ئۆتكەن ئىش ئاللىبۇرۇن ئۆتۈپ كەتتى
دەرىد ئەلەملىك ئۆتۈپ كەتكەن ئەسلىمىگە چۆكۈپ ، ئۆزىنى تارتالماي،بۇنىڭ ئۈچۈن ئازابلىنىپ قايغۇرۇش بولسا ئەقىل ئىدراك كەمچىللىكنىڭ ئىپادىسىدۇر.مۇشۇنداق بولغاندا كىشىنىڭ ئىرادىسى يىمىرلىپلا قالماستىن يەنە نورمال تۇمۇشقىمۇ تەسىر بولىدۇ. پاراسەتلىكلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيىتقاندا ،كونىرغان ھېسابات ئۇنتۇلغان بۇرجەكتە تاشلىنىپ ئېتىلىشى ھەم ھەر ۋاقىت ئېچىلماسلىقى لازىم.ئۆتكەن ئىش ئاللىبۇرۇن ئۆتۈپ كەتتى،تارىخقا ئايلاندى،تارىخ ھەرگىز قايغۇ ئۈچۈن قايتىلانمايدۇ،ھەم ئۆتكەن ئەسلىمە ئۈچۈن ئۆزگەرمەيدۇ،چۈنكى ئۇ ئاللىبۇرۇن كەتتى قايتىپ كەلمەيدۇ.شۇڭلاشقا ،ئۆتۈپ كەتكەن قارا چۈش ۋە ماكانسىز ھەۋەسنىڭ كۆلەڭگۈسى ئاستىدا ياشىماسلىق كېرەك.
كىشى چوقۇم ئۆزۈنى قۇتقۇزىشى ، سېخىلىق بىلەن ئۆتمۈشنى قويۇپ بېرشى كېرەك.ئەجىبا سىز دەريانىڭ تەتۈر ئېقىشنى ،قۇياش ئاينىڭ قايتىلىنىشنى ،بالىنىڭ ئانىسغا قايتىشنى ،سۈتنىڭ جايىغا قايتىشنى،قېرىلىقتىن ياشلىققاقايتىپ،كۆز يېشىنىڭ كۆزگە قايتىشنى ئويلامسىز؟ئۆتمشكە قارتا ھەدەپ ئېسىلىۋېلىش،قايغۇدا ئازابلىنىش،تىت-تىت بولۇپ بىئارام بولۇش،كىشلىك ھاياتتىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق تىراگېدىيەنى خالاس قىپ بېرەلمەيدۇ.
دائىم ئۆتمشتىكى ھېسابنى ئوقۇغاندا ھازىرنى ۋەيران قىلىپلا قالماستىن يەنە كۆز ئالدىدىكى بارلىق تىرىشچانلىقنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ.ئاللاھ ئۆتمۈشتىكى قەۋىم ۋە ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى بايان قىلغاندا دەيدۇ:ئۇ بولسا ئاللىقاچان يوقالغان قەۋىم.
ئۆتكەن ئىشلار ئاللىبۇرۇن يوقالدى،كونا ھېسابنى قايتا ئۆرۈپ،تارىختىكى جەسەتنى ئاناتومىيە قىلغاننىڭ ھېچقانداق ئەھمىيتى يوق.
ئۆتكەن ئىشلارغا چىرمىشۋېلىپ ئۇنىڭدىن خالاس بولالمايدىغان كىشىلەر،خۇددى ئۇننى تۈگمەن ئۈستىگە قايتا قويۇپ ئۇن قىلىدىغان ،ياكى ياغاچ كېپىكىنى ھەرە ئۈستىگە قويۇپ يەنە قايتا ھەرىلەيدىغان كىشىگە ئوخشايدۇ.قەدىمقىلەر يېىقىن تۇققانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغۇچىلارغا تەسەللى بېرىپ دەيدۇ:ۋاپات بولغۇچى ئاللىبۇرۇن تۈگەپ كەتتى.مۇنداق بىر تەمسىل بار:بىر قىسىم ھايۋان ئېشەكتىن سوراپتۇ:سەن نېمىشقا كۆشىمەيسەن؟ئېشەك دەپتۇ:مەن يالغان ئېيتىشقا ئۆچ.
ئەمەلىيەتتە بىز ھەمىشە رېئالىققا قارتا ئامالسىز،شۇنداق تۇرقلۇق يەردە ۋاپات بولغۇچىنىڭ ئىشىغىچۇ. بىزنىڭ تىراگېدىيمىز بولسا ھەمشە كۆز ئالدىمىزدىكى گۈزەل ئۆيگە قارتا كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەي،يەنە ئاللىبۇرۇن چىرىگەن خارابىدىن مېھرىمىزنى ئۈزەلمەيمىز.ئىنسانلار ۋە پەرىشتىلەر قۇدۇرتى ۋە ئەقىل پاراسىتىنى جارى قىلدۇردى دېگەندىمۇ ،دەۋىرنى ئارقىغا قايتۇرالمايدۇ.
ئىنسان ئالدىغا قارشى كېرەك،چۈنكى بوران چىقىپ يامغۇر ياغسۇن،ھاياتلىق كېمىسى پەقەت باتۇرلۇق بىلەن ئالغا قاراپ ئىلگىرلەيدۇ.شۇڭلاشقا ھاياتلىق قانۇنىيتىگە خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ.
خەنزۇ تىلى نەشىردىكى قايغۇرماڭ ناملىق كىتابتىن ئېلىنىپ تەرجىمە قىلىندى.ئاللاھ خالىسا داۋامى يەنە يوللىنىلدۇ.