ئىستىخارە سېلىش
( الاستخارە )
بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم
ئىستىخارە سېلىشنىڭ تەرىپى:
ئىستىخارە دېگەن سۆزنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى: بىر ئىشتا تاللاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەت.
ئىسلام فىقھىدىكى ئىستىلاھ مەنىسى: ناماز ۋە ئىستىخارە دۇئاسى دەپ ئاتالغان مۇئەييەن دۇئا ئوقۇش ئارقىلىق ئاللاھدىن ئىشلارنىڭ ياخشىراقىنى تاللاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەتتۇر .(1)
ئىستىخارە سېلىشنىڭ ھېكمىتى:
ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەرنى بۇ ئىشنى قىلسام نەتىجىسى قانداق بولار، ياكى بۇ ئىشنى قىلسام ياخشىمۇ قىلمىساممۇ؟ دەپ ئىشلىرىدا تەرەددۇت قىلىپ نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي، قارار قىلالماي قالغاندا، بۇرۇن جاھىلىيەت دەۋرىدىكىلەر قىلىپ كەلگەن پال سېلىش ۋە شۇملۇق ھېس قىلىشتەك ناچار ئىشلارنىڭ ئورنىغا ئىستىخارە سېلىشقا بۇيرىغان.
ئىستىخارە ئىسلام ئەقىدىسى بىلەن زىچ باغلانغان بىر ئىبادەتتۇر، چۈنكى مۇسۇلمان بەندە پۈتۈن ئىشلارنىڭ جانابى ئاللاھنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىگە، جانابى ئاللاھنىڭ ھەممە ئىشلارنى خالىغىنى بويىچە تەقدىر قىلىپ خالىغىنى بويىچە بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىغا كەسكىن ئىشىنىدۇ، ئىنسان بولسا جانابى ئاللاھ ياراتقان ئاجىز بىر مەخلۇق، غەيبنى بىلەلمەيدۇ، قايسى ئىشتا خەيرلىك، قايسى ئىشتا زىيان بارلىقىنىمۇ ئايرىيالمايدۇ، بۇنىڭدىن قارىغاندا ئىستىخارە سېلىشنى كۆرسىتىپ بېرىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالا بىر تەرەپتىن بەندىلىرىنى ئۆزىگە يېلىنىشنى ئۆگەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنى تېخىمۇ خەيرلىك يوللارغا مۇيەسسەر قىلىش پۇرسىتىنى بەرگەندۇر.
جانابى ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ((ئاللاھ خالىغىنىنى يارىتىدۇ ۋە تاللايدۇ، تاللاش ھوقۇقى ئۇلاردا ئەمەس، ئاللاھ پاكتۇر، ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەنلىرىدىن ئۈچۈندۇر، پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ دىللىرىدا يوشۇرۇن تۇتقانلىرىنى ۋە (ئېغىزلىرىدا) دېگەنلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇ ئاللاھ دۇر، ئۇنىڭدىن بۆلەك ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھ غا مەنسۇپتۇر، ھۆكۈم چىقىرىش ئاللاھ غا مەنسۇپتۇر، سىلەر ئاللاھ نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر))(2)
شۇڭا بەزى ئالىملار: "كىشى ھەرقانداق بىر دۇنياۋى ئىشقا ئىككى رەكئەت ئىستىخارە نامىزى ئوقۇماي تۇرۇپ قەدەم قويسا بولمايدۇ" دېگەن.(3)
ئەلۋەتتە ھازىرقى زاماندا مۇسۇلمانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىن بۇ ئالاھىدە ئىبادەتنىڭ يوقاپ كېتىشى ئۇلارنىڭ ئىسلام كۆرسەتمىلىرىدىن ئومۇمەن يىراقلىشىپ كەتكەنلىكىنىڭ بىر ئالامىتى بولسا كېرەك، بولمىسا ئۇلار بۇنداق پايدىلىق بىر ئىبادەتنى قىلماي تاشلاپ قويارمىدى؟ بۇ ئىبادەتنىڭ پايدىسىنىڭ نەقەدەر چوڭ ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەندىلا ئادەتتىكى كىچىك ئىشلاردا ئەمەس، تۇرمۇشىمىزدا بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىغان ھاياتىي قارارلارنى ئالغاندا ئىستىخارە سېلىش خىيالىمىزغا كېلىپ باقمايدىغان بىز مۇسۇلمانلارنىڭ تارتىۋاتقان زىيىنىنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلغىلى بولسا كېرەك.
ئەسرى سائادەتتىكى پېشقەدەم سەلەف سالىھلىرىمىز ئىستىخارە سېلىشنىڭ قەدرىگە يەتكەن ۋە ئالىدىغان پايدىنى ئالغان، بۇنىڭ بەزىبىر مىساللىرىنى تىلغا ئالايلى:
ھەزرىتى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىشىچە: زەينەب رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئىددىتى توشقاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: ماڭا ئەلچى بولۇپ بارغىن، دېگەن، زەيد بېرىپ ئۇنىڭغا: ئى زەينەب خوش خەۋەر! مېنى رەسۇلۇللاھ سىزگە ئەلچىلىككە ئەۋەتتى، دېگەن، زەينەب: مەن ئىگەمگە ئىستىخارە سالمىغىچە ھېچ نەرسە قىلمايمەن، دەپ ناماز ئوقۇيدىغان ئورنىغا بېرىپ نامازغا تۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ ھەقتە قۇرئان نازىل بولدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېلىپ ئىجازەت ئالماستىن زەينەبنىڭ قېشىغا كىردى.(4)
بۇنىڭدىن ئايال كىشىنىڭ ئەلچىگە جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن ئىستىخارە سېلىپ دۇئا قىلىشىنىڭ مۇستەھەبلىكى چىقىدۇ. شۇنداقلا قايسى بىر كىشى ئىشلىرىنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرسا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن ئەڭ خەيرلىك ئىشنى قولايلاشتۇرۇپ بېرىدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ.
ئىمام نەۋەۋى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى بۇ ھەدىسنى شەرھلىگەندە مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىس ئېنىق پايدىلىق كۆرۈلگەن ئىش بولسۇن ياكى ئۇنداق بولمىسۇن ھەرقانداق بىر ئىشنى قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ ئىستىخارە نامىزى ئوقۇشىنىڭ مۇستەھەبلىكىنى كۆرسىتىدۇ".(5)
ئىستىخارە سېلىش دائىرىسى:
ئىستىخارە چوڭ بولسۇن كىچىك بولسۇن بارلىق ئىشلاردا بولىدۇ، چۈنكى كۆزگە ئىلمىغان كىچىك ئىشلاردىن چوڭ ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن، يەنە جائىز ياكى مۇستەھەب ئىشلاردىن بىرىنى تاللاشتا ياكى ئىككى ئوخشاش دەرىجىدىكى ئىشتىن بىرىنى تاللاشتا بولىدۇ، مەسىلەن: بۇ ئۆينى ئالايمۇ ئالمايمۇ؟ بۇ قىزغا ئۆيلىنەيمۇ ياكى باشقىسىغىمۇ؟ لېكىن پەرز، ۋاجىب، ھارام ياكى مەكرۇھ بىر ئىشنى قىلىشتا ئىستىخارە سېلىنمايدۇ، چۈنكى پەرز بىلەن ۋاجىبنى مەسلىھەت سالماستىن قىلىشقا ئالدىراش، ھارام بىلەن مەكرۇھنى مەسلىھەت سالماستىن تاشلاش كېرەك.
دېمەك: "ۋاجىب بىلەن مۇستەھەب ئىشنى قىلىشتا ئىستىخارە سېلىنمايدۇ، ھارام بىلەن مەكرۇھنى قىلىش قىلماسلىقتىمۇ ئىستىخارە سېلىنمايدۇ، ئۇنداق بولىدىكەن ئىستىخارە سېلىش پەقەتلا مۇباھ ئىش بىلەن ئىككى مۇستەھەب ئىشنىڭ قايسىسىنى قىلىش ياكى قايسىسىنى بۇرۇن باشلاشتا بولىدۇ".(6)
لېكىن ھەج ئادا قىلايمۇ ياكى ئىلىم تەھسىل قىلىۋالايمۇ؟ دېگەندەك، بىرقانچە پەرز ياكى ۋاجىبتىن بىرىنى تاللاش ئىختىيارى بولغان ئەھۋالدا، ياكى ۋاقتى كەڭرى بولغان پەرز -ۋاجىبلارنى ھازىرلا قىلىش ياكى قىلماسلىقتا ئىستىخارە سالسا بولىدۇ.
ئىستىخارە سېلىشنىڭ ھۆكمى:
بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ قارىشىدا ئىستىخارە سېلىش سۈننەتتۇر، بۇنىڭدا ھېچ ئىختىلاپ يوقتۇر، بۇنىڭ مەنىسى: تۇي قىلماقچى ياكى مەلۇم بىر تىجارەتنى قىلماقچى ياكى سەپەرگە چىقماقچى بولغان كىشى شۇ ئىشنى قىلىش ياكى قىلماسلىق توغرىسىدا ئىستىخارە سېلىشى ۋاجىب ئەمەس سۈننەتتۇر.
ئىستىخارە سېلىشنىڭ دەلىلى:
ھەزرىتى جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ھەرقانداق ئىشتا ئىستىخارە سېلىشنى خۇددى قۇرئاندىكى بىر سۈرىنى ئۆگەتكەندەك ئۆگىتەتتى، ئۇ مۇنداق دەيتتى: "سىلەرنىڭ بىرىڭلار بىر ئىش توغرۇلۇق باش قاتۇرغاندا، پەرز نامىزىدىن باشقا ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ مۇنداق دېسۇن: ئى ئاللاھ، مەن سىنىڭ ئىلمىڭ بىلەن تاللاپ بېرىشىڭنى، ئۆز قۇدرىتىڭ بىلەن قۇدرەت ئاتا قىلىپ ياخشىراق ئىشنى قىلدۇرۇشىڭنى، ھەمدە ماڭا سېنىڭ ئۇلۇغ پەزلىڭدىن بېرىشىڭنى سورايمەن, چۈنكى سەن قادىر بولالايسەن، مەن قادىر بولالمايمەن, سەن بىلىسەن، مەن بىلمەيمەن، سەن غەيبلەرنى بىلگۈچىدۇرسەن, ئى ئاللاھ ناۋادا سېنىڭ ئىلمىڭدە بۇ ئىش -قىلماقچى بولغان ئىشنى ئاتايدۇ -مېنىڭ دىنىم, دۇنيايىم, تۈرمۇش ۋە ئىشىمنىڭ ئاقىۋىتىگە-ياكى ھازىرقى ۋە كېيىنكى ئىشلىرىمغا دېسىمۇ بولىدۇ -خەيرلىك بولسا، ماڭا ئۇنى قىلىشقا توغرىلىغىن ۋە ماڭا ئۇنى ئوڭايلاشتۇرۇپ بەرگىن, ئاندىن ماڭا ئۇ ئىشتا بەرىكەت ئاتا قىلغىن، ناۋادا سېنىڭ ئىلمىڭدە بۇ ئىش ماڭا دىنىمدا، دۇنيايىمدا، تۇرمۇشۇمدا ۋە ئىشلىرىمنىڭ ئاقىۋىتىدە يامانلىق بولىدىغان بولسا، مېنى ئۇنىڭدىن يىراق قىلغىن، ئۇنىمۇ مەندىن نېرى قىلغىن، ئۇنى كاللامدىن چىقىرىۋەتكىن، قەيەردە بولسا بولسۇن ماڭا خەيرلىكنى پۈتكىن، كېيىن مېنى شۇ خەيرلىك ئىشنى قىلىشقا رازى قىلغىن"(7)
ھەدىستە: ((ئىستىخارە سېلىشنى خۇددى قۇرئاندىكى بىر سۈرىنى ئۆگەتكەندەك ئۆگىتەتتى.)) دېگەن سۆزدىكى قۇرئان سۈرىسىگە ئوخشىتىشتىكى سەۋەبنى ئالىملار مۇنداق ئىزاھلىغان: "بارلىق نامازلاردا قۇرئان ئوقۇشقا ئېھتىياج بولغاندەك پۈتۈن ھاياتتا ئىستىخارە سېلىشقا ئېھتىياج بارلىقىنى بىلدۈرۈش ۋە يەنە ئىستىخارە دۇئاسىنى ئەينەن بەلگىلەپ بېرىپ كىشىلەرنىڭ ئىستىخارە سالغاندا ئۆزلىرى خالىغانچە دۇئا قىلماي بەلگىلەنگەن دۇئانى قىلىشىنى بىكىتىشتۇر، بۇ ئىستىخارىنى قۇرئان ۋە نامازغا ئوخشاتقانلىقتۇر، بۇ ئىستىخارىنىڭ ئەھمىيىتىنى كۆرسىتىدۇ"(8)
بۇنىڭدىن ئىستىخارە دۇئاسىنىڭ ئەينەن بەلگىلەنگەنلىكى مەلۇم بولىدۇ، ئەمەلىيەتتىمۇ ئىستىخارە دۇئاسى مەزمۇن جەھەتتە مول ۋە تولۇق بولغاچقا ئۇنىڭغا بىرەر جۈملە سۆز ياكى ئىبارە قېتىش ھاجەتسىزدۇر، ياكى مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئىستىخارە سېلىش ئاللاھ تائالادىن خەيرلىك ئىشنى تاللاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش تۇرۇقلۇق ئاللاھ تائالا ئىستىخارە سېلىشقا ئەڭ خەيرلىك لەفزلەرنى پەيغەمبىرى ئارقىلىق بىزگە تاللاپ بەرسە ئۇنىڭ ئورنىغا باشقىچە ئىبارىلەرنى ياكى ئۇسۇللارنى تاللىۋېلىش بىمەنىلىك بولىدۇ.
ئىستىخارە سېلىش ئۇسۇلى:
ئىستىخارە سېلىش نىيىتى بىلەن ئىككى رەكئەت نەپلە ناماز ئوقۇپ، نامازدىن كېيىن ياكى نامازنىڭ ئىچىدە يۇقىرىقى دۇئانى ئوقۇش ئارقىلىق ئىستىخارە سېلىنىدۇ.
ئىستىخارە دۇئاسىنى نامازنىڭ ئىچىدە سالام بېرىشتىن بۇرۇن ئوقۇسىمۇ سالام بەرگەندىن كېيىن ئوقۇسىمۇ جائىزدۇر، ئىمام ئىبنى تەيمىيە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى قاتارلىق بەزى ئالىملار ئىستىخارە دۇئاسىنى ئەتتەھىياتۇنى ئوقۇپ بولۇپ دۇرۇت ئوقۇغاندىن كېيىن ئوقۇپ ئاندىن سالام بېرىشنى مۇۋاپىق دەپ تاللىغان، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇئانى كۆپىنچە سالامدىن بۇرۇن قىلغاندۇر. (9)
يەنە بەزى ئالىملار سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدۇ، دەپ تاللىغان.
ھاپىز ئىبنى ھەجەر مۇنداق دەيدۇ: "ھەدىستىن دۇئانىڭ نامازدىن كېيىن ئىكەنلىكى كۆرۈنىدۇ، ناماز ئىچىدە ئوقۇسىمۇ توغرا بولۇش ئېھتىمالى بار، يەنە نامازدا قىلىش كېرەك بۇلغان دۇئادىن كېيىن قىلىش كېرەكلىكىمۇ ئېھتىمال؛ چۈنكى نامازدا سەجدىدە ۋە تەشەھھۇدتا دۇئا قىلىنىدۇ".(10)
بۇنىڭدىن نامازدىكى سەجدە ۋە تەشەھھۇدتا ئادەتتە قىلىدىغان دۇئالارنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئىستىخارە دۇئاسىنى ئوقۇسا بولىدىغانلىقى چىقىدۇ، بولۇپمۇ سەجدە قىلغاندا.
ياخشىسى ھەدىسنىڭ (ئاندىن) دېگەن لەۋزى بويىچە ئىستىخارە دۇئاسىنى نامازدىن كېيىن قىلىشتۇر، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپىنچە كىشىلەر ئىستىخارە دۇئاسىنى يادا بىلمەيدۇ، يۇقىرىدا ئىستىخارە دۇئاسىنىڭ قۇرئان سۈرىلىرىگە ئوخشىتىلغانلىقى، ئۇنى خالىغان يوسۇندا قىلىۋېلىشقا بولمايدىغانلىقى بايان قىلىندى، ئۇنداق بولىدىكەن كىشىلەر نامازدىن سالام بېرىپ بولغاندا بىرەر قەغەزگە يېزىۋالغان ئىستىخارە دۇئاسىنى ئەينەن ئوقۇپ ئىستىخارە سالسا مۇۋاپىق، بولمىسا نامازدا ئىستىخارە دۇئاسىنى يادا ئوقۇيالماي، يا قەغەزگە قاراپ ئوقۇيالماي قالىدۇ.
ئىستىخارە دۇئاسىنى نامازنى ئوقۇپ بولۇپ بىرئاز زىكىر-تەسبىھ ئېيتىپ بولۇپ ئوقۇسىمۇ بولىدۇ، يەنى ناماز ئوقۇپ بولۇپ ئازراق ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ ئىستىخارە دۇئاسىنى ئوقۇپ ئىستىخارە سالسا بولىدۇ، ئىمام ئەينى مۇنداق دەيدۇ: "ھەدىستىكى (ئاندىن) دېگەن سۆز بەك ئۇزىراپ كەتمىگەن ھالدا نامازدىن كېيىن سەل كېچىكىپ دۇئا قىلسىمۇ ئىستىخارىگە تەسىر قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ".(11)
ئىستىخارە نامىزىدا ئوقۇلىدىغان ئايەتلەر:
ئىستىخارە نامىزىدا مۇئەييەن بىر سۈرە ياكى ئايەت ئوقۇش بەلگىلەنمىگەن، بۇنىڭغا ئاساسەن ھەر ئىككى رەكئەتتە فاتىھەدىن كېيىن بىر سۈرە ياكى ئۈچ ئايەت مىقدارى بىلگىنىچە ئايەت ئوقۇسا بولىدۇ.
بەزى ئالىملار بىرىنچى رەكئەتكە پاتىھەدىن كېيىن ( قۇل يا ئەييۇھەل كافىرون) نى، ئىككىنچى رەكئەتكە (قۇل ھۇۋەللاھۇ ئەھەد) نى ئوقۇش مۇستەھەب دەپ قارىغان، چۈنكى بۇ سۈرىلەر بىلەن يۇقۇرىدىكى دۇئا ئاللاھقا ئىخلاس قىلىش، يېلىنىش ۋە ئۇنىڭغا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرغاچقا، ئاللاھدىن ياردەم تەلەپ قىلغان چاغدا مۇناسىپ كېلىدۇ.
ناماز بىلەن ئىستىخارە سېلىش ناماز ئوقۇش مەكرۇھ بولغان چاغلاردىن باشقا ھەرقانداق ۋاقىتتا جائىز بولىدۇ، ئەمما يالغۇز دۇئا بىلەن ئىستىخارە سېلىش بولسا ھەرقانداق ۋاقىتتا جائىزدۇر.
ئىستىخارىنى ناماز ئوقۇماي يالغۇز دۇئا بىلەنلا سېلىش:
ئىستىخارىنى ئەگەر ناماز ئوقۇپ دۇئا قىلىپ سالالمىسا، يالغۇز دۇئا قىلسىمۇ بولىدۇ، بەزىدە ھەيزدار ئاياللار شۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كېلىدۇ، چۈنكى ھەيز مەزگىلىدە ناماز ئوقۇيالمايدۇ، يەنە ناماز ئوقۇش چەكلەنگەن ۋاقىتلاردا ناماز ئوقۇشقا بولمايدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا دەرھال ئىستىخارە سېلىشقا دۇچ كەلگەندە يالغۇز ئىستىخارە دۇئاسىنى ئوقۇپلا ئىستىخارە سالسىمۇ بولىدۇ.
ئىمام نەۋەۋىي دەيدۇ: "ناۋادا ناماز ئوقۇيالمىسا دۇئا بىلەنلا ئىستىخارە سالسا بولىدۇ".(12)
بەزى ئالىملار ئىستىخارە سالغاندا نېمە ئۈچۈن ئالدىن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇش ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئىستىخارە سېلىش دۇئادىن ئىبارەت بولغاچقا ئالدى بىلەن ئىشىكنى قېقىپ ئاندىن تىلەكنى ئوتتۇرىغا قويۇش مۇناسىپ، يەنى بۇ بىر دۇئانىڭ مۇقەددىمىسى، دۇئا مۇقەددىمە بولۇش ئۈچۈن نامازدەك ئۇلۇغ ئىبادەت يوق، چۈنكى نامازدا ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلىش، ئۇلۇغلاش ۋە مۇھتاجلىقنى ئىزھار قىلىش بار".(13)
ئىستىخارە سالغاندىن كېيىنكى ئىشلار:
ئىستىخارە سالغاندىن كېيىن چۈش كۆرۈشى شەرت ئەمەس، بەلكى كۆڭلى قايسى ئىشقا ئارام تاپسا ياكى خاتىرجەم بولسا، شۇ ئىشنى قىلسا بولىدۇ، كۆڭلى ئارام تاپمىسا ئۇنى قىلمايدۇ.
بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىش شۇكى، ئىستىخارە سالغان كىشى ئۆز كۆڭلى بۇرۇندىنلا تارتقان ۋە كۈچلۈك ھەۋەس قىلغان ئىشنى يۈگۈرۈپلا تاللىماي ئىستىخارە سالغاندىن كېيىن تاللىماقچى بولغان بىرقانچە ئىشتىن قايسىبىر ئىش ئۇدۇل كەلسە شۇنى قىلىشى كېرەك، بولمىسا ئۆز ھاۋايى ھەۋىسىگە ئەگەشكەن بولىدۇ، شۇڭا بەزى ئالىملار كۆڭلى ئارام تاپقان ئىشنى قىلمايدۇ، دەپمۇ تۇرىۋالغان.
لېكىن ھاپىز ئىبنى ھەجەر ئېيتقاندەك: "توغرىسى: ئىستىخارە سېلىشتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ھاۋايى-ھەۋىسىگە مۇۋاپىق كەلگەن ئىشقا كۆڭلى ئارام تاپسىمۇ قىلمايدۇ".(14)
بۇنىڭغا ئاساسەن كۆڭلى بۇرۇن ياقتۇرغان ۋە ياكى ياقتۇرمىغان ئىشنى ئىستىخارە سالغاندىن كېيىن ئوخشاش دەرىجىدە قويۇپ ئاندىن ئۇدۇل كەلگەن، قولاي بولغىنىنى قىلىش كېرەك بولىدۇ.
ئىستىخارىنى قايتا-قايتا بىرقانچە قېتىم سېلىش:
ئىستىخارە سالغاندىن كېيىن ئەگەر بىر ئىشقا توختالمىسا، قايتىلاپ بىرقانچە قېتىم ئىستىخارە سالسىمۇ بولىدۇ.
ئىمام ئەينى مۇنداق دېگەن: "ئىستىخارە نامىزىنى ۋە دۇئاسىنى قايتا-قايتا تەكرارلاپ سېلىش مۇستەھەبتۇر".(16)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ دۇئا قىلسا قايتا-قايتا ئۈچ قېتىم تەكرارلاپ قىلاتتى، خەلىپە ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمامۇ كەئبىنى يېڭىلاپ قايتا ياسىماقچى بولغاندا مۇنداق دېگەن: "...مەن پەرۋەردىڭارىمغا ئۈچ قېتىم ئىستىخارە سالىمەن، ئاندىن قارار ئالىمەن...". (17)
ئىستىخارىمۇ بىرخىل دۇئا، شۇڭا ئۇنى تەكرارلاپ سېلىش مۇستەھەب بولىدۇ.
ئىستىخارە سېلىش بىلەن ئاقىللارنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىش:
بەزى كىشىلەر بەزىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئاقىل، تېخىمۇ بىلىملىك، ھايات تەجرىبىسى مول، ھېكمەتلىك ۋە تەدبىرلىك بولىدۇ، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ بەزى بەندىلىرىگە بېرىدىغان پەزلىدۇر، ئاللاھ ئۆز پەزلىنى خالىغان بەندىسىگە بېرىدۇ، شۇڭا ئىستىخارە سېلىش بىلەن بىللە يۇقىرىقىدەك مەسلىھەتكە يارايدىغان كىشىلەرنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىشمۇ ياخشى ئىشتۇر.
ئىمام ماۋەردى مۇنداق دەيدۇ: "ھەرقانداق بىر ئىشقا قەدەم قويۇشتىن، قارار ئېلىشتىن ئىلگىرى سەمىمىي نەسىھەت قىلىدىغان مەسلىھەتچى سالاھىيىتى بار زاتلارنىڭ رايىنى ئېلىش ھەر بىر ئاقىل كىشىگە يارىشىدىغان بىر ئىشتۇر، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۆز پەيغەمبىرىگە قارىتا تولۇق يېتەكلەش ۋە ياردەم قىلىشقا كاپالەت قىلغان تۇرۇقلۇق ئۇنى مەسلىھەت سېلىشقا بۇيرۇپ: ((ئىشتا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن))(18) دېگەن." (19).
ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دەيدۇ: "ئىستىخارە سېلىشتىن بۇرۇن خالىس نەسىھەت قىلىدىغان، تەجرىبىلىك، دىندار، بىلىملىك كىشىنى مەسلىھەتكە سېلىش مۇستەھەبتۇر، ئاللاھ تائالا: ((ئىشتا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن)) دېگەن، مەسلىھەت سېلىپ ئۇنىڭ پايدىلىق ئىش ئىكەنلىكى مەلۇم بولسا ئاندىن ئىستىخارە سالىدۇ".(20)
مەسلىھەتىنى ئېلىشقا بولىدىغان كىشىلەرنىڭ سۈپەتلىرى تۆۋەندىكىچە:
1-ئەقلى كامىل، تەجرىبىلىك كىشى. شۇڭا جاھىل، پىشمىغان سويما، نادانلار بۇ ئىشقا يارىمايدۇ.
2-دىندار ۋە تەقۋادار كىشى، دىيانەتلىك تەقۋادار كىشىنى مەسلىھەتكە سالغاندىلا كۆڭۈل خاتىرجەم بولىدۇ، چۈنكى ئۇ سىر ئاشكارىلىمايدۇ، خاتا يول كۆرسەتمەيدۇ.
3-دوست-بۇرادەرلەردىن بولۇشى. چۈنكى دوستلۇق بولغاندا قارشى تەرەپنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى چۈشىنىش پۇرسىتى بولغانلىقتىن توغرا مەسلىھەت بېرەلەيدۇ.
4-كۆڭلى خاتىرجەم كىشى بولۇشى. دىققىتى چېچىلغان، غەمگە چۆمگەن بىر كىشىنى مەسلىھەتكە سالسا توغا مەسلىھەت بېرەلمەي قالىدۇ.
5-غەرەزلىك بولماسلىقى، چۈنكى مەسلىھەت بەرگەن ئىشىدا بىرەر غەرەز يوشۇرۇنغان ئەھۋالدا ئۇ كىشى ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلەپ مەسلىھەت بېرىدۇ.
يۇقىرىقى بەش سۈپەت تېپىلغان كىشى مەسلىھەتكە سېلىشقا سالاھىيەتلىكتۇر، شۇڭا بۇنداق بىر كىشىنى تاپالىساڭ، ئۆزۈڭنىڭ قارىشىنى توغرا دەپ تۇرىۋالماي ئۇنىڭ مەسلىھەتىنى ئالغىنىڭ سالامەتلىككە ئەڭ يېقىندۇر. (21)
مەنبە؛ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى