بىرىنچى ئېھ، ئاللاھ !
ئاسمان زېمىىندىكى ھەممە ئۇنىڭدىن ئۈمۈد قىلىپ تىلەيدۇ؛ئۇ ھەر قاچان بارلىق ئىشلارنى يۈرگۈزىدۇ.دەھشەتلىك بوران چىقىپ، دولقۇن كۆتۈرلۈپ،دېڭىز دولقۇنى مەۋىج ئۇرغان ۋاقىتتا،كېمە خادىملىرى نىدا قىلىشپ:ئېھ،ئاللاھ!يولدىن ئېزىپ ،تۇيۇق يولغا كىرىپقېلىپ،دەشىت-باياۋانچۆلنىڭ چېتى يوق ۋاقىتتا،يولۇچىلار نىدا قىلىشپ:ئېھ،ئاللاھ!بەخىتسىزلىك كېلىپ،ئاپەت تۇيۇقسىز پەيدا بولغاندا،زور بالا-قازاكەينى-كەينىدىن بېسىپ كەلگەندە،بەخىتسىزلىككە ئۇچۇرغانلار نىدا قىلىشپ:ئېھ،ئاللاھ!پاناھ تىىلەش يولى ئېتىلىپ،سەمىمىي تەلەپ رەت قىلىشقا ئۇچۇراپ،بۇ ئالەمدە قاتتىق سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچۇرغاندا،ئامالسىزلىقتا قالغانلارنىدا قىلىشپ:ئېھ،ئاللاھ!قاتتىق باش قاتۇرۇپ ،پىىلان-تەدبىرتۈگەپ،يەنە بىر قېتىم بەربات قىلىشنى ئارزۇ قىلىشقاندا،دانالار نىدا قىلىشپ :ئېھ،ئاللاھ!زېمىن گەرچە كەڭرى،لېكىن ماكانلاشقىدەك يەر يوق،گەرچە ئارمان ئۈچۈن ئاھانەتكە ئۇچراپ،ئەڭ ئاخىرى تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان ۋاقىتتا ،يۈكسەك ئىرادىلىكلەر نىدا قىلىشىپ :ئېھ،ئاللاھ!گۈزەل تىللار،ئىخلاسلىق ئىبادەت،سەمىمىي نىدا،پاك كۆز يېشى،ئازابلىق تىلەشلەر،پەقەت ئۇنىڭغىلا زاھىر .تۈن يېرىمدە،ئىككى قولنى كۆتۈرۈپ،ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلىدۇ؛بالايى-ئاپەتتە ،قۇرۇلغان كۆز ئۇنىڭدىن ئۈمۈد كۈتىدۇ.مىليونلىغان خەلىق ئۇنىڭ گۈزەل ئىسمىنى مەدھىيلەيدۇ،ئۇنىڭغا نىدا قىلىدۇ،ئۇنىڭدىن ياردەم تىلەيدۇ؛چۈنكى ئۇنى ئەسلەش بىلەن،كۆڭۈل خاتىرجەملىك تاپىدۇ،ئىرادە مۇستەھكەملىشىدۇ.(ئاللاھ بەندىلىرىگە بەك رەھىمدىلدۇر).ئاللاھ،بولسا ئەڭ مۇكەممەل نام،ئەڭ نۇرلۇق بەلگە،ئەڭ ھەقىقىي جۈملە،ئەڭ مول ئىبارە."ئەجەبا يەنە كىم ئاللاھ بىلەن ئىسمداش؟"ئاللاھنى تىلغا ئالساق ،ئۇنداقتا ئەڭ كۈچلۈك،مەڭگۈلۈك،كۈچ-قۇۋۋەت،غەلبە،ئىززەت-ئېكرام،ئىقتىدار ۋە پاراسەت.(بۈگۈن ھۆكۈمرانلىق كىمگە مەنسۇپ؟يەككە-يېگانە،قۇدرەتلىك ئاللاھقا.)ئاللاھنى تىلغا ئالساق،ئۇنداقتا،مېھىر شەپقەت،غەمخورلۇق،قۇتقۇزىۋېلىش،ياردەم،دوستلۇق ۋە ياخشى مۇامىلەئەسكە كېلىدۇ.(سىلەر ئىگە بولغان بارلىق ياخشىلىق ،ھەممىسى ئاللاھ تەرپىدىندۇر.)ئاللاھ ،بولسا ئەڭ ئۇلۇغ،ئەڭ ھۆرمەتلىكتۇر.ئى ئاللاھ !غەم قايغۇنى خۇشاللىققا ئايلاندۇرغىن،ۋەھىمىنى خاتىرجەملىككە ئايلاندۇرغىن؛پاك ئېتقاد بىلەن ئارسالدى قەلىبنى ئېرىتكىن،ئېتقادنىڭ تامچىللىرى بىلەن تىپىرلاۋاتقان روھنى تېنچلاندۇرغىن.ئى ئاللاھ!ئۇزۇن كېچىلەردە ئازاب تارىتقان بىر جۈپ كۆزلەرنى خاتىرجەم ئۇيقۇغا كىرگۈزۈپ،تەشۋىشلەنگەن قەلىبنى تېنچلىتىپ،ئېسىگە كەلگەندە سۈبھىنىڭ تاڭ نۇرىنى كۆرسەتكىن.ئى ئاللاھ! ئېزىپ قالغىۇچىلارنى سېنىڭ نۇرلۇق يولۇڭغا ،گاڭگىراپ قالغۇچىلارنى سېنڭ تۈز يولۇڭغا،چەتنەپ كەتكەنلەرنى سېنىڭ ھەق يولۇڭغا ماڭغۇزغىن.ئى ئاللاھ!شەيتاننىڭ كۈشكۈرتىشىنى سۈبھىنىڭ نۇرىدا بەربات قىلغىن،رەزىللىكنى ھەقىقەت چەۋاندىزىنىڭ قىلىچى ئالدىدا يىمىرىپ تاشلىغىن،شەيتاننى پەرىشتىلەرنىڭ زەربىسىدە مەغلۇب قىلغىن.ئى ئاللاھ!بىزنىڭ غەم-قايغۇرمىزنى يوقاتقىن،بىزنىڭ ئەندىششدىن خالاس قىلغىن.ئى ئاللاھ!بىزنىڭ سېنىڭدىن باشقا يۆلانچۈكۈمىز يوق،سېنىڭدىن باشقا تايانچىمىز يوق،سېنىڭدىن باشقا سورۇغۇچىمىز يوق.سەن بىزنىڭ پاناھىمىز،پاناھ بولغۇچى نېمىدېگەن قالتىس ،ياردەملەشكۈچى نېمىدېگەن ھۆرمەتلىك!
خەنزۇ تىلى نەشىردىكى "قايغۇرماڭ"دېگەن كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى،كىتابنىڭ خەنزۇ تىلىغا نەشىر قىلىنغان ۋاقتى2009-يىل6-ئاي. كىتابنىڭ ئەسلى ئاپتورى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق.داۋامى كېيىن يوللىنىلدۇ،تەرجىمىدە خاتالىق سادىر بولۇشى بار گەپ ،ئەپۇ قىلىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن