باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1140 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قەدىرڭگە يېتەلمىدىم ...
دوستلىشىش
gayrat828
ھامان بىر كۈنى .......
دەرىجە: كۇلۇب باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 9
ئومۇمىي يازما: 1420
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1420دانە
ئۆسۈش: 11950 %
مۇنبەر پۇلى: 12859 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2012-03-29
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-01 15:38

قەدىرڭگە يېتەلمىدىم ...




 

 خەيىر سۆيۈملۈك دوستۇم ... بۈگۈنكى كۈنلەردە سېنىڭدىن ئايرىلغان ئۇھسىنىشلىق كۈنلىرىمنى باشتىن كەچۈرۋاتىمەن ، ياخشىلارنىڭ قەلبىدە شۇنچە تەقەززارلىق بىلەن كۈتۈلگەن موبارەك ئاي سېنىڭ قەدىرىڭگە ئەجەپ يىتەلمەي ئۆتۈپ كەتتىم ، دىمەڭ سېنى ئۆزۈمنى تولۇق كونتۇرۇل قىلىپ بولالماي شەيتان بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزۋەتتىم..ياخشى كۈنلەرنى ئېچىنىشلىق كەيپىياتلار بىلەن ئۆتكۈزگەن ئىنسانلار قاتارىغا بېشىمنى ساڭگىلاتقان ھالدا قېتىلدىم .شۇڭا بۈگۈنكى شادېلىق كۈنلەرنى ئۆزۈمچە خوشاللىق بىلەن مەغرۇرۇر ئۆتكۈزۈشتىن قاتتىق ئۇيالغان ھالدا ياشىماقتىمەن  ..سېنىڭ سەھەردىكى يېقىملىق سادالىرىڭدىن ، شامدىكى ھۇزۇرلۇق شېرىن كەيپىياتلىرىڭدىن بەھىرلىنەلمىدىم ... مېنى كەچۈرگىن . تولىمۇ ئۇلۇغ ، تولىمۇ گۈزەل ئىدىڭ ، خۇددى ئانامنىڭ قەدىرگە
يېتىپ بولالماي پۇشايمان كۆز-يېشى تۆكۈپ  ئايرىلغان ئادەمدەك بولوپ قالدىم . سەھەردىكى مۇدىھىشلىق ئۇيقۇلاردىن ئۇيغۇنۇپ بولالماي قۇرۇق قاتتىق نان بولسىمۇ شېرىن تېتىيدىغان  زوھۇرلۇق تائاملىرىڭغا  داخىل بولالماي قالدىم . كېچىلەرنىڭ تۈن يېرىملىرىدا بىزنى توۋلاپ ئۇيغۇتۇپ قويىۋاتقان ئەجىركارلىرىمىزنىڭ ئەجىرىگە لايىق جاۋاپ قايتۇرالماي قالدىم ..ياخشى نىيەتلىك مېھرىبان دوستۇمنىڭ ھەر كۈنلىكى مىنى ئۇيغۇتۇپ قويۇش ئۈچۈن ئۇرغان تېلىفۇنىلرىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سالدىميۇ ، شۇ ئۆلۈكسىمان ئۇيقۇ قوينىدىكى تېنىمنى سۇغۇرۇپ چىقىرالمىدىم .. مېنى كەچۈرگىن ، ئىسمى-جىسمىڭغا لايىق قەدىرلىك ئىدىڭ ، قەدرىڭنى قەدىرسىزلەر توپىدىن  ئېلىپ باغرىمغا چوڭقۇر مېھرىم بىلەن باسالمىدىم  . كۈندىلىك سەھەرلىرىڭدىن كىيىن ئۈزۈمچە كىلەر قېتىم  دەپ نەچچە رەت نىيەتكە كەلدىميۇ ، نەدىكى قاملاشمىغان ئورۇنسىز سەۋەبلىرىمنى ساڭا تەڭلەپ سېنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويدۇم . سەن ماڭا كۆڭلۈمدىن ئىزدىگەن ياخشى دوستۇمنى سوۋغا قىلغان ئىدىڭ ، ئۈزۈڭنىڭ قەدرى-قىممىتىڭدىن ھالقىپ يەنە ماڭا يەتكەن شۇ سوۋغىتىڭنىڭمۇ ئەجرىگە لايىق جاۋاپ قايتۇرالمىغىنىمغا سېنىڭ ئالدىڭدا نۇمۇستىن ئۆلىۋاتىمەن  ..مەن ئۈزۈمگە توۋۋا دەيمەن . قارا ،سېنىڭ ماڭا سوۋغا قىلغان دوستۇمغا ، سىنى ئامالىنىڭ بېرىچە قەدىرلەپ باغرىغا چىڭ باسالىدى . تەراۋىھلىرىڭنى قولدىن بېرىپ قويمىدى  ، سېنى قۇرۇق نان يىگەن كۈنلىرىمۇ ، قۇرۇق سۇ ئىچكەن كۈنلىرىمۇ  سەندىن ئۆزىنى يىراق قىلمىدى ، خىزمەتنىڭ جاپالىق كۈنلىرىمۇ يۇشۇرنۇپ -تىقىپ يۈرۈپ سېنى چىن قەلبىدىن ھۆرمەتلىدى ..ئۇ بىر قىز بالا تۇرۇپ قانچە جاپالىق بولسىمۇ شۇلارغا باش ئەگمەي سېنىڭ لەززەتلىك مىنۇ تلىرىڭدىن  ھۇزۇرلىنالىدى ، مەنچۇ ، روزا تۇتالىدىڭىزمۇ ؟ ھە .. تەراۋىھ ئوقۇدىڭىزمۇ ؟ ھە ...مەن ئۇنى ئۆزۈمنىڭ روھىنى كاچاتلاپ تۇرۇپ ئالدىدىم . ئۆزۈمنىڭ ئوغوللۇق غۇرۇرۇمنى قىز باللىق غۇرۇرىنىڭ ئالدىدا دەپسەندە قىلدىم . شۇڭا سەندىن ھەم سەن ماڭا سوۋغا قىلغان شۇ مېھرىبان ھايالىق دوستۇمدىن چىن قەلبىمدىن كەچۈرۈم سورايمەن . ئې ئاللا مېنى كەچۈرگىن  ، مەن بىلمەي قىلغان بولسام ھەقىقەتەن مەن بۇنچىلىك ئازاپلىنىپ كەتمەس بولار ئىدىم ، ئەمما مەن بىلىپ تۇرۇپ ، سېنىڭ موبارەك ئايلىرىڭنىڭ قەدرىنى بىلىپ تۇرۇپ ، دوستۇمنىڭ پاك قەلبىنى چۈشۈنىپ تۇرۇپمۇ بىرەر قېتىم موبارەك ئېيىڭنىڭ  قەدرىنى باغرىمغا باسالمىدىم .  لىكىن مېنى بىلگەن قىلغىنىڭغا  ساڭا چەكسىز شۈكرىلەر ئېيتىمەن  .. ھەم قورقىمەن ..
مەن نېمە بولدۇم .. قانداقلا بولمىسۇن سېنىڭ ئالدىنقى قېتىملاردىكى روزىلىرىڭنى ئامالىمنىڭ بېرىچە  بىر -نەچچە قېتىملىقلىرىنى دىمىگەندە تۇتۇپ كېلىۋاتاتتىم ، ئەمما بۇ قېتىم ئۈزۈمنىڭ نىمىگە شۇنچە چېكىنىپ كەتكەنلىكىگە ھەيران قېلىۋاتىمەن . ئې ئاللا مېنى ئۈزۈڭدىن يىراق قىلىمىغىن ، مەن سېنىڭدىن يىراق بولغان شۇ مۇدىھىش ھاياتتىن مەڭگۈ بېزارمەن ،ھەم مەڭگۈ بېزار  بولوشىنى تىلەيمەن . سېنىڭسىز لەززەت تاپقان روھىم بولمىسۇن ، سېنىڭسىز ياشىغان باياشات تۇرمۇشۇم قۇرسۇن ، سېنىڭسىز ماڭا نېسىپ بولغان تەخىتلەر مەن ئۈچۈن زىندان ئې ئاللا .. مېنى كەچۈرگىن . مېنى موبارەك جامالىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ساقلىغىن . سېنىڭ يولۇڭدا مېڭىپ قانچە نامىرات بولساممۇ ، مەن يەنىلا ئەڭ باي ئادەممەن . سېنىڭ يولۇڭدا مېڭىپ قانچە جاپاكەش بولساممۇ مەن يەنىلا راھەت ئچىدىمەن ، ئې ئاللاھىم .. سەنسىز ماڭا بۇ ھاياتتىكى ھەممە نەرسە تېتىمىسۇن ، ياراتقان ھەر -بىر شەئىيلىرىڭىنىڭ گۈەزەللىكىنى دائىم سىنچىلاپ قاراپ ھۇزۇرلىنىپ كېتىمەن ، ئې ئاللا شۇ ھۇزۇرنى سەن ماڭا بەرگەنسەن ، بەرمىسەڭ مەن بەلكىم زەئىپلەشكەن روھىم بىلەن قاراپ بۇ دۇنيادىن زېرىككەن ۋە ئىشتانسىزلارچە ياشىغان بولار ئىدىم . بىر ئۆمۈر قورساق ، كىيىم-كىچەك ، باياشات تۇرمۇش ، ئويۇن-كۈلكە ، بۇزۇقچىلىقنىڭ ئاسارىتىدە تويماي تولۇق كۆز يۇمۇپ بولالماي دۇنياغا ئالىيىپ قاراپ قاتقان بولار ئىدىم ، <<ياراتقان ئېگەم شۇنداق بولوشتىن ساقلىغىن ،ھەم شۇنداقلارغا رەھمەت قىلغىن !! >> . سېنىڭدىن مۇشۇ دۇنيادىكى ئازغان ۋە ئازماقچى بولىۋاتقان بارلىق قېرىنداشلىرىمىغا ھىدايەت  قىلىشىڭنى تىلەيمەن . !!   بەزىلەر نامازغا تۇرۇپ ئاللاھقا باش ئېگىپ ئىبادەت قىلىۋاتقانلارغا قاراپ مەسخىرە قىياپەتتا تۇرىشىدۇ ، ئەجىبا شۇ ئېگىلگەن كىشىنىڭ قەلبىدە ئېيتىلۋاتقان سادالارنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ياخشى كۈنلەرنىڭ تىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىشمەيدۇ .  مېنىڭچە دۇنيادىكى ئەڭ بېچچارە ئادەملەر دەل باشقىلارنى بېچچارە دەپ كۆلۈشۋاتقانلار .. ئىنسان يەپ -ئىچىپ ، ئويناپ-كۈلۈپ ئۆتسىلا ھىساپمۇ ؟  ئۇنداقتا بۇ ھاياتتا نىمە مەنا بولسۇن ، مەيلى قانداقلا بولمىسۇن  ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى بىلگەن ئىنسان يەنە نىمىشكە بۇ دۇنيادا ھىچ نىمىگە تويۇشماي ئۆتىدىغاندۇ ، ياشايدىغانلار ياشاپ بولدى . چېكىگە يىتەلمىدى . ھامان ئۆلدى .
مەن مۇشۇلارنى بىلىمەن ..يەنە كۆپ تەرەپلەرنى بىلىمەن ، ئاللا خالىسا مەن ھار -ھالدا ياشاشنىڭ يولىنى بىلىمەن ، ئەجىبا بىلىپ تۇرۇپ  سۆيۈملۈك مېھمىنىمىنى ياخشى كۈتىۋالالمىدىم . ئىفتار ۋاقتىنىڭ ئالدىدا سېنى ئويلاپ تۇرۇپ ، << روزا تۇتقان بولسام مۇشۇ مېۋىلەر قانچە شېرىن ۋە لەززەتلىك بىلىنەتتى ،ھە >> دەپ تۇرۇپ  غىزالاندىم .. ئەزااننىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ مەسجىتكە چىقماي خۇپتەننى ئوقۇپ بولوپلا  يېتىۋالدىم . يا بىر كۈن روزا تۇتقان بولسام ، يا بىر كۈن تەراۋىھ نامىزىغا داخىل بولغان بولسام نە كىتەي  ... قەدرى كىچىلىرىڭنى كۈتۈپ تۇرغىنىم راسىت ، ئەمما بىر كۈنلا قىسقىغىنچە ئىككى سائەتچە  ئىبادەت ۋە قىرائەت قىلغىنىمنى بىلىمەن ...قەدرى كېچىسدىكى ئىبادەت مىڭ ئايلىق ئىبادەتكە تەڭ دەيدۇ . بىلىپ تۇرۇپ  شۇنىمۇ قولدىن بېرىپ قويغىنىمغا نە كىتەي ..نە ئۆلەي ...
ئاغىنەم بىلەن بىرگە ئىش قىلدۇق ، بەزىدە جاپالىق بەزىدە كۈن ئىنتايىن ئىسسىق شۇ كۈنلەردە مەن نەچچە رەت سۇ ئىچىپمۇ، تاۋۇز-قوغۇن يەپمۇ قانمىدىم ، ئەمما روزا تۇتىۋاتقان ئاغىنەمنىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ ئىشلەۋتقانلىرىغا قاراپ ئۆلگىدەك نۇمۇس قىلدىم -يۇ ، توختا دەپ بىر كۈن ئورېنىمدىن دەس تۇرۇپ روزىغا تۇرالىمغىنىمغا نە ،ئۆلەي ..شۇ ئاغىنەم ئارىدىكى 3-4 كۈن قوپالماي ياكى باشقا بىر سەۋەبلەر بىلەن تۇتالىمغىنىنى ھېساپقا ئالىمغاندا قالغىنىنى تۇلۇق تۇتالىدى ..
ماڭا ئۈلگە بولىۋاتقان ئىككى دوستۇم بىر قىز بىرى ئوغول ...
قىز دوستۇم يىراقتىن ماڭا  تېلىفۇن قىلىپ تۇرىدۇ . ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان ھەر  -بىر سۆزلىرى مېنى ھەر ۋاقىت سۆيۈندۈرۈپ يىتەكلەپ كەلدى . خىزمەت قىلىدۇ ، شۇنچە ئالدىراش تۇرۇپ  روزىنى قولدىن بەرمىدى ، ياكى نامىزىنى قويۇپ قويغىنى يوق ، تەراۋىھ نامىزىنى تەرىك قىلمىدى .. بىكار بولسا ياخشىلارنىڭ قەلبىنى ئوقىيدۇ .. توغرا يولنى ئىزدەيدۇ . مېنى ھەر زوھۇرلۇق ۋاقىتىدا ئۇيغۇتۇپ قويىدۇ .  ئەتىراپىدا شۇنچە كۆپ تەنە ۋە ئاچچىق سۆزلەر ئەگىپ يۈرسىمۇ پىسەنىت قىلمىدى ، شۇڭا دوستۇمنىڭ قەلبىنى باھارغا ئوخشىتىمەن ، مەڭگۈ ئىللىق باھارغا ، شۇنچە تەرىپلىگەن شۇ دوستۇمنىڭ ئەجرىگە بىر كۈن بولسىمۇ روزىغا داخىل بولمىغىنىمغا ،نە ئۆلەي ...
ئەسلى ئىنسان ، چوشقىغا ،ئىتقا شەكلى جەھەتتىن ئۆزگىرىپ قالمىغىنى بىلەن سىنچىلاپ قارىسىڭىز ئۇ ئەمىليەتتە ئىش-ھەركىتى ۋە ھاياتىدىكى ياشاش يولىدىن تۈپتىن شۇلارغا ئايلىنىپ كېتىدىكەن . قارىغاندا مەن يېرىمىم باشقا مەخلۇققا يېرىمىم ئىنسانغا ئوخشايدىغان ھالەتتە ياشاۋاتقان بولۇشۇم مومكىن .. ھەقنى تونىيمەن ئەمما تولوق ئادا قىلمايمەن ..
شۇڭا دوستلىرىم مەندىن ئىبرەت ئېلىڭلار . مەيلى قانچە بوران-چاپقۇن بولسۇن ، دىنىمىزنىڭ يولى ھامان مەڭگۈ گۈزەللىك  تونىغا ئورالغان . شۇڭا ئۇنىڭغا گۇمانىڭىز بىلەن قارىماي ئىمانىڭىز بىلەن قاراڭ !!!!!
ئىمان خۇددى مەڭگۈلۈك ئىللىق باھارغا ئوخشايدۇ ، دۇنياغا ئىمان بىلەن قارىسىڭىز ھەممە جاينىڭ جەننەتكە ئوخشايدىغانلىقىنى بايقايسىز ، .ئاللاھنىڭ ياراتقان ھەر بىر شەيئىسىگە چوڭقۇر ھېكمەتلەر يوشۇرۇنغان  ،شۇڭا سىز قانچە ئىمانى قەلبىڭىز بىلەن قارىسىڭىز شۇنچە گۈزەل ۋە مەنىلىك كۆرىنىدۇ .  دۇنيادىكى رەڭگارەڭلەرگە  قارىغىنىڭزدا ئۇ پەقەت سىزگە قىززىقىشىنىلا بىرەلىشى مومكىن ،ئەمما ئۇ سىزگە ھەقىقى ھاياتنىڭ مەنىسىنى ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ . سىزنى غادايىتقان كاتتا ماشىنىڭىزنىڭ ماتىريالىنى سىز ئۆزىڭىز پەيدا قىلىۋالمىغان ، بەلكى سىز دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇن شەكىللەنگەن ،يارىتىلغان شەيئىلەردىن ۋۇجۇتقا كەلگەن ، شۇڭا سىز ئىشلەتكەن ھەر نەرسىنىڭ سىزدە ھەققى بار ، ماشىنىنى ئەجىر قىلىپ ئالىسىز -يۇ  . ئۇنىڭ ئەسلى ئىجادىيەتچىسىگە ئەجىرىڭىز يوقمۇ ؟  ئاللا ئىنساننىڭ دىلىغا خات يېزىشنى ، پەن-تېخنىكىنى سالمىسا ، ئاللاھنىڭ سرلىرى ئاشكارلىنىپ ئىنسان ھەقنى تونىمىسا ئاللا بەنىدىسىگە يالغانچى بولوپ قالمامدۇ ؟ 
 خەيىر ، ئاللا مېنى ۋە بارلىق مەن بىلەن ئوخشاش يولدا مېڭىۋاتقانلارنى ، ياكى  مەندىنمۇ ناچار يولدا مېڭىۋاتقانلارنى كەچۈرگىن . سەندىن بارلىق قېرىنداشلىرىمىغا مەغفىرەت تىلەيمەن ، ئامىن .  ئې ئاللا دۇنياغا تىنىچلىق ۋە گۈزەللكنى نېسىپ قىلغىن ، ئاخىردا يەر شارىدىكى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا گۈزەللىك تارىلىپ چىگرا قالىمسۇن ..
<<دوستۇم ، مېنى كەچۈرۈڭ >> <<سېنى كۈتىمەن ، بارلىق چىن دىلىم بىلەن كۈتىمەن ، >>
دوستلىشىش
نەزىرە
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7503
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 248
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە248دانە
ئۆسۈش: 300 %
مۇنبەر پۇلى: 2759 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-21
ئاخىرقى: 2012-03-29

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بەك ياخشى يېزىپسىز،،،،،،بۇ دۇنيادا ئېزىپ كېتىش قورقۇنۇچلۇق ئەمەس، بەلكى ئېزىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلالماي تۆۋبە قىلماسلىق قورقۇنۇچلۇقتۇر.
ھايا ئىمان جۈملىسىدىندۇر
دوستلىشىش
dulbarqin310
توۋا دەيمەن، دۇنيادىكى ئىشلارغا.........
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1139
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1139دانە
ئۆسۈش: 580 %
مۇنبەر پۇلى: 12193 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-03-29
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-02 16:36

ھەقىقەتەن بەك ياخشى يېزىلىپتۇ، مۇشۇنداق ئىزىپ كەتكەنلەر كۆپ بۇ جاھاندا، مەنمۇ شۇنداق قىلدىم. ھەي، ئاللاھ مەنمۇ گۇناھىمنى يۇيۇشقا تىرىشىمەن. رەھمەت سىزنىڭ بىزنى قايتىدىن ئەسكەرتىپ قويغىنىڭىزغا.
دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8231
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 35
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە35دانە
ئۆسۈش: 80 %
مۇنبەر پۇلى: 400 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-20
ئاخىرقى: 2011-10-24
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-02 17:41

مېنىڭ قەدىرىمگە بىرسى شۇنداق يەتمىى ،ئويلىسام سەت ئاچىقىم كېلدۇ ،خۇدا ئوزۈڭ بار!
ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتى يارا بولۇ& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6102
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 161
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە161دانە
ئۆسۈش: 200 %
مۇنبەر پۇلى: 1935 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-15
ئاخىرقى: 2012-01-09
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-04 11:14

   كىشىنى سەل خىجىل قىلىدىكەن، بۇ ئەسەر...   ئەلۋەتتە، شۇنداق ئويلىيالىغانلارنى... ...
ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە، ئەۋلادىڭنىڭ پۇتى يارا بولۇر!!!