باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 618 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئەرلەرنىڭتالاغا قاراپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
دوستلىشىش
كوكتالالىق
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7902
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 136
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە136دانە
ئۆسۈش: 3750 %
مۇنبەر پۇلى: 3957 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-16
ئاخىرقى: 2011-09-09
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-26 18:10

ئەرلەرنىڭتالاغا قاراپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش

يېقىنقىيىللاردىن بۇيان ئەرلەر ئارىسىدا تالاغا قاراشھادىسىسى كۆپىيىشكە قاراپ يۈزلەنمەكتە . ئەرلەرنىڭ تالاغا قارىشى ئاساسەن ئۇلاردىكى تەڭپۇڭسىز روھىي ھالەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك . بەك بالدۇر نىكاھلانغانئەرلەر مۇھەببەتكە قارىغۇلارچە باھا بېرىدۇ ؛ ئۇلار بىر مەزگىللىك سۆيگۈ - مۇھەببەت كۈنلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ توي قىلغاندىن كېيىن ، ئاندىن ئاياللارنى ھەقىقىيرەۋىشتە چۈشۈنۈشكە باشلايدۇ .
ئەرلەرنىڭ تالاغا قارىشى ئىنسانلار تەبىئىتىدە بولىدىغان كۆڭلى غەيرىنى تارقىتىش تارتىش ۋە يېڭىنى ھەۋەس قىلىشتەك پىسخىك ئالاھىدىلىك بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك . ئەر كىشى ئايال ھەمراھ ئىزدىگەن چاغدا ، كۆپىنچە يۇقۇرىدائېيتىلغان ئەرنىڭ نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرى زىلۋا قىزنى ياقتۇرغىنىغا ئوخشاش بىر خىل مۇقىم قىلىپنى بەلگىلاۋاتىدۇ . ئەمما ، تويدىن كېيىن بەزى ئەرلەر خوتۇنىنىڭ سېمىزرەك بولىشىنى ئارزۇ قىلسا ، بەزى ئەرلەر ئۇشتۇمتۇت زىلۋا ئاياللارغا ئىشتىياقباغلاپ قېلىشىمۇ مۇمكىن . بەزى ئائىلىلەردە ئايال تەرەپنىڭ جىنسىي تۇرمۇشتا ماسلاشماسلىقى ئەر كىشىنى يېڭىسىنى ئىزدەيدىغان قىلىپ قويىدۇ .
ئەر كىشىنىڭ تالاغا قارىشى ئۈچۈن ،كۆپىنچە ھاللاردا ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى بىلەن ئىقتىسادىيكۈچنىڭ ئۆزگىرىشى ئىچكى سەۋەب بولۇپ قالىدۇ . بەزىلىرى ھېسسىياتجەھەتتە بۇرۇلۇش ياساپ ، ئۆزلىرىنىڭ قول ئاستىدىكىلىرى ، مەسىلەن ، ئايال كاتىپى ، ئايال ئىش بېجىرگۈچىسى بىلەن خۇپىيانە مۇناسىۋەت قىلىشقا باشلايدۇ . ھوقۇق خاراكتېرىنى ئالغان بۇنداق تالاغا قاراشكۆپىنچە يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ . يەنە بەزى ئەرلەر سودىگەرچىلىك قىلىپ پۇلتېپىپ توقلۇقتىن شوخلۇق چىقىرىدۇ . بۇ ئىقتىسادىخاراكتېرلىق تالاغا قاراش ھېسابلىنىدۇ . يۇقۇرقىھەر ئىككى خىل تالاغا قاراشتا مۇھەببەت ئاساس قىلىنغان ئەمەس .
بۇ ئىككى خىل تالاغا قاراشقا قارىغاندا ،ھېسسىياتقا مۇناسىۋەتلىك تالاغا قاراش تېخىمۇ مۇرەككەپبولىدۇ . نىكاھلىنىپ بولغان بىر ئەر كىشى خوتۇن بىلەن كېلىشەلمەي تۇرغاندا ، باشقا بىر ئايالنىڭ ئىشقىغامۇيەسسەر بولۇپ قالسا ، ئۇنىڭ بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمىسىمۇ ، لېكىن ھېسسىيات جەھەتتە بىر - بىرىگە ئىجىل بولۇپ قالىدۇ . بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش بىر ئاز تەسكە توختايدۇ . شۇڭا ، ئاياللار ھەر دائىم يولدىشىنىڭ دەردىگە داۋا بولىشى تولىمۇ مۇھىم .
تالاغا قاراش ھادىسىسى ، ئەرلەرنىڭ مۇھەببەت تۇرمۇشىدىكى ئىنتايىن يوشۇرۇن ، شۇنداقلا ئىنتايىن مۇرەككەپ بىر مەسىلىدۇر . بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قانۇن بىلەن ئەخلاقنىڭ چەكلىمىسىدىن تاشقىرى ، تېخىمۇ مۇھىمى ئىنسانلارنىڭ مەدىنىيەت ، ھېسسىيات ، پېسخىلوگىيە جەھەتتىكى مەسىلىلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئىلىپ بېرىش ئارقىلىق ، ئۇنىڭ ئىچىدىن كۆڭۈلدىكىدەكيېتەكلەش ئۇسۇللىرىنى تېپىپ چىقىش لازىم .
ئەرلەرنىڭ ھېسسىياتقا مۇناسىۋەتلىك بولغان تالاغا قاراش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئايال كىشىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار ، تۆۋەندە بۇ ھەقتە بەزى مەخپىيەتلىكلەرنى ئاشكارىلاپ ئۆتىمىز :
ھەرقانداق بىر ئايال ئېرىنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنى باشقا بىرسىنىڭئىگىلىۋېلىشى تۈپەيلىدىن ، ئېرىنىڭ مۇھەببىتىدىن مەھرۇمقېلىشتەك رېئاللىققا ئىشەنمەسلىكى ۋە ئۇنىقوبۇل قىلالماسلىقى مۈمكىن . شۇڭا بۇنداق ئىشلارغا دۇچ كەلگەندە : " بۇنداق قىسمەتنى مېنىڭ بېشىمغا كېلىشى مۈمكىن ئەمەس ، بىزنىڭ نىكاھىمىز مۇستەھكەم ، ئېرىم كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەيدۇ " دەيدىغان ئىنكاستا بولىدۇ .
ئەمما ،كۆپ ساندىكى ئەرلەرنىكاھ تۇرمۇشىنىڭ مەلۇم باسقۇچلىرىدا قائىدە - يوسۇندىن چىقىپ ، كۆڭلىنى باشقا ئاياللارغا بېرىشكە باشلايدۇ ، ھەلبۇكى بۇ ئومۇميۈزلۈك كۆرۈلىدىغانئاھۋال .
ئەرلەرنى خوتۇنلىرىغا خائىنلىق قىلىشقا ئېلىپ بارىدىغانسەۋەب زادى نېمە ؟ بۇ سۇئالغا جاۋاب بەرگىلى بولمايدۇ ، چۈنكىھەر بىر ئەرنىڭ بۇ يولغا مېڭىشتىكى سەۋەبى ئوخشاشبولمايدۇ .
ئەرلەر نېمە سەۋەبتىن ئۈجمە كۆڭۈللۈك قىلىدۇ ؟
بۈگۈنكى كۈندە ئەرلەر بارلىقىنى خىزمەت ، كەلگۈسى ۋە باشقا ئىشلارغا بېغىشلىغان بولغاچقا ، ئادەتتەخوتۇنلىرىغا سادىق بولىدۇ . ئۇلار خوتۇنلىرىنىڭ ئىلگىرىكىدەك نېمە دېسە لەببەي دەپ تۇرىدىغان ساۋاتسىز ، ئىتائەتمەن ئاياللاردىن ئەمەسلىكىنى چۈشىنىدۇ . ھازىرقى زامان ئاياللىرى ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىنى بىلىدۇ ، ئەرلىرىنىڭئۈجمە كۆڭۈللۈك قىلىشىغا ئىتائەتمەنلىك ۋە ئېرىغا ئېتىبارسىز قارايدىغانلىقىنى ھېسقىلغان ئەر چوقۇم ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان باشقا بىرىنى ئىزدەيدۇ . ئاياللار يەنە گۇمانخورلۇق ۋە قىياس قىلىش كېسىلىنى يۇقتۇرۇۋالسىمۇ ، ئېرىنىڭ ھېسداشلىقى ۋە كۆيۈنىشىگە ئېرىشەلمەيدۇ . بۇنداق ئەرلەرگە جەمىيەتمۇ ھېسداشلىق قىلىدۇ . بەزى ئەرلەر داۋاملىق كاماندوروپكىغا چىقىپ مۇھىم ئىشلار بىلەن بەند بولىدۇ . ئۇنىڭ غەم - ئەندىشىلىرىگە ئورتاقلىشىپ بېرىدىغان يېقىن ئادىمى بولمىسا ، ئۇ دەرھال باشقا ئاياللارنى ئىزدەشكە مەجبۇر بولىدۇ .
خوتۇن بولغۇچى ئەرنىڭيوشۇرۇن ھالدا باشقا ئاياللار بىلەن ئاپاق - چاپاق بولۇۋاتقانلىقىنى سەزگەندە نېمىلەرنى قىلىشى ، قانداق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك ؟؟
ئاياللار بۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە ، ئاسانلىقچە ئۆزىنى بېسىۋالالمايدۇ . بۇ دەل ساقلىنىش زۆرۈر بولغان ئىشتۇر . ئادەم زەربىگە ئۇچراپ ، كۆڭلى پاراكەندە بولغاندا ، سۆز - ھەرىكىتى دۇرۇس ، ئەتراپلىق بولمايدۇ . بۇنداق چوڭ ئىشنى ئېھتىياتچانلىق ۋە ئۇستىلىق بىلەن بىرتەرەپ قىلىش زۆرۈر . شۇڭا ئالدى بىلەن ئىشنىڭ روھى جەھەتتىكى دوستلۇق ياكى ئۇنداق ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىش كېرەك . ئەرلەر ئايال خىزمەتداشلىرىنىڭ ھېسداشلىق قىلىشى ، چۈشۈنىشى ۋە كۆڭۈل بۆلىشىگە مۇھتاج بولىدۇ . ئەگەر مەسىلە چەكتىن ئېشىپ كەتمىگەن بولسا بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق .
ئاياللار كۆپ ھاللاردا ئىشلارغا خاتا ھۆكۈم قىلىپ ، باشقىلار بىلەن بىكاردىن - بىكار توقۇنۇشۇپ ، ھەر ئىككىلا تەرەپنى قىيىنئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ . ئەرنىڭ باشقا خوتۇنلار بىلەن گەپلەشكەنلىكىنى كۆرۈپلا ئۆزىگە كۈندەشلىك ئوتىنى يېقىۋالماسلىقى كېرەك . ئەگەر ئىش ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەنبولسا ، يېقىنلىق قىلىش ، كۆيۈنۈش ۋە ھالىدىنخەۋەر ئېلىش ئارقىلىق ئەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇۋېلىشكېرەك . ئىشلارنى ئوچۇق - ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇپ ، نىكاھ ئىشىدا زادى نېمە مەسىلىلەر بارلىقىنى ئېنىقلاپ بېقىشنىڭمۇ پايدىسى بار . ئادەم چوقۇم ئۆزىگە سادىق ، سەمىمىي ، راستچىل بولۇشى ، ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتىكى ئازارلىقنى ئېتىراپ قىلىشى ، ھەرگىزمۇ يوشۇرۇن ئۈچۈن باھانە ئىزدىمەسلىكى لازىم .
مەسىلىنىڭ تۈگۈنى تېپىلغان ئىكەن ، چارە - تەدبىر تېپىپ ھەل قىلىش زۆرۈر . پەقەت ۋاقتىدا ھەل قىلغاندىلاقارشى تەرەپنى قايتىدىن قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ . ۋاقىت ئۇزىراپ كېتىپ مۇناسىۋەت قۇتقازغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە يېتىپ بېرىپ قېلىشىمۇ مۈمكىن . بۇنداق ئەھۋالدا ئەرنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىش كېرەك . چۈنكى مۇھەببەت ۋە سادىقلىقمەجبۇرلاش بىلەن ئېرىشكىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس .
ئەگەر ئەر پۈتۈنلەي تالاغا قاراپ خوتۇنىنىتاشلىۋەتكەن بولسا ، خوتۇن ئەرنىڭ قىلغانلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ كۆرمەسكە سېلىپ ، ئۇنىڭ بىلەن ئائىلە مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ يۈرىۋەرسە ، بۇ خوتۇننىڭ ئاجىزلىقىنى ئىپادىلەيدۇ .
ئادەتتە ئاياللار زىيانكەشلىككە ئۇچراپ تۇرسىمۇ ، ئەرنى قولىدىن چىقارماي ئەپلەپ - سەپلەپ ئائىلىنى قوغداپ قېلىشنى ، پەرزەنتلىرىنى ئاتا - ئانا ئاجراشقاندىن كېيىن ئۇچرايدىغان روھى ئازاپتىن ساقلاپ قېلىشنىئويلايدۇ . بەزى ھاللاردا بۇنىڭ ئۈنۈمى بولىدۇ . بەزى ھاللاردا ئەرمۇپەرزەنتلىرىنىڭ زەربىگە ئۇچرىشىنى خالىمايدۇ . لېكىن ، بەزىدە بۇنىڭھېچقانداق ئۈنۈمى بولماي بىر تالاي يامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ .
تالاغا قاراش ئونۋېرسال كېسەللىكىنى داۋالايدىغان شىپالىق دورا يوق . كونكرېت ئەھۋالغا ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىش كېرەك . ئەمما ئالدىنى ئېلىش ، داۋالىغاندىن ياخشى.
               

                     مەنبەسى:  ئانا تىل بلوگى