ھىجىريەنىڭ 517- يىلى ۋاپات بولغان ئەندەلۇسلۇق ئەبۇمۇھەممەد ئابدۇللا ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى سارە ئوقۇغان شېئىر:
گۇمراھلىققا قۇلاق سېلىپ ياشايدىغان ئى ئىنسان!
قېرىلىقىڭ، ئاق چاچلىرىڭ چاقىرىدۇ ئۆلۈمنى.
تىڭشىمىساڭ، ئەگەردە سەن پايدىلىق ۋەز- نەسىھەت،
نە پايدىدۇر قۇلاق بىلەن كۆزلىرىڭنىڭ بولغىنى؟
كىمنىڭكى گەر كۆزلىرى كۆرمىسە شۇ ھەقنى ھەم،
شۇدۇر ئۇنىڭ ھاياتلىقتا خاتا يولنى تۇتقىنى.
گۇمراھلىقتا ياشاپ ئۆتەر ئاشۇ كىشى تائەبەد،
گاس ئەمەستۇر، كور ئەمەستۇر توغرا يولدا تۇرغىنى.
زامان، دۇنيا، پەلەكلەر ھەرگىز تۇرمايدۇ،
قوياش بىلەن ئايدەك ھەم يورۇقلار بەرگىنى.
كېلەر ئۆلۈم ھەممىگە خاھىشلارغا باقماستىن،
ئۆچ كۆرسىمۇ ئۆلۈمدە تاشلاشقا ئۆز يۇرتىنى.
«ئىبنى كەسىر» دىن ئېلىدى.