باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1207 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسىنى ئۆزگەرتىش زادى زۆرۈرمۇ؟
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 827
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە827دانە
ئۆسۈش: 3240 %
مۇنبەر پۇلى: 10567 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2011-10-20
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-31 01:36

ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسىنى ئۆزگەرتىش زادى زۆرۈرمۇ؟

ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسىنى ئۆزگەرتىش زادى زۆرۈرمۇ؟

      مەن بىر تىل-يېزىق ھەۋەسكارى، ئۇيغۇر تىلىغا ھەم خەنزۇتىلىغا قىزىقىمەن. تىلنىڭ مۇھىملىقىنى، يېزىق ئىملا قائىدىسىنىڭ بۇنىڭدىنمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بۇ يەردە كۆپ تەكىتلەپ ئولتۇرمايمەن.لېكىن يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا قارىتا چوقۇم شەخسى قارىشىمنى دېمىسەم بولمىدى.بەزى گەپلەرنى ھەم قوپالراق يازغۇممۇ كېلىۋاتىدۇ...مەن ئالىم ئەمەس ھەم تەتقىقاتچىمۇ ئەمەس، تىل-يېزىق پىرىمۇ ئەمەس،بىراق يېزىقىمىز ھەم تىلىمىزغا كۆيىنىدىغان كىشى. بىر ئاددى پۇقرا. شۇنداقتىمۇ ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن تۆۋەندىكى ئىشلارغا ئەركىن پىكىر بېرىشكە تامامەن ھوقۇقلۇق دەپ قارايمەن.
     مۇشۇ كۈنلەردە ئەمدى ھەق گەپلەرنى سەل قوپال تىلدا ئىپادىلەشكە توغرا كېلىۋاتىدۇ، بەلكىم ھېسسىياتىمنى توغرا چۈشىنىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس دەپ ئويلايمەن.شۇڭا ئۇدۇللا دەۋېرەي! مەن ش ئۇ ئا ر تىل يېزىق كومىتېتىنىڭ بۇلتۇر نەشىر قىلغان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا لوغىتى دېگەن كىتابىدىن قىلچە رازى ئەمەس(بايقالغان نۇرغۇن خاتالىقلارنى ئوڭشاپ يېقىندا مۇشۇ لوغەتنىڭ تولۇقلىما 10-20بەتلىك پاخ-پاخ قەغەزگە باسقان نۇسخىسىنى ھەرقايسى نەشرىياتلارغا تارقاتتى، بۇ ئەمدى نېمە قىلغىنى،خاتالىقىنى تونىغانلىقىمۇ؟ ياق ياق...بۇ ئۇچىغا چىققان مەسئۇلىيەتسىزلىك!!!بىر مىللەتنىڭ ئىملا لوغىتى مۇشۇنداق ھاپىلا-شاپىلا نەشىردىن چىقسا بۇ نېمە دېگۈلۈك؟ باشقا ئادەتتىكى كىتابلارنىغۇ قايتا نەشىردە تۈزىتىۋالسا بولىدۇ،بىراق بۇنداق نوپۇزلۇق قورال كىتابنى تەكرار نەشىر قىلغىلى بولمىسا!!!)،سۆزلىمىسەممۇ نۇرغۇن كەسىپ ئەھلى بۇنى ھېس قىلدى، ھەم قاتتىق ئاچچىقلاندى(پەقەت بىرلا مىسال كەلتۈرەي:ئەڭ ئاددىسىغۇ بۇ تېخى.لۇغەتتە بادەمسىمانبەز ،قالقانسىمانبەز دېگەنلەر بادامبەز ،قالقانبەز دېگەنگە ئۆزگىرەپتۇ.بۇنىڭ سەۋەبى بۇغۇم قىسقارتىشمۇ ياكى نېمە؟ئەمسە نېمىشقا بۇ لۇغەتتە ئادەمسىمان مايمۇن دېگەننى ئادەممايمۇنغا ئۆزگەرتمەيدۇ؟ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى دېگەن ئۇقۇمنىڭ بارلىقىنى مەن دېمىسەممۇ ئۇستازلار بىلىشى كېرەك ئىدى. بۇنىڭغا قېنى تىل-يېزىق مۇتەخخەسسىلىرى جاۋاب بېرەلەمدۇ-يوق؟ لۇغەتتە بۇنىڭدەك ئويلاندۇرىدىغان مەسىلە ئاز ئەمەس....) بولۇپمۇ مەن بۇنىڭغا قارىتا نارازى بولغان كىشىلەرنى بەك كۆپ كۆردۈم. بىر مىللەتنىڭ تىلىنى ئۇيۇن ئوينىغاندەك بۇزۇپ-چېچىپ يۈرگەن شۇ بىر قىسىم باشباشتاق، مەسئۇلىيەتسىز كىشىلىرىمىزدىن مەن نارازى.80-يىللىرىدىكى ئېلان قىلىنغان ھەمدە ئاران بىر ئومۇملاشقان ئىملا قائىدىسىنى بۇزۇپ(لۇغەتكە قارىسىڭىزقايسى خىل گىراماتتىكا قائىدىسىنى قوللانغانلىقىنى بىلىپمۇ بولغىلى بولمايدۇ،بىر قارىسا ئۆزبىكچە،يەنە قارىسا فارىسچە....)، يەنە ئىملانى ئىسلاھات قىلدۇق دېگەن گەپ كاللامدىن زادى ئۆتمەيدۇ.20يىلدىن كېيىن تىلىمىزدىكى ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان چوڭلىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ھەشقاللا، ئانا تىلىغا پىششىق بولالمايۋاتقان كىشىلىرىمىز ھازىر ئاز ئەمەس، بۇرۇنقى ئىملا بويىچە مەكتەپ پۈتتۈرگەن ياشلىرىمىز ھازىر مۇشۇ قائىدىگە كۆنەرمۇ ؟ ئۆزىنىڭ ئانا يېزىقىدىن بىزار بوپ قالارمۇ؟ بىز قىلىدىغان باشقا ئىش يوقمۇ ؟يېڭىدىن چىقىۋاتقان ئاتالغۇلارغا ئوڭشاپ نام بېرەلمەيۋاتىمىز ھازىرغىچە... ئۆتكەن 10 يىلدا يېزىقىمىزنى ulyغا ئۆزگەرتىمىز دەپ بىر قىسىم كىشىلەر ۋاقىراپ-جاقىراپ يۈردى، كېيىن دەككىسىنى يېگەندەك بولۇپ،كانىيىنى جىملا يىغۈشتۈرۋالدى، قىسقىسى ئۇ كىشىلەرخاتالاشقان ئىدى...ئەمدى كەلگەندە ئىملا قائىدىسى ئىشى چىقتى...ھەي ھەي...بۇ نېمە ئىش ئەمدى؟!!
     بۇ كىتابنىڭ 1-نەشرىدە ئاتالغۇلارنىڭ ئىملا مەسىلى كۆپ كۆرۈلگەنلىكتىن(ئاتالمىش ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا لوغىتى ناملىق)بۇ كىتاب تارقىتىلىشتىن توختىتىلغان ئىكەنمىش،ئەمما بەزى مەسئۇلىيەسىز كىشىلەر بۇ كىتابنى داۋاملىق تارقىتىشنى ، ئالدىرماي ئۆزگەرتىشنى ياكى قايتا نەشىر قىلىشنى ئويلىشىپ رەسمىي تارقىتىپتۇ.
       ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنستىك پارتىيەسى مۇقەددەس قانۇن-تۈزۈمنى ئاساس قىلىپ مۇشۇ تەرىقىدە دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ. ھازىر پارتىيە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا زور ياردەملەرنى بېرىۋاتىدۇ. بىز جۇڭگو ھۆكىمىتىنىڭ بۇ سىياسەتلىرىدن بەك رازى. پارتىيەگە مىڭ رەھمەت.ياشىسۇن پارتىيە!!!
       لېكىن، دۆلەتنىڭ چوڭ(كاتتا) كىتابلارنى چىقىرىشقا قىلغان ياردەم قىلغان پۇلىنى نەق جايىدا ئىشلەتمەي(بۇنى كەسىپ ئەھلى ئوبدان بىلىدۇ،يەنى 国家项目)بۇزۇپ -چېچىپ يۈرگەن،مۇشۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ چونتىكىگە پۇل ئوغرلاۋاتقان ھەم ئالداپ خەجلەۋاتقان ئەخلاقسىز كىشىلىرىمىزدىن مەن راستىنلا نارازى. بۇنداق لاياقەتسىز كىتابنىڭ سورىقىنى قىلىدىغان ئورۇن(ئاپتونۇم رايونلۇق نەشرىيات ئىدارىسى كىتاب ئوقۇپ تەكشۈرۈش ئىشخانىسى) نىڭ بۇ ئىشلارغا قاتتىق ئەستايىدىل مۇئامىلىدە بولۇشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.
      بۇ ئىنكاسىمدا مەن ئۆزۈمنىڭ قارىشىنى بەكمۇ تەپسىلى دېمىدىم، چۈنكى ئۇھ سىنىپ قېلىۋاتىمەن. ئىشىنىمەنكى، مۇشۇنداق مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىۋاتقان ئىنتايىن ئاز ساندىكى كادىرلار( سەن خەق ئۇيغۇر يېزىقىدىن تېنىپ، ئانا يېزىقنى ھەم تىلىمىزنى بالدۇرراق گۆرگە ئېلىپ كېتەي دەپ ئويلىشىۋاتامسەن يە؟)،ھەمدە دۆلەتنىڭ پۇلىنى چاچقاندەك غاجىلاپ توزىتىۋاتقان ، تىل-يېزىقنى بۇزۇۋاتقان(بەلكىم ئۇلار تىل-يېزىققا كۆڭۈل بۆلۈۋاتىمىز دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ،خەلق ھەرگىز ئۇنداق دەپ قارىمايدۇ،ئەلۋەتتە)خىزمەتچىلەرنى قانۇن ھامان  قاتتىق جازالايدۇ. ئاچچىقىمنى چىقىرىۋالاي دەپ ئوقۇمىغان كىشىدەك شۇ سەل قوپال يۇسۇندا قاخشاپ سالدىم كەچۈرۈڭلار.
     قېنى تورداشلار ئوبدان ئويلىنىپ باقايلى!! سىز بۇ ئىشلارغا قانداق قارايسىز؟ئۇيغۇر ئىملا قائىدىسىنى ئۆزگەرتىش زادى زۆرۈرمۇ؟ بۇ دەۋرنىڭ تەلىپىمۇ ياكى قىسمەن تىل-يېزىق تەتقىقاتچىلىرىنىڭ شەخسىي تەتقىقاتىنىڭ تەلىپىمۇ؟ئىملا قائىدىسىنى ئۆزگەرتىش ھەرگىز كىچىك ئىش ئەمەس،ئەسلى بۇ بىر چوڭ قۇرۇلۇش ئىدى!!! بۇ ئۆز نۆۋىتىدە نۇرغۇن ساھەگە چېتىلىدۇ، نۇرغۇن زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئاۋارىچىلىك ھەم زىياننىڭ ئورنىنى كىم تولۇقلايدۇ؟
      شۇڭا بۇنى چوقۇم گېزىت-ژورناللاردا،تېلېۋىزىيەدە ئاشكارا ئېلان قىلىش  ھەم ئاۋامنىڭ پىكىرىنى ئېلىش كېرەك ئىدى...ئەپسۇس!!!

تىل-يېزىق خەلقنىڭ گۈھىرى ! ئۇ ھەرگىز 4-5ئادەمنىڭ ئويۇنچۇقى ئەمەس! !



مەنبە؛http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=3187
دوستلىشىش
جەڭچى
JANG PALTISI+UYGUR
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 541
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە541دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 5620 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2011-10-17

   بىردىغان جاۋابىم شۇ .پەخەرلەن دۇنياغا مەمۇد ۋەتىنى . ئانا تىلىم ،مەۋجۇتلۇق يولۇم.
دۈشمەنلىرىمگە ئۆزۈم تىتىيمەن،دوسلۇرىمنىڭ سۈيقەستىدىن ساقلىغىن ئۇلۇغ ئاللاھ.
kelgusi uchun  algha
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 942
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 266
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە266دانە
ئۆسۈش: 300 %
مۇنبەر پۇلى: 2925 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-11
ئاخىرقى: 2011-10-16
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-31 19:14

مەنمۇ ئۇيغۇر تىلى ئىملا قائىدىسىنى ئۆزگەرتىشكە قارشى.ئاران بىرلىككە كەلگەندە يەنە نىمە دەپ ئۆزگەرتىمىز؟
شۈكرى  ئاللاھ . . .
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6203
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 54
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە54دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 620 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-22
ئاخىرقى: 2011-09-17
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-31 22:08

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم ، ناھايتى ياخشى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز  . بىزنىڭ تىل - يېزىقىمىزغا مۇناسىۋەتلىك موشۇنداق مەسىلىلەر بەكلا كۆپ  ،شۇسەۋەپتىن  بەزىدە سىزگە ئوخشاش رەسمى قايناپ قالىدىغان ئەھۋاللارنىمۇ كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ  .
   دۆلىتىمىز ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە بىز بۇنداق ئىشلارنى ۋاقتىدا تۈزىمىسە (ھازىرغۇ  تىل يېزىقىمىز ئېھتىياجىمىزنى قامداپ كېتىپ بارىدۇ ) كەلگۈسىدە  بۇ تىل يېزىقىمىز ئۆ مىللىتىمىز تەرىپىدىن يىرگىنىدىغان ، ئۆز قولىمىزدا نابۇت بولىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ ...
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8810
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 6
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە6دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 60 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-31
ئاخىرقى: 2011-09-08
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-31 23:36

ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تىل يېزىق كومىتېتى ---نىمە ئىش قىلىدىغان ئۇرۇن؟  
گېزىت-ژورناللاردا،تېلېۋىزىيەدە ،ھەرساھە-ھەر كەسىپ ئىشقىلىپ ئۇيغۇرچە يىزىق  ئىشلىتىلگەن  ئورۇنلاردا ئىملا  خاتالىغىنى  كۆرۈۋىلىش  تەس.....!!!
يىقىندا ئورنىتىلغان  يول بەلگىلىرىدىكى ئۇيغۇرچە خەت ---مەيلى ئىملاسىى  ياكى  يىزىلىشى بولسۇن....؟؟؟
abdurahman
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6476
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 50
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە50دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 510 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-12
ئاخىرقى: 2011-09-14
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-01 13:02

تىل-يېزىق ئۆزگەرتىپلا ،تۈزتىپلا يۈردۇق.شوڭلاشقا مۇشۇ كۈنگە قالدۇق.بۇنى چۇقۇم تۇسۇش كېرەك.
mp3
ھايات مەقسەت ئەمەس، بىر جەريان.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4750
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 177
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە177دانە
ئۆسۈش: 420 %
مۇنبەر پۇلى: 2093 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-12
ئاخىرقى: 2011-10-17
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-01 19:34

ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تىل -يېزىق كومىتىتىدىكىلەر قوي باقىدىغان ئوخشايدۇ~~~   
torsodisi.blogbus.com مەرھابا!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6785
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 253
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە253دانە
ئۆسۈش: 570 %
مۇنبەر پۇلى: 3059 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-28
ئاخىرقى: 2011-10-18
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-02 08:33

گاچا بولسىمۇ باي سۆزلىسۇن بولىۋاتىدۇ! بۇمۇ خارلىق! بولسا تىلىمىزنى ھەقىقى ساقلاپ بەرگۇچى ئاللاھدۇر!
http://torsodisi.blogbus.com مەرھابا!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8818
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 3
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە3دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 30 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-01
ئاخىرقى: 2011-09-05
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-03 02:16

كۆپچىللىك ،ھەممىمىز ئۆز مەسئولىيىتىمىزنى ئونتۇپ قالمايلى!!!!!!