باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 934 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: دىققەت قىلدىڭىزمۇ؟ بۇ ئىشلار سىزدە بارمۇ؟
دوستلىشىش
samanyoli
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،،،،،،،،،،،،،،
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1452
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1452دانە
ئۆسۈش: 7020 %
مۇنبەر پۇلى: 19489 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-01-07
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-25 23:28

دىققەت قىلدىڭىزمۇ؟ بۇ ئىشلار سىزدە بارمۇ؟





باشقىلار ئۆزىنىڭ ھەركەت ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرسا ھەمدە بۇنىڭدىن خوشاللىق تاپسا، سىز ئۇنى چۇقۇم "جاھىل"دەپ قارايسىز؛ بىراق ئۆزىڭىز شۇنداق قىلغان چاغدا، بۇ سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە "مۇستەھكەم ئىرادە" گە ئايلىنىدۇ.
·باشقىلار سىزنىڭ دوستىڭىزنى ياخشى كۆرمىگەن چاغدا، سىز ئۇنى "ئادەم تۇنۇمايدىكەن "دەپ قارايسىز؛ ئەمما سىز باشقىلارنىڭ دوستلىرىنى ياخشى كۆرمىگەن چېغىڭىزدا، بۇنى "ئادەمنى توغرا تۇنۇش" ئىقتىدارىڭىزنىڭ پاكىتى قىلۋالىسىز.
·باشقىلار ئىشنى ئاستا قىلسا، ئۇنى مىس-مىس تاشپاقىغا ئوخشىتىسىز؛ ئەمما بۇ ئىش سىزنىڭ بېشىڭىزغا كەلسە، ئۇنداقتا ئۇنى "يەتتە ئۆلچەپ بىركەس" نىڭ نەتىجىسى دەۋالىسىز.
·باشقىلار زامانغا ماس يېڭى نەرسىلەرنى سېتىۋالسا، سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە ئۇلار شۆھرەتپەرەسلەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ؛ ئەمما ئۇنى سىز سېتىۋالسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئېھتىياجنىڭ نەتىجىسى بولىدۇ.
·باشقىلار سىز ئاڭلاشنى خالىمايدىغان ئىشلارنى تىلغا ئالغاندا ، قارشى تەرەپ نەزىرىڭىزدە كۆڭۈل بۆلۈشنى بىلمەيدىغان ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ؛ ئەگەر سىز شۇنداق قىلسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ "سەمىمىي بولۇش "نىڭ ئىپادىسىگە ئايلىنىدۇ.
·باشقىلار سىزگە سالام قىلماي قالسا، سىز ئۇنى "ھاكاۋۇر" دەپ باھالايسىز؛ ئەگەر سىز باشقىلارغا سالام قىلمىسىڭىز، ناھايىتى ئېنىقكى، كۆرمەي قالغان بولۇۋالىسىز.
·باشقىلار مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان چاغدا، سىز چۇقۇم ئۇنى "مەسئۇلىيەتسىز" دەپ قارايسىز؛ ئەمما ئۆزىڭىز مەجبۇرىيىتىڭىزنى ئادا قىلمىغان چاغدا، سىز ئامالسىز قالغانلىقىڭىزنى پەش قىلىسىز.
·باشقىلار قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە، ئۇنى ئۇلارغا بېرىلگەن "جازا "دەپ قارايدىغانلىقىڭىز تەبىئىي؛ بىراق سىز قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە، ئۇ سىزگە قۇيۇلغان سىناققا ئايلىنىدۇ.
·باشقىلار خىزمەت قىلمىغاندا، ئۇنى چۇقۇم "ئويۇنچى ھورۇن" دەپ ئەيىبلەيسىز؛ ئۆزىڭىز خىزمەت قىلمىغاندا، ئۇنى "خىزمەت تاپالماسلىق" دەپ سۈپەتلەيسىز.
·باشقىلار تاپقان پۇلىنى يەتكۈزەلمىسە، سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە ئۇئىگىلىك تىكلەشنى بىلمەيدىغان ھاماقەتكە ئايلىنىدۇ؛ ئەگەر سىز تاپقان پۇلىڭىزنى يەتكۈزەلمىسڭىز، ئۇنداقتا چۇقۇم "يېتەرلىك پۇل تاپالمىدىم" دەپ باھانە كۆرسىتىسىز.
·باشقىلار رىقابەتنى قۇبۇل قىلمىغاندا، سىز ئۇنى "توخۇ يۈرەك" دەپ ئاتايسىز؛ ئۆزىڭىز قۇبۇل قىلمىغاندا بولسا، "مېنىڭ بۇنداق ئىقتىدارىم يوق"دەپ قارايسىز.
·باشقىلار غەزەپتىن يىرىلغۇدەك بولغاندا، ئۇ نەزىرىڭىزدە "ئۆپكىسى يوق" ئادەمگە ئايلىنىدۇ؛ ئەگەر سىز شۇنداق ھالغا كەلسىڭىز، ئۇنداقتا سىز ھەقىقەتنى قوغدايدىغان ئادەم بولۇۋالىسىز.


گۈلجاھان پەرھات تەرجىمىسى  
ھەر بىر قىيىنچىلىقنىڭ كەينىدە بىر ئاسانچىلىق  بار
كۆزۆڭنىڭ بارىدا شە كۆ
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8183
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 647
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە647دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 6839 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-17
ئاخىرقى: 2012-01-07

ماۋۇ ئۆيگە ئىسىپ قويۇپ پات-پات ئۆزىمىزگە ئىشلىتىدىغان قامچىكە
ئادىيات