باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 466 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: سەھراغا مۇھەببەت
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8815
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 14
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە14دانە
ئۆسۈش: 160 %
مۇنبەر پۇلى: 200 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-31
ئاخىرقى: 2011-09-05
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-31 22:20

سەھراغا مۇھەببەت

سەھراغا مۇھەببەت

تۇيۇنغان قۇياشقا، ئايغا، زىمىنغا،
ئەي،ئىللىق خىسلەتلىك تۇزانسىز ماكان.
ساپلىقىڭ ،پاكلىقىڭ دىللارغا ھۇزۇر،
مۇزلىغان قەلىبكە ياقار ھەر زامان.
 
قوينۇڭغا ئال مىنى ياتاي باغرىڭدا،
ساپ خۇشبۇي ھاۋادىن نەپەسلەر ئالاي.
چۆللەردە قىينالغان چاڭقاق تەنلىرىم،
شۇ توققۇز بۇلاقتنىڭ ھۆسنىگە قانغاي .
 
باغاش ئەت قوينۇڭدا پەپىلەپ مىنى،
خىسلىتىڭ مۇجەسسەم بولسۇن دىلىمغا.
يېشىللىق ئەلچىسى بولسۇن ھەم گۇۋاھ،
غۇبارسىز ياشاي مەن رەڭدار تۇپراقتا.
 
كىچىلەر قاراي ھەم زەڭگەر ئاسمانغا،
كۆرەي شۇ بالىلىق چۆچەكلىرىمنى.
پەرىشتە مومامنىڭ ئاپئاق چېچىدەك،
لىپمۇلىق يۇلتۇزلۇق گۈزەل ئاسماننى.
 
بۇ خىسلەت بۇ ھالەت كەلگەن نەلەردىن؟
كەلگەنغۇ ھەر گىياھ ھەردان ھەر تەردىن.
تاڭ سەھەر سۈت سېغىپ ماڭغان چوكاننىڭ ،
ھەم دىھقان يىگىتنىڭ مىھنەت ئەجرىدىن.
 
باھاردا سايرايدۇ توپ-توپ قۇشقاچلار ،
قارلىغاچ ھەم سالغان ئايۋانغا ئۇۋا.
مەڭرىگەن دالىدا قوي ھەم كالىلار،
كەينىڭدىن ئەگىشەر ھەم يەنە قۇزا.
 
باغلاردا مىۋىلەر پىشقان مەي باغلاپ ،
ھويلىدا ئۇغۇتسىز يۇمران ئوت –ياشلار.
تاڭ سەھەر ئويغۇتۇپ چىللايدۇ خۇراز،
قىشمۇ يازئۈزۈلمەس ئېقىندىن سۇلار .
 
ئاڭلىنار دوڭلەردىن پادا ئاۋازى،
ئېتىزدا ياڭرايدۇ ئورما ناخشىسى.
مومامنىڭ چاڭ باسقان ئىتەكلىرىدە،
ئۇخلايدۇ نەۋرىلەر قېنىپ ئۇيقۇسى.
 
پۇتلىرى يېرىلغان ھەم قاداق باسقان،
بەك يىرىك ھەم قاتتىق بوۋام قوللىرى،
يۈزلەرگە ۋاقىتسىز چۈشكەن قورۇقلار،
ھەممىسى ئەجىر ھەم جاپا تامغۇسى.
 
نە بولسۇن بۇ يەردە غەيۋەت شىكايەت،
نە جىدەل  غەۋغا ھەم ئورا كولاشلار.
چاڭ سالماس ھېچكىشى كىشى رىسقىگە،
ھەم ھەسەت ئاداۋەت يوق ھەم مىشچانلار.
 
ھالىغا يىتىشىپ خۇلۇم –خوشنىلار،
بەك ئىجىل ، ئايىماس بارۇ نەرسىنى .
كىلىنلەر پەتىلەپ ماڭار ھەر جۈمە،
ئادەت بوپ  يوقلاش ئاتا –ئانىنى.
 
مەسچىتلەر تولغان جامائەتلەر بىلەن،
توي تۈكۈن ئۈلۈملەر يىتىم قالمىغان.
ئاغرىساڭ داۋا ھەم ياۋا گىياھلار،
بىر جەننەت ماكان بۇ سىھىرگە تولغان.
 
ئاھ، كەڭرى ئىتىكى جەننىتىم سەھرا،
سىرلارغا تۇيۇنغان قەدىمى ماكان.
قوينۇڭدا بار يەنە نىنى ھىكمەتلەر،
يىشىلگەي بىر كۈنى تىلسىملار ھامان.

مەنبە:ئىجادىتىم،،،
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8815
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 14
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە14دانە
ئۆسۈش: 160 %
مۇنبەر پۇلى: 200 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-31
ئاخىرقى: 2011-09-05

ئىسىت مۇشۇنداق ياخشى تىمىلىرىمغا  ئىنكاس قالدۇرمىغىننى