بۇماقالە ھەقىقەتەن ياخشىكەن جۇڭگۇلۇقلارنىڭ ئۆزنى تونۇۋىلىشغا كۆپ يارىدىمى بار ئىكەن. خۇددى لۈشۈن ئەپەندنىڭ ئەسەرلىدەك چىقىپتۇ. لىكىن جۇڭگۇلۇقلار قېينچلىق ئالدىدا بىر ياقىدىن باش چىقارالايدۇ. شۇنداق بولغاچقا ياپونلارنى مەغلۇپ قىلالىدى.بەزىلەر ياپونىيەنىڭ شەرتىسز تەسلىم بولىشى ئامىرىكىنڭ ئاتوم بومبىسىدىن بولغان بولمىسا ئۇرۇش تېخىمۇ ئۇزاق داۋام قىلغان بولاتتى دەيدۇ. لىكىن جۇڭگۇلۇقلار ئۇلارنى ھامان قوغلىۋەتتى. بۇنداق روھ تېنچ ئازاد مۇھىتتا دۆلەت ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇشتا كۆرۇلدى. جۇڭگۇلۇقلار ھەر ھالدا ئامىرىكىلىقلاردەك زىيادە قەدىر قىممەت قوغلىشپ كەتمەيدۇ. ھەقىقى مەنىدىكى مەنىۋىى بايلىققىمۇ پىسەنت قىلمايدۇ لىكىن باش چۆكۈرۇپ ئىشلەشنىلا بىلىدۇ. ئۇلار ماددى بايلىققا قانچە كۆپ ئىگە بولسا شۇنچە كۈچلۈك بولمىمز دەپ قارايدۇ. زىياللارنىڭ رولىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ. جۇڭگولۇقلاردا ساختلىق ،كۆز بويامچلىق مەۋجۇد بولسىمۇ لىكىن ھەق گەپنىڭ قەدىرگە يېتىدۇ. . ئۇلار ۋەدسىگە خۇددى ئەرەبلەردەكلا ۋاپا قىلىدۇ. شۇڭا بىرەر يامان ئىللەت پەيدا بولسا ھەممە ئادەم بىر ئېغىزدىن تىللاپ چىقىدۇ. بىر بىرىنى يۆلەشتە دۇنيادا جۇڭگولۇقلاردەك سەپ تارتىپ ھەمكارلىشدىغان يەنە بىر مىللەت بولمسا كېرەك. ھەرقانداق زىددىيەت،نارازلىقلار ۋە غۇم ساقلاشلار مەلۇم سىياسى يېتەكچى كۈچ ياكى ئىناقلىق دېگەن بىر جۈملە سۆز ئالدىدا ئېرىپ يوقاپ كېتىدۇ. بۇنداق ئۇيۇشىش روھنى چەتئەللىكلەر مەڭگۇ چۈشنىەلمەيدۇ. جۇڭگۇلۇقلار ئەجدادلىرى خوشنا دۆلەتلەر بىلەن يىتلىز تارتقان بولسىمۇ لىكىن ھازىرقى دەۋرىدە شەرقى ئاسىيا خەلقىلىرىگە ئوخشمايدىغان ئالاھىدە بىر تىپقا كىرسە كېرەك.
بۇ ئىنكاسنى سەل سوغوققانلىق بىلەن ئوقويلى تورداشلار ،، بوپمۇ رامىزاندا دىل ئازارى بىرىشمەيلى ،، بۇ ئىنكاستا ئاھ ،،،، ئاھ ،،،، دەپ ماختاپ چۇشمەپتۇغۇ ، پارتىيە ئەزاسى قىلغۇدەك ،،، پەقەت شۇ ئوزىنىڭ نەزىرىدىكى جوڭگولۇقلار ۋە ئۇنىڭ ئاساسى گەۋدىسى بولغان مىللەتنىڭ خارەكتىرى ھەققىدە گەپ قىلىپتۇ ، بۇنى كىشىنىڭ ئىمانى بىلەن ، ئىتىقادى بىلەن چىتىۋالماڭلار ،،،
گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيە شۇنچە بىر بىرىگە چىش تىرنىقىغىچە ئوچ تۇرۇپ سىرتقى بېسىم ئالدىدا بىرلىشەلىگەن ، ، مانا بۇ ئۇلارنىڭ بىر يەڭدىن باش چىقىرىشىنىڭ ئاددى بىر ئىپادىسى ،، بەلكى بۇ ئەھۋالدا ھەممە مىللەت شۇنداق قىلىدۇ دىيىشىڭىز مۇمكىن ، لىكىن ناتايىن ، يىراقنى ئىيتمايلى يىقىنقىلا تارىخىمىزدا تۇغ قادىغانلارنى ئەمەل ئۇچۇن تۇتۇپ بەرگەن قەھرىمانلىرىمىز چىققان ،
جۇڭگۇلۇقلار ھەر ھالدا ئامىرىكىلىقلاردەك زىيادە قەدىر قىممەت قوغلىشپ كەتمەيدۇ. ھەقىقى مەنىدىكى مەنىۋىى بايلىققىمۇ پىسەنت قىلمايدۇ لىكىن باش چۆكۈرۇپ ئىشلەشنىلا بىلىدۇ.
مانا بۇ سوزدە گەپنى باشقىچە ئىيتساق يىيىشتىن باشقىنى بىلىپ كەتمەيدىغانراق خەلىق ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلىپ تۇرۇپتۇ ،، شۇنىڭ ئۇچۇن بۇلارنىڭ تارىخىدىن مەنىۋى تۇرۇك بولغان غورورنى پايمال قىلىدىغان خوشامەتچىلەر ، پارىخورلار ئۇزۇلگەن ئەمەس ،، مەن كورگەنلىرى ھەقىقەتەن ئىشقا چىدايدۇ ،، بۇنداق دىسەم مىنىمۇ كاندىدات ئەزا قىلىۋاتماڭلار يەنە
ماۋۇ ئەرەپلەردەك گىپىگە ئەھمىيەت بىرىدۇ ، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدۇ دىگەن سوز مۇبالىغە بولۇپ كىتىپتۇ ،،، سىز بىلەن مۇنازىرلىشىۋاتقانلارنىڭ ئىچىدىمۇ ئىچكىرمۇ ئىچكىر سودا قىلىۋاتقان ، بۇلار بىلەن كوپ ئالاقىدە بولغانلار بار ، بۇ يەردە ئىسمىنى ئىيتىشنىڭ ھاجىتى يوق ،، بىر يىرى بولمىسا ئۇلارمۇ بۇنچە قارشى تۇرمايدۇ ،، مەن بۇلار بىلەن سادا قىلىپ باقمىغان ،، ئەمما ئىشخانامدىكى بىرىنىڭ سودا قىلىپ دەۋاتقان گەپ سوزلىرىنى كۇندە ئاڭلاپ تۇرىمەن ،، بۇ سودىسىدا يالغان ئارلاشتۇرمىمىغان كۇنى كۇن غەرىپتىن چىقىدۇ دىيەلەيمەن ،،، سىز ئەرەپلەر دەپ مۇسۇلمانلارنى كوزدە تۇتۇپ سىلىشتۇرۇپسىز ،، ئەبۇ ھەنىفە بىر شاگىرتىنىڭ 100 دانە ساق كىيىمنىڭ قاتارىدا بىر دانە تۇشىكى بار كىيىمنى سىتىۋاتقىنىنى ، يەنە كىلىپ ساق كىيىم بىلەن بىر باھادا ساتقانلىقىنى بىلىپ قىلىپ شۇ پۇتۇن كىيىمنىڭ پۇلىنى سەدىقە قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ھىكايىنى بىلسىڭىز كىرەك بۇرادىرىم ،، مالنىڭ ئەيىبىنى يۇشۇرماسلىق ،، ئەھدىگە ئەمەل قىلىش گەرچە ئوزىگە زىيانلىق بولسىمۇ ،، بۇ يەردە يەنە بىر مىسال بىلەن ئەھدىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كورىۋىلىشىمىز مۇمكىن ،، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇشرىكلار سۇلىھ تۇزەيدۇ ، سۇلىھ بويىچە مۇشرىكلار تەرىپىدىن بىرەرى مۇسۇلمان بوپ كىلىپ قالسا ، ئۇنى قايتۇرۋىتىش ھەققىدە ئەھدىلىشىدۇ ،، شۇ ئەھدى تۇزۇلگەندىن كىيىن بىر ئىزىلگەن مۇسۇلمان مۇشرىكلار يېنىدىن قايتىپ كىلىپ پاناھلىق ئىستەيدۇ ،، مۇشرىكلار كەينىدىن كىلىپ قايتۇرۇپ ئەكىتىشىنى سورايدۇ ،،
شۇندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : سىنى ئاللاھ ئوزى قۇتقىزىدۇ : دەپ قايتۇرىدۇ ،، ساھابىلەر بۇ ھالەتكە ھىچ چىداشمايدۇ ، ھەزرىتى ئومەر ئەبۇ بەكرىگە "يا ئەبۇ بەكىر ، بىز مۇشرىكلار بىلەن جەڭ قىلىپ ئولسەك شىھىت بولىمىز شۇنداققۇ " دەيدۇ ، ئەبۇ بەكىر ھەئە ،، دىگەندىن كىيىن ئومەر "شۇنداق بولغاندىن كىيىن نىمىگە، قايتۇرۇپ بىرىمىز ، ئىلىشىپ شەھىت بولمايمىزمۇ " دىگىنىدە " ئەگەر باشقا بىر كىشى شۇنداق قىلغىنىدا ، سىنىڭ سوزۇڭ توغرا ئىدى، ئەمما بۇنى رەھمەتەن لىلئالەمىن قىلدى ' ،،، گىپىم ئۇزراپ كەتتى قىرىندىشىم
مۇسۇلماننىڭ ئەھدىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوز ئەمەلىيىتى بىلەن كورسىتىپ بەرگەن ،، سىزنىڭ ئۇلارنى پۇتۇن مىللەت بويىچە مۇشۇنداق قىلالايدۇ دەپ بىر مۇسۇلمان مىللىتىگە ئوخشىتىشىڭىز بىزنى ئەجەبلەندۇردى ،،، بەلكى بىزنىڭ مۇسۇلماننىڭ ۋەدىسى ھەققىدىكى چۇشەنچىمىز پەرىقلىقتۇ ،،،،،
ئۇيۇشۇش كۇچى ھەققىدىكى سوزىڭىزنىڭ ئاساسى بار ،، تارىختا بۇلارنى سورىغان مىللەت ھازىر بۇلارنىڭ يىڭى قېنىغا ئايلىنىپ كەتتى ،، ئەگەر بىز ھەقىقى ئىسلامنى چۇشەنگەن بولساق خەققە بۇنچە ھەۋەس قىلىپ قالماستۇق دەيمەن ،، 1400 يىل ئىلگىرى بىر ئاق تەنلىك ساھابىنى بىلال ھەبەشىنى قار خوتوننىڭ بالىسى دىگەنلىكى ئۇچۇن نەسىھەت قىلىپ ، ھەتتا تەسىرلەندۇرۇپ ، شۇ قۇلنىڭ ئالدىدا بىشىنى يەرگە قۇيۇپ "بىلال بىشىمغا دەسسىمىگىچە بىشىمنى كوتۇرمەيمەن" دەپ ئوزرە ئىيتىپ خىجالەت قىلغۇزۋەتكەنلىكى
مىسلى كورۇلمىگەن ، ئىرىق تىلدىن ، نەسەبتىن ، دۇنيادىن ھالقىغان ئۇيۇشۇش كۇچىنىڭ ئەسلىدە بىز مۇسۇلمانلاردىن تىپىلىشى كىرەكلىكىنىڭ دەلىلى ئىدى ،،، بىزنى ئاللاھ ۋە پەيغەمبىرى ئۇنچىۋالا خەققە ھەۋەس قىلغۇدەك ھالدا قويۇپ كەتكىنى يوق ،،
ئۇف ،،،،،،،،،،، جىق سوزلەپ كەتتىم ،، مەندىن كەتكەن يىرى بولسا كەچۇرۇڭ ،، گۇلىنى ئال تىكىنىنى قوي ،،،
رامىزاندا مەيلى قانداق گەپ بولسۇن دىل ئازارى بىرىشمەڭلەر ،،، خەق مەن روزىدارمەن دەۋاتسا بىز قانداق مۇئامىلىدە بولىۋاتىمىز ،،
خاتانى كورسىتىشنىڭ يولىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سىسىق گەپ قىلىڭلار ، دىلىغا ئازار بىرىڭلار دەپ ئوگەتمىگەنغۇ قىرىنداشلار
بۇنچە زاكۇندىن كورە ھەر قەدەم ياخشى ئىشقا نەچچە يۇز بارابەر ئەجىر بىرىلىدىغان ئايدا ياخشى ئىشلارغا ئالدىرايلى ،،،
[ بۇ يازمىنىfatih204 2011-08-24 20:10قايتا تەھرىرلىد ]