
8-ئاينىڭ 24-كۈنى سەھەردە، ۋاڭيۈەن(توقۇلما ئىسىم) نەرسىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىشلەيدىغان ئورنىغا كەلدى، يەرگە ياتقۇزۇلغان پالازنى قايرىۋەتكەن كارىدوردىلا ياتتى ۋە يېنىغا ئۆزىنىڭ كېسەللىك تارىخى ھەم بىر پارچە قولدا يېزىلغان ئىش ھەققىنى تەلەپ قىلىش خېتىنى قويۇپ قويدى، «ئىش ھەققىم بىر كۈن قولۇمغا تەگمىسە، مەن بىر كۈن مۇشۇ يەردە ياتىمەن». ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋەن شىمالى يولى 16-كوچىدىكى بىر دانە شەخسى كىيىم تىكىش زاۋۇتى، ۋاڭيۈەن(توقۇلما) ۋە ئايال خوجايىن لى شىياۋيەن(توقۇلما) ئىككىيلەن زاۋۇت ئىچىدىدە ھەر ئىككىيلەن قورسىقىنى مۇجۇقلىغىنىچە ئولتۇراتتى، چۈنكى تېخى ئۇنىڭ ئالدىدا ئىككىيلەن بىر بىرى بىلەن پەشۋالاشقان ئىدى. ساقچىغا مەلۇم قىلىنغاندىن كېيىن، خەلق ساقچىلىرى شۇ ھامان يېتىپ كەلدى.

ۋاڭيۈەن ئۆزىنىڭ كىسەللىك ئىسپاتىنى چىقىپ، ئۆزىنىڭ ھامىلدار بولۇپ بولۇپ قالغىلى بىر ئايدىن ئاشقانلىقىنى، ئايال خوجايىننىڭ بايا قورسىقىغا بىرنى تەپكەنلىكىنى، ھازىر بەدىنىنىڭ ئىنتايىن بىئارام بولىۋاتقانلىقىنى ۋە دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈشى لازىملىقىنى، ئايال خوجايىننىڭ ئۇنى ئېلىپ بېرىپ دوختۇرخانىدا تەكشۈرتكۈزىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مۇخبىر كېسەللىك ئىسپاتىغا قاراپ مۇنۇلارنى كۆردى: دېئاگنوز قويۇلغان ۋاقىت 8-ئاينىڭ 17-كۈنى، نەتىجىسى: ئاستا خاراكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى، ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىكى ئاۋاز نەتىجىسى: ھامىلە بالدۇر يېتىلىش.
