ئېلانلارنىڭ ئۇگىسى تېلىۋىزۇرنى ساتىمەن ،
يالغان گەپنىڭ ئۇستىسى تىلۋىزۇرنى ساتىمەن،
زوق ئېلىشلار خام خىيال ئېلانلارنىڭ دەستىدىن ،
پۇل تېپىشنىڭ چوتچىسى تېلىۋىزۇرنى ساتىمەن.
زوق ئالاي دەپ بىر چاغدا خەجلىگەنتىم نەچچە يۈز ،
زوق بەرمەستىن ئەكسىنچە بەردى يالغان قۇرۇق سۆز،
قۇرۇق گەپلا مەيلىتى ئەسلى ئىكەن ھاياسىز ،
ھاياسىزلىق قۇتىسى تېلىۋىزۇرنى ساتىمەن.
كۆرۈش قىيىن چوڭ - كىچىك ، ئاتا - بالا جەم بۇلۇپ ،
چىقار يالىڭاچ خېنىملار ئككرانىغا لىق تۇلۇپ ،
ئوينىتىدۇ قاش - قاپاق بۇزۇق كەبى تولغۇنۇپ ،
نايناقلارنىڭ سەھنىسى تېلىۋىزۇرنى ساتىمەن.
ئارقىسىدىن ماختايدۇ بىر كاپسۇلنى داملىتىپ ،
قېلىۋېتەر ئىچسىڭىز ئارغىماقتەك چاپچىتىپ ،
سىزگە قاراپ بۇقىمۇ ، قالار ھەتتا داڭ قېتىپ ،
ھايۋاناتلار باغچىسى تېلىۋىزۇرنى ساتىمەن.
دوختۇرخانا بەك توشاق بۇ تېلىۋىزۇر ئىچىدە ،
دەم ئالماستىن سىز ئۈچۈن خىزمەت قىلار كېچىدە ،
بوئەي ، خۇاكاڭ ، لۇجۇلار ئېلان ئالدىن سېپىدە ،
كېسەللەرنىڭ شىپاسى تېلىۋىزۇرنى ساتىمەن.
بوئەي چىقار موماينى ئايلاندۇرۇپ سەتەڭگە ،
قايتۇرىمىز قىزلىققا كىرسىڭىزمۇ سەكسەنگە ،
‹‹موزدوز››لىقمۇ ھۆنىرىمىز ماسلىشىمىز جەمئىيەتكە ،
ئەخلاقسىزلىق جارچىسى تېلىۋىزۇرنى ساتىمەن.
خۇاكاڭلىقلار شۇئارى :‹‹ بار ھەممىنىڭ ئامالى !››،
ئاغۋاتقىمۇ ئامال بار بۇ ئىلىم - پەن زامانى ،
بىزگە پەقەت پۇل كېرەك ئۇنۇتقان بىز ھايانى ،
ھاياسىزلىق بەلگىسى تېلىۋىزۇرنى ساتىمەن.
كاڭجىيۈەن ۋە داجوڭنىڭ بار تۈمەن خىل دورىسى ،
ئۇلار بولغاچ بىمارنىڭ يىراق ئىمىش قايغۇسى ،
ئەلنى گوللاپ پۇل تېپىش ئەسلى ئۇلار ئارزۇسى ،
ساختىپەزلىك ئۇستىسى تېلىۋىزۇرنى ساتىمەن.
يانا تېخى دىمىگەن نۇرغۇن ياڭزا كېسەل بار ،
سوقۇر ئۈچەي ، ئاشقازان گىمرويغىمۇ ئامال بار ،
بىزلا بولساق سىز ئۈچۈن سالامەتلىك مەڭگۈ يار ،
كېسەللەرنىڭ ئەلچىسى تېلىۋىزۇرنى ساتىمەن .
ياخشى نۇمۇر ئىچىگە مىڭنى قاتتى ئېلاندىن ،
ئېلانلارنى ھەر كۆرسەم تۈتۈن چىقار مېڭەمدىن ،
ئىستانسىمۇ ئېلاننى ئاشۇرۇۋەتتى پىلاندىن ،
لاۋزا ئېلان سەيناسى تېلىۋىزۇرنى ساتىمەن
:بۇ تېمىنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسى::
http://bbs.makanim.cn/read.php?tid=11229