۇلۇش شەرتى بىلەن شۇنداق رول ئوينايدۇ . بۇنىڭ ئىچىدە مۇھىم رول ئۇينايدىغىنى شۇ دەئۋەتنىڭ تەسىرى شۇ دەئۋەتچىدە ئاشكارا بولىشى مۇمكىن ، مىسىر بىلەن تۈركىيەنى غەربلەشتۈرۈش سىياسىتىدە ئەڭ ئۈنۈملۈك سىياسەت بىر تۈركۈم غەرب ياشلىرىنى شەرققە ، بىر تۈركۈم شەرق ياشلىرىنى غەربكە يۆتكەش ، شۇئارقىلىق ئۇلارنى ئەمەلى مۇھىتنىڭ تەسىرىدە غەرىبلەشتۈرۈش بولغان ، ھەتتا بەزى تارىختەتقىقاتچىللىرىنىڭ دىيىشىچە دۇنيادىكى مۇسۇلمان بولغان ئەللەرنىڭ 3 دىن 2سى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەمەلىي ھەركەت ۋە ئەخلاقىدىن تەسىرلىنىپ مۇسۇلمان بولغانلىقى دىيلىدۇ . دىمەك دەئۋەتنىڭ ئۇمۇمى تەسىر قىلىشىنىڭ مۇھىم سەۋەپلىرىدىن بىرى دەئۋدت تەسىرىنىڭ دەئۋەتچىدە نامايەن بۇلىشى يەنى ئەمەل . ئەپسۇس ئۇسەنئەتچىلەر مەدىنىيتىمىزگە خاس بولمىغان مەدىنيەتلەرنى سۈكىدۇ-يۇ ، ئەپسۇس ئۆزلىرىدە چەتئەل مەدىنىيتىنڭ ئەبجەشمە بىرىكمىسىى نامايەندە بۇلۇپ تۇرىدۇ ، مۇنداق ھالەتتە ئۇلارنىڭ تەربىيۋى خاراكتىردىكى ئىتوتلىرىنىڭ رولى پەقەت ۋەپەقەت كۆرۈرمەنلەرنى كۈلدۇرۇشتىن باشقا نەرسە بولمايدۇ. ئۇلارنىغۇ دەۋەتچى دىگىلى بولمايدۇ چۈنكى ئۇلارنىڭ مەقسىتى باشقىلارنى ياخشىلىققا تەرغىپ قىلىش ئەمەس بەلكى يانجۇقنى توملاپ جاھانكەشتىلىك قىلماقچى .
شۇڭا قىرىنداشلار بىز ئۇلارنىڭ جەمىيەتنىڭ تۈزىلىشىدە ئوينىغان رولىنىڭ پايدىسى بولمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلانماسلىقىمىز بىز ئۈمىدىمىزنى ئۇلاردىن كۈتمەسلىكىمىز ھەر بىرىمىز جەمىيتىمىزنىڭ ئىسلاھاتى ئۈچۈن ئائىلىدىن باشلاپ جەمىيەتكىچە بارلىق ساھەلەردە مەجبۇرىيتىمىزنى تۇلۇق تۇنۇپ يىتىشىمىز ۋە ئادا قىلىش ئۈچۈن بەدەل تۈلەشكە تەييار تۈرىشىمىز كىرەك .
خاتا يەرلىرىم بولسا تەنقىدى - پىكىر بىرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن .
قىرنداشلارغا بىر سۇئال:
{شەخسى مەنپەئەت ھەممىدىن ئەلا} دىگەن شۇئار بۇگۈنكى كىشىلەرنىڭ جاراڭلىق شۇئارى ئەمەسمۇ

؟ ۋە ھالەنكى پۈتۈن تەشۋىقات ۋاستىللىرى ئارقىلىق شەخسىيەتچىلىك سۈكىلىۋاتىدۇ ...........
[ بۇ يازمىنىئىزھار1 2011-09-16 13:06قايتا تەھرىرلىدى ]