كۈمۈش رەڭ ئۇپۇقلار
ئۇپۇققا ئېلىنغان يول
ئۇپۇقتىكى ئاشۇ گىرىمسەنگە قاراپ ئىلگىرلەۋاتىمەن. ئۇ كىشىلىك مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان. ئىنسانلارنىڭ ئەڭ چىن گۈزەللىكى شۇ يەرگە مۇجەسسەملەنگەن. ئۇ ئېيىتقۇسىز دەرىجىدىكى گۈزەل زىمىن. بۇ زىمىندىن سۇ ئىچەلمىگەن، ئىزتىراپقا تولغان جىسمىم مىنى بۇ ئۇزۇن سەپەرگە باشلىدى...
ۋاقىت- قۇلاق تۈۋىمدىن غۇيۇلداپ ئۆتمەكتە. مەن، ۋاقىت دۇلدۇلىنى تاپ بىسىپ قوغلاۋاتىمەن... ئۇپۇقنى يوشۇرۇپ تۇرغان چوققىلار تاۋلىنىشقا باشلىدى. تاغ كەينىدىن قۇياشنىڭ ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلىغان ئاۋازى كەلمەكتە...
-ئاكا، قارا ! ... ئاي چىقىپتۇ ! تولۇنئاي ئىكەن.
ئىنىم ھەممە نەرسىگە قىززىقىش بىلەن تويماي قارايىتتى. ئۇنىڭ ئۈچۈن بارچە مەۋجۈدات شۇنچە گۈزەل. كۆزلىرىم ئىختىيارسىز ئايغا تىكىلدى. ئۇ ياش يۇقى كۆزلىرىنى مەندىن ئېلىپ قاچتى... چەكسىز ئاۋاز مىكرۇ بوشلىقى ئىچىدىن ئاي بىلەن يەرنىڭ يېكايىلىرى قۇلاقلىرىمنى يەلپۈپ ئۆتمەكتە... سۈزۈك شىمال ئاسمىنىدىن بىر توپ تۇرنا ئۇچۇپ كەلدى. ئەڭ ئالدىدىكى نۇرنا مەغرۇر قانات قېقىپ ئۆز توپىدىكىلەرگە يول باشلىماقتا. ئۇ ئۆز ھاياتى بەدىلى ئارقىلىق توپىدىكىلەرنى قوغدايدۇ. بۇ بىر خىل كۆز بىلەن كۆرۈپ بولغىلى بولمايدىغان ئاجايىپ سېھرى كۈچ. تۇرۇپلا تۇرنا ھەققىدىكى بىر رىۋايەت ئېسىمگە كىلىپ قالدى... تۇرنىلار ھەقىقىي ئاشىق-مەشۇقلۇق، ئۇيۇشقاقلىق، باتۇرلۇق مۇجەسسەملەنگەن روھتىن پەيدا بولغان. بۇلار ئەنە شۇ روھنىڭ بەلگىسى. مانا بۇلار سۆيگۈ-مۇھاببەتنى ھەقىقىي چۈشەنگۈچىلەر، ئۇنى قەدىرلىگۈچىلەردۇر. جۈچىدىن ئايرىلغان تۇرنا ھەرگىز قايتا جۈپ ئىزلىمەيدۇ... مەن بۇ روھقا ئىنتىلگۈچى. بەلكىم، بۇ ناھايىتى ئۇزاقتا قالغان بولىشى مۇمكىن. مەن ئۇنى ۋاقىت تونىلىنىڭ قارشى يۆنىلىشىدە ئىزلەۋاتىمەن. بۇ كەلگۈسى ئۈچۈن يىڭى بىر ئۇقۇم! ...
-ئاكا، قارا! ئاۋۇ كەپتەرلەر، نىمىدىگەن ئىناق! ...
ئىنىمنىڭ ئاۋازى خىيالىمنى بۇزدى. راس، نىمىدىگەن ئىناق، ھە! ... بىر داننى تۆتى بۆلىشىپ يىيىشمەكتە... « ھەي، ئىنسانلار ! ... بۇ زىمىن ئەڭ ئاخىرى سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا ۋەيران بولىدىغان بولدى» ... تۇيۇقسىز غايىپتىن بىر ئاۋاز قۇلۇقىمغا كىرىپ قۇلاق پەردەمدە توختىماي جاراڭلاشقا باشلىدى. كۆز ئالدىمغا بولسا ئاجايىپ بىر سۈرەت ئېكرانى پەيدا بولدى. « ئەنە، دادىسىنىڭ مىيىتى سوۋىماي تۇرۇپ ئەۋجىگە چىققان مىراس جىدىلى بىر تۇغقان قېرىنداشلارنى سوتمۇ – سوت سۆرەپ يۈرمەكتە ... مانا، بالىسىنى دوختۇرغا ئېلىپ ماڭغان بىچچارە مۇماينىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر سىقىم پۇلىنى ئولجا ئالغان ئازغۇن يىگىت تۈن قوينىدا شەھەرنىڭ قايسى بىر بۇلۇڭىدا بىلىكىگە شەيتان دىمىدىسىنى ئىشتىياق بىلەن ئۇرماقتا... ئاي دالاسىدا ئىككى جانجىگەر دوسىت كىچىككىنە ئازارلىق تۈپەيلى بىر – بىرىگە زەرەھخەندىلىك بىلەن پىچاق ئۇرۇشماقتا... قاۋاقلاردىن ھالاكەت مۇزىكىسى ياڭرىماقتا... ئۇرۇق – تۇغقانلار كوچىدا بىر – بىرىنى تونىماسقا سېلىپ ئۆتىشىپ كىتىشمەكتە... كۈچلۈكلەر، مىسكىنلەرنىڭ قولىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر بۇردا ناننىمۇ تارتىۋىلىشماقتا ... بۇزۇقچىلىق ئەۋجىگە چىققان زىمىندا ھەرخىل مەرەز كېسەللىكلەر توپ – توپى بىلەن تارقىلىپ يۈرمەكتە... تاملار، ئىستولبۇلار جىنسىيەت ئېلانلىرى بىلەن كۆمۈلمەكتە... ئۇرۇش ئوتى قوللىرىنى ھەممە ياققا سوزماقتا .......... تاقىر تاغلار، قاقشال ئورمانلار، سارغايغان يايلاقلار، يۇرىت-ماكانىدىن ئايرىلغان جان-جانىۋارلار كېملەرنىدۇر قارغىشماقتا... چاقماقلار غەزىپتىن چىقىلماقتا... ئۆز جىسمىنىڭ قىلمىش-ئەتمىشىگە چىدىمىغان زىمىن ئېگىسىدىن يەنە بىر قېتىملىق توپان تىلىمەكتە...»
ئايدىڭ دالىدا كېتىۋاتىمەن...
ھەر قەدىمىم يۆتكەلگەندە ئاياق ئاستىمدىكى غازاڭلار: « ئاھ ياشلىقىم!، قېنى ئاخشامقى گۈزەل ياشلىقىم!؟» - دەپ ئاھۇ-زار تارتىشاتتى. كۆز ئالدىمغا بىر ئوت يۈرەك شۇڭقار تاشلاپ كەتكەن بىر پارچە شېئر كىنو لېنتىسىدەك ئۆتىشكە باشلىدى:
......
ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چېغى،
تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمرى بىراق.
يىرتىلسا كالېندارنىڭ بىر ۋارىقى،
ياشلىق گۈلىدىن تۆكىلىدۇ بىر يوپۇرماق.
......
ئۇزۇنغا سوزۇلغان تاغ يولى، سۈ- سۈزۈك تاغ سۈيى ساينى بويلاپ تۆۋەنگە ئاقماقتا. تاشتىن – تاشقا ئۇرۇلۇپ مەرۋايىتتەك ئاق بۇژغۇنلارنى چاچماقتا. بىر جۈپ كاراپ بېلىقى سۇ دولقۇنلىرىنى يېرىپ ئالغا ئىلگىرلىمەكتە...
......
يىللار دېڭىزى دولقۇنلۇق بولساڭمۇ،
ئۇپقۇنلىرىڭنى يارىدۇ بىزنىڭ كاراپ.
......
ھەقىقەتەن بىر ئوتلۇق يۈرەك ئىدىڭدە، ياتقان يېرىڭ جەننەت بولسۇن!... كۆزۈمدىن سىرغىپ چۈشكەن ئىككى تامچە ياش تاغ سۇ دولقۇنلىرىغا قوشۇلۇپ كەتتى. سۇ بويىدا ئۆسكەن بىر تال قىزىل گۈل ماڭا مەيۈس قاراپ قويدى...
خىيال شەھىرى
ئەتراپ تۈن لىباسىنى ئېرىنچەكلىك بىلەن ئۆزىگە ئارىتماقتا. ئاينىڭ سۇس يورۇقى يولۇمنى يورۇتماقتا. تۇيۇقسىز كىيىك گۆشىنىڭ مېزلىك پۇرىقى بۇرنۇنغا ئۇرۇلدى. ئانچە يىراق بولمىغان يەردە بىر گۈلخان يىنىپ تۇراتتى. گۈلخان ئەتىراپىدىن كۈلكە – چاخچاق ئاۋازى كۆتىرلىۋاتاتتى. قەدەم تۇلپىرىم ئىختىيارسىز شۇ تەرەپكە ئېلىپ ماڭدى.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
بۈركىتنىڭكىدەك ئۆتكۈر كۆزلەر ماڭا تىكىلدى...
-قېنى، مېھمان قاراپ تۇرماي يۇقىرغا كېلىڭ!
كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم. ئالدىمدىكى سادىر باشچىلىقىدىكى تاغ ئەزمەتلىرى ئىدى. شىرمەت پالۋانلار بىلەن بىرمۇ – بىر قۇچاغلىشىپ كۆرىشىپ چىقتىم. ئۇلارنىڭ تېنىدىن گۈپۈلدەپ كېلىۋاتقان تەر ھېدى ماڭا ئىپاردەك سېزىم ئاتا قىلدى. سورۇن باشلاندى. يۈرەكنىڭ تارىنى چېكىدىغان ھەقىقىي جەڭ ھېكايىلىرىنى پۈتۈن ئىشتىياقىم بىلەن ئاڭلاپ ئولتۇرۇپتىمەن. ۋاقىت – سۈرئەت تونىلىدا قۇيۇندەك چاپماقتا ئىدى. مانا ھەش – پەش دېگۈچە تۆت سائەت ئۆتۈپ كەتتى. ئۇلار مۇھىم ئىشى بارلىقىنى ئېيتىپ يولغا چىقتى. كۆزۈم قىيمىغان ھالدا ئۇلار بىلەن خۇشلاشتىم:
-ئاللا سىلەرنى ھەرجايدا ئامان قىلسۇن!
ئۇلار قامچىسىنى قولىغا ئالدى- دە،
-ئاق يوللۇق بولۇڭلار! ... بۇرادەرلەر ...
ئاتلار ۋاقىت بىلەن بەيگىگە چۈشۈپ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە كۆزدىن غايىپ بولدى. قۇلاق تۈۋىمدە پالۋاننىڭ:« كىيىنكى ئەۋلاتلار بىزنى قايسى نامدا ياد ئېتەركىن؟» دىگەن ئاخىرقى بىر ئېغىز سۆزى جاراڭلىماقتا ئىدى. ئاي ماڭا قاراپ قويۇق بۇلۇتلار ئارىسىغا يۇشۇرۇندى. ئىككى يورۇق يۇلتۇز ئارقا – ئارقىدىن ئېقىپ كەتتى... يولۇم داۋام ئەتمەكتە. يىراقتىكى بىنەمدىن دېھقان ئاكىنىڭ ئورما ناخشىسى ياڭراپ قالدى. مانا بۇ يۈرەكنىڭ ھەقىقىي مىلۇدىيىسى. قان – ياشقا تولغان كۈيلەر، ئىزتىراپ ئىچىدىكى مۇڭلار... دېھقاننى قانچە كۈيلەپ يازساڭ ئازلىق قىلىدۇ، شائېرىم. ھەقىقەتەن دېھقان بولماق تەس. بىر يىل جاپانى سەن تارتىسەن. يىل ئاخىردا قولۇڭغا قالىدىغىنى شۇ ئۇرۇقلۇق بىلەن ئىككى تاغار سامان... ھەي، ياراتقۇچىمىز ساڭىمۇ بىر ئاسانلىق بېرەر، بۇ كۈنلەر ئىزىدا توختاپ قالماس...
مەنزىلسىز ماڭماقتىمەن. قارغايلىق چوققىلار، قۇيۇق چاتقاللار ناھايىتىمۇ سۈرلۈك ئىدى. يىراقتىن ھۇقۇشنىڭ بوغۇق سايرىغان ئاۋازى كەلمەكتە... تۇرۇپ – تۇرۇپلا يىنىمدىكى چاتقاللاردىن ئاياق ئاۋازىمدىن ھۈركىگەن كەكلىكلەر « پۇررىدە » قىلىپ ئاسمانغا كۆتىرلەتتى-دە، يەنە يىراقتىكى قايسىبىر چاتقالنىڭ ئارىسىغا كىرىپ غايىپ بولاتتى... تۇرۇپلا شەرىق تەرەپتىكى تاغ قىزىرىپ، ھۇررا – چۇقان سادالىرى ياڭراپ قالدى. قىزىللىق بارغانسىرى يىقىنلاشقاندا تاغ چوققىسىغا بىر كۆك بۆرە پەيدا بولدى. ئۇنىڭغا ئۇلىشىپلا مىسران قىلىچىنى يالاڭۋاچلىغان ئۇغۇز قۇشۇنىنى باشلاپ پەيدا بولدى. ئۇنىڭ كۆكۈچ كۆزلىرى يانماقتا ئىدى. ئۇ ماڭا مەنىلىك بىر قاراپ قويۇپلا كۈن پىتىشقا قاراپ يۈرۈپ كەتتى... تاغنىڭ ئىرغىن سۇغۇق شامىلى چىقىشقا باشلىدى. تاغ چوققىسىدىن پارچە – پارچە قارا بۇلۇتلار مەن تەرەپكە قاراپ سۈرىلىشكە باشلىدى. ئاي بۇلۇتلار ئارىسىدىن چىقىپلا يەنە بۇلۇتلار ئارىسىغا شۇڭغۇيىتتى. چىرايىدا قانداقتۇر بىر خىل زېرىكىشلىك چىقىپ تۇراتتى، ئاخىرقى چولپان يۇلتۇزىمۇ ئۆچۈش ئالدىدا تۇراتتى. تاڭ بىلىنە – بىلىنمەس سۈزىلىشكە باشلىدى. ئالدىمىزدا بىر مەھەللە كۆرۈندى. مەھەللىنىڭ ئۇددۇلىدىكى تاغدا قويۇق ناخشا – مۇزىكا ئاۋازق ياڭراۋاتاتتى... تۇيۇقسىز ئالدى تەرىپىمىزدىن شۇنچىلىك يىقىملىق ئەرزان ئاۋازى ياڭراپ پۈتۈن جىسمىمنى ئېرىتىشقا باشلىدى. ئۇ قويۇق بۇلۇتلارنى يېرىپ ئۆتۈپ تاغ باغرىغا تارقالماقتا ئىدى... سۇس قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن ئالدىمىزدا بىر مەسجىد كۆرۈندى. ھايال ئۆتمەي مەسجىد ئىچىگە كىردۇق. جاھانغا ئاپىرىدە بولۇپ بۇنداق گۈزەل مەسجىدنى تۇنجى كۆرىشىم ئىدى. ئەپسۇس، مەسجىد ئىچىدە ئىمام بىلەن مەزىندىن باشقا ئىنسان كۆرۈنمەيىتتى. ئىنىم ئەجەبلىنىش ئىچىدە ماڭا قاراپ قويدى... تۆت كىشىلىك نامازمۇ ئاياقلاشتى. ئىمام ئېغىر ئۇھ تارىتماقتا، كۆزلىرىدىن ھەسرەت ئۇچقۇنلىرى يانماقتا ئىدى... ئۇ تۇرۇپلا ماڭا ئېغىز ئېچىپ قالدى:
-ئوغلۇم. ئۇزۇن زامانلارنىڭ ياقى بۇ تەرەپكە يات كىشىلەرنىڭ ئايىقى يىتىپ باقمىغان، بۇ مەسجىدمۇ مەزىن ئىككىمىزدىن باشقا ئىنساننى قارشى ئېلىپ باقمىغان. بۈگۈن تۇنجى قەدەمنى سەن ئېلىپ كەلدىڭ. بۈگۈن ھەممىمىز خۇشال بولدۇق. شۇنى بىلىپ باقسام، سەپىرىڭنى قاياققا ئالدىڭكىن؟ ... سەپەرگە چىقىشتىكى بارلىق مۇددىئايىمنى تولۇق سۆزلەپ بەردىم.
-ئۇلۇغ بىر سەپەرگە ئاتلىنىپسەن بالام! لىكىن، بۇ بارسا كەلمەس يول! قۇدىرەتلىك ئىگەم سېنى ئۆز پاناھىيدا ساقلىسۇن، يولۇڭ ئاق يوللۇق بولسۇن! ئامىين... ئۇزۇندىن – ئۇزۇنغا سوزۇلغان دۇئا ئاخىرلىشىپ بۇ بارسا كەلمەس يولغا ئاتلاندۇق...
چۈش ئىچىدىكى چۈش
تاڭ يورۇشقا باشلىدى...
قۇياش ھاسىراپ – ھۆمىدەپ تاغ چوققىسىغا يامىشىۋاتاتتى. ئاي: « يولۇڭ خەيىرلىك بولسۇن يىگىت! » دەپلا كۆزدىن غايىپ بولدى. ئاللىقانداق خىياللار ئىچىدە كېتىۋاتىمەن. كۈن بارغانسىرى ئۆرلەپ كۈن ئىسسىشقا باشلىدى. ئەتراپ سۇس گىرىمسەنلىشىپ تاۋلانماقتا. ئىسسىققا چىدىمىغان يەر، بىر پارچە قارا بۇلۇت بىلەن ئۆزىنى يەلپۈمەكتە. ئېغىر قەدەملىرىمنى ئېرىنچەكلىك بىلەن ئېلىپ ماڭماقتىمەن...
-ئاكا، ئۇسسۇدۇم!
ئىنىم ماڭا تەلمۈرۈپ قاراپ تۇراتتى.
-ئالە ساقام، بۇ سۇنى ئىچ...
قولۇمدىكى بىر قاپاق سۇنى ئۇنىڭغا تۇتتۇم.
مىنى دەپ كۆپ جاپالارنى چەكتىڭ، ئەسلى سېنى بۇ سەپەرگە ئېلىپ چىقمىسام بوپتىكەن.
-ئۇنداق دىمە ئاكا! بۇ سەپەردە مەن ساڭا قانات بولىمەن. سەن نەدە بولساڭ مەنمۇ شۇ يەردە بولىمەن، سېنىڭدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن... ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن غايىبانە بىر نۇر يىنىشقا باشلىدى. بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ تۇرغان ھاۋادىكى قۇشلارمۇ باش ئۈستىمىزدىن توختىماي ئەگىشكە باشلىدى.
-يۈرە ساقام. ئەمسە يولغا چىقايلى، مەنزىلىمىز تېخى بەك ئۇزۇن...
يەنە شۇ ئايىقى چىقماس يولدا كېتىۋاتىمەن... مەھەللىلەر، چاتقانلار، ئورمانلار، تاغ-دەريالار بىر – بىرلەپ كەينىمىزدە قالدى. پايانسىز چۆل ئىچىدە كېتىۋاتىمىز. جاھان تونۇردەك قىززىشقا باشلىدى. ۋاقىت قايسى چايخانىلاردا ئۇخلاپ قالدىكى، تاڭ؟ بىلمىدىم ... دۇنيا بىزدىن تۇنجى سىناقنى ئېلىۋاتاتتى شۇنىڭدەك تۇنجى قەدەمدىكى ئۆچىنى ئېلۋاتاتتى... ئاخىرى قۇياشمۇ ئۆيىگە قايىتتى. بۈگۈن نىمىشقىدۇر ئاي چىقمىغان ئىدى... كۈنلەر ئۆز يورغىسىدا بىر-بىرىنى توختاۋسىز قوغلاپ ئۆتمەكتە... مۇشۇ يۇسۇندا يەتتە كۈن ئۆتۈپ كەتتى. ئوزۇق-تۈلىكىمىز تۈگىگەن ئىدى. چارچاپ ھالىدىم كەتكەن ئىنىمغا قارىساملا جىسمىم غەيرەت-شىجائەتكە تولۇپ بىرەر قونالغۇ تېپىش ئۈچۈن تىرىشاتتىم. سەككىزىمجى كۈنى تاڭ سۈزىلىشى بىلەن يىراقتىن بىر خورما دەرىخى كرۈنىشكە باشلىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي دەرەخ يىنىغا يىتىپ كەلدۇق. دەرەخ تۈۋىدە بىر بۇلاق شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇراتتى. بۇ مۆجىزىنى كۆرۈپ ياراتقۇچى ئىگەمگە يۈزمىڭ ھەمدۇ سانالارنى ئېيىتتىم. سۇدىن قانغۇچە ئىچىپ ھاردۇقىمىزنى ئازراق بولسىمۇ چىقىرىۋالدۇق. دەرەخكە سەپ سېلىشقا باشلىدىم. پەمىمچە دەرەخ 8000 مىڭ ياش ئەتىراپىدا بولۇپ، بۇلاق سۈيىنىڭ موللىقىدىم دەرەخ ياپيېشىل، باراخسان ئۆسكەن بولۇپ بۇ ھەقىقەتەن بىر مۆجىرە ئىدى... دەرەخكە يۆلىنىپ ئولتۇراي دەپ تۇرسام كۆزۈمگە دەرەخ سايىسىدىكى بىر قەبرە چۈشۈپ قالدى. قەبرە تېشىدا «ئېركى» تەخەللۇسىدىكى بىر بېغىشلىما تۇراتتى:
ئابدۇل قۇلۇڭمەن ئەي رەببىم،
رەھىم ئەيلەپ ئالغىن بۇ جان!
ئۆتكۈر قىلىچ بىلەن ئۇرغىن،
ئاسىي دۇنيانى يۇتسۇن بۇ قان...
بۇ يەرگە تارىخنىڭ شاھىدى بولغان ھەقىقىي بىر تالانىت ئىگىسىنىڭ دەپنە قىلىنغانلىقىنى ھېس قىلدىم. چوڭقۇر خىياللارغا چۆمەكتىمەن... ئۇلارنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە ئىلىپ كەتكەن سىرلارنى يىشەلمەي ئۆكىنىۋاتىمەن... تارىخ بەتلىرىدىكى چوڭقۇر سوئاللار ئىچىدە تەمتىرەۋاتىمەن... شۇ بەتلەرنى بېسىۋالغان توزانلارنى قاقالماي ئاۋارىمەن... كۈنلەر ئۆزىنىڭ ئېلدام يورغىسىدا ئۆتمەكتە. بۇلاق بېشىدا سەپەرنىڭ كىيىنكى تەييارلىقىنى قىلىۋاتىمەن. ئۆتكەن كۈنلەردىكى يول ھارغىنلىقى كۆزلىرىمنى ئەسنىتىشكە باشلىدى. ئۇيقۇ مىنى چاقىرىشقا باشلىدى... قانلىق جەڭگاھتا كېتىۋاتىمەن. كۆزلىرىم ئاجايىپ بىر مەنزىرىگە چۈشۈپ قالدى... ئەسىرگە چۈشكەن ئىككى دوسىت بىر – بىرىدىن ئۆلۈمنى تالىشىۋاتاتتى... قىلىچ تۇتقان ياساۋۇل بىرىنىڭ بېشىغا قىلىچنى تۇتسا يەنە بىرى قىلىچنىڭ ئاستىغا بوينىنى تۇتاتتى ، دە - : « ئۇنى ئۆلتۈرگىچە مىنىلا ئۆلتۈر. ئۇنىڭ جېنى مىنىڭكىدىن قىممەتلىك...» دەيىتتى. بۇ گەپ بىلەن ياساۋۇل يەنە بىرىنىڭ بىشىغا قىلىچنى تۇتسا ئالدىنقىسى شۇ سۆزنى تەكرارلاتتى. مۇشۇ يۇسۇندا خېلى ۋاقىت ئۆتتى. ياساۋۇل نىمە قىلارىنى بىلمەي تۇرغاندا، جەڭگاھ ئارلاۋاتقان پادىشاھ بۇلارنىڭ غەلۋىسىنىڭ ئۈستىگە كېلىپ قالدى. ئەھۋالنى ئۇققان پادىشاھ بۇ ھەقىقىي دوسلۇقتىن تەسىرلىنىپ ئىككىلا ئەسىرنى ئۆلۈمدىن خالاس قىلدى... خىياللىرىم ئۇچقان پېتى ناھايىتى كەڭ بىر ۋادىغا قوندى، قوندىدە كۆزلىرىنى ئاستا يۇمۇشقا باشلىدى ... كۈن چىقىشقا قاراپ ئىلگىرلەۋاتىمەن. قانچىلىك مۇساپەن باسقىنىم ئىنىق ئەمەس. ئالدىمدا بىر ئاۋۇل كۆرىنىشكە باشلىدى. ئۇ يەرگە يىقىنلاشتىم. قۇم دۆۋىسىدە بىر كىچىك بالا ئويناۋاتقان ئىدى. ئاۋۇل ئىچىنى ئايلىنىشقا باشلىدىم. ئىنسان كۆرۈنمەتتى. تۇيۇقسىز جەنۇپ تەرەپتىكى بىر ئۆي ئىچىدىن ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاڭلىنىپ قالدى. ئاۋاز بارغانسىرى كۈچىيىشكە باشلىدى...
-يىقىن كەلسەڭ ئۆزۈمنى ئۆلتۈرىۋالىمەن...
بىر چامداپ، ئىككى چامداپ ئۆيگە يىقىنلاشتىم. ھەممە ئاۋاز ئېنىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
-ئۇ يالاڭتۆشكە گۈلدەك ياشلىقىڭنى ئىسراپ قىلما، ساداقەت. ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ ماڭا تەگ! نىمىنى خالىساڭ شۇ سېنىڭ بولىدۇ...
ئىشىڭ ئالدىغا كېلىشىمگە ئۆي ئىچىدىن « گاچچىدە » ئۇرۇلغان خەنجەر ئاۋازى كەلدى. ئىشىكنى ئىتتىرىپ ئۆيگە كىردىم. ئۆي ئىچىدە بىر گۈزەل ئايال قان ئىچىدە كۈلۈمسىرىگىنىچە ياتاتتى... ئۆز ئىپپىتىنى قوغداش يولىدا شېھىتلىك مۇقامىغا يەتكەن ئىدى... خاتىرەمدىن بىر جۈملە سۆز كۆ ئالدىمدىن يالىت قىلىپ ئۆتتى.... « بۇرۇنقى ئاياللار ساداقەتنى دەپ مال – دۇنيادىن ۋاز كەچسە، ھازىرقى ئاياللار مال – دۇنيانى دەپ ساداقەتتىن ۋاز كەچمەكتە» .... كۆز ئالدىمدىكى بارلىق مەۋجۇدات تۇمان ئىچىدە غايىپ بولدى. قاتتىق بىر سىلكىنىشتىم كۆزۈمنى ئېچىپ قارىسام ئىنىم يىنىمدا ئولتۇرۇپتۇ. بۇلاق بويىدا يىتىپتىمەن. ئاسمان يەنىلا بىزدىن يىراقتا ئۆز تىلسىملىقى بىلەن مەغرۇرانە تۇراتتى ...
ئۇپۇققا تۇتاشقان يول – ئەسلىنى ئۇنۇتقان زىمىن
كۆڭلۈم گۈزەللكىككە قانماي قاتتىم چاڭقىغان، ئىزتىراپ ئىچىدە ئېچىرقىغان ھالدا ئۇپۇققا تۇتاشقان بىر چىغىر يولدا كېتىۋاتىمەن...
بۇلۇتلار ئارىسىدىن مارلاۋاتقان ئاي ماڭا قاراپ ئىللىق كۈلۈمسىرىمەكتە. لىكىن، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن يىنىۋاتقىنى ئازابنىڭ غەزەپلىك ئۇچقىنى، ئارتىۋالغىنى ھېجراننىڭ سىرلىق رومالى ئىدى... ئۇ ئۆزىگە ئۆتمۈشنىڭ تالاي سىرلىرىنى مۇجەسسەملىگەن. ئۇنىڭ كۆڭۈل سىرلىرىدىن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىتابخانا كىتابقا لىق تولىدۇ. كۆز ياشلىرىدىن تارىمنىڭ قاغجىرىغان قىزغاقلىرى مەۋىج ئۇرۇپ ئۆركەشكە تولىدۇ... ھەر بىر بېتى سۈكۈتكە تولغان تنجىق تارىخنىڭ شاھىدى پەقەت ، پەقەتلا ئاسماندا. ئۇ ھازىرچە ئۈن – تىنسىز. لىكىن ساڭا ھامان تىل چىقىدىغىنىغا ئىشىنىمەن...
خىياللىرىم توزغاقتەك چېچىلماقتا. ئازغۇن نۇرلار مىنى ئازدۇرۇشقا تەمشەلمەكتە... بۈگۈن ۋاقىت دۇلدۇلىغا يەنە بىر جۈپ قانات چىققان ئىدى. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە تاڭمۇ ئاتتى. يۇلتۇزلار بۇغچىسىنى كۆتىرىپ بىر – بىردىن مەكتىپىگە چېپىشقا باشلىدى. ئايمۇ ئۈنتىنسىز ئۆز ھوجۇرسىغا قايىتتى...
-ئاكا، قارا ئالدىمىزدا بىر شەھەر بار ئىكەن...
ئىنىمنىڭ سۆزى بىلەن خىيال كەپتىرىم جىسمىمغا ئۇچۇپ كىردى. يىراقتا بىر شەھەر قەد كۆتىرىپ تۇراتتى. شەھەر ئاسمىنىدا ئايلىنىۋاتقان كۆزنى مەس قىلىدىغان تۇمانلار بۇ شەھەرنى تېخىمۇ سىرلىق تۈسكە كىرگۈزگەن ئىدى. كۈن چىقىش بىلەن بۇ « جەلىپكار » شەھەرگە يىتىپ كەلدۇق. شەھەر قوۋىقىغا « بېغەملەر شەھىرى، 2995 – يىلى 2 – ئاينىڭ 27 – كۈنى » دەپ يىزىلغان ئىدى... تەئەبجۈپلەندىم. كىرەيمۇ؟ كىرمەيدۇ؟ ئىككى سوئال ئالدىمدا ھەييارلارچە تۇراتتى. ئىككىلىنىپ قالدىم. لىكىن، شەھەرنى كۆرۈپ بېقىش ۋەسۋەسىسى مىنى كۈشكۈرىتمەكتە ئىدى. شەھەرگە قەدەم ئالدىم. بايامقى پرلاپ تۇرغان قۇياش نەلەرگىدۇ يوقالغان ئىدى. كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم. يېرىم بەرەھنە ھالەتتە كۆزلىرى خۇمارلاشقان ئادەملەر، تۇڭ – تۇڭلاردا تىزىۋەتكەن، توختاۋسىز توشۇلىۋاتقان شارابلار، ئۆي-ئۆيلەردىن چىقىۋاتقان شەيتاننىڭ ئازغۇن كۈلكىلىرى، شەھەر ئاسمىنىدا لەيلەپ يۈرگەن، ئادەمنى كەيىپ قىلغۇدەك تۇمانلار ... بۇ مەن بىلىدىغان « بېغەملەر شەھىرى » ئەمەس ئىدى. ئالدىمدىن يۈگىرىپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر كىچىك بالىنى تۇتىۋىلىپ سورىدىم:
-ئۇكام، بۇ شەھەرنڭ ھەقىقىي ئىسمى نىمە؟
بالا ئۈچ-تۆت خىل تىلنى ئارلاشتۇرۇپ سۆزلەۋاتاتتى. تازا چۈشىنەلمەي قايتا سورىدىم. ئۇمۇ ئۆز مەقسىدىنى چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىز قېلىپ يىگىرمە قەدىم يىراقتىكى ياغاچ ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ئاپئاق ساقال بىر بۇۋانى كۆرسىتىپ قويۇپ كېتىپ قالدى. بۇۋاينىڭ ئالدىغا كېلىپ سالام بەردىم:
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
بۇۋاي بېشىنى ئاۋانلا لىڭىشىتىپ سالىمىمغا جاۋاب قايتۇردى. بايامقى سوئالىمنىڭ جاۋابىنى بىلىش ئۈچۈن بۇۋايدىن ياندۇرۇپ سورىدىم. بۇۋاي بېشىنى كۆتىرىپ ماڭا بىر ھازا قاراپ تۇرۇپ كەتتى ، دە- . كۆزىنى كۆرسىتىپ ئاسماننى ئىشارەت قىلدى، نېرىدىكى تۇڭلارنى كۆرسىتىپ يەرنى ئىشارەت قىلدى، تىلىنى كۆرسىتىپ گەلنى ئىشارەت قىلدى، كۆزىنى كۆرسىتىپ نېرىدىكى ئۆلۈك ئىتنى ئىشارەت قىلدى... كۆزلىرىم قاراڭغۇلىشىپ، جىسمىم قاتتىق سىلكەندى. قانلىرىم تومۇرلىرىمغا پاتماي كۆۋەجمەكتە. كۆڭۈل ۋادىلىرىمنى باشقان ئېغىز ئىزتىراپ ئەسەبىيلىشىپ ۋالقان بولۇپ ئېتىلماقتا. روھىم جىسمىمنى تاشلاپ تۇمانلار ئىچىگە قاراپ قاچماقتا... زىمىننى گويا قايتا توپان باسقان ئىدى... ئىنىم ماڭا ھەيران بولۇپ قاراپ قويدى. بۇ بىر ئاجايىپ قەۋىمنىڭ غەپلەتكە پاتقان ئاخىرقى ئەۋلاتلىرى ئىدى... تۇمان ئىچىدە شەھەرنىڭ چىقىش ئېغىزىغا قاراپ ماڭماقتىمەن. چىگىش خىياللار مىنى توپان ئىچىگە سۆرەتتى. جىسمىم يولدا بېشىدىن ئايرىلغان ئىلاندەك تولغانماقتا. ئاخىرقى قېتىم بۇ شەھەرگە سوغۇق بىر قاراپ قويدۇم، دە – شەھەردىن چىقىپ كەتتىم... شەھەرنىڭ سىرتى كەتكەن چۆللۈك ئىدى. لىكىن، ھاۋاسى شەھەر بىلەن ئاسمان-زىمىن پەرىقىدە ئىدى. ساپ ھاۋادىن قېنىپ-قېنىپ چوڭقۇر نەپەس ئالدىم. شەھەر دەرۋازىسىدىن ئون قەدەم يىراقلىقتا ئەمدىلا ئۇچۇشقا تەمشەلگەن بىر ئاق كەپتەرنىڭ ھەيكىلى قاتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇڭ قانىتىغا مۇنۇ مىسىرالار ئويۇلغان ئىدى:
قېنى ئەمدى مىسران تۇتۇپ تاۋلانغان قوللار؟
قېنى ئەمدى جەڭگاھ كېزىپ چاپقان دۇلدۇللار؟
ھەسرات، كۆز-ياش، نادامەتتە قالدى ئەسلىمە،
قېنى ئەمدى ئۇيات-غۇرۇر باش بولغان يىللار؟...
ئېغىر تىنىقلاردا يولۇمنى داۋام ئەتمەكتىمەن. مەن ئۇپۇقنى قوغلاۋاتىمەن. لىكىن، ئۇپۇق ماڭا بوي بەرمەيۋاتاتتى... ئاشۇ گىرىمسەنگە يىقىنلاشقۇچە يەنە قانداق قىسمەتلەر مىنى كۈتىۋالىدۇ؟ بۇنىسى ماڭا تېخى نامەلۈم. شۇندىمۇ، مەن ھەرگىز بوشاشمايمەن. ئاداققى مەنزىلگىچە بىر جۈپ قانىتىمغا تايىنىمەن...
قۇياش كۆتۈرۈلگەن تاڭ
روھىم بىلەن جىسمىن كىچە –كۈندۈز ئۇپىقىدا ئايرىلغان ئىدى. ئەنە شۇ ئۇپۇقلا بۇ ئىككىسىنى بىر گەۋدە قىلالايدۇ. ئوغۇز روھى مىنى چاقىرماقتا. ئۇ ئۇپۇقتا مىران قىلىچىنى يالاڭاچلاپ مىنى ساقلىماقتا... ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن يىنىۋاتقىنى قۇياشنىڭ ئەڭ يورۇق نۇرلىرى...
ئازاب مالائىكىسى باش ئۈستۈمدىلا ئەگىمەكتە. ئۇنىڭ گۈرزىسىنى ئەسلا تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن. شەيتان مىنى ھەر قەدەمگە ئازدۇرماقتا. ئۇ قولىدا ئاخىرەت ئازاب جامىنى تۇتىۋىلىپ مىنى ئىچىشقا زورلىماقتا... مىنى گۈزەللىك بوسۇغىسىدىن ھەيدىمەكتە... خۇددى « يۈسۈف » نى ئازدۇرغاندەك، خۇددى « ئىسمائىل » نى ئازدۇرغاندەك... قېنى دۇنيا، بارلىق ھۆنىرىڭنى ئىشقا سال! شۇ ئېسىڭدە بولسۇنكى، تىزىممنىڭ تىزگىنى ئۆز قولۇمدا! ...
ئۇپۇققا تۇتاشقان تاغقا بارغانسىرى يىقىنلاشماقتىمەن. شۇنىڭدەك گۈزەللىك ۋادىسىغا يىقىنلىشىۋاتىمەن... تاغلار، يايلاقلار، دەريالار ... بارلىق مەۋجۇداد ئۆز تەبىيلىكى بىلەن شۇنچە گۈزەل ئىدى. كائىناتنى سۇس بىر پەردە قاپلاپ ئاق يىغىن يىغىشقا باشلىدى... ئەتراپتا ئاجايىپ بىر شاۋقۇنلۇق دەريا ماڭا جۆر بولۇپ ئاقماقتا. ئۇنىڭدىن ئىپار ھېدى كەلمەكتە، بۇ ئىپار دەرياسى ئىدى...
يامغۇر توختاپ ئاسمانغا ئاي چىقتى. ئۇنىڭ يۈزىدە داغ بولسىمۇ ئۇ يەنىلا شۇنچە گۈزەل. ئۇ خىجىلچان كۆزلىرىنى مەندىن قاچۇرۇپ يۇشۇرماقتا. يىراقتىكى قارلىق تاغدا بىر كۆك بۆرە ئايغا قاراپ بارلىق ئىشقىنى تۆتمەكتە...
كۈنلەر ئۆز رېتى بىلەن قىلچە خاتالىق سادىر قىلماي ئۆتمەكتە. تاغ، ئۇپۇق كۆز ئالدىمدىلا ئىدى... بارلىق كۈچۈمنى يىغىپ ئاخىرقى مەنزىلگە قاراپ ئىلگىرلىمەكتىمەن. تۈن كىچىدە يىراقتىن كارۋاننىڭ قوڭغىراق ئاۋازى ياڭراپ قالدى. تۈن يىرىمىدا ئىككى تاغ ئارىسىدىكى ئاچا يول ئېغىزىدا كارۋان بىلەن ئۇچىراشتىم. كارۋان توپىدا ئىككى – ئۈچ يۈزچە كىشى بولۇپ، ئۇلارمۇ ھەقىقىي گۈزەللىكنى ئىزلەپ ماڭغۇچىلار، گۈزەللىككە تويىنىپ قايتىپ بېغەملەر شەھىرىدىكى قەۋىمنى ئازاپتىن قوتقۇزۇشنى كۆڭلىگە پۈككۈچىلەرئىدى...
ئاجايىپ خىياللار ئىلىكىدە ماڭماقتىمەن. بۈگۈنكى چولپان يۇلتۇزى ئۆزگىچە نۇرلۇق ئىدى. تۇرۇپلا ئاسماندا بىر شۇڭقار پەتدا بولۇپ ئالدىمىزدا يول باشلاپ ماڭدى. ئۇنىڭ مەغرۇر قانات قېقىشى ماڭا نىمىلەرنىدۇر ئەسلەتمەكتە... تەڭ سۈزىلىشى بىلەن تاغقىمۇ يىتىپ كەلدۇق. ئەپسۇس، بۇ تىك چوققىلارغا يامىشىپ چىقىشنىڭ ئۆزى بىر ھالاكەت ئىدى. ئارىمىزدا سۈكۈت ھۆكۈم سۈردى. قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكىنى ئىنىق ئەمەس. بىردىن بايىقى شۇڭقارنىڭ سايرىشى بىلەن ئاسماندا نەچچە يۈزلىگەن شۇڭقارلار پەيدا بولدى ۋە بىزنى كۆتۈرۈپ تاغ ئۈستىەە قاراپ ئۇچتى. مانا تاغ ئۈستىگىمۇ چىقتۇق. قۇياش نۇرى ئۇپۇقتا قان رەڭگىدە يىيېلماقتا... ئالدىمىزدا غايەت زور بىر دېڭىز دەھشەتلىك تاشقىنلىرى بىلەن بىزنى كۈتىۋالغان ئىدى... بارچىمىز ئالدىمىزدىكى رىئاللىققا باش ئېگەلمەي تۇراتتۇق. مۇشۇ مەنزىلگە كەلگەندە كەينىگە قايتىش كېرەكمۇ؟ ... ياق! ... ياق! ... يىگىت سەن ئۆزۈڭگە ئىشەن. سەن قايسى يۈزۈڭ بىلەن قايتىسەن؟! ... تاللاش پەقەر بىر، ئالدىغا مېڭىش، دېڭىزدىن ئۈزۈپ ئۆتۈش ئىدى... كۆزۈمنى يۇمدۇمدە ئالدىمغا قەدەم ئالدىم ... ئېھ! ... ئىگەن سەن ھەممىگە قادىردۇرسەن... دېڭىز تاشقىنلاپ يىرىلىپ ئوتتۇرسىدىن ئۇپۇققا تۇتاشغان يول ئېچىلدى... قۇياش كۆتىرلىشى بىلەن ئۇپۇققا يىتىپ كەلدۇق. ئالدىمىزدا ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن بىر ئىشىك تۇراتتى. ئىشىككە مۇنۇ قۇرلار يىزىلغان ئىدى: « يول كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئاستىدا بولماستىن بەلكى روھى ئاستىدا بولىدۇ. روھىنى پاكلىيالىغان ئىنسان ئەڭ چىن، ئەڭ گۈزەل مەقسەتلەرگە يېتەلەيدۇ. بۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۇقتىسى تەسەۋۋۇپ روھىدۇر. بۇ روھ پەقەت ھەق يولىدىكى ئاشىقلاردىلا بولىدۇ. قېنى گۈزەل ئارمانلارنى كۆڭۈلگە پۈككۈچى ئىشىكنى ئېچىڭ!» ... ئىشىككە شۇنداق قول ئۇزاتتىم. ئىشىك ئېچىلىشى بىلەن ئاجايىپ – غارايىپ نۇرلار كۆزلىرىمنى قاماشتۇرۇپ كەتتى. شۇنىڭبىلەن بىرگە ناھايىتى بىر يىقىملىق ئاۋاز قۇلۇقۇمغا ئۇرۇلۇپ پۈتكۈل جىسمىمنى ئېرىتىۋەتتى... كۆزلىرىمنى ئاستا – ئاستا ئاچتىم. نىمە كارامەت بۇ؟ ... ئاخشام ناماز ئوقىغان مەسجىدتە يىتىپتىمەن. كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم... ئورنۇمدىن تۇرۇپ سىرىتقا چىقتىم. كۆزلىرىم ئىختىيارسىز ئۇپۇققا قادالدى. قۇياش ئوتقاشتەك نۇرلىرىنى چېچىپ شەرىقتىن كۆتۈرلىۋاتاتتى ...
ئاپتۇر: ئاتا بۆرە