باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 701 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 833
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە833دانە
ئۆسۈش: 3300 %
مۇنبەر پۇلى: 10667 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2011-10-21
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-05 02:56

ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى


        تالانلىقشائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئابدۇراخمان ئوغلى 1901 - يىلى 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنىتۇرپان شەھرىدە سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۆز دەۋرىگە نېسبەتەنمەرىپەتلىك ئائىلە ئىدى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 5 يېشىدىلا ساۋادىنى چىقارغان بولۇپ، 12 ياشلارغا كەلگەندە دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ، ئەرەپ، پارىس تىللىرىنى ئۆگەنگەن ۋە كىلاسسىكشائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنىئى ئوقۇشقا باشلىغان.


    1916 - يىلى چوڭ دادىسى مىجىت ھاجى سودا بىلەن روسىيىگە بارغاندا، ئۇمۇ بىللەبېرىپ، روسىيىنىڭ شەمەي(ھازىرقى سمپىلاتنىسكى) شەھىرىدە رۇس تىل - يېزىقىنى ئۈگىنىدۇ. تۇرپانغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يەنە تۇرپان يېڭىشەھەردىكى شۆتاڭغا كىرىپ خەنزۇ تىليېزىقىنى ئۆگۈنىدۇ ۋە ئەلا نەتىجە بىلەن مەكتەپنى تاماملايدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ خەنزۇكىلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشۇپلا قالماي، ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى توغرىسىدىمۇمۇئەييەن ساۋاتقا ئىگە بولىدۇ. ئەينى دەۋىردە ئۇ دوست بۇرادەرلىرىگە خەنزۇ كىلاسسىكئەدەبىياتىنىڭ " سۇ بويىدا"، "قىزىل راۋاقتىكى چۈش" رومانلىرىنىڭمەزمۇنىنى سۆزلەپ بەرگەن ۋە سۇنجوڭشەن ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ، دېمۇگىراتىيىگە نىسبەتەنتونۇشىنى ئۆستۈرگەن. ئەنە شۇ مەزگىللەردىلا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئىدىيىسىدە فىئوۋدالكونىلىققا، خۇراپاتلىققا ۋە نادانلىققا قارشى تۇرۇپ، ئىلىم - پەننى ئوموملاشتۇرۇشئارقىلىق جەمىيەتنى ئۆزگەرتىش غايىسى تۇغۇلغان.1923 - يىلى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر مەخسۇتمۇھىتى قاتارلىقلار بىلەن بىرگە 2 - قېتىم سوۋىت ئىتتىپاقىغا بېرىپ، يەنە 3 يىل ئىلىمتەھسىل قىلىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ پوشكىن، لېرمۇنتوۋ، تولوستوي ۋە گوركى ئەسەرلىرىنىئوقۇپ رۇس ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشىدۇ. شۇنداقلا ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسىنىئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ. 1926 - يىلى ۋەتەنگە قايتىپكېلىپلا يېڭىچە ئىلىم - پەننى تەرغىپ قىلىپ، خەلقنىئويغىتىش ئۈچۈن گېزىت جۇرنالنەشر قىلىشقا ھەرىكەتلىنىپ، تۇرپاندا باسما زاۋۇتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. لېكىنئەكسىيەتچى، مىللىتارىس ياڭ زىشىڭ ھۆكۈمېتى بۇنىڭغا يول قويمايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىنئابدۇخالىق ئۇيغۇر تۇرپان ئاستانىدىكى مەخسۈت مۇھىتى، پىچاندىكى ئىسكەندەر خۇجاقاتارلىق كىشىلەر بىلەن 1927 - يىلى" ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى" نامىدا بىرمەرىپەت جەمىيىتى قۇرۇپ، ئىئانە توپلاپ تۇرپان يېڭىشەھەردىكى نىياز سەيپۇڭ دېگەن كىشىنىڭ قوروسىدا بىر يېڭى مەكتەپ، كېيىنكى يېلى يېڭىشەھەر ئاق سارايدا "ھۆرىيەت مەكتىپى"، كونا شەھەر جەنۇبىي قۇۋۇقتا يەنە بىر مەكتەپ ئاچىدۇ.
   بۇ دەۋىردە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئىجادىيىتىدە زور ئىلگىرىلەشلەر بولىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى چوڭقۇر سىياسىي مەزمۇن، ئۆتكۈر ئىسيانكارلىق سادالىرى ھەتتا ئەينى دەۋىردىكى مۇستەبىت ھاكىميەتنى ئەندىشىگە سالىدۇ. ھۆكۈمەت ئۇنى شېئىر يېزىشتىن، خەلقنى ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇشتىن چەكلەيدۇ.
   ئۆز غايىسى يولىدا تېز پۈكمەس روھقا ئىگە ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1932 - يىلى 11 - ئايدا"ئويغان"، "ئاچىل" دېگەن شېئىرلىرىنى ئاق رەختكەچوڭ خەتلىك قىلىپ يېزىپ، كوچىلارغا چاپلاپ، ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتنىڭ ھەيۋىسىگە تاقابىلتۇرىدۇ.1932 - يىلى 12 - ئاينىڭ بېشىدا تۇرپان ۋە قۇمۇلدا دېھقانلار زۇلۇمغا قارىشىقوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا بارغان شىڭ شىسەي 1933 - يىلىنىڭ بېشىدا ئۈرۈمچىگە قايتىشىدا تۇرپانغا كەلگەندە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرۋە ئۇنىڭ بىرقانچە سەبدىشىنى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ مەنىۋى تەرغىباتچىسى دەپ قاراپتۇتقۇن قىلىپ تۇرمىگە تاشلايدۇ. جاللات شىڭشىسەي 1933 - يىلى 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنىئۇنى سەبداشلىرى بىلەن قوشۇپ تۇرپان شەھىرىنىڭ يېڭى شەھەر قازىخانا مەسچىتىنىڭئالدىدا قەتلى قىلىدۇ. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بوينىغا قىلىچ تەڭلەنگەندىمۇ دۈشمەنگەباش ئەگمەي، باتۇرلارچە كۆكرەك كېرىپ، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە يالقۇنلۇق نۇتۇق سۆزلەيدۇ. بوينىغا قىلىچ ئۇرۇلغاندا "ياشىسۇن ئەركىنلىك!"، "ياشىسۇن ئازادلىق!" دەپ ياڭراق شۇئار توۋلاپ قەھرىمانلارچە قۇربان بولىدۇ.
   شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرىدىن مەھمۇت زەيدى، مەھمۇتئەكبەر، ئىمائىل تۆمۈرىلەر نەشرگە تەييارلىغان " ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى"ناملىق كىتابتىن.



                                 ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرىدىن پارچىلار





ئۇيغۇر قىزى






ئەي قەمەر،قارىشىڭدا مەن ھەيرەتتە قالدىم ئۇشبۇ تۇن ،
ماھى رۇخسارىڭ سىنىڭ ئون تۆت ئىكەن تولغان بۇ كۈن .



ئول قۇياش تارلىق قىلىپ ،چاچقانى راسىت ئوخشايدۇ ياغ،
شۇل سەۋەبتىنمۇ يۈزۈڭدە بار ئەجەپ يىتمەس بۇ داغ،



ئۇشبۇ داغدىن گۈل يۈزۈڭگە يەتمىدى ھېچبىر زەرەر.
بۇ ئەسەر بىر مەڭ بۇلۇپ،ھۆسنۈڭنى ئارتتۇردى مەگەر.



بىر قاراشتا گۈل يۈزۈڭگە ئاشىق بولدۇم بىمارار،
ئوخشىغان نەركەس كۆزۈڭ خۇددىي ئېلېكتىر يالتىراق ،



لەۋلىرىڭنىڭ قېنى ئانار رەڭگىدىنمۇ ياخشىراق .
چىشلىرىڭ چىن ئۈنچىدىن،تىللىرىڭ مەھبوبراق .



قاشلىرىڭدۇر يىڭى چىققان ئەينى شەۋۋالىنىڭ ئېيى ،
سىنىڭ ئالدىڭدا باراۋەردۇر گادا،شاخۇ بېيى .



سېھىرگەر گۈل ،كۆزگە ساقچى ،كىربىكىڭ بىر نەيزىدۇر،
ھەر قاراشىڭدا نەيزەڭ .يۈرەكنى ئىزىدۇر.



ساچلىرىڭ رەقىبلىرىڭ كۆڭلى كەبى بىر سىر قارا،
ئەۋرىشىمدەك يەلپۈنۈپ سالدى كۆڭۈلگە جىق يارا.



قوللىرىڭنىڭ ئاقلىقى ،سۈزۈكلۈكتىن نۇر چىقۇر ،
بۇ قۇپال قۇلۇم بىلەن تۇتسام قۇلۇڭغا ھۆر چىقۇر.



تەنلىرىڭ ئالماسقا ئوخشاش ئاق سۈزۈك بىر شەئىلدۇر،
خېنە ياققان تىرنىقىڭ مىسلى بەدەخشان لەئىلدۇر.



بويلىرىڭ زىلۋالىقى سەرۋىگە ئوخشار ئەي قەمەر،
كۆرمىدىم ھېچبىر چىرايلىق ساڭا ئوخشاش بىر نەپەر .



نەۋرىنىپ كەتسەڭ ئەجەپ يەلپۈنەر بۇ ساچلىرىڭ ،
ئىلتىپاتىڭىدىن ئۈمىد ئەيلەپ ئاقۇر قان_ ياشلىرىم .



قاتتى .قالدى قارىغان يەردە سېنىڭ بۇ شائىرىڭ ،
تىلىسەڭ قىلغىن مۇسۇلمان ،تىلىسەڭ مەن كاپىرىڭ .









سېغىنىش









ئەي پەرى سەن كەتكىلى بولدى قاراڭغۇ بۇ جاھان،
مېنى يالغۇز مۇندا تاشلاپ، ئاھ ئەجەپ قىلدىڭ يامان.
كەتمىدى كەتكەندىكى كۆز بىقىشىڭ، قاش قېقىشىڭ،
ئىختىيارسىز مەن ئۇزاتتىم، نائىلاج بولدۇڭ راۋان.



مەن ئۇزاتقان يەردە تۇردۇم، سەن كۆزۈمدىن يىتكۈچە،
سەن يوقالغاچ ئايلىنىپ باش، يەر بولدى گويا ئاسمان.
يىغلىغانغا يانمىدىڭ، ئەسلا يېشىمغا باقمىدىڭ،
خەت-خەۋەرمۇ بەرمىدىڭ, ئەي پەرى بولدۇڭ قايان؟



يول يىراق، يوق ۋاستە دەپ بىكار باھانە ئەيلىمە،
ئوڭىمىزدا بولمىسا، كەلگىن چۈشۈمدە قىل بايان.
«كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس» ئابدۇخالىق كۈت ئۈمىد،
سېغىنغانىڭ كېلىدۇ، سۈزۈلۇر شۇندا جاھان.



  









باردۇر









جاھالەت سەمەرسىدىن بىزگە بىر كۈن كۆپ جاپا باردۇر،
ئېيتىڭىزچۇ،بۈگۈنكى ھالىمىزنىڭ قايسى بىرىدە ساپا باردۇر.



زاماننىڭ ھالىدىن ۋاقىپ بۇلۇپ تۇرماقنىڭ ئورنىغا،
بىرىنى شاڭيۇ سايلاپ ئارقىدىن دەۋايىمىز باردۇر.



ئىلىمنىڭ ئىجتىھاتىغا كۆڭۈلنى قويمىدۇق بىزلەر،
ئوقۇرمىز-ئوقۇتۇرمىز دەپ سېغىز چايناشىمىز باردۇر.



تەناسۇر ئورنىغا بىزلەردە بىر ئادەت،
يىڭى باشنى كۆتۈرگەننى ئۇرۇپ يىغقانىمىز باردۇر.



يەنە يۇرت پايدىسىغا جەمئىي بولماقلىق بەسى مۈشكۈل،
ئەگەر بىر يەردە توي بولسا،بېرىپ ياتقانىمىز باردۇر.



ئومۇمنىڭ پايدىسىغا يۈز يىلدا ھەم ئەسلا چۈشەنمەيمىز،
زىيان قىلماق ئۈچۈن بولسا ئەجەپ چاققانىمىز باردۇر.



بىرسى بىر ياخشىلىق قىلسا،ئۇنىڭ يادىنى قىلماق يوق،
ئېپى كەلسە بېرىپ ئەۋرەتلىرىن ئاچقانىمىز باردۇر.



ئەگەر مىللەت ئۈچۈن بىر پۇل چىقىش كەلسە تاپالماسمىز،
چىقىمى يوق ناۋا پۇلغا تولا ئىخلاسىمىز باردۇر.



ئىخۋان ھەم بۇرادەرلىك نىشانى قالمىدى بىزدە،
مەگەر دوست بولساقمۇ ئەسلى، بۆلەك مۇددىئايىمىز باردۇر.



خاتائەن دوستىمىزدا بىر ئەيىب زاھىر بۇلۇپ قالسا،
يۇشۇرماي بىرگە ئوننى تېپىپ قاتقانىمىز باردۇر.



بابالار شۆھرىتىنى،غەيرىتىنى ھېچ سېغىنماسمىز،
قىلىپ غەپلەت جاھالەتتە يۇمۇپ كۆز،پو ئاتقانىمىز باردۇر.



كېرەكسىز مۇستەھەپ ئىشلار ئۈچۈن جاننى پىدا قىلماق،
ۋە لېكىن ھەجگە باج ئالسا،توزۇپ قاچقانىمىز باردۇر.



ئۇيۇن-چاخچاق تۈپەيلىدىن ئۆز-ئارا بىئەت بولساق،
ياراشتۇرۇپ قويۇش نەدە،ئارىغا ئوت ياققانىمىز باردۇر.



خۇشامەت بابىدا بىزدىن بۆلەك ئۇستىسى ھەم يوقتۇر،
قۇۋلۇقۇ شۇملۇق بىلەن رەڭمۇ-رەڭ يالغانىمىز باردۇر.



ئىت ئۇرغاننى تۇنۇر دەپ بار ئىدى بىر تەمسىلى،
لويى، ئامبال ۋە دارىن دەپ سېمىز باققانىمىز باردۇر.



ئىلىم-پەنگە يۈرۈش قىلغان ئۇچار كۆكتە-ئۈزەر سۇدا،
مېنىشكە قوتۇر ئېشەك يوق، پىيادە قالغانىمىز باردۇر.



گۈركىرەپ كەلسە ئاپتۇموبىل،نېمە ئەي،خۇدايىم دەپ،
ئەقلىنى ئىشلىتەلمەي ھاڭ-تاڭ قېتىپ قالغانىمىز باردۇر.



ھۈنەر بىلەن سانائەتتە «يېتىشتۇق»،ئەمدى ئىش پۈتتى،
ئۇماچ ئىچمەككە خۇمداندا غېدىر قويغانىمىز باردۇر.



مىسلى جەننەت تاغۇ-دەريانى بېزەشكە يوق كىشى،
ياستۇقنى قىرلاپ قويۇپ بىغەم ياتقانىمىز باردۇر.



مۇنەججىم ھەم ئىنژىنىر، ئالىملارنىڭ ئورنىغا،
تونۇ سەللە،نەپسى بالا موللىمىز-سۇلتانىمىز باردۇر.



قىزىل كۆزلۈك، كۆرەلمەسلىك ۋە يا ئۆزى قىلالماسلىق،
قىلاي دەپ بەل باغلىغانلارغا تۈرلۈك-تۈمەن بۆھتانىمىز باردۇر.



ئەل-يۇرتىنىڭ دەردىگە قىلچىمۇ دەرمان بولمىدۇق بىزلەر،
كېلۇر بىر كۈن ئاشۇ چاغدا ئورنىغا كەلمەس پۇشمانىمىز باردۇر.



ئابدۇخالىق بەس، يېتەر ئاۋارە بولما، قاخشىما،
شۇ چاغ كەلگەندە بىزلەردە ئازابقا تەييار ۋىجدانىمىز باردۇر.



مەنبە؛http://www.7qiz.com/forum.php?mod=viewthread&tid=582
ئۆزۇمنىڭ ئۇيغۇر مىللىتى ئىكەن لىكىمدىن پەخىرلىن ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1367
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 242
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە242دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 2460 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-31
ئاخىرقى: 2011-10-20

مەن بۇشائىرنىڭ قەلىمىنىڭ ئۆتكۇرلىكىگە بەك قايىل،شىئېرلىرنىڭ تىىلى بەڭ ئۆتكۇر.
arslantikin
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8805
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 90
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە90دانە
ئۆسۈش: 570 %
مۇنبەر پۇلى: 1296 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-30
ئاخىرقى: 2011-10-06
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-05 19:58

شۇنداق ئۇ ئۈيغۇر خەلقىنڭ باتۇر ئوغلانى ئوت يۇرەك شائىرى
arslantikin
دوستلىشىش
زىلالە
ۋىجدان_ئادەمنى ئۆلچەيدىغان ئادىل تارازا .
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8533
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 57
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە57دانە
ئۆسۈش: -10 %
مۇنبەر پۇلى: 600 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-09
ئاخىرقى: 2011-10-18
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-05 22:06

رەھمەتلىك 110 ياشقا كىرىپتۇ بۇ يىل . ئاللاھ قىيامەتتە ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلسۇن !
بىر ئادەمنىڭ ئەڭ ئېچىنىشلىق پاجىئەسى ۋىجدانىنىڭ يۇقالغانلىقىدىن ئارتۇق بولمىسا كىرەك .
دوستلىشىش
بىناۋا
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7808
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 130
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە130دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 1384 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-10
ئاخىرقى: 2011-10-21
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-06 07:12

ئۇنىڭ قەبرىسىگە گۈل قويۇپ تۇرامسىلەر،تۇرپانلىق قېرىنداشلار؟
كۆزۆڭنىڭ بارىدا شە كۆ
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8183
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 422
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە422دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 4517 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-17
ئاخىرقى: 2011-10-02
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-06 09:49

ئاللا رەھمەت قىلسۇن رەھمەتلىك قىرىندىشىمىزغا.
<ئىچىڭ قەسىدە بىلەن تولغىچە ، زەرداپ بىلەن تولسۇن>  موھەممەت سەللالاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەم.
ئوت يۈرەك ئوغلان!
32 دۆلەتكە ۋىزا بىجىرمەن.
mp3
HALDIN
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1529
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 235
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە235دانە
ئۆسۈش: -10 %
مۇنبەر پۇلى: 2435 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-05
ئاخىرقى: 2011-10-20
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-07 11:26

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇت يۈرەك مىلەتپەرۋەر، خەلىقپەرۋەر شائىرى.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8882
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە2دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 20 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-07
ئاخىرقى: 2011-09-07
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-07 11:44

ئابدۇخالىق <<ئويغان>>،<<غەزەپ ۋەزار>>دېگەن شېئىرىنى مەن بەك ياقتۇرىمەن،ئۇنىڭ قەبرىسى كىتابتا،شۇ قەبرىنى يوقلىغانلار ئابدۇخالىق ئۇيغۇرغا يۈز كېلەلەيدۇ.....
بار ئىكەنمەن يادىڭدا دۇنيا
دوستلىشىش
دانىشمەن
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9061
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 15
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە15دانە
ئۆسۈش: -20 %
مۇنبەر پۇلى: 130 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-26
ئاخىرقى: 2011-09-28
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-26 15:13

تولۇق تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولساڭلار   « بالدۇر ئويغانغان ئادەم » ناملىق رۇماننى ئوقۇساڭلار  بولىدۇ ،.

تارىخى رۇمان ،