.:. ئەرلەر بولسا ئاياللارنىڭ باھاسى، ئاياللار ئەرلەرنىڭ ماركىسى؛ ئەرلەرنىڭ يول يۈرۈش گۇۋاھنامىسى ئىقتىدار، ئاياللار يول يۈرۈش گۇۋاھنامىسى رۇخسار؛ ئاياللار مۇھەببەتتىن مەھرۇم بولغاندا خۇددى ئىچى قۇپقۇرۇق بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ، ئەرلەر مۇھەببەتكە ئېرىشكەندىن كېيىن ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ؛ ئەرلەرنىڭ ئاياللارنى قوغلىشى بىردەملىك، ئەمما ئاياللارنىڭ ئەرلەرنى قوغلىشىنىڭ نەتىجىسى مەڭگۈلۈك؛ ئەرلەرنىڭ مۇھەببىتى بوش ۋاقىتلاردا سەيلە قىلغانغا ئوخشايدۇ، ئاياللارنىڭ مۇھەببىتى ئاچقۇچنى يىتتۈرۈپ قويۇپ ئىزدىگەنگە ئوخشايدۇ؛ مۇھەببەتلىشىۋاتقان ئاياللار جۆيلۈشنى ئۆگىنىدۇ، ئەرلەر بولسا سەت گەپ قىلىشنى ئۆزگەرتىدۇ.
.:. ئەگەر نىكاھ مۇھەببەتنىڭ قەبرىسى دېيىلسە، ئۇنداقتا ئۇچرىشىش قەبرىلىك جاي، كۆڭۈل ئىزھار قىلىش قەبرە قېزىش، توي قىلىش جۈپ پىتى ئىشقى-مۇھەببەت يولىدا ئۆلۈش، تالاغا قاراش - قەبرە يۆتكەش، ئۈچىنچى شەخس بولسا -قەبرە ئوغرىلاش بولىدۇ.
مەنبە:تەرمىلەر ژورنىلىدىن
[ بۇ يازمىنىjula520 2011-08-26 15:56قايتا تەھرىرلىدى ]