1. توختىماستىن ھەر ئايلىق كىرىمىڭىزنىڭ مەلۇم نىسبىتىنى ئامانەت قويۇڭ، %5، %10، %25 ئىشقىلىپ قانچىلىك بولسا مەيلى پەقەت ئامانەت قويسىڭىلا بۇلىدۇ.
2. سىزنىڭ پۇلىڭىزنىڭ ھەركۈنى، ھەر ھەپتە، ھەر ئايدا نىمىگە ئىشلىتىلگەنلىكى كاللىڭىزدا ئىنىق بولسۇن، ھېساباتىڭىز ئىنىق بولسۇن.
3. بارلىق تالونلارنى تەكشۈرۈش، سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق سودىگەرلەرنىڭ ئارتۇق پۇل ئېلىۋالغان ئەھۋالنىڭ بار يوقلىقىغا قاراپ بېقىڭ.
4. بانكا كارتىسىدىن پەقەت بىرنىلا ساقلاڭ، سىزنىڭ سالاھىيتىڭىزنى ئىسپاتلاپ بەرسىلا شۇ يىتەرلىك.
5. تاماقنى ئۆزىڭىز ئىشقا بىللە ئېلىپ بېرىڭ. ھەر يىلى ئاز دېگەندە 2000 يۈئەن تىجەپ قالالايسىز. ئۇنى ياشانغاندا كۈتۈنۈش فوندىغا ئىشلىتىڭ.
6. ئادەتتىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇسلارغا ئولتۇرۇپ ئىشقا بېرىپ كېلىپ ماشىنا توختىتىش ھەققى، بېنزىن پۇلى، تەكشۈرۈش ھەققى قاتارلىق چىقىملارنى ھەمدە ماشىنا توختىتىش مەيدانى ئىزدەش ۋاقتىڭىزنى تېجەپ قېلىڭ.
7. رېمونتچىلىق، مەبلەغ سېلىپ باي بولۇش توغرىسىدىكى ماتېرىياللارنى كۆپرەك كۆرۈڭ. بۇلارنى كىتابخانىدىن ئارىيەت ئېلىپ ياكى توردىن ئىزدەپ چۈشۈرۈپ پۇل تېجەڭ.
8.تۇرمۇشنى ئاددىيلاشتۇرۇڭ، ئۆيىڭىز بەك چوڭ بولۇپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ، ئىككىنچى قول مەھسۇلاتلارنى ئېلىڭ، تۆۋەن باھالىق دۇكانلاردىن ياكى تۆكمە قىلىپ ساتقان مەيدانلاردىن نەرسە كېرەك سېتىۋېلىڭ.
9. نەرسە سېتىۋالماقچى بولغان ۋاقىتتا بۇ پۇلنى خەجلەپ شۇ نەرسىنى سېتىۋېلىشنىڭ ئەھمىيىتى بار يوقلۇقىنى ئويلىنىپ كۆرۈڭ، ئەرزان مالنىڭ ناچار بولۇشى ناتايىن، قىممەتنىڭمۇ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىنىشى ناتايىن.
10. چوقۇم باھا تالىشىڭ، سىز ئوتتۇرىغا قويمىسىڭىز، دۇكاندار ھەرگىز سىزگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن باھانى تۆۋەنلىتىپ بەرمەيدۇ.
مۇھىم نوختا:
تۇرمۇشتا نېمىشقا تېجەشلىك بولۇش كېرەك؟ ئۆزىڭىزگە بىر سەۋەب ئىزدەپ بېقىڭ. نۇرغۇن راھەتپەرەس كىشىلەر بەلكىم ئەزەلدىن بۇ مەسىلىنى ئويلاپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن، سىزنىڭ ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشىڭىز نېمە؟ قايسى ئىش سىزنىڭ قىزغىنلىقىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ؟ قايسى ئىش سىزنى ئەڭ بەختلىك ھېس قىلدۇرالايدۇ؟ راھەتپەرەس كىشىلەر چوقۇم «ھازىرچە كۆڭلىمىز خۇشال بولسىلا بولدى، كىيىن نېمە بولىدىغىنى كىم بىلىدۇ، كېيىننىڭ ئىشىنى كىيىن ئويلىشىمىز» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
ئەمەلىيەت دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، ھاياتىمىزدا نۇرغۇن ئىشلار بىزنىڭ ئىزدىنىپ ئۆز بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈشىمىزگە ئەرزىيدۇ، ھەقىقىي خۇشاللىققا ئېرىشىش ئۈچۈن چوقۇم ئىقتىسادچان بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئىستېمالىنى كونترول قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھاياتىدىكى چوڭ ئارمانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. مانا بۇ نېمىشقا ئىختىسادچان بولىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى. باي بولۇش ئۈچۈن ئاۋۋال ئىختىسادچان بولۇش كېرەك، ئىقتىسادچانلىق سىزنىڭ ھاياتلىققا بولغان قىزغىنلىقىڭىزغا موھتاج.
مەنبە:ئىشچىلار ۋاختى ژورنىلى