باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 644 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: يەتتە قىزلىرىم توغرىسىدا
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 833
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە833دانە
ئۆسۈش: 3300 %
مۇنبەر پۇلى: 10667 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2011-10-21
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-05 02:48

يەتتە قىزلىرىم توغرىسىدا

  
نەبىجان تۇرسۇن
تۇرسۇن بارات

ئۈچتۇرپاندىكى 《يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى》توغرىسىدىكى رىۋايەت ئۈچتۇرپان خەلقى ئىچىدە ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كىلۋاتقان باتۇرلۇق،مەرتلىك،ۋەتەنپەرۋەرلىككە ئوقۇلغان تۈگىمەس ناخشىنىڭ نامايەندىسى.

《يەتتە قىزلىرىم》،《سەككىز قىزلىرىم》،《يالغۇز قىزلىرىم》دىگەندەك مەقبەرىلەرشىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بار،ئەمما،ئۈچتۇرپاندىكى《يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى》توغرىسىدىكى رىۋايەت باشقا رىۋايەتلەر بىلەن زادى ئوخشاشمايدۇ.《يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى》ئۈچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاقتوقاي تاغ تىزمىسىنىڭ شىمالىي يان باغرىغا جايلاشقان بۇلۇپ، ياغاچ رىشاتكا ئىچىگە ئېلىنىپ توپىسى يېيىلغان ھەيۋەتلىك مەقبەرىدۇر.تارىخىي ماتىرىياللاردىن ئىسپاتلىنىشىچە بۇ مەقبەرە مىلادى 1765-يىل (چيەنلوڭنىڭ30-يىلى) دىھقانلار ئېيى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى زۇلۇمغا قارشى كۆتۈرۈلگەن رەھمىتۇللا،ئەسمىتۇللا بەگلەر باشچىلىقىدىكى مەشھۇر ئۈچتۇرپان دىھقانلار قوزغىلىڭى(جىگدە يېغلىقى)نىڭ ئايال قاتناشچىسى پەھلىۋان- مايسىخان باشلىق يەتتە قىزنەۋكەرنىڭ قەبرىسىدۇر.

چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى 1759-يىلى شىنجاڭدىكى چوڭ-كىچىك خوجىلار توپىلىڭىنى بېسىقتۇرغاندىن كېيىن،《شىنجاڭغا نىسبەتەن ناھايتى قاتتىق قوللۇق سىياسەت يۈرگۈزدى》.شىنجاڭدامانجۇ ئاقسۆڭەكلىرى،يەرلىك فىئودال ۋە دىنىي ئىمتىياز ئىگىلىرىدىن ئىبارەت ئۈچتەرەپنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمرانلىقنى ئورنىتىپ،خەلىق ئۈستىدىكى زۇلۇمنى كۈچەيتتى.بىرمىللەتنى يەنە بىر مىللەتكە قارشى قۇيۇپ،مىللەتلەر ئارىسىدا بۆلگۈنچىلىك پەيداقىلدى.يەرلىك ھاكىم- بەگلەرگە ئىشەنمەي ئۆزلىرىگە ئەڭ بۇرۇن ئىتائەتمەنلىك بىلدۈرگەن،جۇڭغارلار ئۈستىدىن غەلبە قازىنىشتا زور ياردەم كۆرسەتكەن قۇمۇل،تۇرپان،پىچانلاردىكى بىر تۈركۈم ھاكىم-بەگلەرنى ئۈچتۇرپانغا يۆتكەپ كىلىپ يەرلىك بەگلەر ئۈستىدىن نازارەت قىلدۇردى ۋە كۈچەيتتى.

ئۈچتۇرپان خەلقى شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدىكى خەلىقلەرگە نىسبەتەن تېخىمۇ كۆپ سىياسىي، ئىقتىسادىي ئازاپقا ئۇچرىدى.ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئۈچتۇرپاندىكى ئەمەلدارلىرى كەيىپ-ساپاغابىرىلىپ، ھەشەمەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپ ئىنتايىن چىرىكلەشتى.قۇمۇل ۋاڭ جەمەتىدىن بولغان ئابدۇللا ئۈچتۇرپانغا ھاكىم-بەگ قىلىپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن،ئۇ يەرلىك خەلىقنى دەھشەتلىك ئەزدى.ئۆزىنىڭ يېقىن كىشىلىرى،ئۇرۇق- تۇققانلىرىنى ئۈچتۇرپاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا كىچىك بەگ قىلىپ تەيىنلىدى.بۇ بەگلەر قۇمۇل ۋاڭلىرى ئىلگىرىدىن تارتىپ قوللانغان دارخانلىق تۈزۈمنى يولغا قۇيۇپ،دىھقانلارنى ئالتە كۈنگۇڭ،ۋاڭ،بەگلەرگە،بىر كۈن ئۆزى ئۈچۈن ئىشلەشكە مەجبۇر قىلدى.چىڭ ھۆكۈمىتى يەنە 《ئۈچىنچى دەرىجىلىك ھاكىم-بەگلەرگە 150 پاتمان يەر(3975 مو)،100 ئۆيلۈك ئوتاقچى تەقسىم قىلىپ بەردى،يىللىق مۇئاشى ئۈچۈن 30 مىڭ يارماق يىغۋېلىش،6- دەرىجىلىك بەگكە 30 پاتمان يەر (985 مو)،تۆت ئائىلىك ئوتاقچى تەقسىم قىلىپ بەردى،يىللىق مائاشى ئۈچۈن 5000 يارماق يىغۋېلىش》دىن ئىبارەت ئالاھىدە ئىمتىياز بەردى.مۇنداق ئالاھىدە ئىمتىيازدىن بەھرىمەن بولغان يەرلىك ئەمەلدارلار مانجۇ ئاقسۆڭەكلىرىنى ئارقا تېرەك قىلغان ھالدا شەخسىيەتچىلىكتەئۇچىغا چىقىپ قىلمىغان ئەسكىلىكلىرى قالمىدى.جۇڭغارلار دەۋرىدە يۈرگۈزگەن كوناتۈزۈمنى تەكرار يولغا قۇيۇپ،خەلىقتىن يىغىۋالغان نەرسە-كېرەكلەرنىڭ ئوندىن ئۈچ قىسمىنى مانجۇلارغا تاپشۇردى،قالغانلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ يانچۇقلىرىغا سالدى.ئۇنىڭدىن باشقا چىڭ ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرى خەلىقنى زورلاپ،ھۇل كەڭلىكى بەش مىتىر،ئىگىزلىكى ئالتە مىتىر،ئۈستى كەڭلىكى بەش مىتىر، ئۇزۇنلىقى 1544 مىتىر كېلىدىغان ئامبالئىشخانىلىرى،ھەربىي گازارما، ئىسكىلات،تۈرمە،بۇتخانىلىرى بار تۆت چاسا،تۆتدەرۋازىلىق سېپىل سالدۇردى،ھەمدە شەھەرنىڭ نامىنى يۇڭنېڭ دەپ ئاتىدى،سېپىل سوقۇش ئالۋىڭى تېخىمۇ دەھشەتلىك بولدى.سېپىل سوقۇش جەريانىدا 《توختى》، 《تۇردى》،《تۇرسۇن》ئىسىملىك كىشلەرنى سېپىلگە باستى.بۇ ئالۋاڭلاردىن باشقا يەنە كەڭ خەلىق ئاممىسى مەسچىت، مەدىرىسلەرگە،ئىمام-ئاخۇنۇم، قازىلارغا ئۆشۈر-زاكات تۆلىدى،ۋەخپىلەرگەھەقسىز ئىشلەشكە مەجبۇر قىلىندى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئۈچتۇرپاندىكى ئىش بىجىرىش ئامبىلى-سۇچىڭ 1759- يىلى 9-ئايدىن 1765-يىلى 2-ئايغىچە ئۈچتۇرپاندا تۇرغان بەش يىل ئىچىدە ئابدۇللارغا ماسلىشىپ ۋە بەلكى ئۇنىڭدىن تېخىمۇ ئېشىپ خەلىققەدەھشەتلىك زۇلۇم سالدى.سۇچېڭ ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى،قول ئاستىدىكى چىرىكلىرى يەرلىك خەلىقلەرنىڭ خۇتۇن-قىزلىرىنى ئاياغ-ئاستى قىلدى.19-ئەسردە ئۆتكەن خوتەنلىك تارىخچى مەھمۇد ئەلەمنىڭ 1897- يىلى يېزىپ قالدۇرغان 《خوتەن تەزكىرسى》دىن مەلۇم بۇلۇشىچە ئۈچتۇرپان خەلىقنىڭ تۆلىگەن ئالۋاڭ-ياسىقى 《جان پۈتىگى》،《چوتا بېشى》، 《خانپۇلى》،《يەر پۇلى》،《قونالغۇ》،《ئوت پۇلى》،《پۇقرالىق》، 《باسقاق》،《ھوژدارلىق》،《مىراپلىق》،《غەللە》،《باج》،《يەم-خەشەك》،《تاپان ھەققى》،《چاي》قاتارلىق 65 خىلغا يەتكەن.

چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ۋە يەرلىك بەگلەرنىڭ ئىنسانىيەت قېلىپىدىن چىققان زۇلمى ئۈچتۇرپان خەلقىنى پارتىلاش دەرىجىسىگە ئاپىرىپ قويغان ئىدى.خەلىق زۇلۇمغا چىدىماي تۇرغان بىر ۋاقىتتا 《كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلتىۋال》دىگەندەك پادىشاھ چيەنلوڭ ئامبال سۇچېڭغا جىگدە يۆتكەش يارلىقى چۈشۈردى (1765- يىلى 1-ئايلاردا).بۇيرۇققا بىنائەن ئامبال سۇچېڭ ئۈچتۇرپاننىڭ 《جىگدىلىك》دىگەن يېرىدىن جىگدە كۆچىتى ئېلىپ،100ساندۇققا قاچىلاپ 240 نەپەردىن كۆپرەك ھاشارچىغا كۆتۈرگۈزۈپ كىچىك بەگ رەھمىتۇللانىڭ مەسئۇللىقى،مانجۇ چىرىكلىرىنىڭ نازارىتىدە بېيجىڭغا ئېلىپ بېرىشنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ،ھاشارچىلار 1765-يىلى دىھقانلار ئېيى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى جىگدەكۆچىتى ۋە ئامبال سۇچېڭنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى كۆتىرىپ يولغا چىقىپ ئۈچتۇرپاننىڭ 《ئىلقىشدۆڭ》دىگەن يېرىگە كەلگەندە،بىر ھاشارچى ھېرىپ قالىدۇ.بۇنى كۆرگەن مانجۇ چىرىكى ھاشارچىنى چېپىپ تاشلايدۇ.بۇ ئەھۋالنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن رەھمىتۇللاھ بەگنىڭ غەزىپى تاشىدۇ-دە،ھاشارچىلارنى《جىگدىنى تاشلاپ چىرىكلەرنى ئۇرۇڭلار!》دەپ بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ.شۇنىڭ بىلەن نامى مەشھۇر ئۈچتۇرپان دىھقانلار قوزغىلىڭى پارتىلايدۇ.قوزغىلاڭچىلار شۇ بىر كۈننىڭ ئىچىدىلا ئۈچتۇرپاننىڭ 《قارا غوجا》،《ياۋاغ》،《ئاق بوز》، 《قۇمۇچلۇق》،《جىگدىلىك》،《ئاقتوقاي》يېزىلىرىداچىڭ قۇشۇنلىرى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلىپ شەھەرنى تارتىۋالىدۇ.ئامبال سۇچېڭ 《مۆلچەرتاغ》قەلئەسىدە ئۆزىنى پارتىلتىپ ئۆلىۋالىدۇ،ئابدۇللا بەگ قېچىپ كىتىدۇ.

بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان دەرتمەن دىھقانلار ئۆزلىكىدىن قوزغىلاڭچىلار سېپىگەقۇشۇلۇپ،رەھمىتۇللا ۋە ئەسمىتۇللا بەگلەرنىڭ يىتەكچىلىكىدە شەھەرنى قاتتىق كونترول قىلىدۇ.بۇ ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان پادىشاھ چيەنلوڭ ئېلىدا تۇرۇشلۇق گىنرال مېڭرۈي،قەشقەردە تۇرۇشلۇق ئىش باشقۇرۇش ئامبىلى ناشىتوڭ،ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق ئىش باشقۇرۇش ئامبىلى بيەن تاخەي قاتارلىقلارغا قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرۇش توغرىسىدابۇيرۇق چۈشۈرىدۇ.جۈملىدىن پادىشاھ چيەنلوڭ ئۆزىنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك،ئەڭ تەجىربىلىك گىنرالى ئاگۇينى باش قوماندان قىلىپ ئەۋەتىدۇ.قەھرىمان ئۈچتۇرپان دىھقانلىرى رەھمىتۇللا بەگ،ئەسمىتۇللا بەگلەرنىڭ يىتەكچىلىكىدە چىڭ قۇشۇنلىرى بىلەن ئالتە ئاي جەڭ قىلغان بولسىمۇ،ئاخىرى 1765-يىلى دېھقانلار ئېيى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى سودىگەرئاقساقىلى ساۋۇت،شېرىپ دىگەنلەرنىڭ خائىنلىق قىلىشى بىلەن ئېچىنىشلىق مەغلۇپبۇلىدۇ.چىڭ قۇشۇنلىرى قوزغىلاڭچى دېھقانلارنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى چېپىپ تاشلايدۇ.10 مىڭ كىشىنى تۆت تۈركۈمگە بۈلۈپ ئېلىغا سۈرگۈن قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بارلىق بالايى-ئاپەت يۇرتتا قېلىپ قالغان قېرى- چۈرى،نارسىدەبالىلار،خۇتۇن-قىزلارنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ.مانا مۇشۇنداق پەيىتتە،رەھمىتۇللا بەگنىڭ سىڭلىسى مايسىخان ئاتا-ئانىلىرى،سۈيۈملۈك ئەرلىرىدىن،بىگۇناھ قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلغان يەتتە ياشتىن 70 ياشقىچە ئەر-ئاياللارنى، 《گۇڭشاڭ》ئۇرۇشىدا تارقاپ كەتكەن ئەمەت بۇرغۇي،يولۋاس پەھلىۋان قاتارلىق 150 دەك ئەركەكنى قايتا تەشكىللەپ تاغ،ئورمان ئارىلىرى،يار جىلغىلارغا يۇشۇرۇنۇپ،چىڭ قۇشۇنلىرىغا قاخشاتقۇچ زەربەبىرىدۇ،ئۈچتۇرپان خەلقى ئارىسىدا ساقلىنىپ كېلۋاتقان رىۋايەت ۋە رەھمىتۇللا بەگ مايسىخان ئەۋلادلىرى ئىچىدە سۆزلىنىپ كېلۋاتقان ھېكايىلەردىن قارىغاندا《مايسىخان جېڭى》ئۈچ ئاي داۋاملاشقان،مايسىخان ۋە ئۇنىڭ مۇئاۋىنى غۇنچىخان باشلىق يەتتە نەپەرئايال قوزغىلاڭچى ئاقتوقاي ئۇرۇشىدا قورشاۋدا قېلىپ،ئاخىرى تاغدىن ئۆزىنى  ئېتىپ مەرتلەرچە قۇربان بولغان،كېيىن ھايات قالغان ئەل-يۇرت مايسىخان باشچىلىقىدىكى ئايال قوزغىلاڭچىلارنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن يەتتە قىزنىڭ قەبرىسىنى ئاقتوقاي تېغىنىڭ غەربىي شىمالىغا ياسىغان.

مەنبە:شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلىنىڭ 1988-يىللىق 2-سانى

ئەسلى مەنزىل:http://www.honzade.com/?p=574





دوستلىشىش
oghuzkhan
مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن -- ئوغۇزنامە
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2866
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 129
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە129دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 1515 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2011-10-21

Men Uyghurlarning Khakanimen
ئامانشاھ
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1939
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1103
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1103دانە
ئۆسۈش: 1260 %
مۇنبەر پۇلى: 12065 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-15
ئاخىرقى: 2011-10-21
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-05 13:32

ئابدۇللا ئابدۇرىھىم ئىيتقان يەتتە قىز دىگەن ناخشىنى ھەربىر قىتىم ئاڭلىسامممم...
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم  مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىغىمدىن.
ياردەم مەزمۇنى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1766
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 729
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە729دانە
ئۆسۈش: 340 %
مۇنبەر پۇلى: 7685 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-10
ئاخىرقى: 2011-10-20
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-05 23:32

تارىخ.........بۈگۈنكى  
دوستلىشىش
guzal~atux
گۈزەل يۇرتۇم : ئاتۇش
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 704
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 76
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە76دانە
ئۆسۈش: 160 %
مۇنبەر پۇلى: 893 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-25
ئاخىرقى: 2011-10-21
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-05 23:46

3- ئايدا بېرىپ ئىچىگە كىرەلمەي سىرىتىدىن كۆرۆپ قايتىپ كەلگەن ئىدىم .تۇمۇر دەرۋازىسىنى مەھكەم قىلىپ ئىتىۋېتىپتىكەن .
دوستلىشىش
شەھىدە432
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7310
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 22
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە22دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 230 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-09
ئاخىرقى: 2011-10-18
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-10 17:49

رەسىم:
يەتتە قىزلىرىم :
mp3
دوستلىشىش
مۇئەتتەر
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8889
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 22
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە22دانە
ئۆسۈش: 210 %
مۇنبەر پۇلى: 370 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-07
ئاخىرقى: 2011-10-07
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-10 20:54

ھەي .كىچىك چاغلىرىمىزدا خىېلى چوڭ سانىلىدىغان ساياھەت رايونى ئىدى،قوغدىلىشى ياخشى ،كۆرۈرمەن سايەھەتچىلەر كۆپ ئىدى،ئۈچتۇرپان ناھىيسىدە كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغان يەر نامى ئىدى(ناھىيە مەركىزىنىڭ بىر تەرىپى يەتتە قىزلىرىم بولسا يەنە بىر تەرىپى تۇمۇشتاغ ئىدى.) يېقىنى يىللاردىن بۇيان نىمە سەۋەپتىنكىن تاڭ بۇ يەر تۈزۈكراق قارالمىدى،نەچچە يىل ئالدىدا ئالدى تەرىپى شوپىلەيخانا بوپكىتىپتىكەن، بۇ تەتىلدە قارىسام ئالدى تەرىپىگە بىر بىنا سېلىنغىلى تۇرۇپتۇ ،ئۆزى پاكار بولسىمۇ ،يەتتەقىزنىڭ باتۇرانە جاسارىتىنى كۆرسىتىدىغان پاكارغىنە قىيا تۇسۇلۇپ قاپتۇ ،تاغقا قىپاش سېلىنغان "يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى " دەپ چوڭ ھۆسىنخەت يېزىلغان پەلەمپەيمۇ كۆرۈنمەي قاپتۇ .....ھەي ھەسرەتكە تولغان مۆلجەر تاغ...
[ بۇ يازمىنىمۇئەتتەر 2011-09-10 21:03قايتا تەھرىرلىد ]