ئەنەس رەزىيەللاﻫۇ ئەنﻬۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيﻬىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئادەمنىڭ يېشى ئۇزارغانسېرى ئۇنىڭ مال-دۇنياغا، ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشكە بولغان ﻫېرىسمەنلىكى ئېشىپ بارىدۇ». — ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم توپلىغان.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاﻫۇ ئەنﻬۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيﻬىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر ئادەمنىڭ لىقمۇ-لىق بىر جىلغا مېلى بولسا، ئۇ چوقۇم يەنە بىر ﻫەسسە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئۇنىڭ كۆزىپەقەت توپا بىلەنلا تويىدۇ، ئاللاﻫ تەۋبە قىلغۇچىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر». — ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم توپلىغان
ئەبۇ ﻫۇرەيرە رەزىيەللاﻫۇ ئەنﻬۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيﻬىسسالام مۇنداق دېگەن: «پۇل-مالنىڭ كۆپ بولۇشى بايلىق ئەمەس، ﻫەقىقىي بايلىق روﻫىي بايلىقتۇر».— ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم توپلىغان
ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاﻫۇ ئەنﻬۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيﻬىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاﻫ سىلەرگە ئاتا قىلغان بەختنىڭ سىلەرنىڭ زىيىنىڭلارغا سەۋەبچى بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن». بىر ئادەم زېمىندىكى بەخت قايسى؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيـﻫىسالام: «زېمىننىڭ بايلىققا تولۇشى»، دېگەن. يەنە بىر ئادەم: ئەجەبا بايلىق زىيان كەلتۈرەمدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيﻬىسسالام سۈكۈت قىلىپ تۇرغان، ﻫەتتا كۆپچىلىك رەسۇلۇللاﻫقا ۋەﻫىي نازىل بولۇۋاتىدۇ، دەپ قاراشقان، بىردەم ئۆتكەندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيﻬىسسالام پېشانىسىنى سىلىۋېتىپ: «سوئال سورىغان ئادەم قېنى»، دەپ سورىغاندا، ئۇ ئادەم: مانا مەن بۇ يەردە، دەپ جاۋاب بەرگەن. ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاﻫۇ ئەنﻬۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: ئۇ ئادەم مەن، دەپ ئورنىدىن تۇرغاندا، بىز ﻫەممىمىز ئۇنى ماختاشتۇق، دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيﻬىسسالام بايلىق بايلىق ئېلىپ كېلىدۇ، بۇ بايلىق باﻫار يامغۇرى بىلەن ئۈنۈپ چىققان چىرايلىق، پۇراقلىق ئوتقا ئوخشايدۇ، ئادەم يېسە ئۆلىدۇ ياكى كېسەل بولىدۇ، ئوتخور ﻫايۋانلار يېگەندىن كېيىن قورسىقى تويىدۇ، ئاپتاپقا قاقلىنىدۇ، كۆشەيدۇ (ﻫەزىم قىلىدۇ)، ئاندىن كېيىن تېزەكلەيدۇ (ماياقلايدۇ. — ت)، كېيىن كېلىپ ئوتلايدۇ، بۇ خىلدىكى بايلىق ياخشى بايلىق بولۇپ، ﻫالال يول بىلەن تېپىپ تېگىشلىك جايىغا سەرپ ئەتسە، ئېگىسىگە پايدا ئېلىپ كېلىدۇ. كىمكى بايلىقنى ناتوغرا يول بىلەن تاپسا، بۇ ئادەم خۇددى يەپ تويمايدىغان ﻫايۋانغا ئوخشايدۇ». — ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم توپلىغان.
ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاﻫۇ ئەنﻬۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كۈنى رەسۇلۇللاﻫ مۇنبەردە تۇراتتى، بىز ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇردۇق، پەيغەمبەر ئەلەيﻬىسسالام مۇنداق دېدى: «مەن سىلەرنىڭ مېنىڭدىن كېيىن، زېمىندىكى بايلىقلارنى ئېچىپ، پايدىلىنىپ، بۇ تۈپەيلى ئازغۇن بولۇپ قېلىشىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن». بىر ئادەم مۇنداق دەپ سورىدى: ئى ئاللاﻫنىڭ ئەلچىسى، بايلىق زىيان كەلتۈرەمدۇ؟ پەيغەمبەر ئەلەيﻬىسسالام بۇنىڭغا نىسبەتەن ئۈندىمىدى. شۇنىڭ يەنە بىر ئادەم سوئال سورىغان ئادەمگە: ساڭا نېمە بولدى؟ سەن رەسۇلۇللاﻫقا گەپ قىلساڭ، ئەجەپ ئۇ ساڭا جاۋاب بەرمەيدىغۇ؟ دېدى. كۆپچىلىك رەسۇلۇللاﻫ ۋەﻫىي قوبۇل قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلىدۇق. بىردەم ئۆتكەندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيﻬىسسالام پېشانىسىدىكى تەرنى سۈرتۈۋېتىپ سورىدى: «ﻫېلىقى سوئال سورىغان ئادەم قېنى؟» رەسۇلۇللاﻫنىڭ تەلەپپۇزىدىن ئۇ ئادەمنى ماختاۋاتقاندەك ئۇرغۇ چىقىپ تۇراتتى، «بايلىق زىيان كەلتۈرمەيدۇ، باﻫاردا ئۆسكەن مايسىلار يېگەن ئادەمنىڭ ئاشقازىنىنى كۆپتۈرىدۇ، ياكى كېسەل قىلىپ ئۆلتۈرىدۇ. بۇ مايسىلارنى پەقەت ئوتخور ﻫايۋانلارلا يەيدۇ. ئوتلاپ قورسىقى راسا تويغاندىن كېيىن ئاپتاپقا قاقلىنىدۇ، ﻫەزىم قىلىدۇ، ماياقلايدۇ، ئاندىن كېيىن يەنە ئوتلاققا بېرىپ ئوتلايدۇ. شۈبﻬىسىزكى، بۇنداق بايلىقنىڭ كۆرۈنۈشى كۆركەم، تەمى ئۆزگىچە بولىدۇ، مۇبادا مۇسۇلمانلار بۇ بايلىقنىڭ بىر قىسمىنى نامرات، يېتىم-يېسىرلارغا بەرسە، مېﻬمىنىنى كۈتسە، نېمىدېگەن ياخشى بولىدۇ-ﻫە!». پەيغەمبەر ئەلەيﻬىسسالام ياكى مۇنداق دېگەن: «ئومۇمەن بايلىقنى ناتوغرا يوللار بىلەن تاپقان ئادەم ﻫېلىقى يەپ تويمايدىغان ﻫايۋانغا ئوخشايدۇ، قىيامەت كۈنى بۇ بايلىق ئۇنىڭ زىيىنىغا گۇۋاﻫ بولىدۇ». — ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم توپلىغان.
ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاﻫۇ ئەنﻬۇ مۇنداق دەيدۇ: ئەنسارلاردىن بىر قىسىم كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيـﻫىسسالامدىن نەرسە سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيﻬىسسالام ئۇلارغا بەردى، ئۇلار يەنە سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيﻬىسسالام يەنە بەردى، ﻫەتتا پەيغەمبەر ئەلەيﻬسسالامنىڭ يېنىدا ﻫېچ نەرسە قالمىدى، بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيﻬسسالام مۇنداق دېگەن: «مەندىكى بايلىقنى سىلەر ئۈچۈن ﻫەرگىز ئايىمايمەن، كىمكى ئاللاﻫتىن باشقىلاردىن بىر نەرسە تىلىمەسلىكنى تىلىسە، ئاللاﻫ ئۇنى تىلەمچىلىكتىن ساقلايدۇ، كىمكى ئاللاﻫتىن روﻫىيىتىنىڭ باي بولۇشىنى تىلىسە، ئاللاﻫ ئۇنىڭ روﻫىيىتىنى باي قىلىدۇ، سەۋر قىلغۇچىلارغا ئاللاﻫ ساباتلىق (مۇستەﻫكەم ئىرادىلىك) ئاتا قىلىدۇ، دۇنيادا ئىنسانغا سەۋردىن ياخشى نېئمەت بېرىلگىنى يوق».
— ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم توپلىغان.
ئەنەس رەزىيەللاﻫۇ ئەنﻬۇ مۇنداق دەيدۇ: ﻫۇنەين كۈنى ئاللاﻫ ئۆز پەيغەمبىرىگە ﻫاۋازىن قەبىلىسىنىڭ نۇرغۇن مال-مۈلكىنى ئولجا قىلىپ بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيﻬىسسالام قۇرەيش قەبىلىسىدىن بىر نەچچە كىشىگە (ئەبۇ سۇفيان، ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى، ﻫەكىم ئىبنى ﻫىزام قاتارلىقلار — ت) يۈزدىن تۆگە بەردى. بۇ چاغدا ئەنسارلاردىن بەزى كىشىلەر: ئاللاﻫ پەيغەمبەر ئەلەيـﻫىسسالامغا مەغپىرەت قىلسۇن، ئۇ ئولجىلارنى قۇرەيشلىكلەرگە بەردىيۇ، قىلىچلىرىمىز قانغا بويالغان بىزلەرگە بەرمىدى، دېدى. بۇ سۆز پەيغەمبەر ئەلەيـﻫىسسالامغا ئاڭلانغاندا، ئۇ ئادەم ئەۋەتىپ ئەنسارلارنى چاقىرىتىپ، چېدىر ئىچىگە توپلىدى. چېدىرغا باشقىلارنىڭ (ئەنسارلاردىن باشقىلارنىڭ) كىرىشىگە يول قويۇلمىدى، ئەنسارلار يىغىلىپ بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيﻬىسسالام ئۇلارغا: «سىلەر مۇشۇنداق گەپنى قىلدىڭلارمۇ؟» دېدى. ئەنسارلار ئىچىدىكى ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەر: ئى ئاللاﻫنىڭ ئەلچىسى، بىز چوڭلار بۇ گەپنى دېمىدۇق. پەقەت بىر نەچچە ياش بۇ گەپنى دەپ سېلىپتۇ، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيﻬىسسالام ئۇلارغا: «مەن پەقەت يېڭىلا ئىسلام دىنىغا كىرگەن كىشىلەرگە مال بەردىم، ئەجەبا سىلەر بۇنداق قىلىشىمنى ياقتۇرمامسىلەر؟ ئۇلار ئۆيىگە مال-مۈلۈك ئېلىپ ماڭسا، سىلەر ئاللاﻫنىڭ پەيغەمبىرىنى ئېلىپ ماڭساڭلار، بۇنىڭغا رازى بولمامسىلەر؟ ئاللاﻫ بىلەن قەسەمكى، سىلەرنىڭ ئاللاﻫنىڭ پەيغەمبىرىنى ئېلىپ ماڭغىنىڭلار، ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈك ئېلىپ ماڭغىنىدىن كۆپ ياخشى، دېدى. ئەنسارلار بۇنى ئاڭلاپ: شۇنداق، ئاللاﻫنىڭ ئەلچىسى، بىز رازى بولدۇق، دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيﻬىسسالام يەنە: «مېنىڭدىن كېيىن سىلەر ئېغىر نەپسانىيەتچىلىك سىنىقىغا ئۇچرايسىلەر، بۇ چاغدا سىلەر تاكى ئاللاﻫنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن ﻫەۋزى كەۋسەرنىڭ يېنىدا ئۇچراشقىچە سەۋر قىلىڭلار (نەپسانىيەتچىلىكتىن ساقلىنىپ، ئاللاﻫقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار — ت)، دېدى. ئەنەس رەزىيەللاﻫۇ ئەنﻬۇ مۇنداق دەيدۇ: لېكىن، بىز رەسۇللاﻫ دېگەندەك قىلالمىدۇق . — ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم توپلىغان