باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1304 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۇيغۇر دىيارىدا رامىزان
ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ .
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7241
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 19
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە19دانە
ئۆسۈش: 330 %
مۇنبەر پۇلى: 430 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-22
ئاخىرقى: 2011-09-01
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-26 13:29

ئۇيغۇر دىيارىدا رامىزان

    ئۇيغۇر دىيارىدا رامىزان   
                                                           
                       
سەلكىن شاماللار بىلەن گۈللەرنىڭ ھىدى ،
ۋەيەنە كاككۈك ئاۋازى تۇرۇڭلار دىدى .
 
تۇردۇق ئۇيقۇدىن كۆزلەرنى ئېچىپ ،
شەيتانلار خىجالەت كىتىشىتى قېچىپ .

 
سەھەر ،خوراز كاككۇك ...بۇلبۇل ..پاقا ..چىكەتكە ،
مەدىيىھە ئوقۇيدۇ ئۇز تەبىئەتكە .
                                                                               
 
ئويغىنار بۇ چاغدا بۇ گۈزەل سەھرا ،
قوي مەرەر .....كەپتەرلەر بۇقۇلدار ئەينا .
              
                                
كۆكتە يۇلتۇزلار ،تولۇق ھەم نۇرلۇق ،
يۈزئاچتى بۇ چاغدا گۈزەللىك تولۇق .
 
قاينام -تاشقىنلىق ئالدى يېقىن يىراقنى ،
يورۇدى ھەممە ئۆي يېقىپ چىراقنى .

 
مىھرىبان ئانام ئاشقا ئوتۇن ئەككەلدى ،
دادام كىچىكتۈرمەي ئۇنى يېرىپ بەردى .

 
ئاچام پاكىزە قىپ داستىخان سالدى ،
مىزىلىك تائام ھىدى ھويلىنى ئالدى .

 
كۈندە ئالمىشىپ تۇرار ھەرخىل تائاملار ،
ئانام -ئاچام ھەمكارلىشىپ ئۇنى تاماملار .
 
مانا بىردەمدىلا ئاشنى ئەككەلدى ،
دادام ،ئانام .....قېرىنداشلار كەلدى تەق بولدى .

            
بىسىملا دەپ تاماقنى باشلىدۇق يىدۇق ،
تائام بەرگەن ھەق زاتقا مىڭ شۈكرى دىدۇق .

ئاتام ئېيىتتى بۇ رامىزان كاتتا مىھماندۇر ،
ئۇنى ئوبدان كۈتكەنلەر ياخشى ئىنساندۇر .
                                                                            
 
ئانام ئېيىتتى رامىزاننى كۈتەيلى ئوبدان ،
ئۇ بىزگە ياخشىلىق رەھمەتتىن كەلگەن .
 

تەننى روھنى تاۋلايدۇ بۇ ئەزىز مىھمان ،
تاۋلانسا مۇكەممەل بولىدۇ ئىنسان.

كەپ تېخى ئالدىمغا كىچىك مۈشۈكۈم ،
مىياڭلىدى ئاڭا كەلدى بەك زوقۇم .

 
دىدىم مۈشۈكۈم سەن بىلەن پەرقىمىز مۇشۇ ،
بىلىمەن مەن رامىزاننى ، بىلمەيسەن سەن شۇ . 
 

ئۇنىڭغا شۇنداق دىدىم ناننى سەپ بەردىم ،
چۈشەنسە خېلى چوڭ ھىكمەت دەپ بەردىم .
 

دىدى ئانام باللىرىم تىزرەك بولايلى ،
يىغايلى داستىخاننى ئەمدى تۇرايلى .
 
قول ئېچىپ باشلدى دادام دۇئانى ،
سەھرادا تۈمەن دۇئا ئالدى سامانى .
 

شۇنداق راھەت بىر شامال كەلدى ،
دىلىمغا زەپ شىرىن ھوزۇرنى بەردى .
 
شۇچاغدا ھەرياندىن باشلاندى ئەزان ،
جامائەت توپلاندى ئويغاندى ھەريان .
 
ھەممەيلەن تۇرىشىپ ناماز باشلىدۇق ،
مىڭ شۈكۈر رەھمەتتىن قۇرۇق قالمىدۇق .
 
كەپتەرلەرگە دان ،قويلارغا تاشلىدۇق ئوتنى ،
بىر ئۇلۇغ بەرىكەت قاپلىدى يۇرىتنى .
 
ھەممە باش ئىگىپ ئوقۇر دۇرىدنى ، 
قۇياش شۇئان چىقتى ھەيدەپ  بۇلۇتنى
     
                   
ئۇيغۇر دىيارىدا كۈتتۇق بۇ ئۇلۇغ كۈننى ،
ئىمان -سائادەت نۇرى دىلنى يورۇتتى .

 
مەنبە :ئۇيقۇت
ئۇيقۇت
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2080
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2080دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 15629 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2012-03-29

ئۇيقۇت؛ئىلتىماس

ئەگەر رەنجىمىسىڭىز ئادەمنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرغان شۇ باش سۇرەتنى ئالماشتۇرۋەتكەن بوسىڭىز [باش سۇرەت ھەققىدە پەتىۋا ]دىگەن تىمىغا قاراڭ.
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5811
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1557
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1557دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 16345 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-22
ئاخىرقى: 2012-03-29
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-26 17:48

ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ،  بۇ شىئېرىڭىز ئانام ۋە ئىنى - سىڭىللىرىم بىلەن بىلەن جەم بۇلۇپ ئۆتكەن ئىلگىركى  يىللاردىكى رامىزان كۈنلىرىنى بەكمۇ سېغىندۇردى .............
اللا
باتۇر بىر قېتىم ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق كۈندە ئۆلىدۇ.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6689
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 731
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە731دانە
ئۆسۈش: 6940 %
مۇنبەر پۇلى: 12387 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-24
ئاخىرقى: 2012-03-31
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-26 23:18

بەك ياخشى يېزىلىپتۇ. بىزنىڭ ۋەتەننىڭ ئەمىلى تۇرمۇشىنى شۇنداق ياخشى، شۇنداق چۈشۈنۈشلۈك ئىپادىلەپ بىرىپتۇ.
ھەقىقى دوستۇ سادىق گەر زەھەر سۇنسا شېكەر دەپ بىل،
مەگەر دۈشمەن ساڭا ئەپلەپ شەكەر سۇنسا زەھەر دەپ بىل.
زىيان يەتكۈزسە دوستۇڭ پايدا دەپ بىل كۆڭلى تۈز بولغاچ،
شۇنىڭدەك دۈشمىنىڭ گەر پايدا يەتكۈزسە زەھەر دەپ بىل.
...