تەپەككۇر قىلىش،كۆپ تەشەككۇر ئېيتىش
شۇنى ئەسكەرتىش:ئاللاھنىڭ مەرھەمىتىنى ئەستە چىڭ ساقلىغاندا ،شۇنى بايقايسىزكى سىز مەڭگۈ شۇنىڭ ئىچىدە.[ئەگەر ئاللاھ نىڭ (سىلەرگەبەرگەن)نېمىتىنى سانىساڭلار ،ئۇنىڭ ھېسابىنى ئالالمايسىلەر]
ساغلام بەدەن،ئوزۇق تۈلۈك ۋە كىيىم كېچەكتىن غەم ئەندىشىسىز،خەلىق ۋە دۆلەت ئاسايىشچىلىق،ساپ ھاۋا،شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان سۇ،دۇنيا سىزنىڭ ئايىقىڭىز ئاستىدا،ئەجەبا سىز ھېس قىلالمىدىڭىزمۇ؟ھاياتلىق تۇرمۇش سىزنىڭ ئىلىكىڭزدە،ئەجەبا سىز ئۇنى كۆزىڭىزگە چېلىقىپ تۇرسمۇ كۆرەلمىدىڭىز؟ [ ئاللاھ سىلەرنى ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن نىمەتلەر ئىچىدە قىلدى]
كۆز،تىل،ئىككى قول،ئىككى پۇت،[( ئى ئىنسانلار! جىنلار!)پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟].
ئويلاپ بېقىڭ،ئەگەر پۇت كېسىۋېتىلسە،يول ماڭغاندا قاندق تۇيغۇ بولار؟ئەگەر كىچىك پاقالچاق كەمتۈك بولسا ،بەدەن قانداق تىرەپ تۇرار؟ ئەگەر كېسەل ئازابىغا ئۇچۇرسا،تىنىچ ئۇيقۇغا كىرگىلى بولامدۇ؟ ئەگەر ئىشتاھاسىزلىققا گىرىپتار بولسا ،مەززىلىك نازۇ- نېمەتلەردىن ھوزۇر ئالغىلى بولامدۇ؟ئويلاپ كۆرۈڭ ،ئەگر سىز گاس-گاچا ،مەجرۇھلۇققا گىرىپتار بولسىڭىز،ئاق كېسەل ياكى ئەقلى ئاجىزم بولۇپ قالسىڭىز.....،ئاللاھ سىزنى بۇخىل ئازاب-ئوقۇبەتتىن خالاس قىلىدۇ.
ئەجەبا سىز كۆزىڭىزنى ئالتۇن تاققا ئالماشتۇرۇشقا ،قۇلىقىڭزنى بايلىققا،تىلىڭىزنى گۈللەر بىلەن پۈركەنگەن ئوردىغا ئالماشتۇرۇشقا رازىمۇسىز؟ سىز گاچا بولۇشقا رازىمۇ؟قىممەتلىك بايلىقققا ئىككى قولۇڭىزنى سېتىۋېتىپ ،مېيىپ بولۇشقا رازىمۇ؟ سىز ھەقىقەتەن غايەت زور كاتتا ئىلتىپاتلارنىڭ ئىچىدە،لېكىن سىز ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەي،پۈتۈن كۈن كۆڭلڭىز مەيۈس ،ناھايتى قايغۇ ھەسرەتتە. سز قىزغىن ھالدا بولكا ،مۇزدەك تاتلىق سۇدىن ھوزۇرلىنىسىز ،ھەركۈنى تېنىچ ئۇيقۇغا بارىسىز،بەدەن ساغلام غەم يوق،يەنە ئۆز پايدا زىيننىڭلا غېمىنى يەيسىلەر،رەھمەت ئېيتىشنى بىلمەيسىلەر؛سىزدە بەخىتنىڭ ئاچقۇچى بار،چەكسىز گۈزەل بەخىتلىك تۇرمۇش،يەنە بىر ئاز پۇل مالنىڭ زىيىنغا ئۇچۇرشى بىلەن تىت تىت بولۇپ تاقەتسىزلەنگەن. شۇڭلاشقا تەپەككۇر قىلىپ ،كۆپرەك تەشەككۇر ئېيتىش لازىم.
[زېمىندا ۋە ئۆزەڭلاردا ئاللاھغا چىن ئېتقاد قىلىدىغانلار ئۈچۈن (ئاللاھ نىڭ قۇدۇرتىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان )نۇرغۇن ئالامەتلەر بار (بۇنى كۆرمەمسىلەر).]
ئۆزىڭىز،ئائىلىڭىز،ئۆيىڭىز،خىزمەت،سالامەتلىك،دوسىت ۋە ئەتراپىڭىزدىكى دۇنيانى كۆزىتىپ مۇلاھىزە قىلىپ بېقىڭ.[ئۇلار ئاللاھ نىڭ نېمىتىنى تونۇيدۇ،ئاندىن(ئاللاھ دىن بۆلەك غەيرىيگە ئىبادەت قىلىش بىلەن )ئۇ نېمەتلەرنى ئىنكار قىلىدۇ،ئۇلارنىڭ توللىسى كافىردۇر(يەنى كافىر پېتىچە ئۆلىدۇ)]
قايغۇرماڭ ناملىق خەنزۇ تىلى 2009 -يىللىق نەشىرى نۇسخىسدىن ئېلىنىپ تەرجىمە قىلىندى،كىتابنىڭ ئەسلى ئاپتورى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق،كوڭ دې جۇن ئەپەندى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلغان.داۋامى ئاللاھ خالىسا داۋاملىق يوللىنىلدۇ.