جاۋاب: ھازىر قويۇلىۋاتقان ئۈچ جاسۇس ئايال دېگەن كۆپ قىسىملىق فىلىمدىكى ئايال چولپانلارنىڭ كىيىملىرى شۇنداق تار ۋە نېپىز بولۇپ بۇلاردىن تەسىرلەنگەنلەر ئۇلارنىڭ كىيىم پاسۇنلىرىنى دورىماقتا. كارتون فىلىملەرلا ئەمەس بەلكى ئادەتتىكى بالىلار فىلىملىرىدىمۇ رومانتىك مۇھەببەت ھېكايىلىرى، قىز دوستۇم، ئوغۇل دوستۇم، ئامرىقىم دېگەندەك سۆز ئىبارىلەر، كىچىك قىز - ئوغۇللارنىڭ سۆيۈشكەن ھالەتلىرى، يەنە بالىلارنىڭ ئاتا - ئانىسىنى قاخشاتقان كۆرنىشلىرى ۋە سىنىپتا مۇئەللىمنى زاڭلىق قىلغان ئەدەپسىزلىكلىرى قىزىقارلىق شەكىلدە كۆرسىتىلمەكتە. بۇ خىلدىكى فىلىملەر، ھەممىدىن بۇرۇن ئەقىدىنى بۇزىدۇ، ئاندىن ئەخلاقىي قىممەتنى ۋەيران قىلىدۇ. بۇ فىلىملەر تەلىم - تەربىيەنىڭ دۈشمىنى بولۇپ ئۆگەنگەن بىلىملەرنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ.
بۇنداق فىلىملەرنى كۆرگەن بالىلار نىڭ ئىدىيىسدە، بۇ دۇنيادا ئويناش ۋە كۆڭۈل ئېچىش پەقەت قىزلارغا چاخچاق قىلىش، تاجاۋۇز قىلىش ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش بىلەنلا ئەمەلگە ئاشىدىكەن دېگەن چۈشەنچە پەيدا بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى تەبىئىي نىزام، يەنى ئاللاھتائالانىڭ پەقەت نىكاھلىق ئەر - خۇتۇنلارلا بىر يەردە بولسا بولىدۇ دېگەن نىزامى ئۇلارنىڭ كاللىسىدىن يوقىلىدۇ، نەتىجىدە شەھۋانىي ھەۋىسىنى ھەر خىل قانۇنسىز يوللار بىلەن قاندۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. فىلىملەردىكى نىكاھسىز بىر يەردە بولۇش ھەرىكەتلىرى بۇ خىل ئەخلاقى قىممەتنى ۋەيران قىلماقتا.
سوئال: كىچىك بالىلار جىنسىي فىلىمنى كۆرسىمۇ چۈشەنمەيدۇ، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ زىيىنى بولامدۇ؟
جاۋاب: ئەلۋەتتە زىيىنى بولىدۇ. چۈنكى كىچىك بالىلار كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان نەرسىلەر، ئۇلار چۈشەنسۇن ياكى چۈشەنمىسۇن، مېڭىسىگە قاچىلىنىدۇ. بوۋاق بالىلارمۇ ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن ھەر قانداق سۆز ۋە ھەرىكەتنى مېڭىسىگە قاچىلايدۇ.
مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ سۈننەتلىرىنىڭ ئىچىدە، بىرىنچى تەربىيە سۈننىتى، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ قۇلىقىغا ئەزان ۋە تەكبىر ئوقۇش. بۇنىڭدىكى ھېكمەت شۇكى، بالىنىڭ دۇنياغا كۆز ئىچىپ ئاڭلىغان تۇنجى كەلىمىسى تەۋھىد كەلىمىسى بولسۇن ئۈچۈندۇر.
سىز دىن بىر سوئال سوراب باقاي، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق بۇ سۆزلەرنى چۇشىنەلەمدۇ؟ ياق، چۈشىنەلمەيدۇ. بەلكى مېڭىسىگە قاچىلايدۇ. چۈنكى ئانىنىڭ قۇسىقىدىكى تۆرەلمىدە 4 ئاي بولغاندىن باشلاپ، يوشۇرۇن ئاڭ - سېزىم پەيدا بولىدۇ، بوۋاق تۇغۇلغاندىن كىيىن بۇ يوشۇرۇن سېزىم ئاڭلىغان - كۆرگەن شەيئىلەرنى مېڭىسىگە قاچىلاشقا مەسئۇل بولىدۇ ۋە بوۋاق ئۇلارنى ئۈزلۈكسىز ئىشلىتىشكە باشلايدۇ. بۇ يوشۇرۇن سېزىم ئارقىلىق قاچىلانغان قانداق بىر ھەرىكەت ۋە سۆز ئۈچ ھەپتىدىن كىيىن ياكى 21 بىر قېتىم تەكرارلانغاندىن كىيىن بالىنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىدۇ.
سوئال: سىزنىڭچە، مۇشۇ بالىلار قاناللىرىنىڭ بالىلىرىمىزنىڭ ئەخلاقىنى بۇزۇش مەقسىتى بارمىدۇ ؟ ياكى ئۇلار بۇ فىلىملەرنى مەقسەتسىز ئىشلىگەنمىدۇ؟
جاۋاب: بۇ قاناللارنىڭ ھەممىسى دېمىسەكمۇ، كۆپىنچىسى ئىككى ئاساسى مەنپەئەت ئۈستىگە قۇرۇلغان:
1- ماددىي مەنپەئەتنى كۆزلەيدىغان شىركەتلەرنىڭ پايدا - مەنپەئەتى بولۇپ ، ئۇلار ھەر خىل شەكىلدە پايدا ئالىدۇ. مەسىلەن: ئارتىسلار كەيگەن كىيىملەر ، مودا كىيىم شىركەتلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىش ئۈچۈن بېرىلگەن كىيىملەر، ئۇلارنىڭ ئىشلەتكەن ماشىنىسى، تاماكىسى، قول تېلىفۇن ۋە چاچ پوسۇنلىرىغىچە ئېلان خاراكتېرىدىكى بويۇملار دۇر. شىركەتلەر بۇنىڭدىن كۆپ پايدا ئالىدۇ.
ئىنسان قانچىكى دۆت بولسا، ئۆز ئالدىغا تەپەككۇر قىلىش ۋە قارار چىقىرىشتىن ئاجىز بولسا، نېمىنى كۆرسە شۇنى دوراشقا ئۇرۇنىدۇ. نېمىنى كۆرسە شۇنى سېتىۋېلىپ ئېستىمال قىلىدۇ ۋە خورىتىدۇ، ئۇ ئاڭسىز خوراتقۇچىغا ئايلىنىدۇ. مەسىلەن: بىر قىزنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭغا بارلىقىنى ئاتايدۇ، ھەر خىل قىممەت كىيىملەرنى كىيىدۇ، چېچىنى مۇئەييەن بىر خىل پوسۇندا ياسىتىدۇ، قىممەت باھالىق تاماكا ۋە ھاراقلارنى يىراق جايلاردىن ئەكەلدۈرۈپ ئىېستىمال قىلىدۇ. ئۇ قىزغا ئانىسىغا ئېلىپ بەرمىگەن قىممەت باھالىق كىيىملەرنى ئېلىپ بېرىدۇ. ھەتتا ھۆسىن تۈزەش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرۇش ئۈچۈنمۇ نۇرغۇن پۇل خەجلەيدۇ. بۇنىڭدىن شىركەتلەر پايدا ئالىدۇ.
2- فىلىملەر ئارقىلىق يەھۇدىيىلارنىڭ مۇسۇلمانلارنى ئەخلاقىي جەھەتتىن چېرىكلەشتۈرۈپ دىندىن يىراقلاشتۇرۇش مەقسىتى ئەمەلگە ئاشىدۇ. ماسۇنىيە نىڭ سىمۋول بەلگىلىرى چىققان فىلىملەر يەھۇدىلار تەرىپىدىن ئىشلەنگەن فىلىملەر بولۇپ ، ئۇنىڭدا چىققان ئارتىسلارنىڭ ۋە باش رولچى قەھرىمانلارنىڭ كەيگەن كىيىملىرىدە ماسۇنيەنىڭ بەلگىلىرى ئېنىق كۆرۈنىدۇ. باش رولچى ئارتىسلارغا چوقۇنۇپ كەتكەن ياشلار بۇ بەلگىلەرنى ياقتۇرىدىغان بولىدۇ. بۇنىڭدىن ماسۇنىيە تىكلەپ قويغان مەشھۇر شەخسلەر ۋە چولپانلارغا چوقۇنۇش كېلىپ چىقىدۇ. ئۇلارغا چوقۇنۇش بىز مۇسۇلمانلارنىڭ تەۋھىد ئەقىدىسىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ. غەربتە ماسۇنىيە قاناللىرى ھەممىگە تونۇشلۇق، ماسۇنىيە بەلگىسى ھەممە پروگراممىلاردا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. شۇڭا چېركاۋلارمۇ خېرىسىئانلارنى بۇ خىلدىكى قاناللارنى كۆرۈشتىن چەكلەيدۇ.
سوئال: ئەگەر بىر كىشى بالىلارنى يېغىپ، ھەي بالىلار دىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىڭلار، ئەخلاقنى تاشلاڭلار ۋە ئاتېزىم يولىغا كىرىڭلار دېسە بۇ ھېچقانچە تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن. ئەمما بىر كارتون فىلىم ئەخلاقنى بۇزۇشقا زور تەسىر كۆرسىتدىكەن. مەن كىچىك بالىلارنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان تىللاش، تەھدىت سېلىش ۋە جىنسى گەپلەرنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم. بالىلار بۇ سەت سۆزلەرنى كارتۇن فىلىمدىن ئۆگەنگەن ئىكەن. كارتون فىلىمنىڭ تەسىرى ۋەز - نەسىھەتنىڭ تەسىرىدىن كۈچلۈكمۇ؟
جاۋاب: شۇنداق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلەر زېرىكىپ قالمىسۇن دەپ، ئۇلارغا ۋەز - نەسىھەتنى ئارىلاپ - ئارىلاپ قىلاتتى. ھەمدە ناھايىتى ئاز نەسىھەت قىلاتتى. ۋەز نەسىھەت سۆھبەت شەكلىدە ھەپتىدە يىرىم مېنۇت بولسا كۇپايە، ئۇنىڭدىن ئارتۇق بولۇپ كەتسە بولمايدۇ. چۈنكى ۋەز - نەسىھەت بىۋاستە شەكىلدە بولسا تەسىرى تۆۋەن بولىدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشى ۋەز - نەسىھەت بالىنىڭ يوشۇرۇن سېزىمىغا تەسىر قىلىدىغان ئەمىلىي ئۇچۇرلار دۇر. بالىنىڭ سېزىمىغا تەسىر قىلىدىغان ئامىللار ھەرىكەت ۋە ئەمەلىيەتتۇر.
مەسىلەن: فىلىملەردىكى ھاياسىز سۆزلەر ۋە جىنسىي ھەرىكەتلەر نىڭ ھەممىسى بالىنىڭ سېزىمىغا ئەۋەتىلگەن ئۇچۇرلار دۇر. بۇ يوشۇرۇن سېزىمغا ئەۋەتىلگەن ئۇچۇرلار ئۇنىڭ زېھنىدە ساقلىنىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ئىش - ھەرىكىتىگە ئايلىنىدۇ. مەسىلەن: زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى ئېلىپ بېرىلغان تەشۋېقاتلاردا زەھەر دىن ھەزەر ئەيلەڭلار، ئۇ سىلەرنى تۈرمىگە ئېلىپ بارىدۇ. ئاخىرىدا قەبرىگە ئېلىپ بارىدۇ دەپ قاتتىق تەشۋىقات قىلىپ تۇرسىمۇ پايدىسى بولمىدى، زەھەر چەككۈچىلەر تېخىمۇ كۆپ بولۇپ كەتتى، نېمىشقا؟ چۈنكى تەشۋىقات ئۇسۇلى بىۋاستە شەكىلدە بولغان. بۇ ئۇدۇللا قىلىنغان تەشۋىقات ئانچە تەسىر كۆرسىتەلمىگەن. ئەمما كارتۇن فىلىملەر بولسا ئىنساننىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا خىتاپ قىلىدۇ. ئىنساننىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا قارىتىلغان مەخپىي ئۇچۇرلار ھەقىقىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.
مەسىلەن: فىلىملەردىكى، ۋاقتىڭىز بارمۇ؟ كەچلىك تاماقنى بىللە يېسەك بولامدۇ؟ مېنى قاچان چۈشىنەرسىز؟ دېگەندەك مەخپىي مەنىلىك ئۇچۇرلار ئەڭ زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.
سوئال: جەمىئىيتىىمزدە بەزى كىشىلەر ئوتتورا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپلەردە قىز - ئوغۇللارنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى . ئەمما بەزىلەرنىڭ سۆزلىرىگە ھەيرانمەن، ئۇلار: ئارىلاشسا نېمە بولىدىكەن؟ سىلەر قانچىنجى ئەسىردە ياشاۋاتىسىلەر؟ كىنودا كۆرمىدىڭلارمۇ؟ ئەر - ئايال ۋە قىز - ئوغۇللار بىر كۆلچەكتە سۇ ئۇزىۋاتقىننى؟ دەيدۇ. فىلىملەردە قىز - ئوغۇللارنىڭ بىر كۆلچەكتە سۇ ئۇزىۋاتقان ھالەتلىرى كۆرستىلىدۇ. بۇنى كۆرگەن مەكتەپ بالىلىرى مەكتەپتە بىر - بىرىگە بىز قايسى ئەسىردە ياشاۋاتىمىز؟ بىز ھەقىقەتەن كەينىدە قاپتۇق، كىنودا قىز - ئوغۇللار بىر كۆلچەكتە سۇ ئۈزىدىكەن ئەمەسمۇ دېيىشىپ ئۆزلىرىنى كەينىدە قالغاندەك ھېس قىلىشىدۇ. قىز - ئوغۇللارنىڭ ئارىلىشىپ بىر كۆلچەكتە سۇ ئۈزگەنلىكىنى كۆرگەن بالىلار نېمىنى ئۆگىنىدۇ؟
جاۋاب: مەن قىز - ئوغۇللارنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى، مەن ئۆزەم بىر دىنىي ئالىم بولمىساممۇ ئارىلىشىشنى ھارام دەپ قارايمەن. چۈنكى قىز - ئوغۇللارنىڭ ئارىلىشىشى ئىنساننىڭ پىسخىك خاراكتېرىنى ۋەيران قىلىدۇ. نەتىجىدە بالىلار مۇددەتتىن بۇرۇن يېتىلىپ قالىدۇ، ئەسلىدە بالىلار تەبىئىي ھالەتتە 18 ياشقا كىرگەندە يېتىلسە توغرا بولاتتى، لىكىن ھازىر بالىلار 11 ياشقا كىرگىچە 18 ياشتىكى بالىلارنىڭ سەۋىيسىگە يېتىپ قىلىۋاتىدۇ. بۇنداق بولسا نېمە زىيان بولىدۇ؟ تەبىئىي قانۇنىيەت بويىچە ماڭمىغانلىقتىن ھەر خىل جىنسىي كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ. ئانانېزىم، ئوخشاش جىنىسلىقلار مۇھەببىتى ۋە جىنسىي ئاجىزلىق كېسىلى كۆپىيىدۇ. ھازىر دۇنيادا بۇ خىل كېسەللەر كۆپ بولۇپ كەتتى. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ سەۋەبى : بالىلار مۇددەتتىن بۇرۇن يېتىلىپ قالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن قىز - ئوغۇللارنىڭ ئارىلىشىشىنى ھارام دەپ قارايمەن، چۈنكى ئارىلىشىش ئىنساننىڭ روھىنى، ئەقلىنى ۋە خاراكتېرىنى ۋەيران قىلىدۇ، ئىسلام شەرىئىتى ئىنساننىڭ ئەقلى ۋە روھىنى قوغداش ئۈچۈن كەلگەن.
سوئال: كىنو - فىلىملەرگە قارايدىغان بولساق، باش رول ئېلىپ چىققان ئەر چولپان زىناخۇر، يەنە بىرى ئايال چولپان پاھىشە. بىر ئانا بالىسىنىڭ كارتون فىلىمدىكى چامباشىچىلارنى دوراپ ئۇكىلىرىنى ئۇرىدىغان بولۇپ قالدى، كىنودا كۆرگەننى ئەمىلىيەتتە تەتبىقلاۋاتىدۇ دەپ ئۇچۇر يوللىدى. كارتون فىلىملەر بالىلارنىڭ زوراۋان بولۇپ قىلىشىغا ھەم سەۋەب بولامدۇ؟
جاۋاب: ئەلۋەتتە بولىدۇ، بالا ئېكراندىن ئۆگەنگەن ۋە قەلبىگە تەسىر قىلغان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى سىرتقا چىقىرىشقا ئۇرۇنىدۇ، نەتىجىدە دوستلىرىغا ۋە قېرىنداشلىرىغا تاجاۋۇز قىلىدۇ. بۇ تېخى ئادەتتىكى تەسىرى. بۇلا ئەمەس، ھەتتا فىلىمدىكى جىنسىي ھەرىكەتلەرنىمۇ دورايدۇ.
ئەڭ خەتەرلىك بولغىنى بالىلار ئەخلاقى قىممەتكە قارشى، ئاتا - ئانىسىغا ۋە مۇئەللىمگە قارشى ھەتتا دىنغا قارشى ۋە ئەقىدىگە قارشى تۇرىدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇ دوستلىرىغا زوراۋانلىق قىلغاندىنمۇ خەتەرلىك. مەسىلەن: ھۇجۇم قىلىڭلار، ئۇرۇڭلار، ئېتىڭلار دېگەن سۆزلەر ھەربىي قومانداننىڭ سۆزى بولماستىن بەلكى بالىلار كارتۇن فىلىملىرى دەپ ئاتالغان فىلىملەردىكى چولپانلارنىڭ سۆزلىرىدۇر.
بۇ فىلىملەردىكى ھەر خىل قاتىللىق قۇراللىرى، ۋەھشىيانە ئۇرۇش، قىيناش ۋە ئۆلتۈرۈش جىنايەت ھەرىكەتلىرى بالىلارنىڭ ئىدىيسىدە زوراۋانلىق ئېڭىنى ئاشۇرىدۇ. نەتىجىدە بالا مۇشتۇمزۇر بولۇپ چوڭ بولىدۇ.
كۇۋەيت ۋەتەننى سۆيۇش قانىلىدا دوكتۇر نەبىل ئىۋەدىنىڭ دوكتۇر مۇستاپا بىلەن ئۆتكۈزگەن تىلېۋىزىيە سۆھبەت پرۈگراممىسىنىڭ داۋامى.
دوكتور نەبىل سوئال سورايدۇ ۋە دوكتۇر مۇستاپا جاۋاب بېرىدۇ:
سوئال: بۇ فىلىملەر كىچىك سەبىي گۇناھسىز بالىلارغىمۇ تەسىر قىلامدۇ؟
جاۋاب: ئاللاھتائالا ئىنساننى ئىسلامىي پىترەت ئۈستىدە يارىتىدۇ، بالا دەسلەپ تۇغۇلغاندا شۇ پىترەتتە، مۇلايىم، رەھىمدىل، ئاق كۆڭۈل ۋە كىشىلەرگە ياخشىلىق تىلەيدىغان ھالەتتە تۇغۇلىدۇ. چوڭ بولۇش جەريانىدا ھەر كۈنى مۇشۇ فىلىملەردىكى، قوغلاش، ئۇرۇش، قىيناش، زوراۋانلىق، باسقۇنچىلىق ۋە ئۆلتۇرۇش قاتارلىق جىنايىي ھەرىكەتلەرنى كۆرۇپ دىلى قاتىدۇ، ئۇلارنى ئۆگىنىدۇ. بۇ رەھىمسىز كۆرۈنۇشلەر بالىنىڭ قەلبىگە، يانفۇنغا توك قاچىلانغاندەك، ئېنىرگىيە شەكلىدە قاچىلىنىدۇ. بۇ بالىنىڭ ئىچىدىكى زوراۋانلىق ۋە قانخۇرلۇقتىن تەركىپ تاپقان ئېنىرگىيە كۈچى سىرتقا قانداق چىقىدۇ؟ بۇ ئېنىرگىيە كۈچى بالىنىڭ گەپ - سۆز ۋە ئىش ھەرىكەتلىرىدە كۆرۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ ئادەتتىكى تەسىرى، بالا ئۆز قېرىنداشلىرىنى ئۇرىدۇ، بۇنىڭ ئىلاجى ئاسان. ئەمما ئەڭ خەتەرلىك بولغىنى بالا مۇشۇ تەرىقىدە زۆراۋانلىق قىلىپ كۆنۇپ قالسا، چوڭ بولغاندا تۈزىتىپ بولغىلى بولمايدۇ.
بۇ ھەممە ئاتا - ئانىلار دۈچ كېلىۋاتقان بىر مەسىلە، ھەممەيلەن بالىلىرىدىكى بۇ خىل تاجاۋۇز ھەرىكەتلەردىن شىكايەت قىلىدۇ. بالىنىڭ ئىچىگە قاچىلانغان زوراۋانلىق سىرتقا چىقىشقا ئۇرۇنغاندا، ھەر خىل توسالغۇلارغا ئۇچرايدۇ، مەسىلەن، دادا قاتتىق قول، ئانا چۈس مىجەز، ۋە ئاچچىغى يامان بولۇپ بالىسىنىڭ ھەر قانداق زوراۋانلىق ھەرىكىتىنى قاتتىق چەكلەيدىغان بولسا، ئۇ چاغدا بالا زوراۋانلىق كۈچىنى باشقا شەكىلدە ئىپادىلەيدۇ: مەسىلەن، چېشىنى قومۇرىدىغان، تىرنىقىنى چىشلەيدىغان ۋە چېچىنى يۇلىدىغان ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ. ھازىر بۇ خىل كېسەللەر بالىلاردا ئىنتايىن كۆپ، ھەتتا قەتئىي تاماق يېگىلى ئۇنىمايدىغان يەنى نېرۋا خاراكتېرلىك ئىشتىھا كەملىك كېسلى پەيدا بولىدۇ. بالا مۇشۇ شەكىلدە مەلۇم ياشتىن ئېشىپ كەتسە تېخىمۇ خەتەرلىك. ھازىر بىزدە بۇنى داۋالاش ئۇسۇلى يوق.
2 ياشىلىق كىچىك بالىنىڭ تەبىئىتى مۇلايىم ۋە ئاق كۆڭۈل كېلىدۇ، ئەگەر ئاتا-ئانا قاتتىق قول بولسا، بالا ئىچىدىكىنى سىرتقا قورقۇپ چىقىرالمىغاندا، ھەر خىل كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ، مەسىلەن: كۆرپىگە سىيىپ قويۇش، تىلى كېكەچ بولۇش ۋە ئىشتىھا كەم بولۇش قاتارلىقلار.
سوئال: مۇشۇ كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشى كارتۇن فىلىملەر نىڭ كارتۇن فىلىملەر نىڭ سەۋەبىدىنمۇ؟
جاۋاب: يۇز دە توقسان پرسەنت سەۋەبى كارتۇن فىلىم ۋە كىنولاردىكى زوراۋانلىق ۋە ۋەھشىلىك ھەرىكەتلىرى.
سوئال: بۇلار ئۆيدىكى تەسىرى ئىكەن، ئەمما بالا سىرتقا چىققاندا قانداق تەسىرى بولىدۇ؟ مەكتەپتە ۋە بالىلار بىلەن ئوينىغاندا ئۇنىڭ تەسىرى قايسى شەكىلدە كۆرۇلىدۇ؟
جاۋاب: سىرتقا چىققاندا، بالىلارنى ئۇرىدۇ، ئۇرۇشىدۇ ۋە قولىغا چىققان نەرسە بىلەن ئۇرۇپ ۋەقە سادىر قىلىدۇ. يېقىندا بىر بالا چوڭ بىرئالىمنىڭ يىللاردىن بىرى تەربىيىلەپ يېتىشتۇرگەن بالىسىغا پىچاق تىقىپ ئولتۇرىۋەتتى، ئۆزىنىڭ ھاياتىنىمۇ نابۇت قىلدى. ھازىر بۇنداق ئەھۋاللار كۆپ. ساقچىلارنىڭ ۋەزىپىسى جەمىئىيەتنىڭ ئامانلىقىنى قوغداش، ئۇلار بالىلارغا سىڭىپ قالغان زوراۋانلىق ئادەتلىرىنى تۇزىتەلمەيدۇ، بىز ئاتا - ئانا بولغانلار بالىلارغا زوراۋانلىق ۋە قانخۇرلۇق ئادەتلىرى سىڭىپ قالماسلىق ئۈچۈن، ئۇلارنى تىلۋۇزۇر نىڭ شەررىدىن ھىمايە قىلىشىمىز لازىم.
مەن ئاتىلاردىن سوراپ باقاي، ئەگەر بالىڭىزنىڭ كوچىدا تاماكا چېكىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىڭىز قانداق مۇئامىلە قىلىسىز؟
بالام، تاماكىنى ئازراق چەككىن، كۈندە بىر - ئىككى تال چەكسەڭ بولار، ئۇنىڭدىن كۆپ چەكمە دەمسىز ياكى قاتتىق غەزەپلەنگەن ھالدا يۈزىگە بىر كاچات سىلىپ، تاماكىنى دەسسەپ، ئۇنىڭغا قاتتىق قوللۇق قىلامسىز؟
تاماكىنىڭ زىينى ئاز دېگەندە بالىنىڭ ئوپكىسىنى ۋەيران قىلىدۇ ۋە باشقا كېسەللىكلەرگە گېرىپتار قىلىدۇ. ھەم تاماكا دىنىمىزدا ھارام قىلىنغان، ئەمما فىلىملەردىكى ۋەھشىيانە كۆرۇنۇشلەر تاماكىنىڭ زىيىنىدىن نەچچە مىڭ ھەسسە يۇقىرى ۋە تولىمۇ خەتەرلىك بولىدۇ. يەنە تاماكا چەكتىڭ دەپ ئۇنى قاتتىق قوللۇق بىلەن تۈزۇتۇشكە ئۇرۇنۇشمۇ فىلىمنىڭ زىيىنىدىن كەم ئەمەس.
سوئال: كارتۇن فىلىملەرنىڭ ئەخلاقى، جىنسىي، ئىېتقادى ۋە جىسمانى جەھەتتىكى زىيانلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتىڭىز. بۇ فىلىملەرنىڭ ئىجتىمائىي زىيانلىرى بارمۇ؟
جاۋاب: ئەلۋەتتە بار، بۇ فىلىملەر نى كۆرگەن بالىلارنىڭ تەبىئىتى ۋە خاراكتېرى ئۆزگىرەپ ياكى باشقىلارغا تاجاۋۇز قىلىدىغان زوراۋان ياكى ئۆز كىملىكىنى يوقىتىپ قويغان جىمغۇر قورقۇنچاق شەخسكە ئايلىنىدۇ.
زوراۋان بالىنىڭ تاجاۋۇزلۇق ھەرىكەتلىرى ئۇنىڭ ھەر بىر ئىش ھەرىكىتىدە كۆرۇلىدۇ، مەسىلەن، دوستلىرىنى ۋە قىرىنداشلىرىنى ئۇرىدۇ، قول ئاستىدىكى خىزمەتچىلەرنىمۇ ئۇرىدۇ.
مەكتەپكە بارسا مۇئەللىملەرنى ھۆرمەت قىلمايدۇ، ئۇلار نى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن مەسخىرە قىلىدۇ، قىز ساۋاقداشلىرىغا تاجاۋۇز قىلىدۇ، ئۇلارنى بوزەك قىلىدۇ. ئۇرۇشقاق ۋە جىدەلخۇر بولۇپ چوڭ بولىدۇ. ئارىغا چۈشكەن ۋە نەسىھەت قىلغانغا پىچاق كۆتىرەپ قوپىدۇ. ماشىنا ھەيدىگەندە باشقىلارنى قورقۇتۇپ ھەيدەيدۇ.
ئەپسۇسلىنارلىقى ھازىر مەكتەپ تەلىم - تەربىيە ئورنى بولماي، بالىلارنىڭ قىزلار بىلەن ئالاقىلشىدىغان، دوستلىشىدىغان، ئوينىشىدىغان، سېرىق لىنتىلەر ئالماشتۇرۇىدىغان ماكانىغا ئايلىنىپ قىلىۋاتىدۇ.
يەنە بىر ئىجتىمائىي زىيىنى، دادىنىڭ ئايال دوستى، ئانىنىڭ ئەر دوستى ۋە خىزمەتدىشى بولىدۇ، ھەر بىرسى ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرگەن ئادىمى بىلەن ئويناپ يورۇيدۇ، ئۆيدە بالىلار تەربىيىسىز قالىدۇ دە خالىغىنىنى قىلىدۇ ۋە ئىستىقبالىنى ۋەيران قىلىدۇ.
سوئال:ھازىر تىلېۋىزىيە قاناللىرى بەك كۆپ، بالىلار ئۇنىڭغا ئامراق، قانداق قىلىش كېرەك؟
جاۋاب: ھەممە قېرىنداشلار، بالىلارغا كۆيۈنۇش ۋە ئۇلارغا مېھر - مۇھەببەت يەتكۇزۇشنىڭ زۆرۇرلىكىنى بىلىدۇ. ئەمما ئېلىكتىرۇنلۇق ئويۇنچۇق ۋە تىلېۋىزىيە قاناللىرىغا كەلگەندە كۆيۈنۈشكە ۋە بالىلارنىڭ ئۇلارنىڭ ئالدىغا تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ. چۈنكى تىلېۋىزىيە قاناللىرى بالىلارنى ۋەيران قىلىپ تاشلايدۇ.
ئەگەر سىز بالىڭىزنى تاماكا چېكىۋاتقان ھالەتتە كۆرۇپ قالسىڭىز، دەرھال تاماكىنى قولىدىن ئېلىپ دەسسەپ بالىڭىزغا قاتتىق غەزەپلىنىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما فىلىملەرنىڭ بالىڭىزنى تاماكىدىنمۇ بەكرەك ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى بىلىشىڭىز كېرەك.
مېنىڭچە جەزىرەتۇلئەتفال ئۆسمۇرلەر ئارىلى دېگەن قانال بىلەن بەرائىم ئەتفال دېگەن قانال ياخشى، بۇ ئىككىنچىسى مەكتەپ يېىشىغا توشمىغان بالىلارغا مۇناسىپ كېلىدۇ. بۇ ئىككى قانالدىن باشقا ھەممە قانالنى چىقىرىۋېتىش كېرەك دەپ قارايمەن.
چۈنكى بۇ ئىككى قانال بالىلارنىڭ ھېس - تۇيغۇلىرىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، بۇ ئىككى قانال بالىلارنىڭ ھېس - تۇيغۇلىرىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، يەتكۇزمەكچى بولغان ئۇچۇرنى بىۋاستە شەكىلدە ئەمەس بەلكى مەخپىي شەكىلدە يەتكۇزىدۇ. ئىسلامىي ئەدەپ ئەخلاقلارنى سىڭدۇرۇشتە ئەڭ ئۆنۈملۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىدۇ.
سوئال: ئۇنىڭدىن باشقا قاناللارنى پۇتۇنلەي چىقىرىۋېتىش كېرەكمۇ؟
جاۋاب: شۇنداق، پۇتۇنلەي چىقىرىۋېتىش كېرەك، چۈنكى ئۇ قاناللار بالىلارنىڭ ئەقلى، ئەخلاقى، ئەقىدىسى ۋە دىنىنى پۇتۇنلەي ۋەيران قىلىدۇ. ئىسلام شەرىئىتى قوغداشنى مەقسەت قىلغان بەش ئاساسىي زۆرۇرىيەت؛ جان، دىن، ئەقىل، مال ۋە ئىززەت - ئابرۇينى ۋەيران قىلىدۇ.
ھازىر قى ئېغىر مەسىلە، باشقا دۆلەتلەردىكى ئىسلام ئەخلاقىغا زىت كىشىلەرنىڭ 15 ياشتىن 25 ياشچقىچە بولغان بالىلارغا قارىتا ئىشلەپ تارقاتقان فىلىملىرى تەرجىمە قىلىنىپ ، بىزدىكى 15 ياشتىن تۆۋەن كىچىك بالىلارغا قويۇپ بېرىلمەكتە.
شۇڭا فىلىملەرنىڭ بالىلارنىڭ يېشىغا مۇناسىپ كېلىدىغان ۋە كەلمەيدىغانلىرىنى تاللاپ قويۇپ بېرىش كېرەك.
سوئال: ئۇنداقتا ئاتا- ئانىلارنىڭ رولى قانداق بولسا بولىدۇ؟
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خۇپتەندىن كىيىن گەپ قىلىشنى ياخشى كۆرمەيتتى، بالدۇر ئۇخلايتتى. سەھەر ئورنىدىن تۇراتتى.
ھازىر ئاتىلار نىڭ كەچتە بارىدىغان ئولتۇرۇشلىرى كۆپ بولۇپ كەتتى. بەزى ئاتىلار ئۆيگە بەك كەچ قايتىپ كېلىدۇ. يەنى بالىلىرىنىڭ تەربىيسى ھېسابىغا دوست ئاغىنىلىرى بىلەن ئويناپ يۇرۇيدۇ.
ئاتا - ئانىلار كەچلىك ۋاقتىنى بالىلىرى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ، كىتاب ئوقۇش، قۇرئان ئوقۇش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىنى ئۆگىنىش، ئۆز - ئارا سۆھبەتلىشىش ۋە مەكتەپتىكى دەرسى ۋە تاپشۇرۇقلىرىنى سۇرۇشتە قىلىش بىلەن ئۆتكۇزىشى كېرەك. ئۆيدە ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۇزۇپ بېرىش كېرەك. ئاتا - ئانىلار بالىلىرىغا ئىبرەتلىك ھېكايە ۋە قىسسىلەرنى سۆزلەپ بېرىشى لازىم. ئەگەر سرىتقا چىقماقچى بولسا، ھەپتىدە ئىككى قېتىم ئائىلە ئەزالىرى بىللە چىقىپ، بالىلار بىلەن بىللە ئويناپ كەلسە بۇ چاغدا بالىلارنى ھەر خىل يامانلىقلاردىن ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.
سوئال: بۇ كارتۇن فىلىملەر ۋە قاناللار ھەققىدە ئاخىرقى تەۋسىيە ۋە پىكرىڭىز نى بەرسىڭىز!
جاۋاب: مېنىڭچە بۇ قاناللار ۋە كارتۇن فىلىملەرنىڭ ھەممىنى يوقىتىش كېرەك. بولمىسا بالىلار چوڭ بولۇپ بالاغەتكە يەتكەندە ئاتا-ئانىلار بەك چوڭ زىيان تارتقانلىقىنى بىلىدۇ. ئۇ چاغدا تۈزىتىش بەك قىيىن ۋە قىممەت توختايدۇ.
چۈنكى بۇ فىلىملەر بالىلارنىڭ ئەخلاقىنى ۋەيران قىلىدۇ، كىچىكىدە زېھنىغا ئورناپ قالغان كىچىكىدە زېھنىغا ئورناپ قالغان ۋە ئۆگىنىپ قالغان ئادەتلەرنى چوڭ بولغاندا تۇزىتىش تەس بولىدۇ.
كىچىكىدە گەپ ئاڭلاپ كۈنمىگەن بالا چوڭ بولغاندا ئەسلى ئاڭلىمايدۇ.
ئاتا - ئانىلارغا تەۋسىيە قىلىدىغىنىم:
بالاڭلار سىلەرگە بېرىلگەن نېمەت،ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇشقا ئادەتلىنىڭلەر.
بالاڭلارنى ياخشى كۆرسەڭلار، ئۇلارغا ھەرىكەت قىلىشنى، تەنتەربىيە ئۆيناشنى ئۆگىتىڭلار، خەيرلىك ۋە خالىسانە پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇڭلار، يېىتىم - يېسىر ۋە نامراتلارغا ياردەم قىلىشقا كۈندۇرۇڭلار، مۈھىتنى ئاسراش ۋە مۇھىتنى گۈزەللەشتۇرۇش پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرۇڭلار، يەنە ھەر قانداق خەلىققە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشقا كۇندۇرۇڭلار.
بالىلارنىڭ زېھنىي ۋە جىسمانىي كۈچ - قۇۋۋىتىنى مۇشۇنداق ياخشى ئىشلارغا سەرپ قىلمىساڭلار، بۇزغۇنچى ئۇياتسىز تىلېۋىزىيە قاناللىرى ئۇلارنىڭ كۈچ - قۇۋۋىتىنى يامان يوللارغا يېتەكلەيدۇ.
مەشھۇر دەۋەتچى دوكتۇر نەبىل ئىۋەدىنىڭ تەربىيە مۇتەخەسىسى دوكتۇر مۇستاپا بىلەن ئۆتكۈزگەن تىلېۋىزىيە سۆھبەت پرۈگراممىسى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى.
تەرجىمە قىلغۇچى سادىق ئىسمائىل