باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2462 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قومۇل-تۇرپان-لوپنور ئۇيغۇرلىرى ھەققىدە بىر قانچە كەلىمە
دوستلىشىش
كوكتالالىق
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7902
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 137
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە137دانە
ئۆسۈش: 3750 %
مۇنبەر پۇلى: 3957 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-16
ئاخىرقى: 2011-09-09
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-01 23:53

قومۇل-تۇرپان-لوپنور ئۇيغۇرلىرى ھەققىدە بىر قانچە كەلىمە

قومۇل، تۇرپان، لوپنور ئۇيغۇرلىرى دېسىلا كۆپىنچە ئادەمنىڭ كۆز ئالدىغا يالاڭ قاپاق، «خەنزۇ چىراي» دەپ سۈپەتلىنىدىغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار كېلىدۇ. چىراي نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا قومۇل-تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۆپچىلىكى موڭغوللوئىدلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئىلىمدىن خەۋەرسىز كۆپىنچە كىشىلەر بۇنى خەنزۇلىشىشنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايدۇ. بۇ قاراش تامامەن خاتا. بۇ قىسقىغىنا يازمامدا قومۇل-تۇرپان-لوپنور ئۇيغۇرلىرىدا ساقلانغان قەدىمكى ئۇيغۇر تەركىبلىرىنى قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتىمەن.
چىراي-تۇرق جەھەتتىن، كۆپ قىسىم قومۇل-تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ خەنزۇلارغا ئوخشاپ قالىدىغان موڭغۇللوئىدلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇشى ئۇلارنىڭ ئېتنىك قاتلىمى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بۇنى ئەينى چاغدا موڭغۇلىيە دالىلىرىدىن كۆچۈپ كىرىپ تارىم ۋادىلىرىنى ئۇيغۇرلاشتۇرغان ئۇيغۇر، تۈركلەر بىلەن باغلاشقا بولىدۇ. ئارخېئولوگىيەلىك پاكىتلار، ئۇ جايلاردىن تېپىلىۋاتقان تۈرك قەبرىلىرى ئالدىغا تىكلەنگەن بالباللار قەدىمكى تۈرك، ئۇيغۇرلارنىڭ روشەن موڭغۇللوئىدلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىگىمۇ گۇۋاھ بېرىپ تۇرىدۇ. دەسلەپ قومۇل-تۇرپان-لوپنورلارغا كۆچكەن ئۇيغۇر-تۈركلەرنىڭ ئەسلى تۇرق ئالاھىدىلىكى ئۇلار ئەڭ ئاۋۋال كۆچكەن قومۇل-تۇرپان-لوپنور ئۇيغۇرلىرىدا روشەن ساقلىنىپ كەلگەن. شۇڭا تۇرپان مىڭئۆيلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىملىرىدىنمۇ بىز بۈگۈنكى قومۇل-تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ سىياقىنى كۆپلەپ تاپالايمىز. تۈركلەردە موڭغۇللوئىدلىق ئالاھىدىلىكنىڭ روشەن بولۇشىغا بىز باشقا مىللەتلەر بىلەن قەدىمدىن بېرى ئالاقىسى ئەڭ ئاز بولۇپ كەلگەن، تاغ-يايلاقلاردا چارۋىچىلىق بىلەن شوغۇللىنىپ كەلگەن قازاق-قىرغىز، شۇنداقلا سىبىرىيەدە قەدىمكى تۈرك ئېتىقادىدىن تارتىپ ساقلاپ قالغان ياقۇت، خاكاس، توۋالارنىڭ سىياقىدىن كۆرۈۋالالايمىز. دېمەك، قومۇل-تۇرپان-لوپنور ئۇيغۇرلىرىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان، جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىغا ئوخشاشمايدىغان موڭغۇللوئىدلىق ئالاھىدىلىكلەر ھەرگىزمۇ خەنزۇلار بىلەن ئەبجەشلىشىش ياكى باشقا سەۋەبتىن ئەمەس، بەلكى مەزكۇر قەدىمكى ئۇيغۇر قېنىنىڭ بىر قەدەر ساپ ھالەتتە ساقلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. تارىخ ئىلمى بىلەن ئاز-تولا خەۋەردار كىشىلەرگە مەلۇمكى قەشقەر، خوتەن رايونلىرىنىڭ تولۇق تۈرك، ئۇيغۇرلىشىشى 11-ئەسىرلەردە قاراخانىيلارنىڭ ئۇدۇن ئېلىگە قىلغان ھۇجۇمىنىڭ غەلبىسى بىلەن تامامىغا يەتكەن. بۇنىڭ بىلەن تۈركىي خەلقلەر تارىم ۋادىلىرىدىكى تۈركىي تىلدا سۆزلەشمەيدىغان ئاق ئىرققا مەنسۇب كىشىلەرنى تۈركلەشتۈرگەن ۋە بۈگۈنكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئېتنىك قاتلىمى 12-13-ئەسىرلەردىكى چىڭگىزخان ئىستېلاسى بىلەن تولۇق ئەمەلگە ئاشقان. قومۇل-تۇرپانلارنىڭ ئەسلى ئاھالىلىرى خېلى بۇرۇنلا موڭغۇلىيە ۋادىلىرىدىكى تۈرك-ئۇيغۇرلار بىلەن يېقىن ئالاقە قىلىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى ئېتنىك تەركىبىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان. بىراق تارىم ۋە پەرغانە كېيىنچە ئاناتولىيەلەرگە قەدەر كۆچكەن تۈركلەر شۇ جايدىكى ئەسلى موڭغۇللوئىد بولمىغان يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تىلىنى ئۆزگەرتكەن بىلەن، مەدەنىيەت ۋە سىياق جەھەتتە ئۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كەتكەن. شۇڭا بۇ جەھەتتە بىر قەدەر ئەسلىنى ساقلاپ قالغانلار باشقا مىللەتلەر بىلەن ئالاقىسى ئەڭ ئاز بولغان چەت رايونلاردا ياشايدىغان چارۋىچى مىللەتلەر، مەسىلەن قازاق-قىرغىز، توۋا، خاكاس، ياقۇت، قومۇل-تۇرپان-لوپنور ئۇيغۇرلىرى قاتارلىقلار بولغان.
تىل جەھەتتە، بۈيۈك تىلشۇناس مەھمۇد كاشغەرىي ئۆزىنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»تە خوتەنلىكلەرنىڭ خوتەن تىلى ئىشلىدىغانلىقى، قەشقەر ئەتراپىدا بولسا كەنچەكلەرنىڭ بىر خىل ئارىلاشما تىلنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى يازغان. دېمەككى، شۇ زامانلار قەشقەر، خوتەنلەرنىڭ تىلى تېخى تولۇق تۈركلىشىپ كېتەلمىگەن. بەلكى ھىندى-ياۋروپا تىل سېستىمىسىغا مەنسۇپ ئۇدۇن تىلىدىن بارغانسېرى تۈرك-ئۇيغۇرلىشىش جەريانىدا بولغان. بىراق قومۇل-تۇرپانلاردا بولسا تۈرك-ئۇيغۇر تىلى ئۆزىنىڭ خېلى زور ئىجتىمائىي ئاساسىنى تىكلەپ، جەمئىيەتتە قوللىنىلىدىغان ئالاقە تىلىلىق سالاھىيىتىنى ئاللىقاچان ھازىرلاپ بولغانىدى. مىڭ يىللار مابەينىدا قومۇل-تۇرپان-لوپنورلارغا ئىسلام دىنىنىڭ كېچىكىپ كىرىشى، باشقا مىللەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ ئازلىقى بۇ رايونلاردا قوللىنىلىدىغان تىلنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرچىنىڭ نۇرغۇنلىغان خۇسۇسىيەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشتا ھالقىلىق رول ئوينىغان. بىز بۇ رايونلاردىن قەدىمكى ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەردە قوللىنىلىدىغان نۇرغۇن سۆزلەرنىڭ يېقىنغىچە قوللىنىلىپ كېلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە تاۋۇشلارنىڭ ماسلىقىدەك ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەڭ ئاساسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشتە، بۇ رايونلارنىڭ تىلىدىن كۆپرەك پايدىلىنىش بىر قەدەر مۇۋاپىق. چۈنكى ئىشلىتىلىدىغان ئادەم سانى كۆپ بولغان قەشقەر شېۋىسىنى ياكى سۈنئىي رەۋىشتە چالا بىر ھالەتتە شەكىللەنگەن ئۈرۈمچى شېۋىسىنى ئاساس قىلغانغا قارىغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ تىل قانۇنىيەتلىرىگە ئۇيغۇنلۇقى ئەڭ كۈچلۈك بولغان،  قەدىمكى ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلەرنىڭ ساقلىنىشى كۆپ بولغان بۇ رايوننىڭ تىلىنى تاللاش بىر قەدەر ئاقىلانىلىك بولاتتى. بىراق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇ مۇمكىن بولمىدى. بىراق تىل تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى يەنە داۋاملىق چوڭقۇرلىغان ھالدا ئويلىشىپ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
مەدەنىيەت جەھەتتە بۇ رايونلاردا تا يېقىنقى يىللارغىچە قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش شەكلى بولغان چارۋىچىلىق داۋاملىشىپ كەلگەن بولغاچقا قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى بۇ رايوندا كۆپرەك ساقلىنىپ كەلدى. مەسىلەن مەھمۇد كاشغەرىي تۈركىي تىللار دىۋانىدا خاتىرىلەن قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ تامغىلىرى تا يېقىنقى مەزگىللەرگىچە قومۇل تاغلىرىدا ئىشلىتىلىپ كەلگەن. شۇنداقلا قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدىن بولغان تېلى، چومۇل، ئەلكە، قارلۇق. خۇلارنىڭ نامى بۇ رايونلاردا جەمەت سۈپىتىدە بۈگۈنگىچە داۋام قىلىپ كەلگەن. گەرچە ئۇيغۇرلار شەھەرلىشىش ھاياتىغا كۆچكەندىن كېيىن قەبىلىلەرنىڭ پارچىلىنىشى يۈز بەرگەن بولسىمۇ، بۇ رايونلارنىڭ چەت يېزا-قىشلاقلىرىدا بۇ ناملار بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ كەلگەن. ياخشىلاپ تەتقىق قىلىنىپ كۆرۈلسە بۇ رايونلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان ئۇششاق بالىلارنى ئۇچۇغداش، جادىگەرلىك، مازار-ماشايىخلارغا بولغان پەرقلىق ئىشەنچلەر .... بۇلارنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى كېلىپ چىقىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ پائالىيەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى پۈتۈن ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا ئورتاق. بىراق قومۇل–تۇرپانلاردا باشقا يۇرتلارغا قارىغاندا شەكىل جەھەتتىن كۆرۈنەرلىك پەرقلەر بار. قومۇل-تۇرپان-لوپنور رايونلىرىدىكى ناخشا-مۇزىكا، مۇقاملارمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ ناخشلىرىدىن روشەن پەرقلىق. يەنى مەزكۇر رايون ناخشىلىرىدا قويۇق يايلاق تۈسى ۋە جەڭگىۋارلىق، چوڭقۇر مۇڭ-ھەسرەت، رېئالنى تېمىلاردىكى تارىخىي ۋەقەلەر بار. بۇ رايوننىڭ كىيىم-كېچەكلىرىمۇ باشقىچە. مىڭئۆيلەردىكى كىيىملەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ باقسا چوقۇمكى بۇنىڭدىن نۇرغۇن ئوخشاشلىقلارنى بايقاش مۇمكىن.
قىسقىسى، قومۇل-تۇرپان-لوپنورلاردىن سىز قەدىمكى ئۇيغۇرلار بىلەن باغلىنىشلىق نۇرغۇن تەرەپلەرنى بايقىيالايسىز. بۇ ھەرگىزمۇ جەنۇب ئۇيغۇرلىرىغا باشقىچە قارىغانلىق ئەمەس. خۇددى بىرەيلەن ئېيتقاندەك، ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكى جەنۇبتا. چۈنكى جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نوپۇسى ئەڭ كۆپ ۋە زىچ تارقالغان رايون. بۇ رايوننىڭ ئىلىم-پەن، قۇرۇلۇش، تېبابەت ۋە باشقا نۇرغۇن ئىشلىرى قومۇل-تۇرپان-لوپنور ئۇيغۇرلىرىنىڭكىدىن بەكرەك تەرەققىي قىلغان. بىراق، ئۇيغۇر مىللىتىنى تارىخىي، مەدەنىيەت، تىل جەھەتلەردىن ئەتراپلىق چۈشەنمەكچى بولغان ئادەم ئۈچۈن قومۇل-تۇرپان-لوپنورنىڭ ئاز نوپۇس بىلەن خاس مەدەنىيەت ۋە تىلنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىجتىمائىي مۇھىتىدىن، كەڭ دالا-سەھرالىرىدىكى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقلىرى پۈتۈلگەن، سۈرەتلەر ئويۇلغان تەبىئىي مۇھىتى تېپىلغۇسىز مۇھىم مەنبە ھېسابلىنىدۇ.

http://qamus.okyan.com  مەنبە:

kelgusi uchun  algha
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 942
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 276
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە276دانە
ئۆسۈش: 300 %
مۇنبەر پۇلى: 3025 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-11
ئاخىرقى: 2011-12-20

مانداقمۇ ئىشلار بولغان دەيلى.چوڭقۇر ئەھمىيىتى بار ئەسەركەن.
جاھاندا كۈندە يېڭىلىق بولۇپ تۇرىدۇ.
HALDIN
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1529
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 272
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە272دانە
ئۆسۈش: -10 %
مۇنبەر پۇلى: 2807 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-05
ئاخىرقى: 2012-01-05
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-05 18:26

كۈكتالالىق ناھايتى ئەھمىيەتلىك تېما يۇللاپسىز، سىزگە كۈپ رەخمەت، لېكن تۇرپان - قۇمۇل، لۇپنۇر ئۇيغۇرلىرىنى مۇڭغۇللىئىد ئېرقىغا تەۋە دەپ مۇئەيەنلەشتۈرۋەتسىڭىز بۇ پۈتۈنلەي خاتا. ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرى شەكىلىنىش جەھەتتە  بىر  تۈركۈم ئىسلاملاشقان چاغاتاي مۇڭغۇللىرىنىڭ ئۇيغۇرلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تەركىبىگە كىرىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېرقى ئالاھىدلىكىدە سۇس مۇڭغۇلچە ئالامەتلەر كۈرۈلۈپ مۇڭغۇل ئېرقى ئارلىشىپ كەتكەن. مۇڭغۇل ئېرقى گەۋدىلىك جاي تۇرپان- قۇمۇل،لۇپنۇر دىسىڭىز بۇ پۈتۈنلەي خاتا. مۇڭغۇللار پۈتۈن شىنجاڭدا ھەممە يۇرتلاردا ئۇيغۇرلارغا سىڭىشىپ كەتكەن، يەركەن سەئىديە خانلىقىنىڭ پادىشاھلىرىمۇ يەنى ئابدۇرىشىت خان قاتارلىقلار دەل چىنگىزخانىڭ ئەۋلادى، ھازىرمۇ جەنىبىي شىنجاڭدا مۇغۇللار دەپ ئاتىلدىغان ئۇيغۇرلار بار بۇلارمۇ ئەينى ۋاقىتىكى ئۇيغۇرلاشقان مۇڭغۇللار، ئىلىدىمۇ ئەينى ۋاقىتتا بىرقانچە مىڭ  مۇڭغۇل ئۇيغۇرلاشقان، تۇرپاندىمۇ چىنگىزخاننىڭ ئەۋلادى بۇلغان خىزىر خۇجا باشچىلىغىدىكى بىر تۈركۈم مۇڭغۇللار ئۇيغۇرلاشقان. دىمەك مۇڭغۇلار ھەممە يۇرتلاردا ئۇيغۇرلارغا ئازدۇر- كۈپتۈر سىڭىشىپ كەتكەن، سىز تۇرپان -قۇمۇل، لۇپنۇرغا بېرىپ بىقىڭ سىزگە يەنىڭ ياۋرۇپا ئېرقى ئۈستۈن لۈكىنى ئىگلەيدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا كۈپ سانلىقنى ئىگلەيدىغانلىغىنى ھىس قىلىسىز، تۇرپان ياڭخى ۋە ئاستانە قەدىمقى قەبرىستالىقىدىن چىققان قەدىمىقى ئۇيغۇرلار بۇلغان  جەسەتلەرمۇ تىپىك ياۋرۇپا ئېرقىغا تەۋە. تۈركى خەلىقلەرنىڭ زۇر كۈپ قىسمى مۇڭغۇللارنى كىلىش مەنبەسى قىلغان ئەمەس، شۇڭا ھازىرقى تۈركىيە تۈرىكلىرى، ئازەربەيجان تۈرۈكلىرى، تۈركمەن تۈركلىرى، ئۇيغۇر، ئۈزبىك، تاتار قاتارلىق تۈركلەر يەنىلا ياۋرۇپا ئېرېقى ئۈستۈن ئۇرۇننى ئىگلەيدۇ، ئۇيغۇرلار ئارلاشما قانلىق مىللەت بۇلۇپ مۇڭغۇل ئېرقى ئارلاشقان ياۋرۇپا ئېرقىنىڭ ھىندى-پامىر، كاۋكاز تىپىغا كىرىدۇ بۇنى چەئتەل ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ ئېرىقشۇناسلار ئىسپاتلاپ چىقارغان ھازىقى ئۇيغۇرلاردا گەرچە مۇڭغۇلچە ئالامەتلەر بۇلسىمۇ ئەما بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسى ياۋرۇپائىد ئالاھىدلىككە  ئىگە. مەلىكىتىمىزدە ياۋرۇپا ئېرقىغا تەۋە مىللەتلەردىن تاجىكلار ،ئۇيغۇرلار تاتارلار قاتارلىقلار بار. رۇسلار باشقىلار بىلەن تۇي قىلىش نەتىجىسىدە ئۈزنىڭ ياۋرۇپائىد ئالاھىدلىكىنى  زۇر دەرىجىدە يۇقۇتۋالغان، تۇرپان ئۇيغۇرلىرى سىز دىگەندىكىدەك ئۇيغۇر تىلىنىڭ تۇغرا ئالاھىدلكىكنى ساقلاپ قالغان ساپ ئۇيغۇرچە سۈزلەر كۈپ ساقلىنىپ قالغان ئۇيغۇر شىۋىلىرى ئىچىدە ئۈزبىك تىلىغا ئەڭ يېقىن شىۋىمۇ دەل تۇرپان شىۋىسى ھىساپلىنىدۇ.