باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 163 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشنىڭ مۇھىم ئامىلى
دوستلىشىش
كوكتالالىق
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7902
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 137
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە137دانە
ئۆسۈش: 3750 %
مۇنبەر پۇلى: 3957 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-16
ئاخىرقى: 2011-09-09
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-30 17:50

مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشنىڭ مۇھىم ئامىلى

بىر سودىگەر خىزمەتچى خادىم ياللىماقچى بوپتۇ ۋە دۇكىنىنىڭ دېرىزىسىگە مۇنداق بىر ئېلان چاپلاپتۇ :
 « خادىم قوبۇل قىلىش ئېلانى   ماڭا ئۆزىنى كونتىرول قىلالايدىغان ياردەمچى كېرەك ، ھەپتىلىك ئىش ھەققى تۆت دوللار ،ئەگەر مۇۋاپىق كەلگۈچىلەر بولسا ھەپتىسىگە ئالتە دوللار بېرىلىدۇ » .
« ئۆزىنى كونتىرول قىلالايدىغان بولۇش » دېگەن بۇ سۆز ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ مۇنزىرە تېمىسىغا ئايلىنىپتۇ ، بۇنى تازا دانا بولمىغان تەلەپ دەپ قارىشىپتۇ .شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بىر قىسىم ياشلار ۋە ئاتا – ئانىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپتۇ ، ئۇزاق ئۆتمەي بىر توپ ياشلار خىزمەت ئىزدەپ كەپتۇ .
ھەر بىر خىزمەت ئىزدىگۈچى مۇنداق بىر ئالاھىدە « ئىمتىھان » نى باشتىن كەچۈرۈپتۇ .
- سەن گېزىت ئوقۇيالامسەن بالام ؟
- ئوقۇيالايمەن ئەپەندىم ؛
- ئۇنداقتا مۇنۇ گېزىتتىكى ماقالىنى ماڭا ئوقۇپ بېرەمسەن ؟ دەپتۇ سودىگەر بىر پارچە گېزىتنى ياش بالىنىڭ ئالدىغا قويۇپ .
- بولىدۇ ئەپەندىم ؛
- سەن توختىماي ھەممىنى بىراقلا ئوقىۋېتەلەمسەن ؟
- بولىدۇ ئەپەندىم .
- ئۇنداقتا ناھايىتى ياخشى ، سودىگەر ياش بالىنى شەخسىي ئىشخانىسىغا باشلاپ كىرىپ ئۇنىڭغا بىر پارچە گېزىتنى بېرىپتۇ ، بالا گېزىتنى ئەمدىلا ئوقۇشنى باشلىشىغا سودىگەر بىر – بىرىدىن ئوماق ئالتە كىچىك كۈچۈكنى ئىشخانىغا قويىۋېتىپتۇ ، كۈچۈكلەر ئويناپ – تاقلاپ بالىنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانە بولۇپتۇ ، بالا گېزىت ئوقۇشتىن توختاپ كۈچۈكلەرگە مەستلىكى كەلگىنىچە ئۇلارغا قاراپ قاپتۇ ۋە ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۇنتۇپتۇ . ئاخىرىدا خاتا ئوقۇپ سېلىپ بۇ خىزمەتتىن مەھرۇم قاپتۇ .
 شۇنداق قىلىپ سودىگەر 70 ياشنى سىناپتۇ ، ئەڭ ئاخىرى بىر ئوغۇل بالا ئېزىقتۇرۇشلارغا بەرداشلىق بېرىپ گېزىتنى ئوقۇپ تۈگىتىپتۇ ، سودىگەر بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بوپتۇ ۋە بالىدىن سوراپتۇ :
سەن گېزىت ئوقىۋاتقاندا ئەتراپىڭدا ئوماق كۈچۈكلەرنى بايقىمىدىڭمۇ ؟
- بايقىدىم ئەپەندىم ؛
- ئەمىسە نېمىشقا ئۇلارغا قاراپ باقمايسەن ؟
- چۈنكى مەن سىزگە گېزىتنى توختىماي ئوقۇپ بولۇشقا ۋەدە بەرگەن ئەپەندىم .
- سەن ھەر دائىم مۇشۇنداق ۋەدەڭگە ئەمەل قىلامسەن ؟
- شۇنداق ، مەن ئامالنىڭ بارىچە ۋەدەمدە تۇرىمەن .
 سودىگەر خۇشاللىق بىلەن ئۇنى قوبۇل قىپتۇ ۋە مۇنداق دەپتۇ : « بالام ، ماڭا كېرىكى دەل ساڭا ئوخشاش ئادەم ئىدى ، ئەتە سائەت يەتتىدىن باشلاپ ئىشقا چۈشكىن ، ھەپتىلىك ئىش ھەققىڭ ئالتە دوللار بولسۇن ، ئىشىنىمەنكى سېنىڭ كەلگۈسىڭ چوقۇم پارلاق بولىدۇ !»ئېيتقاندەك بۇ بالا كېيىن ئابرويلۇق چوڭ سودىگەر بولۇپ يېتىشىپ چىقىپتۇ .
ئۆزىنى كونتىرول قىلىش –مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشنىڭ مۇھىم ئامىللىرىنىڭ بىرى ، نۇرغۇن كىشىلەر تۇرمۇشتا كىچىككىنە ئېزىقتۇرۇشلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي مۇھىم ئىشلاردىن زېھنىنى چېچىۋېتىدۇ ، نەتىجىدە ئۇلۇغ ئىشلارغا تەسىر يەتكۈزىدۇ . مانا بۇ مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلار ۋە مەغلۇپ بولغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق . ياشلار ! ئۆزۈڭلارنى كونتىرول قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭلار ، شۇندىلا ئادىمىي قىممەتكە ئىگە بولالايسىلەر ۋە جاپا – مۇشەققەتنى باش ئەگدۈرەلەيدىغان ئىرادىگە ئىگە بولالايسىلەر .
ئۆزىنى كونتىرول قىلىش ئىرادىنى يارىتىدۇ ، ئىرادە پۇرسەت ۋە مۇۋەپپىقىيەت يارىتىدۇ .
                 گۈلجەننەت جاپپار تەرجىمىسى