خىمىيەۋى ئوغۇت خىمىيەۋى ئوغۇت 19-ئەسىرنىڭ 30-، 40-يىللىرى كەشىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇنى كەڭ كۆلەمدە ئىشلەتكەندە، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈش دەۋرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، تۇپراقتىكى مىكرو ئورگانىزملار بىلەن قۇرت-قوڭغۇزلارنىڭ يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سۇ ئارقىلىق بېلىق ۋە باشقا جانلىقلارنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدۇ.
ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېل گېرمانىيە ئالىملىرى 1876-يىلى دۇنيا بويىچە تۇنجى ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېلنى كەشىپ قىلغان. 1885-يىلى ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېل سەپلەنگەن تۇنجى ئاپتوموبىل ياسالغان. ھازىر دۇنيادىكى ئاپتوموبىل سانى 700 مىليوندىن ئاشقان بولۇپ، ھەر بىر ئاپتوموبىل يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تۆت توننىدىن كۆپرەك ئوكسىگېننى سەرپ قىلىپ، 800 كىلوگىرام كاربون ئوكسىدى، 40 كىلوگىرام ئازوت ئوكسىدى ۋە 200 كىلوگىرام باشقا پارنىك گازىنى پەيدا قىلىدىكەن.
دېڭىزدا نېفىت توشۇش ھازىر دېڭىزدا قاتنايدىغان نېفىت پاراخوتى 4000 دىن كۆپ بولۇپ، ھەر يىلى 2 مىليارد توننىدىن ئارتۇق نېفىت توشۇلىدۇ. ھازىر بۇ پاراخوتلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئېكولوگىيە ئاپەتلىرى دائىم كۆرۈلىدىغان بولۇپ قالدى.
ئاليومىن ئىشلەپچىقىرىش بىر توننا ئاليومىن ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا 04 كىلوگىرام زەھىرى ئىنتايىن كۈچلۈك فىتور، گۈڭگۈرت ئوكسىدى، كاربون ئوكسىدى، ئازوت ئوكسىدى ۋە ئېغىر مېتاللار پەيدا بولىدىكەن.
پولىئېتىلېن گېرمانىيە ئالىمى 1898-يىلى پولىئېتىلېننى بايقىغان بولۇپ، ھازىر ھەر يىلى دۇنيا بويىچە 40 مىليارد دانە پولىئېتىلېن سۇلياۋ خالتا ئىشلىتىلمەكتە. بۇ ئىنسانلار پەيدا قىلغان ئەخلەت ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %9 ىنى ئىگىلەيدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە پولىئېتىلېن پارچىلانمىغاچقا، كۆيدۈرگەندە ئىنتايىن زىيانلىق ماددا ھاسىل قىلىدىكەن.
يادرو ئېنېرگىيەسى ھازىر دۇنيا بويىچە تەخمىنەن 440 يادرو رېئاكتورى(ئاتوم قازىنى) بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي قۇۋۋىتى 365 كىلوۋات سائەت. يادرو ئىستانسىلىرىدا يۈز بەرگەن ھەر قانداق كىچىككىنە ھادىسىمۇ پۈتۈن يەر شارى خاراكتېرلىك ئېكولوگىيە ئاپەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.