باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 389 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئەڭ ئېسىل بايلىق نەدە؟
دوستلىشىش
samanyoli
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،،،،،،،،،،،،،،
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1452
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1452دانە
ئۆسۈش: 7020 %
مۇنبەر پۇلى: 19489 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-01-07
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-25 23:16

ئەڭ ئېسىل بايلىق نەدە؟





بىر زىيالىدىن:
ئەڭ ئېسىل بايلىقىمىز نەدە؟ دەپ سورىدىم.
كىتابخانىدا دىدى زىيالىي.


بىر تېۋىپتىن سورىدىم:
ئەڭ ئېسىل بايلىقىمىز نەدە؟
تەن ساقلىقتا دىدى تېۋىپ.


بىر ئارخېولوگدىن سورىدىم:
ئەڭ ئېسىل بايلىقىمىز نەدە؟
يەر شارىدا، بولۇپمۇ ئىنسانىيەت ئاياغ باسمىغان تاغ– ئېدىر. چۆل–جەزىرىلەردە – دېدى ئارخېولوگ.


بىر جاھانكەزدىدىن سورىدىم:
ئەڭ ئېسىل بايلىقىمىز نەدە؟
پادىشانىڭ خەزىنىسى بىلەن باي – غوجاملارنىڭ ئامبارلىرىدا – دېدى جاھانكەزدى.


بىر ئوقۇغۇچىدىن سورىدىم:
ئەڭ ئېسىل بايلىقىمىز نەدە؟
ۋەتەن– مىللەتنى سۆيىدىغان قابىل ئوقۇتقۇچىلاردا – دېدى ئوقۇغۇچى.


بىر ئۆلىمادىن سورىدىم:
ئەڭ ئېسىل بايلىقىمىز نەدە؟
تىلىمىزدا، دىلىمىزدا، ئېتىقادىمىزدا، دېدى ئۆلىما.


دۇنيادىكى نوپۇزلۇق تىل– يېزىقتىن قانچىنى بىلىدىغان، ھەمىشە ئانا تىل يېزىقتىكى كىتاب – ژورناللاردىن سىرت باشقا تىل يېزىقتىكى كىتاب – ژورناللارنىمۇ قويماي كۆرىدىغان بىر دوكتۇر ساۋاغدىشىمدىن:
ئەڭ ئېسىل بايلىقىمىز نەدە؟ دەپ سورىدىم.
خەلىقچىل مۇھەررىرلىرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ قان – تەر بەدىلىگە روياپقا چىققان ۋە چىقىۋاتقان كىتاب– ژورناللاردۇر– دېدى دوكتۇر ساۋاغدىشىم.


ئاخىرىدا، خەلقنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىگە مۇيەتسەر بولغان خەلقپەرۋەر بىر مۇھەررىردىن:
ئەڭ ئېسىل بايلىقىمىز نەدە؟ دەپ سورىدىم.
ئەقلىمىزدە – دېدى مۇھەررىر كېسىپلا.


مەن بۇ جاۋابنى ئاڭلاپ بۇ سوئال ھەققىدە ئەمدى يەنە باشقىلار بىلەن مۇنازىرلىشىشنىڭ قىلچە ئورنى قالمىغانلىقىنى تولۇق چۈشەنگەندەك بولدۇم.



شىنجاڭ مەدىنىيىتىدىن ئېلىندى.
ھەر بىر قىيىنچىلىقنىڭ كەينىدە بىر ئاسانچىلىق  بار