باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 946 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مەن تەرجىمان دادام بىلەن بالامغا
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1172
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1172دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 15629 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2012-03-29
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-03 23:55

مەن تەرجىمان دادام بىلەن بالامغا

  

پاراڭ قىلسام كىچىك چېغىم بوۋامغا .
ھاجىتىمىز چۈشمەس ئىدى دادامغا .
ئۆتە ئۆتمەي 20يىل، بوپ قالدىم-
مەن تەرجىمان دادام بىلەن بالامغا ....

بالام كۆنگەچ "شۇزى "دەپلا   تاغاقنى ،
ئوقالمىغاچ  ئۆيگە كەلگەن باغاقنى ،
ئايرىيالماي پىياز بىلەن سامساقنى ،
مەن تەرجىمان دادام بىلەن بالامغا .

تۇغۇلغان كۈن، بالام "خەپپى تۇيۇ" دەپ ،
لەغمەن يېمەي قەغەز كېيىپ  شام پۈۋلەپ ،
دادام قايناپ  كەتسە ئۇنى بەز-بەزلەپ ،
مەن تەرجىمان دادام بىلەن بالامغا .

دۇئا قىلساق دۇئا قىلماي ،بەزىدە
-بۇرۇنىنى تاشلاپ قويسا  قەغەزگە ،
دادام قاقشاپ ئۇرۇپ كەتكەچ ئۈستەلگە ،
مەن تەرجىمان دادام بىلەن بالامغا .

دادام يىغلاپ  نەۋرىسىنىڭ ئەپتىگە ،
دۇئا قىلسا ئانا تىلنىڭ بەختىگە ،
يېتەلمىگەچ بالام گەپنىڭ تەكتىگە ،
مەن تەرجىمان دادام بىلەن بالامغا .

دادام تىت تىت بولۇپ كەتسە بەزىبىر ،
بالام ئۈچۈن بۇ تەنبىھلەر  بەرىبىر ،
دەپ قويىدۇ:  بوۋام  جىنتىيەن بۇدۈيجىر ،
مەن تەرجىمان دادام بىلەن بالامغا .

دادام دېدى كۆنگەن يامان كۆيگەندىن ،
مايماق بولۇر شاخ مەيلىگە قويغاندىن ،
يىغا ياخشى ئانا تىلسىز كۈلگەندىن ،
دادام تەنبىھ قىلدى ماڭا ،بالامغا!

-خەت يازمايلا،  رەسىم چاپلا قەبرەمگە ،
ئانا تىلنى ئۆگەتمىسەڭ نەۋرەمگە  ،
ئىزنا بولسۇن "رەسىملىك تاش"ئەۋرەمگە ،
يىغلاپ كەتتى دادام قاراپ بالامغا ....


ئوغلۇم دېدى ،دادام توختاپ پاراڭدىن ،
قورقۇپ قالدىم بۇ ئەپتىدە  بالاڭدىن ،
قىيامەتتە سوراق   باردۇر   پاداڭدىن ،
تارىخنى پۈتۈن ئۆگەت  بالاڭغا !

تۇغ ئاستىغا بىزنى يىغقان  ئوغوزخان،
پانتېكىن ھەم كۆلتېكىن ،بىلگە قاغان  .
نىجاتلىققا باشلاپ ساتۇق  بۇغراخان ،
ھاياجاندا سۆزلەپ كەتتى بالامغا !

بىز ئۇيغۇرمىز!ئۇيغۇر تىلنى سۆيەيلى ،
تاشلىمايلى ،ئىشلىتەيلى ،كۆيەيلى ،
جان چىقسىمۇ ئانا تىلدا ئۆلەيلى ،
خىيانەتلەر  ئېغىر كەپتۇ دادامغا .


كۆپ تىل بىلىش ئېلىپ كېلۇر كامالەت ،
ئانا تىلنى بۇزۇش ،ئۇنتۇش جىنايەت ،
بىز قىلمايلى ئانا تىلغا ھاقارەت ،
چۈشەندۈردۈم بۇ گەپلەرنى  بالامغا .


ئۆگىتىمەن ئوتتۇز ئىككى ھەرىپنى ،
قوشۇش- ئېلىش، كۆپەيتىشنى، كەسىرنى ،
ياد ئالغۇسى "يەر-ئانام  "دەپ نەسىرنى ،
ۋەدە بەردىم ،يىغلاپ تۇرۇپ دادامغا .


جىق ئويلاندىم ،بارچە  گۇناھ  ئۆزۈمدە ،
نۇر چاقنىدى ئۇيغۇر دېسەم كۆزۈمدە  ،
بۇرادىرىم چىن پۈتسەڭلا  سۆزۈمگە ،
ئانا تىلنى چوقۇم ئۆگەت بالاڭغا !

2011-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى يېزىلىپ بېقىلدى



مەنبە؛http://www.izdinix.com/
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 2450
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2450دانە
ئۆسۈش: 5240 %
مۇنبەر پۇلى: 28896 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-03-29

ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززىتىنى قىلغۇم كىلۇر .

ئانا تىل بىلمىگەن كىشىنىڭ ، يۈزىگە تۈكۈرگۈم كىلۇر .  
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1172
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1172دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 15629 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2012-03-29
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-04 16:39

ئانا تىل بىلمىگەن كىشىنىڭ ، يۈزىگە تۈكۈرگۈم كىلۇر .  






ئىلھا مىڭلا كەپقاپتۇدە تاھىربەگ...................
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8648
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 18
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە18دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 200 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-18
ئاخىرقى: 2011-09-10
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-04 19:18

ناھايىتى ياخشى تىما يۇللاپسىز بەك خۇشال بولدۇم
ئاللا ئۇلۇغ
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8648
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 18
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە18دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 200 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-18
ئاخىرقى: 2011-09-10
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-04 19:21

ناھايىتى ياخشى تىما يۇللاپسىز بەك خۇشال بولدۇم
ئاللا ئۇلۇغ
دوستلىشىش
dulbarqin310
توۋا دەيمەن، دۇنيادىكى ئىشلارغا.........
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1159
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1159دانە
ئۆسۈش: 580 %
مۇنبەر پۇلى: 12123 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-03-28
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-04 19:44

باشقا تىلىنى ئۈگىنىش جەمئىيەتتىكى زۆرۈرىيەت، ئەمما باشقا تىلنى ئانا تىلىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئېغىر جىنايەت.
دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 2450
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2450دانە
ئۆسۈش: 5240 %
مۇنبەر پۇلى: 28896 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-03-29
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-04 21:03

2-قەۋەت (nida0998) نىڭ يازمىسىغا

ھا ھا  ....    ھەئە بىر مىسرا بولسىمۇ كەپ قاپتۇ  
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ