باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 210 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: كىشىلىك ھاياتتىكى قىممەتلىك ھېكمەتلەر
دوستلىشىش
كوكتالالىق
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7902
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 137
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە137دانە
ئۆسۈش: 3750 %
مۇنبەر پۇلى: 3957 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-16
ئاخىرقى: 2011-09-09
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-30 17:58

كىشىلىك ھاياتتىكى قىممەتلىك ھېكمەتلەر

1. ھېچكىمنى سەل چاغلىماڭ.
2. سىزنىڭ ئۇنچە كۆپ تاماششىبىنىڭىز يوق، شۇڭلاشقا ئۆزىڭىزگە زىيادە جاپا سالماڭ.
3. باشقىلارغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىش بىلەن بىرگە ئېھتىيات قىلىشنىمۇ بىلىڭ. خالىغانچە باشقىلارغا ئاچچىقلانماڭ، چۈنكى ھېچكىم سىزگە قەرزدار ئەمەس.
4. ئەگەر ھازىرقى ئەھۋالىڭىز ئازابلىق بولسا، ئۇنداقتا ئۆتكەن خۇشال كۈنلىرىڭىزنى ئەسلەپ بېقىڭ. ئەمەلىيەتتە ھازىرقى ئازابلار ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ.
5. سىزگە قوپال مۇئامىلە قىلغان، سىزنىڭ ئادىمىيلىكىڭىزنى دەپسەندە قىلغان ھەرقانداق ئادەم بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىن قول ئۈزۈڭ. چۈنكى كونىلاردا «كۆڭۈل ئاغرىتقان دوست ئەمەس» دېگەن ھېكمەت بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز دەل بىر قىسىم رەزىل كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت دائىرىسىدىن چىقىپ كەتكەن ۋاقتىڭىزدىلا، ئاندىن ھەقىقىي ئادەملەرنىڭ مۇئامىلىسىگە ئېرىشەلەيسىز.
6. سىزنى ئازابلىغان كىشىلەرگە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ. چۈنكى نېمىلا بولمىسا ئۇلار سىزگە ھاياتنى ياكى مۇھەببەتنى ۋە ياكى كەسىپنىڭ مۇھىملىقىنى، قىسقىسى ئۆزىڭىزنى تونۇتقان. ئۇلارنى كەچۈرۈۋېتىڭ. ئۇلار سىزگە دەل ئاشۇ بىر سائەتلىك دەرسنى ئۆتكەنلىكى ئۈچۈنلا، سىزنىڭ ھازىردا پۇت تىرەپ تۇرالىدىڭىز، ئۇلارنى كۈچەيتتى.
7. ۋاز كېچىشنى بىلىڭ. سىز ھەممە نەرسىگە ئېرىشمەن، دەپ ئويلىماڭ. چۈنكى سىزنىڭ قۇچىقىڭىزغا ئۇنچە چوڭ ئەمەس. سىز ۋاز كېچىشكە تېگىشلىك نەرسىلەردىن ۋاز كەچكەن ۋاقتىڭىزدا ئۆزىڭىزنى تولىمۇ يەڭگىل ھېس قىلىپ قالىسىز.
8.ئۆزىڭىزگە ھېچقانداق باھانە كۆرسىتىش ئىمكانىيىتى قالدۇرماڭ. چۈنكى كەچۈرگۈسىز خاتالىقلار ئالدىدا بۇنداق باھانىلەر ھېچكىمنىڭ قۇلىقىغا چىرايلىق ئاڭلانمايدۇ.
9. ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ، مۇستەقىل ياشاش، ئشىلاردا مۇرەسسە قىلىشنى ئۆگىنىڭ، ئالدىراپ يەكۈن چىقارماڭ. ئاساسىي پىرىنسپتا چىڭ تۇرۇڭ.
10. ھەممە بەدەل تۆلەشنىڭ جەزمەن سىز ئۈمىد قىلغاندەك نەتىجىسى بولۇشى ناتايىن، كۆپ ھاللاردا ھاۋاغا سۇنغان قولىڭىزنىڭ قۇرۇق قالىدىغانلىقىنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ.
11. ئازابلىق ئۆتمۈشنى ئۇنتىيالمىسىڭىز، ئۇنى بىر ياققا قويۇپ تۇرۇڭ. ئۇ سەۋەبلىك سىزنىڭ ھازرقى ئشىلرىىڭىز توسالغۇغا ئۇچرىسا بولمايدۇ.
12. ئاددىي ئادەم بولۇڭ، ئەمما ئادەتتىكىچە بولۇپ قالماڭ. بەك رومانتىك ياكى ھېسىياتچان بولۇپ كەتمەڭ، ئايدىڭ كەچتە كۆل بويىدا ئايلىنىۋېتىپ رېئاللىققا قايتىپ كېلىشنى بىلىڭ.
13. باشقىلارنىڭ ئالدىدا ھەرگىز يالغان سۆزلىمەڭ. ئەگەر بۇرۇن يالغان سۆزلىگەن بولسىڭىز، ھازىردىن باشلاپ بۇنىڭغا خاتىمە بېرىڭ.
14.باشقىلارنىڭ نەتىجىلىرى ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇپ قايغۇرماڭ. ئۇلارنى تەبرىكلەڭ. ئۇلارنى قوللاڭ. ئۇلارنىڭ نەتىجىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىڭىزدا بىر كۆۋرۈك كۆپىيىدۇ.
15. ئۆزىڭىزنى تاكامۇللاشتۇرۇڭ، ئۆگىنىشنى توختاتماڭ، مەيلى ئۇ تىل  ياكى قورۇما قورۇش بولسۇن، ئۆگىنىدىغان پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويماڭ. چۈنكى بۇلار ھامان سىزگە ئەسقاتىدۇ.
16. باشقىلارنىڭ سۆزىنى كاللىڭىزغا قاچىلىۋالسىڭىز كۇپايە، ئەمما ئۆزىڭىزنىڭ ئويلىرى ھەر ۋاقىت قەلبىڭىزدە تۇرۇشى كېرەك.
17. ئەگەر ھازىرقى تۇرمۇشتىن رازى بولمىسىڭىز ياكى ئۇنى قۇبۇل قىلىشقا ئامالسىز قالسىڭىز، ئۆزىڭىزنى تاشلىۋېتىدىغان ئىشنى قىلماڭ. ئۆزگەرتىشكە بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇپ بېقىڭ.
18. كۆپ كىتاب كۆرۈڭ، تاماقنى ئازراق يەڭ. كۆپرەك كۈلۈڭ، ئازراق سۆزلەڭ.
19. بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈشكە تېرىشىڭ. ئەگەر ياخشى كۆرگەن بولسىڭىز، ھەرگىز بولدى قىلماڭ. چۈنكى ھەقىقىي مۇھەببەتكە ئادەم ھاياتىدا نەچچە قېتىم ئېرىشەلمەيدۇ. ئۇ پەقەت ۋە پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدۇ. سىز بەدەل تۆلەشتىن يالتايمىسىڭىزلا، ھامان ئۈنۈمىنى كۆرىسىز.
20. ئۆزىڭىزگە نىسبەتەن بىر گۈزەل ئىشقا ۋەدە بېرىڭ، ھەمدە ھەر كۈنى ئۇنى ئورۇنداش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىڭ.
21. ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئارتۇقچىلىقى ۋە نۇقسىنى بولىدۇ، شۇڭا ھەممە كىشىنىڭ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكىدەك بولۇپ كېتىشى ناتايىن. باشقىلارنى قۇبۇل قىلىشنى ئۆگىنىڭ. باشقىلارنى ئۆزىڭىزنىڭ خاھىشى بويىچە بولسىكەن، دەپ قارىماڭ. چۈنكى قارشى تەرەپ ئۆزگەرتەلمىگەن نەرسىلەر بەرىبىر سىز ئۆزگەرتەلمەيسىز.
22. ئەسلىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ، سىزنىڭ يۇرتىڭىز، قان تىپىڭىز، ئېرىقىڭىز، جەمەتىڭىز قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سىزگە تامغا بولۇپ ئويۇلغان. سىز ئۇلارنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرۇش ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسىتىڭ.
23. ئىشلارغا ئۆزىڭىز قارار چىقىرىڭ ھەمدە ئۇنىڭ ئاقىۋىتىگە تەييارلىق قىلىپ قويۇڭ. ئىش باشلىنىشتىلا ئۆزىڭىزگە ئەسكەرتىڭ، بۇ دۇنيادا پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا يوق.
24. نېمە تېرىسىڭىز شۇنى ئالىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىڭ.
25. ئەتراپىڭىزدىكىلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلاشنى ئۆگىنىۋېلىڭ، شۇنداق قىلسىڭىز كۆپ ھاللاردا باشقىلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىمايسىز.
26. تەنھالىققا كۆنۈشنى ھەمدە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشىنى بىلىڭ. يالغۇز قالغانلىقىڭىز ئۈچۈنلا ئازابلانماڭ، شۇنداق ۋاقىتلاردا ئۆزىڭىزنىڭ نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىڭىز ئۈستىدە ئويلىنىپ بېقىڭ. ئەگەر سىز سەگەك كاللىڭىز بىلەن ئويلاپ باقسىڭىز، سىز ئاشۇنداق چاغلارنىڭ ئەڭ تىنچ ۋە ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىگە ئىشىنىسىز.
27.دوستلىرىڭىزغا بەك تايىنىۋالماڭ، چۈنكى ئادەمنىڭ تەبىئىتىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى ياۋۇزلۇق!
28. جەمئىيەتتە نۇرغۇن ناھەقسىزلىكلەردىن ئاغرىنىشنىڭ ئورنىغا ئۆزىڭىزنى كۈچەيتىش ئۈچۈن مىدىرلاپ بېقىڭ. چۈنكى كۆز ئالدىڭىزدا دۇنيا ھەرگىزمۇ قۇرۇق- قاقشاش ۋە ئاغرىنىشلارنىڭ مەھسۇلى ئەمەس.

                     مەنبە:http://www.nur.