ئاھ ئۇرغانتى بىر دوستۇم دەپ نامراتچىلىق،
بۇ كۆڭلۈممۇ بۇزۇلغانئىدى شۇنچىلىك .
يوقاي دىمەي بۇ مەينەتچىلىك ،نەسچىلىك .
كۆرەڭلىدى ئىسراپچىلىق ،يوغانچىلىق .
توي دەپ مەن ئاڭلىدىم يېقىن تۇققاندىن ،
‹قائىدە› نى ئۇقتۇم سوراپ ئۇققاندىن .
بىخەۋەر ئىكەنمەن بۇنداق كىسەل يۇققاندىن .
بۇ كىسەلنىڭ ئېتى شۇ ئىسراپچىلىق .
بىر ئاي بۇرۇن سىرلاپ ئۆي-پۆي ھويلىنى ،
ئالماشتۇردى قازان -قۇمۇچ ،چويلىنى .
بورداپ تازا كالا ،ئۆچكە قويلىنى ،
باشلاندىغۇ پەردازچىلىق ،ئىسراپچىلىق .
يەنە نىمە دەيدۇ ئالدىن كۆرۈشتۈرۈش ،
بىر -بىرگە مايىل قىلىش كۆنۈشتۈرۈش .
كىرەك ئىكەن پۇل بىلەنلا يۈرۈشتۈرۈش ،
بۇ يۈرۈشتە ئەجەپ تولا ئىسراپچىلىق .
يەنە تېخى باركەن يوغان ئاش سۈيى ،
باھانە كۆپ ئىسراپچىغا ھەر كۈنى .
چۈشەندۈرسە چۈشەنمىدىم ھېچ بۇنى ،
مەنبەسى شۇ باشقا ئەمەس ئىسراپچىلىق .
ئۈزۈك دىدى نەچچە كۈنلەپ پالاقشىدى ،
ئىسراپ قىلدى باشقا ئىشى قاملاشمىدى .
توۋا !!!!!!!توي ئۇ بىر-بىرنى قېيناشمىدى ؟؟؟؟
يوغانچىلىق ئېلىپ كەلدى ئىسراپچىلىق .
توي خېتى دەپ ماڭار ئىكەن يەنە ئىسىل ،
نەدە ئىسىل پۇلى تولا جۇلجۇل كىپىل .
مۆمىننىمۇ دەركەن شەيتان سەپكە قېتىل ،
شەيتان ئۆزى قۇرغان سېپىل ئىسراپچىلىق .
توي دىگەنغۇ ھال -كۈنىمىزگە بىر بالاكەن ،
ۋەسۋەسە،غەم -غۇسسىدىن ئوت ياناركەن .
ئازمىغان تۈمەن ئىنسان ھەم ئازاركەن .
ھالال نىممەت خاركەن بولۇپ ئىسراپچلىق .
‹چوڭ- كىچىك، ئۇششاق-توڭ ›ڭا دەيدىكەن توي ،
يىگىن ،ئىچكىن قېنى كەڭرى ياقمىسا قوي .
ساھىپخان !!!داستىخخان سال ! قويۇڭنى سوي !!!
ھۆرمەتكەن بۇ !!! تۆردە شۇڭا ئىسراپچىلىق .
ئەگەشتۈرۈپ شەيتان توققۇز بالىسىنى ،
ئۇسسۇل ئويناپ چەكسە سازنىڭ تارىسىىنى .
قىلار ئىنسان ئازدۇرۇشنىڭ چارىسىنى ،
(تەربىيلەپ تېخى ئازغۇن ۋارىسىسنى )
شۇ شەيتاننىڭ ئامراق يولى ئىسراپچىلىق .
ئىسراپ بوپ پاك نىممەتلەر ئاش ۋە نان -چاي ،
تالىشىپ يوغانچىلىق بويۇن باقماي .
شۆھرەتپەرەس !رەھمەتتتىن ھېچ شۈكۈر تاپماي ،
بۇ ئىنسانغا چىرمىشاركەن ئىسراپچىلىق.
يەنە نىمە ، نىمە .....نىمە !! ۋاي بەك كۆپكەن !
كۆرمىدىم ھېچ بىر كۈنىنى تىنىچ ئۆتكەن .
نىمە ئۇ بەخىتتىمۇ بىزنى يۇتقان .
ھەممە ئىشقا ياندىشاركەن ئىسراپچىلىق .
قاراپ قالدىم ھالى ناچار بۇ قوشنامغا ،
(قانداق قىلاي دىدى توي دىگەن بۇ نامغا .
قاراپ بېقىڭ قۇرۇق تېخى ئامبار ساڭغا ،
توۋا قىلاي قانداق توي بۇ ئامەت ماڭا )
كۈندە قالار ئايالىدىن تىل دەشنامغا .
ئىسراپ قىلسا ئىرىشكىدەك يۇز -ئابرۇيغا .
يۇزىمىزنى چوڭ قىلارمىش ئىسراپچىلىق.
دىدى كىم بىرى توي ئۇ ئۆمۈرلۈك ئىش ،
كەڭ بولغۇلۇق نىمە قىلمىز كوچىلاپ چىش .
مەيلىغۇ قالغان ئۆمرى ئۆتسىلا تىنىچ .
(بۇنچىلىكنى كۆزىمىزگە ئىلمايمىز ھېچ )
شۇنداق دىسە قاملىشاركەن ئىسراپچىلىق .
دىدىم ھەي، قېرىندىشىم مۇسۇلمانبىز ،
راسىت تارىختىن مەرىد -سېخى بىز ئۇيغۇربىز .
ئۇنچىلىك ياخشى ئەمەس ھال -كۈنىمىز ،
(نىمە دەپ ئىسراپچىلىق قىپ يۇرىيمىز ؟)
ھەتتا شاھقا ياراشمايدۇ ئىسراپچىلىق .
پەيغەمبىرىمىز نەبى يەتكۈزگە ئىدى ئاڭلاڭلار ،
‹يەڭلار !ئىچەڭلار !لىكىن ئىسراپ قىلماڭلار!!! ›
مۇسۇلمانلىق ئەقىدىدىن توختاپ قالماڭلار !!!
ئەجدادىمىز ھال -كۈنىنى ئۇنتۇپ قالماڭلار !!!!
يوقسۇن ! بۇ دىيارىمدىن ئىسراپچىلىق .
مەنبە : ئۇيقۇت