1>ئىككى گىرام زەمچە بىلەن ئۈچ گىرام كۆك تاشنى ئارلاشتۇرۇپ،كىچىك قازاندا ئاق مۇنەكچە بولغۇچە قۇرۇپ،تالقان قىلىپ،پوستى ئېلىنغان بىر يېرىم گىرام يادەنزىگە قۇشۇپ ئىزىپ،ئاندىن ئازراق سۇ بىلەن ئارلاشتۇرۇپ،خېمىي ھالەتكە كەلتۈرۈش كېرەك.شۇنىڭ بىلەن دورا تەييار بۇلىدۇ.قاداقنىڭ ئوتتۇرسىنى بېرتىۋادا ئۇيۇپ،ئۇيۇلغان جايغا تەييارلانغان دورىنى سېلىپ،تېڭىپ قۇيۇش لازىم،بۇ ئۇسۇلنى بىر قانچە كۈنگىچە داۋاملاشتۇرۇشقا بۇلىدۇ.
2>ئازراق ھەسەل ھەرىسى يىلىمىنى قاداققا چاپلاپ،پىلاستىردا تېڭىپ قويغاندا قاداق بىر ھەپتىدە چۈشۈپ كېتىدۇ.
3>ئادەتتىكىدىن چوڭراق ئاياق سېتۋېلىپ،ئاياققا 0.5-0.7سانتېمىتىر قېلىنلىقتىكى پېتەكنى سېلىپ،پوتتىكى قاداققا يود سۈركەپ،ئاندىن ئاياقنى كىيىپ،پېتەككە ئىز چىقىرىپ،پېتەكنىڭ ئىز چۈشكەن يىرىنى ئۇيۇپ ئېلۋېتىپ،پېتەكنى ئاياققا سېلىپ،ئاياقنى بىر مەزگىل كېيگەندىن كېيىن،قاداق ئۆزلۈگىدىن يوقاپ كىتىدۇ.